• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار21

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 2 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ
بۇ شەھەرگە كۈز كەلدى. ياپيېشىل چاققانغىنە بۇ شەھەر ئالتۇن رەڭگە كىردى. مەن ۋەتەننىڭ كۈز ئايلىرىنى سېغىنىمەن. بىزدە كۈز تولىمۇ بەرىكەتلىك بولىدۇ. تويلار قاينايدۇ، دېھقاننىڭ قولى ئازراق بولسىمۇ پۇل كۆرىدۇ. بىزنىڭ ئۇ توپراقلاردا سودىگەرلەرنىڭ رىسقى دىھقاننىڭ يانچۇقىغا باغلانغان. كادىر خەق بىلەن قىلغان سودىنى بىزنىڭ قەدىمكى ئوردۇكەنتتە « تۈپرۈك بىلەن ئاياق مايلىغاندەك» دەپ تىلغا ئالىدۇ تىجارەتچى تۇغقانلار. يات ئەلدىكى تۇنجى كۈز ماڭا تولىمۇ سۆرۈن تەلەت بىلىنمەكتە. سارغايغان ياپراقلار، يالىڭاچلانغان دەرەخلەر، سۇلغان گۈللەر، ماڭا سارغايغان يۈزلەرنى، ئۈمىتسىز كۆزلەرنى، ماتەملىك سۆزلەرنى ئەسلەتمەكتە. تۇيۇقسىز يادىمغا ئۆتكەن كۈزدە بەيگە مەيدانىدا بىر مايلامچى بالا ئوقۇغان،

قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالدۇق،
ئوتۇنچى ئاپپىرىپ ساتسۇن،
خېرىدارىم سوراپ قالسا
غېرىپ بىچارە دەپ ساتسۇن
دېگەن ناخشا كېلىپ قالدى. تېخى مەكتەپ يېشىغا ئەمدى توشقان ئۇ بالىنىڭ چىرايىدىكى مۇڭ يۈرۈكۈمنى ئەزگەنتى. بۈگۈن ئۆزۈمنى ئاشۇ بالىدىنمۇ بىچارە ھېس قىلدىم. بۈگۈن مەن ئۇ بالىدىنمۇ بەتتەر بىچارە ئىدىم، يىغلاش ئەركىم بار، لېكىن قېرىندىشىڭغا ئېسىلىپ يىغلىمىغان يىغا كىشىنى پۇخادىن چىقىراتتىمۇ؟ ئۇنىڭ يىغىسىمۇ ، كۈلكىسىمۇ ئۆز تىلىدا، خورلۇقىمۇ، ھالاۋىتىمۇ ئەل بىلەن بىللە ئىدى. سۇلتانلىقتىمۇ، ئۇلتان(پىتەك) لىقتـىمۇ ياشاپ باققان بوۋىلىرىمىز ۋەتەن، ئەل  ھەققىدە ئاجايىپ تۇيغۇلاردا بولغانىكەن. ئۇيغۇر ئۈچۈن مەشرەپ-كۈي پەسلى، باراۋەت-توي پەسلى ھىساپلىنىدىغان بۇ كۈنلەردە بوۋىلرىمىزنىڭ «ئەل بىلەن ئۆلۈم گوياكى توي» دېگەنلىرىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. مۇشۇلارنى ئويلىساملا بىر ئىش يادىمغا كېچىدۇ. ئۆتكەن 6-ئايدا بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ مەندىن يىراق بىر شىتاتتا تۈگەپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ قالدىم، بۇ خەۋەرنى ماڭا يەتكۈزگەن كىشى «خۇدايىم ساقلىسۇن، جەسىتىم بۇ يات يەردە قالمىغاي ئىلاھىم» دەپ كەتتى. ئاڭلىشىمچە بۇرۇن رەسمىيىتى تولۇق بولمىغانلىق سەۋەبتىن ئىزچىل ئامېرىكىغا ۋىزا ئالالماي كېلىۋاتقان مەرھۇمنىڭ ئاتا ئانىسى ۋە بىر قېرىندىشى ۋىزىغا ئېرىشىپتۇ. مەرھۇمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى پىغانلىق نىداسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قائىدىلىرىگە خىلاپ ھالدا ۋىزا بېرىشكە مەجبۇرلاپتۇ. لېكىن مەرھۇمنىڭ  ۋەتەندىن كەلگەن ئاتا-ئانا ۋە قېرىدىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەسرىتى يات تۇپراقتا قالغان يۈرۈك پارىسىدە قاپتۇ. كۆز ئالدىمدا تۆكۈلىۋاتقان ياپراقلارغا قاراپ ئويلاپ قالدىم. مىڭ ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلىق تارىخىغا ئىگە خەلقىمىز نىمىشقا جەسىتىنىڭ يات يەردە قېلىشىغا شۇنچە ھەسرەت چېكىدۇ؟ ئاللاھتىن كەلدۇق ئاللاھقا قايتىمىز. شۇنداقكەن ھەممە يەر ئاللاھنىڭ زېمىنى ئەمەسمۇ؟ بۇ خەلقىمىزنىڭ بىز قاقشاپ كۆنگەن تەپەككۇرىمىز بويىچە يەنە شۇ «نادان» لىقىمۇ؟
مەن يەنە شۇ ياپراقلارغا قارىدىم، ياپراقلار زېمىندىن ئوزۇقلىنىپ كۆكىرىدۇ، ياشنايدۇ، يەنە شۇ ئۆزىنى باققان تۇپراققا سىڭىپ قۇۋۋەت بولىدۇ. بىز ياپراق ئەمەىسمۇ؟ تۇپرىقىدىن ئاياقلانغان، ئاتلانغان ئىنساننىڭ يەنە شۇ توپرىقىنى قۇچاقاپ يېتىشىنى قانداقمۇ «نادانلىق» دېگىلى بولسۇن؟ توغرا بىز ئاللاھتىن كەلدۇق، لېكىن ئاللاھ بىزنى ئاتا مىراس زېمىنىمىزغا، ئاتا بوۋىمىز كۆكلىگەن مۇقەددەس تۇپراققا ياراتتى. بۇ توپراق جەمەتىمىزنىڭ گۈللەتكەن باغلىرى، سالغان ئىمارەتلىرى، ياتقان قەبرىسى بولغاچقا بىزگە مەنسۇپ، ئەجدادلارنىڭ تەۋەرۈكلىرى بىلەن بىزگە بەخشەندە. ۋەتەننى دەل ئانىمىز كەزگەن رەستە، ئاتىمىز كەچكەن كېچىك، بوۋىمىز قىلغان باغلار سەۋەبلىك سۆيىمىز. ئاتىسىنىڭ قەبرىسىنى يات ئەلگە قاتۇرغان بالا ئەلۋەتتە دادىسى ياتقان توپراققا تەلپۈنىدۇ، ھەر ھېيىت، بايرام ۋە ئۇلۇق كۈنلەردە خىيالى دادىسى ياتقان جايلارادا كېزىدۇ. قەبرەم غېرىپ بولمىسۇن دېگەن بوۋىلىرىمىز ئۇلۇقكەندۇق، خىزىركەندۇق، يات تۇپراققا كۆمۈلۈشنى رەت قىلغان مومىلىرىمىز پەيلاسۇپكەندۇق، پەرىشتە كەندۇق. ئۇلار بىزگە قەبرىنى ئەمەس ۋەتەننى قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن، ئۇلار بىزگە ھېيىت بايرام ئۇلۇغ كۈنلەردە تۇپراقنى-ۋەتەننى يوقلاشنى مىراس قىلغانىكەندۇق.  ئامېرىكىدىكى شۇنچە باي يەھۇدىلارنىڭ مەخسۇس ۋەخپە(فوندى جەمىيەت) قۇرۇپ ئىسرائىلىيەگە قايتماقچى بولغانلارنى يۆلەۋاتقىنى، ئىسرائىلىيەدىكى ئاتا بوۋىسىدىن چالا پۇلا ئىزى قالغان بىر تامنى تاۋاپ قىلىشقا ئۈزۈلدۈرمەي بېرىشلىرىنى بەلكىم بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇپراقنى يالغۇز، غېرىپ قويماسلىقنى ۋەسىيەت قىلغانلىقىغا ئوخشاتساق خاتا قىلغان بولماسمىز.

خىيال بىلەن كۇتۇپخانىغا ماڭدىم دەپ نەگە كېلىپ قالغاندىمەن؟ بېشىمنى كۆتۈرسەم ئەزەلدىن كېلىپ باقمىغان بىر كوچىلارغا كېلىپ قاپتىمەن. ئەمدى قانداق قايتقۇلۇق؟ بىر ئاز ئالدىمغا ماڭدىم. داچا شەكلىدىكى بىر بىرىدىن يىراق -يىراق سېلىنغان ئۆيلەردىن بىر ئۆينىڭ ئالدىدا توختۇدۇم، مۇشۇ ئۆيدىن بىر ئادەم چىقىپ قالىدىغاندەكلا تۇيۇلدى. توۋا، شۇنچە كەڭ مەھەللىدە ئويناۋاتقان بىر بالا، كېتىۋاتقان بىر ئادەم، قاۋاۋاتقان بىر ئىت بولسچۇ كاشكى! ئاخىرى ھېلىقى ئۆينىڭ ئالدىغا توختۇتۇلغان ماشىنىنىڭ  كەينىدىن بەستلىك بىر  ئادەم چىقىپ كەلدى. ئېزىپ قالدىم دېگۈم كەلمەي بىر داڭلىق تاللا بازىرىنىڭ نەدىلىكىنى سورۇدۇم.
_ۋولمارتنى دەمسەن؟ تېخى خېلى ئۇزاق ماڭىسەن. نەدىن كەلدىڭ؟ ماڭا ئەڭ قىيىن سۇئال دەل مۇشۇ. جۇڭگۇدىن، دېسەڭ خەق چىرايىڭغا قاراپ جوڭگۇلۇققا ئوخشىمايدىكەنسەن دەيدۇ، جۇڭگونىڭ غەرىبى شىمالىدىكى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن كەلدىم، دېسەڭ سەندىن كۆڭۈلسىز ۋەقەلەر ھەققىدە سورايدۇ.
_ مەن ئۇيغۇر، جوڭگۇدىن كەلدىم.
_ ھە ھېلىقى يېقىندا ۋەقە بولغان يەردىنمۇ؟
_ …….
_ …….- `
_ ئائىلەڭدىكىلەر ساقمىكەن؟
بۇنىڭغا نېمە دەيمەن؟ تور تاقاق، تېلىفون ماڭمايدۇ. ئەگەر ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلىگەن بولسام مۇشۇنداق كۇتۇپخانىغا ماڭدىم دەپ نەگە كېلىپ قالغىنىمنى بىلەلمەي يۈرەتتىممۇ؟ بۇ كىشى ئوبدان ئادەمكەن. مېنى ھېلىقى تاللا بازىرىغا ئاپېرىپ ئاندىن ياتىقىمغا ئەكىلىپ قويىدىغان بولدى. قايسى كۈنى يامغۇردا قېلىپ پىيادە كېتىۋاتسام بىر ئايال ماشىنىسىغا سېلىپ ئاپتۇۋۇز بېكىتىگە ئەكىلىپ قويغانتى، بۇ قېتىم بۇ ئادەممۇ ماڭا يارىدەمدە بولماقچى. يول بويى پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. مەندىن ئۇيغۇرنىڭ قىسقىچە تارىخىنى سورىدى. يول بەك ئۇزۇن ئەمەس. قانداق قىلغاندا مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىتتا ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى بىزدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر بىر ئادەمگە بايان قىلغۇلۇق؟ مەن بىر سىكۇنت ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىيخى قىسمەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، تاتار ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق خەلقلەر بىلەن تولىمۇ يېقىن بىر مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكىنى. 19-ئەسىردە چىڭ ئىمپىرىيىسى، روسسىيە ئىمپىرىيىسى ۋە برىتانىيە ئىمپىرىيىسى ئارىسىدىكى « بۈيۈك ئويۇن» دەپ ئاتالغان مۇستەملىكە تالىشىش كۆرىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ نۇرغۇن زۇلۇم چەككەنلىكىنى. 20- ئەسىردە بولسا سوۋېت، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ شاھمات تاختىسىدا تولا پىچكا قىلىنىپ ۋە تېگىشىلىپ كۆپ قۇربان بەرگىنىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇلارنى دەۋېتىپ ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇشنىڭ بىر مۇۋاپىق جۈملىسىنى تاپقاندەك بولدۇم. بۇندىن كېيىن نەدىن كەلدىڭ دېگەنلەرگە « جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىن» دەپ جاۋاپ بەرسەم بولغىدەك. بولمىسا بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جوڭگۇ خەرىتىسىنىڭ غەرىبى قايسى، غەرىبى شىمالىچۇ دېگەنلەرنى بىلمەيدىكەن. قولىمىزغا خەرىتە ئېلىپ يۈرمىگەندىكىن بۇلارنى توغرا مەلۇماتلىق قىلماق  تەسكە توختايدىكەن. جوڭگۇ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەممەيلەنگە تونۇش ئۇقۇم، ئۇيغۇر دۆلەت تەۋەلىكىدە جوڭگۇغا مەدەنىيەت ۋە ئىرقى ئالاھىدىلىك جەھەتتە ئورتا ئاسىيالىقلارغا مەنسۇپ بولغاندىكىن مۇشۇ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇقۇمكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.  كوممۇنىستىك جۇڭگونىڭ تارىخىنى ئۇ كىشى ياخشى بىلىدىكەن.  تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن بۇ تەرەپلىرىنى ماڭاڭا سۆزلەتمىگىنىگە خوش بولدۇم.
_ قارىسام كەيپىياتىڭ تولىمۇ سۇس، ئۇنداق قىلما، بۇ دېگەن ئامېرىكا، بۇ يەر ھەر قانداق ئىنسان ئۈچۈن باراۋەر ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە پۇرسەتكە تولغان. بۇ يەرگە كىشىلەر بەخت قوغلۇشۇپ كەلگەن، بۇنداق سۇلغۇنلۇق بىلەن بەخكە يەتكىلى بولمايدۇ. كۆڭلۈڭ يېرىم بولسا ماڭا تېلىفون قىل. مەن بۇرۇن پېرۇدا بىر قانچە يىل تۇرغان. چەتئەلدە ياشىماق ئاسان ئەمەس، بولۇپمۇ سەندەك بۇنداق تەسۋىرلىگىسىز تەشۋىشتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن تولىمۇ تەس. بىلەمسەن، كەيپىيات دېگەن يۇقۇملۇق كېسەلدەك نەرسە، سەن مۇشۇنداق كەيپىياتتا يۈرسەڭ، سەن يولۇققان كىشىلەرگىمۇ يۇقتۇرۇشۇڭ مۇمكىن، بۇنداق قىلىشنى خالىمايسەنغۇ دەيمەن؟ مېنىڭ بىر ۋېلسىپىتىم بار، ئەگەر خالىساڭ ساڭا ئەكىلىپ بېرەي، شۇنى ئىشلەت. ئۇزاق ۋاقىت مىنمىگەن شۇڭا ئاۋال بىر رېمۇنت قىلدۇرۇشۇم كېرەك. ماڭا تېلىفون قىل. ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى.
كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ! ماڭا بۇ گەپ تولىمۇ توغرا تۇيۇلدى. بۇرۇن ئويلايتتىم، نېمىشقا ئامېرىكىلىقلار تولىمۇ قىزغىن، ئەمما مەن ھەر قانچە قىزغىن بولاي دېسەممۇ بولالمايمەن؟ چۈنكى مەن كىشىلەر بىر بىرىگە تولىمۇ سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادەم كۆپ ئىچىكىرى جوڭگۇدا ئۇزاق ياشاپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن بەلكىم ئېغىر دەرىجىدە سوغۇق كەيپىياتتىن يۇقۇملانغان بولسام كېرەك. بۇ يەردە كىشىلەر دوقۇرۇشۇپ قالسا كۈلۈپ سالام قىلىدۇ، بىر بىرىگە يول بېرىدۇ، ھەر ئىشتا ئالدى بىلەن باشقىلارغا قولايلىق بولۇشنى، دەخلە قىلماسلىقنى ئويلىشىدۇ، مەنچۇ؟ مۇشۇ كۈنگىچە بۇلارغا كۆنەلمەي ئاۋارە، قارىغاندا مەن، «ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن ياشىمىسا ئۇنى يەر يۇتىدۇ»  ( مەن ئىچكىرىدە ئۆگەنگەن ماقال) دېگەن ئىدىيە ئەۋج ئالغان موھىتتىن قاتتىق يۇقۇملانغان بولسام كېرەك. ئچىكىرىدە ئىشلەۋاتقان بىر يىلىم قەشقەرگە قايتتىم، بىر دوستۇم بىلەن ئاشخانىغا تاماققا كىردۇق. كۈتكۈچى بالا 8-9 ياشلاردا ئېدى. « ھەي، ماڭا قارا، بۇ ئاشخانىدا سۈيۈق سەلەڭ نېمە بار؟» دەپ سوراپتىمەن ئۇتتۇرلا ئىچكىرى پەدىسىدە. ئۇ بالا ماڭا نارازى بولغاندەك قاراپ قويۇپ، يەنە چاندۇرماي قېشىمىزغا كەلدى. تاماق يەپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن دوستۇم « نېمانداق قوپاللىق قىلىسەن؟ بۇ دېگەن قەشقەر، ھەممە ئادەم بىر بىرىنى سىلى ئۆزلىرى دەپ گەپ قلىدۇ، سېنىڭ لەنجۇرىڭ ئەمەس بۇ، خەقنى سەنلەيدىغان»، مەن شۇ چاغدا خاتا قىلغىنىمنى بىلگەن. ئەمما ئادەمنى دەرىجىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىدىغان، ھوقۇقسىز، پۇلسىز ئادەمنىڭ ئىنسانلىقى ئىتىراپ قىلىنمايدىغان كەيپىياتتىن يۇقۇملانغانلىقىمنى ئويلىماپتىكەنمەن.
تۈنۈگۈن تېىخى بىر دوستۇم ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئۇزاق ئالاقە قىلالمىغانلىقتىن ئۇيقۇسى كەلمەس، دىققىتىنى يىغالماس بولۇپ قېلىپ  پىسخك دوختۇرغا كۆرۈنگىنىنى دەپ بەرگەنتى. ئۇ دوختۇرغا گېپىنى باشلاپ بولالماي يىغلاپ كېتىپ پەقەت دەردىنى ئېيتالماپتۇ. ئاخىرى دوختۇر دوستۇمنى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، خالاتنى ئۇنىڭغا كەيدۈرۈپ، سەن دوختۇر، مەن كېسەل، سەن ئەمدى مەندىن ھالىمنى سورا دەپتۇ. دوستۇمنىڭ كۈلگىسى كېلىپ، بىر دوختۇرلۇق قىلىپ باقايچۇ، دەپ ئەمدى «بىمار»نىڭ دەردىنى سورىشىغا، دوختۇر ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. بۇرادىرىمىز، يىغلىما دەپمۇ توختۇتالماپتۇ. ئاخرى داۋالاش ۋاقتى توشۇپ دوختۇردىن يېنىپ چىقىپتۇ. بەلكىم بىز مۇساپىرلار بۇ يات توپراقتا دەردىمىزنى مۇشۇنداق بىر بىرىمىزگە تۆكۈپ مەيۈسلۈك كېسىلىنى يۇقتۇرىۋاتساق كېرەك. ماڭا بۇرۇن « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نى ئوقۇشۇم ئازاپلىنىشىم ئۈچۈنلا موھىمدەك بىلىنەتتى، دوستلۇرۇم بىلەن ئۇچراشساممۇ ئازاپلىنىش، ئازاپلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يىغىلىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. دوستلار بىلەن بولىدىغان سۆھبەت، مۇنازىرە، مۇلاھىزىلەردىن ئاخرىدا مەندە قالىدىغىنى تەشۋىش، قورقۇنچ، گاڭگىراشتىن باشقا ھاسىلات كەم بولاتتى. قارىغاندا مەن زور يۇقۇملۇنۇش دەۋرىدە، يۇقۇملانغان كەيپىياتتا، يۇقۇملانغان كىشىلەر بىلەن ئۇزاق ياشاپ كەتكەن بولسام كېرەك. مەن ساقىيالارمەنمۇ؟ بۈگۈن ھېلىقى پىسخىك دوختۇرغا كۆرۈنگەن دوستۇم بىلەن يەنە توردا كۆرۈشتۈم، ئۇ ئۆزىنى بىلىم دېڭىزىغا چۈشۈك كەتكەن سۇ ئۈزەلمەس پالاكەتتەك سېزىدىكەن، يەنە دەرت تۆكۈشتۇق. يۇقۇملىنىش تېخىمۇ ئېغىرلىدى.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار21
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار20 كېيىنكى: بىز بىرلەشتۇق!

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • ھەي-ھەي مۇبارەك!نوروز مۇبارەك!ئايەم مۇبارەك!
  • iPhone4sتۇغۇلدى(گۈدۈكتىن)فىلىم
  • بىز بىرلەشتۇق!
  • iTunes ئارقىلىقiPhoneغا ناخشا-كىنو قاچىلاش
  • دىققەت! iOS 4.3چىقتى! نەشىر كۆتۈرمەڭ!
  • iCloudۋەiOS5 مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلىدۇ
  • [تەۋسىيە]iPhoneنى تەھرىرلەش،بارماق دېسكا قىلىش
  • ھەربىر دېتالغا ئايرىم-ئايرىم مەخپى نومۇر بېكىتىش
  • iPod Touch نى سىھىرگەرلىكتە ئىشلەتسە مۇنداق بولىدىكەن
  • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا2)
  • iPod Touch4g8Gنىڭ 99% يىڭىسى سېتىلىدۇ
  • [Gulan]ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس(”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نىڭ داۋامى)
  • قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز
  • ئۇيغۇر گېنېرالنىڭ ھوزۇرىدا
  • iphoneنى كومپيۇتېر ئۈچۈن كامېرا قىلىش
  • iPhone4s ئېلان قىلىش يىغىنى (مۇھىم نوقتىسى)
  • ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچ
  • iOS4.3.3 چىقتى. نەشىر كۆتۈرمەڭ!
  • «مۇڭ» رومانتىك
  • [Gulan] ئامېركىدا مەشرەپ
  • jailbreak-تۈرمىدىن قېچىش دەرسلىك توپلىمى
  • دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل-ئىچى گۈزەللەر سىماسى

2 دانە باھا

  1. Nezeri
    2011/05/03 13:55:31 /

    1428.html
    مۇنۇ تېمىدىكى مەزمۇن سىزگە ئەز قاتىدۇ.

  2. يانغىن
    2011/05/03 11:30:51 /

    سالام نەزەرى سز تورسىز مۇھىتا ئىشلەيدىغان ج پ ئېس بار مۇ؟بۇ ئايفوننىڭ توربولمىسا ئىشلىمەيدىكەن .

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق
    • مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى
    • Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش
    • Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش
    • Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى
    • قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز
    • تۈرمىدىن قاچۇرۇش (JailBreak) نىڭ 100 خىل پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قاچمامسىز؟
    • ئەپلەرنى iTunes ئارقىلىق كومپيۇتېردا يىڭىلاش
    • 3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش
    • i ئۈسكىنىدىكى ئەپلەرنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(28)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. salim:
      800 somga bolsa bulamdu bak towan sori…
    2. ھەۋەسكار:
      cydia نى ېىشلىتەلمدىم سىلەر چۇشۇ…
    3. باتۇش:
      ياخشى ئەپكەن بۇ . سىناب باقاي،…
    4. قۇتبەگ:
      بۇ پەقەت كۆز ئالدىكىدىن كىچىپ كەلگۈسىگ…
    5. شاھيار:
      مىنڭ تى سىز دىگەندەك ئۇسۇل بۇيىنچە ئۇي…
    6. ناتىق:
      ھاللو نەزەرباي ناھايتى ئوبدان ئەپكەن …
  • خەتكۈچلەر

    iphone4 pxl ios ipad يۇنىكود ئۆلچىمى ئەقلىفون apple ios5 itunes ipad2 iPhone symbian epub shsh cydia قۇلۇپ google مەھسۇلات icloud Mac OS X GoogleAdsense مۇڭ gulan IT خالاستان بىلوگ iPod ئۇيغۇر RSS steve jobs iphone4s ipad 3 uyghur ھەقسىز appstore
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club