• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى

2011-04-05 | Nezeri | تۈرمىدىن قاچۇرۇش| 31 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بۇ تېمىدىن كۆرۈڭ ../445.html

يىقىندا apple شىركىتى iOSنىڭ 4.3.1 نەشرىنى ئىلان قىلدى. قوشۇلغان ئىقتىدارلارنى مەن ئالدىنقى تېمىدا دەپ ئۆتكەن، تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرگەيسىز. بۈگۈن ئەتتىگەن داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش گۇرۇپپىسى RedSn0w 0.9.6 rc9 نى ئىلان قىپتۇ.مەنمۇ بۈگۈن بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ 4.3.1 گە كۆتۈردۈم، شۇنداقلا ئۈسكىنىنى 4.3.1 تە تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ، فونت قاچىلاپ نورمال ھالەتكە ئەكىلىپ بولدۇم.بىز تۆۋەندە مۇشۇ يۇمشاق دېتال ئاقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىمىز . تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىمغا ئاساسەن تەپسىلىيراق قىلىپ تورداشلارغا دەرسىلىك تەييارلىدىم. دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولغاي.

ئەڭ ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم:

1. SHSH نى چوقۇم زاپاسلاڭ (دەرسلىك بىلوگىمغا يوللانغان). ../852.html

2. تور قۇلۇبى بار ئۈسكىنىلەر (ئامىركا نەشىردىكى Iphoneنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرى) 4.3.1 غا نەشىر كۆتۈرمەڭ، ھازىر تور قۇلۇبى تېخى يىشىلمىگەن بولغاچ نەشىر كۆتۈرگەندىن كىيىن تېىلفون ئۇرالمايدىغان شەرەپكە ئىرىشىسىز.

ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللارنى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىڭ.

1.iOS4.3.1 نىڭ ئورگان تەرەپ بولىقىنى چۈشۈرۈڭ. ../down/

2.RedSn0w 0.9.6 rc9 نى چۈشۈرۈڭ . http://dl.dbank.com/c0unvkee4v

3.iTunes ئارقىلىق بارلىق ماتىرياللىرىڭىزنى زاپاسلاڭ.

4. iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. http://www.apple.com.cn/itunes/download/

ئەمدى رەسمىي قەدەمنى باشلايمىز.

itunes نى قوزغىتىپ ئۈسكىنىنى چاتىمىز. كۆرۈنمە يۈزىدەshift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ ئەسلىگە قايتۇرۇش دىگەننى تاللايمىز.بۇ ۋاقىتتا ھۆججەت كۆرسىتىش تىزىملىكى چىقىدۇ. بۇنىڭغا بىز بايام چۈشۈرگەن  ئورگان تەرەپ بولىقىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز.بۇ ۋاقىتتا ئۈسكىنىگە مەشغۇلات سىستىمىنى قايتا يىزىش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقان بولىدۇ، شۇڭا بىز ھىچقانداق يەرنى باسماي ساقلايمىز. تەخمىنەن 5 مىنۇتتىن كىيىن ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. itunes مۇ نورمال تونۇپ بىزدىن بۇيرۇق ساقلاش ھالىتىگە ئۆتىدۇ.

2- قەدەمدە بىز بايام چۈشۈرگەن RedSn0w 0.9.6 rc9 نى قوزغىتىمىز.

يۇقارقى تاللايدىغان ئورۇنغا بىز ھىلىلا چۈشۈرگەن ئورگان تەرەپ بولىقىنى تاللاپ بىرىمىز.

ئاندىن كىيىنكى قەدەمنى باسىمىز . بۇ ۋاقىتتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىتالى ھۆججەتنى ئىچكى ساقلىغۇچقا يۈكلەيدۇ.

.

كۆرۈنگەن تاللاش كۆزنىكىدە چوقۇم تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بويىچە تاللايمىز. يەنى cydiaنىلا قاچىلايمىز.

.

كىيىنكى قەدەمنى باسقاندىن كىيىن ئۈسكىنە (iphone,ipad,ipod) نى ئۆچۈرىمىز.

يەنى ئىكران ئۈستىدىكى power كۇنۇپكىسىنى 5 سىكۇنت بېسىپ تۇرساق ئوڭغا تارتىلىدىغان تاياقچە كۆرۈلىدۇ. ئوڭغا تارتساقلا بولدى.

مۇشۇ باسقۇچتا ھاردۇقىنى بىر چىقىرۋىلىپ ، ئۆزىڭىزنى توختىتىپ دىققەت قىلغايسىز!

بۇ ۋاقىتتا ئۈسكىنە ئۆچۈرۈلگەن، ئىكراندا يۇقارقى off خېتى بار ھالەت كۆرۈنگەن.

قولىڭىزنى ئاۋۋال ئىكران ئۈستى تەرەپكە ئاپىرىپ ئاندىن ئىكراندىكى next نى باسىمىز.  ئاندىن كىيىنكى قەدەمگە كىرىمىز.

تۆۋەندىكى باسقۇچلار DFU غا كېرىش جەريانى بولۇپ مۇناسىۋەتلىك تېمامدىن كۆرۈشكە ياكى تۆۋەندىكى باسقۇچ بويىچە قىلىشقا بولىدۇ          ../32.html

.

nextكۇنۇپكىسىنى بىسىش بىلەن تەڭ ئۈسكىنىنىڭ power كۇنۇپكىسىنى 3 سىكونت بىسىپ تۇرىمىز، بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئىكراننىڭ ئاستىدىكى يۇمىلاق home كۇنۇپكىسىنى 10 سىكونت بېسىپ تۇرىمىز(بۇ ۋاقىتتا power كۇنۇپكىسىمۇ قويۋىتىلمەيدۇ. ھەر ئىككى كۇنۇپكا بىسىغلىق ھالەت)، يەنە بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا power كۇنۇپكىسىنى قويۇۋىتىپ  home كۇنۇپكىسىنىلا 15 سىكونت بېسىپ تۇرساق بولىدۇ.

بۇ جەرياندا كومپيۇتېر ئىكرانىدا يۇقارقى ئۇچۇرلار كۆرۈلىدۇ. ئۈسكىنە بۇ جەرياندا بىر نەچچە يىنىپ ئۆچىدۇ. نورمال ئەھۋال.

ئاخىردا كومپيۇتېردا يۇقارقى ئۇچۇر كۆرۈلىدۇ. كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

ئالما ئىكرانىدا قارائىكران ھالەتتە نۇرغۇن ئۇچۇرلار يېزىلىدۇ. 5 مىنۇتچە ۋاقىتتىن كىيىن ئالما قايتا قوزغىلىپ ئىكراندا cydia نىڭ سىنبەلگىسى كۆرۈنىدۇ. بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ مۇۋاپقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنمىگەن نوقتىلىرى بولسا خالاستان بىلوگى تېخنىكىلىق مەسلىھەت تەمىنلەيدۇ. www.../

خەتكۈچلەر: ios
يازما ئادېرسىIOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: XJTV2 ناۋا پروگراممىسى 5- سان سەرخىل تاللانمىلىرى كېيىنكى: Cydia ئىشلىتىش دەرسلىكى

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • [Gulan] ئامىركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(تۈزىتىلگەن تولۇقى)
  • iPhone4S چەتئەلدە 10-ئاينىڭ 14-كۈنى سېتىلىدۇ
  • «ئالما»چىلارغا سوۋغات__ دەھشەت خاتىرە
  • iPod Touch4g8Gنىڭ 99% يىڭىسى سېتىلىدۇ
  • [ئالدىراڭ]Nokia E5-00 ئەرزان سېتىلىدۇ
  • 4.3.5 نى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش دەرسلىكى
  • iCloudۋەiOS5 مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلىدۇ
  • [Gulan] تۈركىيەدىكى نورۇزۇم
  • [Gulan] ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە ئاشقۇنلۇقلار
  • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
  • Bandariئىجراسىداlover letter to you(مۇھەببەت خېتى)
  • iPhoneنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپلا قاچىلايدىغان دېتاللار
  • قېپى ئېچىلمىغانiPodTouch3G,32Gنى 1400يۈەن
  • Symbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش
  • ھەربىر دېتالغا ئايرىم-ئايرىم مەخپى نومۇر بېكىتىش
  • iPhoneغاwindowsXPنىڭ چىرايلىق ئۇسلۇبىنى قوشۇش
  • iPhone سىستىما بولىقى چۈشۈرۈش
  • نۇرقۇت قۇرغۇچىسىنىڭ ئىتالىيەدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا تەبرىك!
  • [ئۆلمەس مۇڭ] دىل كۈيى (نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن)
  • ئۇيغۇر گېنېرالنىڭ ھوزۇرىدا
  • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى
  • ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىشى كىرەك بولغان بىلىم —ULY

31 دانە باھا

  1. Nezeri
    2012/03/02 11:05:30 /

    قۇلۇبلۇق iPhone لارنى خالىغانچە نەشىر كۆتۈرۈشكە بولمايتتى.
    ھازىرقى چارە سىز ئاساسى بەلباغنى 06.1.5 غا كۆتۈرۈش.

  2. تاشيولچى
    2012/02/29 12:54:38 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !گەپنى ئۇدۇللا دەۋىرەي،3گس 4.1 نى ئوڭۇشلۇق تۈرمىدىن قاچۇردۇم،.بىراق تېلفون ئۇرالمايدىغان شەرەپكە نائىل بولۇپ قالدىم.ئامىرىكا نۇسخىسى كەن .ھازېر تور بەتلەرنى ئوڭ تەتۈر ۋاراقلاپ 10نەچچە قېتىم قايتا قاچلىدىم ،يەنىلا شۇ .ئۇستاملارنىڭ يول كۆرسىتىشگە تەشنا بولۇپ تۇرۋاتىمەن

  3. Nezeri
    2011/07/05 09:12:17 /

    مەن يولۇقمىغان مەسىلە ئىكەن. سىز Hosts ھۆججەتتىكى ئۆزگەرتىشنى ئۆچۈرۋىتىپ ھىلىقى دېتالنى قوغاتماي قايتا مەشغۇلات قىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ.

  4. دىل
    2011/07/02 23:50:41 /

    مەن نەشىر كۆتۇرۇش بولقىنى قايتىدىن چۇشۇردۇم ،دەسلەپتە 3194 خاتالىقى كۆرۇلدى.ئۇنى3194خاتالىقنى ئوڭشاش دەرىسلىكىگە ئاساسەن مەشغۇلات قىلدىم.سىز يۇقرىدا كۆرسەتكەن دىتالنى قوزغىتىپ قويدۇم،كىيىن 21خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۇلوپ نەشىر كۆتۇرۇش يەنلا مەغلۇپ بولدى.ھەي………..!قانداق قلسام بولار ئەمدى .

  5. Nezeri
    2011/06/24 18:50:17 /

    كومپيۇتېر چوقۇم تورغا ئۇلانغان بولۇشى شەرت. ئەگەر يەنە باشقا خاتالىق ئۇچۇرى چېقىۋالسا سىز tinyumbrella نى چۈشۈرۈپ tts serverنى قوزغىتىپ قويۇپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىڭ.

  6. DiLL
    2011/06/24 17:50:44 /

    rahmat,azrak macla qikti. man yukrida korcitilganlarni toluk quxurdum.itunes mu ang yingi naxri.man daricliktiki talap boyqa organ tarap bolikini korcitip biriwidim itunes da ( 无法恢复 iphone “我的 iphone ”因为固件文件不兼容 ) dap qikiwaldi bu nima cawaptindu,kompiyutirim torga ulanmigan xunglaxka moxundak bolamdigan du ya.iphone ning citimicini koturuxum tunji kitim bolgaqka cizni tola awara kildim apu kilgayciz.

  7. Nezeri
    2011/06/21 10:24:37 /

    http://www.app111.com/iOS.html#touch4
    ماۋۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

  8. دىل
    2011/06/19 11:38:12 /

    مەن كۆرسەتمىڭىز گە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى چۇشۇردۇم،4.3.1-نىڭ ئورگان تەرەپ بولىقىنى چۇشۇردىغان ۋاقىتتا (بۇ مەزمۇن يىزىلمىغان ياكى ئۆچۇرۇلگەن دەپ چىىقىۋالدى).باشقا يەردىن تىپىپ چۇ شۇرگەن ئىدىم ئىتۇنىس پەقەتلاكىن تونىمىدى.چۇشۇرگەندە 419 مىگابايىتلىق بىر نەرسە چۇشتى ،ئىچىدە بىر مۇنچە پارچە ھۆججەتلەر بار ئىكەن ،خاتا چۇشۇرۇپ قويغان ئوخشايمەن.بولسا ئشەنىچلىك ھەم مۇقىمراق نەشىر كۆتۇرۇش ئورگان تەرەپ بولىقى چۇشۇرۇش ئادرىسى بىلەن تەمىنلىسىڭىز بوپتىكەن.

  9. DiLL
    2011/06/11 22:58:50 /

    mining yanfunumning amrikida ixlangan 3GS ikan,越狱状态:已越狱, 系统版本:4,2,1 ,基带版本:06,15,00 。 undakta man naxrini 4.3.1 ga kotutcam tor kulupini yaxkili bolidikanda ,undakta man hatiejam halda 4.3.1 ka kuturiwiraymu.cizni malal kildim.

  10. Nezeri
    2011/05/29 11:30:39 /

    تۈرمىىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ.لىكىن تور قۇلۇبىنى يەشكىلى بولمايدۇ.
    ئىشلىتىش ئېھتىياجى بولسا 贴卡 دەيدىغان بىر نەرسىنى كەينىگە چاپلاپ ئىشلىتىش كىرەك بولىدۇ. باھاسى ئادەتتە 400سوم ئەتراپتا.
    ئەگەردە 3Gs بولسا ئاساسى بەلباغ (基带) نى 6.1.5 غا كۆتۈرۈپمۇ يەشكىلى بولىدۇ.

  11. DiLL
    2011/05/29 04:30:46 /

    AMRIKA NAXRIDIKI 4.2.1 NI 4.3. GA KOTURCAM TURMAM
    TURMIDIN KAQUR GILI TUR KULUBINI YAXKILI BOLARMU MACLIHAT BARCINGZ

  12. Nezeri
    2011/04/19 19:05:29 /

    بۇ مەسىلە ئادەتتە تىلگىراف مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    مىنىڭ تورۇم كۆچمە نىڭ، سىزنىڭ بىرلەشمىنىڭ بولسا بەلكىم مۇلازىمەت سۈپىتىدىكى پەرق بولسا كىرەك.
    سىز باشقا تىلگىراف تەمىنلىگۈچىنىڭ تورىنى سىناپ بىقىڭ.

  13. iOS4.3.2نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى | Halastan Blog
    2011/04/19 18:58:59 /

    [...] 3. خالاستان بىلوگىغا بۇرۇن يوللانغان دەرسلىك بويىچە مەشغۇلات قىلىسىز. پۈتكۈل جەريانى ئوپمۇ-ئوخشاش. پەقەت ئۈستىدىكى بولاق بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىنى يۇقارقى ئادىرىسىتىن چۈشۈرسىڭىزلا بولىدۇ.  خالاستان بىلوگى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى : ../897.html [...]

  14. yanghin
    2011/04/19 13:07:50 /

    salam nazari man telpunimning callwaiting ni aqalmidim aqsam yana off boliwaldi buni kandak kilsam aqkili bolidu ?

  15. Nezeri
    2011/04/17 12:28:42 /

    بۇنى مەن بۇرۇنمۇ بىلەتتىم. قاچىلاپ سىناپمۇ باققان.
    لېكىن مەن ئالما بىلەن باشقا ئۈسكىنىنى نورمال ئۇلىيالىدىم، ئەمما ھۆججەت ئالماشتۇرالمىدىم. سىز cydiaغا iphone.tgbus.com/cydia نى قوشۇپ ئىزدىسىڭىزلا چېقىدۇ.

  16. yanghin
    2011/04/17 12:13:02 /

    siz rahmat nazari hazir tlpuninggha umtallarni kaqiliyalidim
    amdi bilikka bir tordax celeste ning gepini qikirip koyuptikan man cydiaden izdisam qikte likin kaqilay disam bolmidi buning da alma b ilan nokia waxak a tlpinlar bilan kokqix ni ulighili bolidikan quxandurixida xundak daptu likin quxiralmidim bolsa siz bir sinap bakkan bolsizngiz

  17. Nezeri
    2011/04/16 21:38:08 /

    سىز Cydia غا app.weiphone.com/cydia دىگەن ئادىرىسنى قوشۇپ IPA补丁 دىگەن ياماقنى ئۇرۇۋەتسڭىزلا تامام.
    مۇناسىۋەتلىك دەرسلىك بىلوگىمدا بار.

  18. yanghin
    2011/04/16 15:44:26 /

    man telpunimni naxirne koturdim ham turmidin kaqurup boldum likin itunes den yumtallarne kaqilisam kailap bolmayturup sizning telpuningiz da haalik bar dap ikiwaldi bu nimining ixi bolsa tizrak jawap bargan bolsizng telpunim iphon4 edi

  19. iPhoneدا ھەرقانداق ھۆججەتنى قويالايسىز | Halastan Blog
    2011/04/13 14:11:25 /

    [...] 1. ئۈسكىنىڭىز چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسۇن. بولمىسا تۆۋەندىكى دىتاللارنى قاچىلىيالمايسىز. دەرسلىك: ../897.html [...]

  20. PXLنىIPA گە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى | Halastan Blog
    2011/04/10 22:33:31 /

    [...] 1. ئالدى بىلەن iTunes نى توردىن چۈشۈرۈڭ. ../897.html [...]

  21. iPhoneدا سۆزلىشىش خاتىرسىنى نىشانلىق تازلاش | Halastan Blog
    2011/04/07 20:45:02 /

    [...] تۆۋەندىكى دىتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈسكىنە تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كىرەك.  دەرسلىك ../897.html [...]

  22. Nezeri
    2011/04/07 12:26:09 /

    تۈزۈت قىلماڭ، دىيارىمىزدا ئىشلەتكۈچىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى ئاز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ چۈشىنىش دەرىجىسىنى بىلگىلى بولمىغاچ مەنمۇ باشلاپ قويغان ئىشنى توختىتىپ قويدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەرسىلەرنىڭ نەشىر يىڭىلىنىشى تېز بولغاچ بىلىملەرنىڭ بەك تىز ۋاقتى ئۆتىدۇ، شۇڭا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ھەل قىلىپ، بولمىسا يىڭى يۈزلىنىشنى كۆرۈپراق تۇرىۋاتىمەن.
    مۇشۇنداق ئۇچۇر مەسىلىلەر ماڭا كۆپ يۇلۇقسا بىلوگىم تەدررىجىي مۇكەممەلىشىدۇ.

  23. iPadكە Windowsشارائىتىدا توك قاچىلاش | Halastan Blog
    2011/04/07 12:23:06 /

    [...] ئەڭ يىڭى iTunes نى بۇ تېمىدىكى ئورۇندىن چۈشۈرگەيسىز.../897.html [...]

  24. مۇئەللىم
    2011/04/07 12:17:00 /

    مۇئەللىمدىن نەزەرىگە كۆپتىن-كۆپ سالام ۋە رەخمەتلەر!
    ئەگەر مۈمكىن بولسا ئەشۇ iPADقا دائىر ئۇيغۇرچە بىرەر ماتېرىيال ئىشلەپ قويغىلى بولسا-ھە!

  25. Nezeri
    2011/04/07 10:45:05 /

    بولىدۇ. ئوبدان ئويلاپسىز، ipad كە قاچىلنىدىغان office خاراكتىرىنى ئالغان يۇمشاق دىتال بار. ئۇنڭىغا ماس كۇنۇپكا تاختىسى(سىرىتتىن چىتىلىدۇ.لەپتەپنىڭ تاختىسىدەك كىچىك) ئارقىلىق تېز سۈرەتتە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
    ئەمما كەلگۈسى 3 ئايدىن كىيىن ئاندىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ رەسمىي سىستىمىدىن ئورۇن ئالغان بولىدۇ، ھازىرچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش شارائىتى پىشمىدى.
    بسىش، تەھرىرلەش، پىرىنتېردا چىقىرىش قاتارلىقلارمۇ ئوڭاي.

  26. مۇئەللىم
    2011/04/07 00:58:39 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! iPADئالاي دىۋىدىم، ئۇنى ئالسام مەن ئاساسەن ماقالە-ئەسەر يازماقچىمەن. ئېغىر كۆرمەي، جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز:iPAD تىمۇ WORDقا ئوخشاش يېزىق سېستىمىسى قاچىلاپ، ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولۇرمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇنى PC دا تەھرىرلەپ، بېسىپ چىقارغىلى بولۇرمۇ؟

  27. Nezeri
    2011/04/06 20:07:29 /

    يۇقارقى ئەسكەرتىشنىڭ 2- :
    2. تور قۇلۇبى بار ئۈسكىنىلەر (ئامىركا نەشىردىكى Iphoneنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرى) 4.3.1 غا نەشىر كۆتۈرمەڭ، ھازىر تور قۇلۇبى تېخى يىشىلمىگەن بولغاچ نەشىر كۆتۈرگەندىن كىيىن تېىلفون ئۇرالمايدىغان شەرەپكە ئىرىشىسىز.

    4.2.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى مەن ياساۋاتقان. ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۈسكىنە يوق، ھازىر ئۈسكىنە تاپسام ۋاقىت يوق. ئەتىگەن كىرگەن ماۋۇ قوتۇر تەجىربىخانىغا، قورساق دۈمبىگە چاپلاشقىدەك بولدى، باش قاشلىغۇدەك ئارام يوق……….

  28. omar14
    2011/04/06 20:00:44 /

    مەنمۇ بىراقلام 431 كۆچەيمىيا ؟
    421 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى نەدە باردۇ ؟

  29. Nezeri
    2011/04/05 21:27:36 /

    ۋاي ياقەي…. خا خا
    ئۆزلىرىنىڭ سايىلىرىدە كىچىسى زۇلمەت، كۈندۈزى ئاپتاپ، يامغۇردا يىغىن، قاقرامدا تومۇز…. نىڭ دەردىنى تارتماي ئۈگىنىپراق يۈردۇققۇ…. :lol:

  30. iPhone نىڭ تور قۇلۇبىنى يېشىش دەرسلىكى | Halastan Blog
    2011/04/05 21:23:16 /

    [...] Cydia ئىشلىتىش دەرسلىكى تۇلۇق تېكىستى [...]

  31. omar14
    2011/04/05 19:00:48 /

    يامانكەنسىلە جۇما …
    مەن مايەدە 4.2.1 نڭ تۈرمىدىن قاچۇرالماي ساراڭ بولاپ كەتتىم … سىلە 4.3.1 نڭ ئويناپ كىتىپسىلە …

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. دىياانەت:
      ئالامەت ھە!!!! ئدلتىپاتىڭىزدا باش سۇرى…
    2. دىياانەت:
      رەھمەت سىزگە ،…
    3. گىك:
      ماۋۇ ئالمىچاق سىستېما نەشىرىنى يېڭىلاۋ…
    4. گىك:
      يۇقارقى بىلىملەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىلا…
    5. كاپىتان:
      ھازىر ھەممىنى تەرجىمە قىلالايسىز…
    6. گىك:
      پۇل تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ ئىسمىنى قانداق ئۆ…
  • خەتكۈچلەر

    ipad 3 ios ئۇيغۇر خالاستان بىلوگ مۇڭ iphone4s iPhone ھەقسىز apple RSS ipad2 appstore IT JailBreak Mac OS X steve jobs Siri ios5 shsh iOS 6 ئەقلىفون icloud قۇلۇپ ipad google cydia epub itunes symbian GoogleAdsense iPod gulan pxl iphone4 يۇنىكود ئۆلچىمى مەھسۇلات uyghur
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club