• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

ئۇيغۇر گېنېرالنىڭ ھوزۇرىدا

2011-02-19 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى, پۈتۈكلەر| 2 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |
بۇ ئەسەر گۈلەن ئەپەندى تەرىپىدىن ئوكيان تورىغا يوللانغان. مەن ئىملا تۈزىتىشىتىن كىيىن رەتلەپ بۇ سەھىپىگە قويدۇم.
ئەقىللىق ئوقۇرمەننىڭ دىلىدا يىڭىچە تۇيغۇ ئويغىتىدۇ دىگەن ئويدىمەن.
************************************************************************************************************
”ئانا يۇرت“ نىڭ داغدۇغسىدىن تەسىرلەنگەن دوستلارنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر گېنېرال سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولۇش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. خىيالىمدا سوپاخۇنىكامنىڭ مەزكۇر روماننىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق پاگۇن تاقىغان جەسۇر تۇرقى گەۋدىلىنىپ يول بويى ماڭا ھەمراھ بولدى. ئاخىرى ئۇ تەۋەرۈك غازىمىزنىمۇ كۆردۈم. كۆز ئالدىمدا مۇقاۋىدىكى كەسكىن قوماندان ئەمەس، كۆزلىرى ياشاڭغىراپ بەللىرى مۈكچەيگەن بىر بوۋاي تۇراتتى. سوپاخۇنىكام بىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندى بولغاي، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىز بولۇشىغا قارىماي ھەممەيلەن بىلەن تەپسىلى كۆرۈشۈپ ئوقۇشىمىزنى سوراشتۇرۇپ چىقتى. بىز ”ئانا-يۇرت“تا  تەسۋىرلەنگىنى بويىچە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي سوئال سورۇشۇپ بوۋاينىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق.
ئەسكەرلىرىمنىڭ كوماندىلىرى ئۇيغۇرچە ئىدى
سوپاخۇنىكامدىن خوجىنىياز ھاجى قوزغىلىڭى ۋە مىللي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتنىشىش جەريانى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ مۇڭلىنىپ تۇرغان كۆزلىرى بىراقلا نۇرلانغانىدى. شۇ چاغدا بۇ مۇبارەك زاتنىڭ ئاۋازىنى ساقلىۋالمىغىنىمغا كۆپ پۇشمان قىلىمەن. ئۇ كىشىنىڭ دېگەنلىرى ئىچىدە “ قوزغىلاڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ قېلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىشقا توغرا كەلدى. دۇشمەن نەچچە مىڭ ئەسكەر بىلەن يول بويى قوغلاپ توسۇپ زەربە بېرىپ كۆپ ھالسىراتتى. غۇلجىغا يېتىپ بارغىنىمدا 200دىن ئارتۇق ئەسكىرىمدىن ئاران 90 نەچچىسى ھايات قالغانىدى. غۇلجىغا بېرىشىمىزغا بىزنى روس ئوفىتسىرلار قورالسىزلاندۇرۇشتى. كېيىن ئېلىخان تۆرەم ئارىلىشىپ قوراللىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى. بىز بارغاندا چوڭ كوماندىرلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس بولۇپ ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇقلىرى پۈتۈنلەي روسچە ئىكەندۇق. چوڭراق ھەربى يىغىنلاردا پىلان رۇسلاردىن بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن مەخسۇس ھەربى تەلىم كۆرگەنلەرنىڭ كەملىكى بەكمۇ بىلىنگەنىكەن. بىز كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشلار بىر ئاز ئۆزگەردى. دەسلەپتە بىزنىڭ قىسىملا ئۇيغۇرچە كوماندا بويىچە مەشغۇلات قىلاتتى.  كېيىن بارا-بارا ئۇيغۇرچە كوماندا ئومۇملاشتى…“
”ئانا يۇرت“نى ئەسلى يەتتە قىسىم دېگەنتى
گەپ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكام مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ ئۆزى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ”مەرھۇم ماڭا 1944 يىللىرىدىكى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلاپ ھەققىدە يەتتە قىسىملىق بىر تارىخىي رومان يازماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. بەلكىم مەرھۇمنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ياكى باشقا سەۋەبلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، كىتاب ئۈچ قىسىم چىقتى. زوردۇن سابىر مەن بىلەن ئۇزاق مۇڭداشقان ۋە بەزى يازمىلارنى ئېلىپ كەتكەنىدى. روماننى نەشىر قىلىنىشى بىلەنلا ئوقۇپ چىقتىم، ئويلىغانلىرىدەك يېزىشقا تىرىشپتۇ، لېكىن كۆپ قىسقارتىپتۇ“. بىز سوپاخۇنىكامنىڭ ئۆيىدە بىر سىزما رەسىمنى كۆردۇق. رەسىمدە ئاتقا مىنىپ تۇرغان ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالنىڭ ئوبرازى توپنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. سوپاخۇنىكامنىڭ ئېيتىشىچە ئىككى ئەرنىڭ بىرى سوپاخۇنىكام، يەنە بىرى ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ بولۇپ رەسىمدىكى ئايال سوپاخۇنىكامنىڭ تۇنجى ئايالى مەرھۇم تۇخان ئانا ئىكەن. زوردۇن سابىر مەزكۇر رەسىمنى كىتابىغا مۇقاۋا قىلىش ئۈچۈن سوراپ كېتىپ رەسىمگە تارتىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرگەنىكەن. بۇ رەسىمنى شىخودىن بىر ئوقۇتقۇچى رەسسام سىزىپ سوپاخۇنىكامغا سوۋغا قىلغانىكەن.
”قورال تاشلىساڭ ئاتمايمىز“ مۇ ياكى ”قۇرال تاشلايمىز ئاتما“مۇ؟
ئاقسۇ سېپىلىنى قورشاپ تۇرغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى زەمبىرەك بولمىغانلىقى(سوۋېت ھۆكۈمىتى كاتيۇشا سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغانىكەن) سەۋەبلىك سېپىلنى پارتىلىتىشقا قادىر بولالماي قورشاۋ ئۇزۇراپ كەتكەن. ئارىدا باش شتابتىن چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغان سوپاخۇنىكام ۋە جەڭچىلەر قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دەملەردە گومىنداڭ قىسىملىرى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن. جەڭچىلىرىمىز پىداكارلىق بىلەن ئېلىشىپ دۈشمەننى چېكىندۈرگەن. دۈشمەن بىر ئاز ئېتىشىپ ئوق توختاتقان ۋە قوراللىرىنىڭ ئۇچىنى يەرگە قارىتىپ“ جىياۋ چىياڭ بۇ شا(قۇرال تاپشۇرساڭ ئاتمايمىز)دەپ ئالغا يۈرگەچ ۋارقىراشقان. بۇ چاغدا سوپاخۇنىكام “ ئۇلار قورال تاپشۇرۇڭلار ئاتمايمىز دەۋاتىدۇ، قىرىپ تاشلايلى، دېسە، ئابدۇكېرىم ئابباسۇۋ ”قورال تاپشۇرىمىز ئاتما دەۋاتىدۇ“ دەپ ئىككەيلەن تالىشىپ قالغان. سوپاخۇنىكام ”ئابدۇكېرىم،تەسلىم بولىدىغان دۈشمەن قوراللىرىنى تاشلاپ بىر يەرگە توپلايدۇ، ئاندىن قۇرۇق قول بولۇپ ۋەكىل ئەۋەتىدۇ“ دېسىمۇ ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ قايىل بولماي ئەسكەرلەرگە تەييارلىق بۇيرۇقى بەرگۈزمىگەن. مۇشۇنداق بىخەستەلىكنى كۈتۈپ تۇرغان دۈشمەن ئارمىيىسى غالجىرلارچە ھۇجۇمغا ئۆتكەن، نەتىجىدە نۇرغۇن جەڭچى شېھىت بولغان.
”بىزنىڭ بالىلار قىزىقمايدۇ“
پاراڭ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكامنىڭ ئايالى ”ۋاي بالىلىرىم، سىلەر باشقا باشقا مەكتەپتىن تۇرۇپ، ئۇقۇشۇپ ئاتايىن ئىزدەپ كەپسىلەر، ئاڭلاپ تۇرسام شۇنچە جىق تارىخلارنى سوراپ كەتتىڭلار. بىزنىڭ بالىلار دادىسىدىن بۇلارنى سوراپمۇ قويمايدۇ، دادىسى توغرا كېلىپ  سۆزلەپ سالسىمۇ قىزىقمايدۇ. ئورنىدىن دەس تۇرالمايدىغان مۇشۇ ئادەم جېنىدا توختىماي كىتاب ئوقۇيدۇ. بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى بۇرۇنلا كىتاب قىلىپ يېزىپ بولغان ئەمما مۇھەررىرلەر جىق ئۆزگەرتىۋەتكەچكە نەشىر قىلىشقا ئۇنىمىدى. چىقمىسا چىقمىسۇن، لېكىن يالغاننى قاتقۇزمايمەن دەيدۇ. بۇ ئادەمدىكى قانداق جانكى، سوغۇقتا دۈگدەيمەيدۇ، ئىسسىقتىن سالپىيىپ كەتمەيدۇ. مىدىرلىيالىسىلا چېنىقىدۇ. ”ئانا يۇرت“ نىمۇ كىتاب چىقىپ بولغىچە تاقەتسىزلىنىپ  چىقىشىغىلا ئېلىپ ئوقۇپ بولدى. بىزنىڭ بالىلار كىمنى دورىدىكى، دادىسى شۇنچە يىل ئەتىۋارلاپ ساقلىغان ئوردىنلىرىنىمۇ يوقۇتۇپ بولدى“ دېدى ھەسرەتلىنىپ.
خاتىمە، گېنىرالنىڭ ۋەسىيىتى
سوپاخۇنىكام مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشىمىزنى تەكىتىلگەن ئىدى. مەنچە ئۇ بۈگۈنكى بوغۇنغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا  مۇشۇ ئىككى ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىرى مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش يەنە بىرى كەسپ ئىگىلەش. “ بالىلىرىم، مەن ئەسكەر باشلاپ قورال كۆتۈرۈپ سوقۇش قىلدىم، تۈرمىگە چۈشۈپ مەھبۇسلار قاتارىدا ئېغىر ئەمەسمۇ قىلدىم، زەي زىندانلاردا، قورقۇنچلۇق قىيناقلاردا خورلاندىم، ئەمما باش ئەگمىدىم، تىزلانمىدىم.  مېنى ئىككى نەرسە يىقىلغان يېرىمدىن تۇرغۇزدى، بىرى مەن ئۆگەنگەن تارىخ يەنە بىرى مەن ئېگىلگەن ھۈنەر. مەن بىلگەن تارىخ ماڭا قوۋمى ئۈچۈن ھەق ئىزدىگەن، ھۆرلۈك تەلەپ قىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىلىرى ئارقىلىق مەنىۋىي يۆلەك بولدى. بوۋىلىرىمىزنىڭ ھايات، دۇنيا، ئۆلۈم ۋە ھۆرلۈك ھەققىدىكى ھىكايەت، ئۆگۈتلىرى ماڭا زەي زىندانلاردىمۇ باش پاناھ، روھىي ئوزۇق بولدى. دۈشمەن ئاچ قويدى ئەمما ئۈمىدسىزلەندۈرەلمىدى، تېنىمنى قىينىدى، ئەمما روھىمنى باش ئەگدۈرەلمىدى. چۈنكى مېنىڭ روھى دۇنيارىمدا ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن توم توم كىتابلاردىكى ھىكمەتلەردىن ئاللىقاچان يېقىلماس ئىرادە مۇنارى تىكلەنگەن ئىدى. بۇ خاسىيەتلىك مۇنارنى ھېچكىم قىيناپ يىقىتالمايتتى، ئازابلاپ يوقۇتالمايتتى. مەن بوۋىلىرىمىزنىڭ“ئىنسانغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرمۇ ئاز“ دېگەن تەۋسىيىسى بويىچە پۇرسەتلا بولسا ھۈنەر ئۆگەندىم. تۈرمىگە تاشلانغان چېغىمدا قولۇمدىن ناۋايلىق، شوپۇرلۇق،رېمونتچىلىق، كۆۋرۈك ياساش، تامچىلىق قاتارلىق ھۈنەرلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ماڭا ئىھتىياج چۈشۈپلا تۇردى. بەلكىم مۇشۇ ھۈنىرىم خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك، شۇنچە قىينىدىيۇ ئۆلتۈرۈشمىدى. ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى سەۋەبلىك ھايات قالغان مەنلا ئەمەس،مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم خىزمەتتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ياغاچچىلىق بىلەن جان ساقلىغان، ئۈرۈمچىدە كونىلار ھېلىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىمنى ”دارازا ياغاچچى“ دەپ ئاتىشىدۇ. بالىلىرىم، ئىشخانىدا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن دېمەڭلار،قىزىل ۋاراقلىرىنى يىغىۋېلىپ بايلىقمىكىن دېمەڭلار. بوۋىلىرىمىز، ”كىمدىن قالمىغان بۇ جاھان“ دەپ توغرا ئېيتقان. بىز جىق جاھان كۆردۇق، باغلام باغلام پۇللار بىر كېچىدىلا قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندى، ھەيۋەتلىك قەسىرلەردە غادايغانلار بىر كۈندىلا ئاچ-زارلارغا ئايلاندى.روھىڭىز سۇنمىسۇن دېسەڭلار تارىخ ئۆگىنىڭلار، قەددىمىز سۇنمىسۇن دېسەڭلار ھۈنەر ئۆگىنىڭلار“.
كەمىنە ئۆمۈرلۈك جەڭچى، يىقىلماس ئەزىمەت سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن كۆرۈشكەن مىنۇتلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن. بۇ ئەرزىمەس يازمام ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي، مەرھۇمنىڭ غايە مەشئەلنى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈلۈك قىلغاي.

ئۇيغۇر گېنېرالنىڭ ھوزۇرىدا

2000-يىلى ”ئانا يۇرت“ نىڭ داغدۇغسىدىن تەسىرلەنگەن دوستلارنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر گېنېرال سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولۇش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. خىيالىمدا سوپاخۇنىكامنىڭ مەزكۇر روماننىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق پاگۇن تاقىغان جەسۇر تۇرقى گەۋدىلىنىپ يول بويى ماڭا ھەمراھ بولدى. ئاخىرى ئۇ تەۋەرۈك غازىمىزنىمۇ كۆردۈم. كۆز ئالدىمدا مۇقاۋىدىكى كەسكىن قوماندان ئەمەس، كۆزلىرى ياشاڭغىراپ بەللىرى مۈكچەيگەن بىر بوۋاي تۇراتتى. سوپاخۇنىكام بىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندى بولغاي، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىز بولۇشىغا قارىماي ھەممەيلەن بىلەن تەپسىلى كۆرۈشۈپ ئوقۇشىمىزنى سوراشتۇرۇپ چىقتى. بىز ”ئانا-يۇرت“تا  تەسۋىرلەنگىنى بويىچە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي سوئال سورۇشۇپ بوۋاينىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق.

ئەسكەرلىرىمنىڭ كوماندىلىرى ئۇيغۇرچە ئىدى

سوپاخۇنىكامدىن خوجىنىياز ھاجى قوزغىلىڭى ۋە مىللي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتنىشىش جەريانى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ مۇڭلىنىپ تۇرغان كۆزلىرى بىراقلا نۇرلانغانىدى. شۇ چاغدا بۇ مۇبارەك زاتنىڭ ئاۋازىنى ساقلىۋالمىغىنىمغا كۆپ پۇشمان قىلىمەن. ئۇ كىشىنىڭ دېگەنلىرى ئىچىدە “ قوزغىلاڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ قېلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىشقا توغرا كەلدى. دۇشمەن نەچچە مىڭ ئەسكەر بىلەن يول بويى قوغلاپ توسۇپ زەربە بېرىپ كۆپ ھالسىراتتى. غۇلجىغا يېتىپ بارغىنىمدا 200دىن ئارتۇق ئەسكىرىمدىن ئاران 90 نەچچىسى ھايات قالغانىدى. غۇلجىغا بېرىشىمىزغا بىزنى روس ئوفىتسىرلار قورالسىزلاندۇرۇشتى. كېيىن ئېلىخان تۆرەم ئارىلىشىپ قوراللىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى. بىز بارغاندا چوڭ كوماندىرلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس بولۇپ ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇقلىرى پۈتۈنلەي روسچە ئىكەندۇق. چوڭراق ھەربى يىغىنلاردا پىلان رۇسلاردىن بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن مەخسۇس ھەربى تەلىم كۆرگەنلەرنىڭ كەملىكى بەكمۇ بىلىنگەنىكەن. بىز كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشلار بىر ئاز ئۆزگەردى. دەسلەپتە بىزنىڭ قىسىملا ئۇيغۇرچە كوماندا بويىچە مەشغۇلات قىلاتتى.  كېيىن بارا-بارا ئۇيغۇرچە كوماندا ئومۇملاشتى…“

”ئانا يۇرت“نى ئەسلى يەتتە قىسىم دېگەنتى

گەپ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكام مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ ئۆزى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ”مەرھۇم ماڭا 1944 يىللىرىدىكى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلاپ ھەققىدە يەتتە قىسىملىق بىر تارىخىي رومان يازماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. بەلكىم مەرھۇمنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ياكى باشقا سەۋەبلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، كىتاب ئۈچ قىسىم چىقتى. زوردۇن سابىر مەن بىلەن ئۇزاق مۇڭداشقان ۋە بەزى يازمىلارنى ئېلىپ كەتكەنىدى. روماننى نەشىر قىلىنىشى بىلەنلا ئوقۇپ چىقتىم، ئويلىغانلىرىدەك يېزىشقا تىرىشپتۇ، لېكىن كۆپ قىسقارتىپتۇ“. بىز سوپاخۇنىكامنىڭ ئۆيىدە بىر سىزما رەسىمنى كۆردۇق. رەسىمدە ئاتقا مىنىپ تۇرغان ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالنىڭ ئوبرازى توپنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. سوپاخۇنىكامنىڭ ئېيتىشىچە ئىككى ئەرنىڭ بىرى سوپاخۇنىكام، يەنە بىرى ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ بولۇپ رەسىمدىكى ئايال سوپاخۇنىكامنىڭ تۇنجى ئايالى مەرھۇم تۇخان ئانا ئىكەن. زوردۇن سابىر مەزكۇر رەسىمنى كىتابىغا مۇقاۋا قىلىش ئۈچۈن سوراپ كېتىپ رەسىمگە تارتىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرگەنىكەن. بۇ رەسىمنى شىخودىن بىر ئوقۇتقۇچى رەسسام سىزىپ سوپاخۇنىكامغا سوۋغا قىلغانىكەن.

”قورال تاشلىساڭ ئاتمايمىز“ مۇ ياكى ”قۇرال تاشلايمىز ئاتما“مۇ؟

ئاقسۇ سېپىلىنى قورشاپ تۇرغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى زەمبىرەك بولمىغانلىقى(سوۋېت ھۆكۈمىتى كاتيۇشا سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغانىكەن) سەۋەبلىك سېپىلنى پارتىلىتىشقا قادىر بولالماي قورشاۋ ئۇزۇراپ كەتكەن. ئارىدا باش شتابتىن چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغان سوپاخۇنىكام ۋە جەڭچىلەر قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دەملەردە گومىنداڭ قىسىملىرى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن. جەڭچىلىرىمىز پىداكارلىق بىلەن ئېلىشىپ دۈشمەننى چېكىندۈرگەن. دۈشمەن بىر ئاز ئېتىشىپ ئوق توختاتقان ۋە قوراللىرىنىڭ ئۇچىنى يەرگە قارىتىپ“ جىياۋ چىياڭ بۇ شا(قۇرال تاپشۇرساڭ ئاتمايمىز)دەپ ئالغا يۈرگەچ ۋارقىراشقان. بۇ چاغدا سوپاخۇنىكام “ ئۇلار قورال تاپشۇرۇڭلار ئاتمايمىز دەۋاتىدۇ، قىرىپ تاشلايلى، دېسە، ئابدۇكېرىم ئابباسۇۋ ”قورال تاپشۇرىمىز ئاتما دەۋاتىدۇ“ دەپ ئىككەيلەن تالىشىپ قالغان. سوپاخۇنىكام ”ئابدۇكېرىم،تەسلىم بولىدىغان دۈشمەن قوراللىرىنى تاشلاپ بىر يەرگە توپلايدۇ، ئاندىن قۇرۇق قول بولۇپ ۋەكىل ئەۋەتىدۇ“ دېسىمۇ ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ قايىل بولماي ئەسكەرلەرگە تەييارلىق بۇيرۇقى بەرگۈزمىگەن. مۇشۇنداق بىخەستەلىكنى كۈتۈپ تۇرغان دۈشمەن ئارمىيىسى غالجىرلارچە ھۇجۇمغا ئۆتكەن، نەتىجىدە نۇرغۇن جەڭچى شېھىت بولغان.

”بىزنىڭ بالىلار قىزىقمايدۇ“

پاراڭ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكامنىڭ ئايالى ”ۋاي بالىلىرىم، سىلەر باشقا باشقا مەكتەپتىن تۇرۇپ، ئۇقۇشۇپ ئاتايىن ئىزدەپ كەپسىلەر، ئاڭلاپ تۇرسام شۇنچە جىق تارىخلارنى سوراپ كەتتىڭلار. بىزنىڭ بالىلار دادىسىدىن بۇلارنى سوراپمۇ قويمايدۇ، دادىسى توغرا كېلىپ  سۆزلەپ سالسىمۇ قىزىقمايدۇ. ئورنىدىن دەس تۇرالمايدىغان مۇشۇ ئادەم جېنىدا توختىماي كىتاب ئوقۇيدۇ. بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى بۇرۇنلا كىتاب قىلىپ يېزىپ بولغان ئەمما مۇھەررىرلەر جىق ئۆزگەرتىۋەتكەچكە نەشىر قىلىشقا ئۇنىمىدى. چىقمىسا چىقمىسۇن، لېكىن يالغاننى قاتقۇزمايمەن دەيدۇ. بۇ ئادەمدىكى قانداق جانكى، سوغۇقتا دۈگدەيمەيدۇ، ئىسسىقتىن سالپىيىپ كەتمەيدۇ. مىدىرلىيالىسىلا چېنىقىدۇ. ”ئانا يۇرت“ نىمۇ كىتاب چىقىپ بولغىچە تاقەتسىزلىنىپ  چىقىشىغىلا ئېلىپ ئوقۇپ بولدى. بىزنىڭ بالىلار كىمنى دورىدىكى، دادىسى شۇنچە يىل ئەتىۋارلاپ ساقلىغان ئوردىنلىرىنىمۇ يوقۇتۇپ بولدى“ دېدى ھەسرەتلىنىپ.

خاتىمە، گېنىرالنىڭ ۋەسىيىتى

سوپاخۇنىكام مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشىمىزنى تەكىتىلگەن ئىدى. مەنچە ئۇ بۈگۈنكى بوغۇنغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا  مۇشۇ ئىككى ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىرى مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش يەنە بىرى كەسپ ئىگىلەش. “ بالىلىرىم، مەن ئەسكەر باشلاپ قورال كۆتۈرۈپ سوقۇش قىلدىم، تۈرمىگە چۈشۈپ مەھبۇسلار قاتارىدا ئېغىر ئەمەسمۇ قىلدىم، زەي زىندانلاردا، قورقۇنچلۇق قىيناقلاردا خورلاندىم، ئەمما باش ئەگمىدىم، تىزلانمىدىم.  مېنى ئىككى نەرسە يىقىلغان يېرىمدىن تۇرغۇزدى، بىرى مەن ئۆگەنگەن تارىخ يەنە بىرى مەن ئېگىلگەن ھۈنەر. مەن بىلگەن تارىخ ماڭا قوۋمى ئۈچۈن ھەق ئىزدىگەن، ھۆرلۈك تەلەپ قىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىلىرى ئارقىلىق مەنىۋىي يۆلەك بولدى. بوۋىلىرىمىزنىڭ ھايات، دۇنيا، ئۆلۈم ۋە ھۆرلۈك ھەققىدىكى ھىكايەت، ئۆگۈتلىرى ماڭا زەي زىندانلاردىمۇ باش پاناھ، روھىي ئوزۇق بولدى. دۈشمەن ئاچ قويدى ئەمما ئۈمىدسىزلەندۈرەلمىدى، تېنىمنى قىينىدى، ئەمما روھىمنى باش ئەگدۈرەلمىدى. چۈنكى مېنىڭ روھى دۇنيارىمدا ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن توم توم كىتابلاردىكى ھىكمەتلەردىن ئاللىقاچان يېقىلماس ئىرادە مۇنارى تىكلەنگەن ئىدى. بۇ خاسىيەتلىك مۇنارنى ھېچكىم قىيناپ يىقىتالمايتتى، ئازابلاپ يوقۇتالمايتتى. مەن بوۋىلىرىمىزنىڭ“ئىنسانغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرمۇ ئاز“ دېگەن تەۋسىيىسى بويىچە پۇرسەتلا بولسا ھۈنەر ئۆگەندىم. تۈرمىگە تاشلانغان چېغىمدا قولۇمدىن ناۋايلىق، شوپۇرلۇق،رېمونتچىلىق، كۆۋرۈك ياساش، تامچىلىق قاتارلىق ھۈنەرلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ماڭا ئىھتىياج چۈشۈپلا تۇردى. بەلكىم مۇشۇ ھۈنىرىم خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك، شۇنچە قىينىدىيۇ ئۆلتۈرۈشمىدى. ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى سەۋەبلىك ھايات قالغان مەنلا ئەمەس،مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم خىزمەتتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ياغاچچىلىق بىلەن جان ساقلىغان، ئۈرۈمچىدە كونىلار ھېلىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىمنى ”دارازا ياغاچچى“ دەپ ئاتىشىدۇ. بالىلىرىم، ئىشخانىدا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن دېمەڭلار،قىزىل ۋاراقلىرىنى يىغىۋېلىپ بايلىقمىكىن دېمەڭلار. بوۋىلىرىمىز، ”كىمدىن قالمىغان بۇ جاھان“ دەپ توغرا ئېيتقان. بىز جىق جاھان كۆردۇق، باغلام باغلام پۇللار بىر كېچىدىلا قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندى، ھەيۋەتلىك قەسىرلەردە غادايغانلار بىر كۈندىلا ئاچ-زارلارغا ئايلاندى.روھىڭىز سۇنمىسۇن دېسەڭلار تارىخ ئۆگىنىڭلار، قەددىمىز سۇنمىسۇن دېسەڭلار ھۈنەر ئۆگىنىڭلار“.كەمىنە ئۆمۈرلۈك جەڭچى، يىقىلماس ئەزىمەت سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن كۆرۈشكەن مىنۇتلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن. بۇ ئەرزىمەس يازمام ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي، مەرھۇمنىڭ غايە مەشئەلنى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈلۈك قىلغاي.

خەتكۈچلەر: uyghur
يازما ئادېرسىئۇيغۇر گېنېرالنىڭ ھوزۇرىدا
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچ كېيىنكى: iPhone نەشىر كۆتۈرۈشتىكى 1015 خاتالىقنى تۈزەش

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iCloud ھەققىدە چۈشەنچە
  • jailbreak-تۈرمىدىن قېچىش دەرسلىك توپلىمى
  • [ئىسكىرىپكىدا مۇڭ]Moving_داڭلىق يىنىك مۇزىكا
  • [Gulan] يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق
  • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
  • ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى
  • iPhoneغاwindowsXPنىڭ چىرايلىق ئۇسلۇبىنى قوشۇش
  • [Gulan]ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت
  • [تەۋسىيە]iPhoneنى تەھرىرلەش،بارماق دېسكا قىلىش
  • 99%يىڭى Sony لەپتوپى ئەرزان سېتىلىدۇ
  • iPod Touch,iPad سىستىما بولىقىنى چۈشۈرۈش
  • iPhone نىڭ SIM كارتىسىغا ماس PIN نومۇرى
  • Symbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش
  • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى
  • iPhone نىڭ تور قۇلۇپلىنىش ئەھۋالى جەدىۋىلى
  • «ئالما»چىلارغا سوۋغات__ دەھشەت خاتىرە
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار1
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار21
  • [Gulan]ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس(”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نىڭ داۋامى)
  • 【Gulan】مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە تاشلاندۇق مەسىلىلەر
  • iPhoneغا 3Dبەت ئۆرۈش ئۈنۈمى قوشۇش
  • ئالما سىستىمىلىرىنى نەشىر قايتۇرۇش ھەققىدە ئاددى ساۋات

2 دانە باھا

  1. nezeri
    2011/02/21 03:59:02 /

    بىرلىكتە ئۆگىنىمىز.

  2. كۆرەش
    2011/02/19 16:50:05 /

    رەھمەت مەن يەنە بىرمۇنچە بىلىملىك بولىۋالدىم.خالاستانى قىزىپ چىقمىسام بولمامدۇ نىمە!

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق
    • مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى
    • Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش
    • Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش
    • Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى
    • قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز
    • تۈرمىدىن قاچۇرۇش (JailBreak) نىڭ 100 خىل پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قاچمامسىز؟
    • ئەپلەرنى iTunes ئارقىلىق كومپيۇتېردا يىڭىلاش
    • 3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش
    • i ئۈسكىنىدىكى ئەپلەرنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. شاھيار:
      مىنڭ 5.0.1نەشرتىى................…
    2. salim:
      800 somga bolsa bulamdu bak towan sori…
    3. ھەۋەسكار:
      cydia نى ېىشلىتەلمدىم سىلەر چۇشۇ…
    4. باتۇش:
      ياخشى ئەپكەن بۇ . سىناب باقاي،…
    5. قۇتبەگ:
      بۇ پەقەت كۆز ئالدىكىدىن كىچىپ كەلگۈسىگ…
    6. شاھيار:
      مىنڭ تى سىز دىگەندەك ئۇسۇل بۇيىنچە ئۇي…
  • خەتكۈچلەر

    ھەقسىز ipad 3 ipad appstore cydia epub خالاستان بىلوگ iPod RSS ئۇيغۇر ios5 iphone4 icloud gulan Mac OS X يۇنىكود ئۆلچىمى ios uyghur shsh مۇڭ ipad2 قۇلۇپ ئەقلىفون symbian iphone4s iPhone مەھسۇلات itunes pxl steve jobs google apple GoogleAdsense IT
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club