• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

iphoneئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول باشلىغۇچ

2011-05-03 | Nezeri | ئۇنىۋېرسال| 19 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

ھازىر سەپەر-ساياھەتتە بىز ئەڭ ئېھتيىجالىق نەرسە دەل يول باشلاش ئۈسكىنىلىرى بولۇپ قالدى. ئالما (ipodtouch,iphonempad) لەر ئۆز ئىچىدىلا يول باشلاش ئىقتىدارى بار GoogleMaps تەمىنلىگەن بولۇپ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى. لىكىن ئۇ خەرىتىنىڭ تورسىز مۇھىتتا خەرىتە كۆرسىتىش ئىقتىدارى يوق. شۇڭا GPRS ئېچىلمىغان ياكى ئىقىمى ئاز تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولالمايدۇ.

تۆۋەندە مەن تورسىز مۇھىتتىمۇ ئورۇن كۆرسىتىپ، يول باشلاپ بىرەلەيدىغان ياخشى دېتال Autonavi Navigation高德导航 نى تونۇشتۇراي. بۇ دېتال ھازىر appstore دا  10دوللاردىن سېتىلىۋاتىدۇ.

 

مەن تەمىنلىگىنىم يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ ئىقتىدارى ئوخشاش. ipod,ipadلەردە GPSئىقتىدارى يوق شۇڭا ئورۇن بېكىتىشتە پەقەت wifi تەمىنلىگەن ئورۇننى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا يول باشلىغۇچ قىلىشقا تازا ماس كەلمەيدۇ، لىكىن wifi بار شارائىتتا يەنە ھاجەتتىن چىقىدۇ.

ئۇنداقتا ئاۋۋال مۇنۇ ئادىرىسىتىن Autonavi Navigation高德导航 نى چۈشۈرگەچ تۇرۇڭ. بولاقلارنىڭ ھەممىنى چۈشۈرۈپ خالىغان بىرىنى يەشسىڭىزلا ipa فورماتىدىكى بىر دېتالغا ئىرشىشىز. چۈشۈرۈش ئادىرسى:     http://dl.dbank.com/c0fxi1eexj#

بۇ يول باشلىغۇچنىڭ ئالاھىدىلىكى:iphone قا قاچىلىغاندا ھىچقانداق ئېقىم سەرپ قىلمايلا ئورۇن بىكىتىپ ۋە يول باشلاپ بىرەلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىنى ۋە يۆنىلىشىنى ئاۋازلىق ئەسكەرتىپ بىرەلەيدۇ. سۈرەت تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ساقچى پونكىتلىرىدىن خەۋەر بىرەلەيدۇ. سۈرىتى تېز، ئىقتىدارى بىر قەدەر مۇكەممەل. ئۈسكىنىگە بىسىمى ئاز. سۈرەتلىرى بىر قەدەر ئېنىق. مەنمۇ ئادەتتە بۇ يول باشلىغۇچنى ئىشلتىمەن.

بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن ئۈسكىنە چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كىرەك(ياكى بولمىسا ئۈسكىنى تۈرمىدىن قاچۇرماي 10 دوللارغا سېىتىۋالسىڭىزمۇ ئوخشاش. شۇنداقلا ئىتقسادى كۈچى بار تورداشلارنىڭ ھەقلىقىنى سېتىۋىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.) تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكىنى خالاستان بىلوگى يىڭىدىن تەسىس قىلغان «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» دىگەن سەھىپىدىن كۆرۈڭ.

يۇقارقى دېتالنى ئۈسكىنىگە itools ياكى itunes ئارقىلىق قاچىلىڭىسىڭىزلا تامام.(مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكىنىڭ ھەممىسى خالاستان بىلوگىدا بار).

تەلەپ تەقدىم قائىدىسى بويىچە تۆۋەندە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئازراق تونۇشتۇراي. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بەت يۈزى رەسمىي قوزغىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۈسكىنە توردا بولسىمۇ ياكى تورسىز بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ.

قوزغىتىپ 1 مىنۇت ئىچىدە ئاپتوماتىك ھالدا بىزنىڭ ئورنىمىزنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئوڭ تەرەپ يۇقارقى بەلگىنى بېسىش ئارقىلىق 3 ئۆلچەملىك ۋە ئادەتتىكى كۆرۈنۈش شەكلىگە ئۆزگىرەيدۇ.

خەرىتىنى سۈرۈپ ئۆزىمىزگە يىقىن يولغا چىقىش ئورنىغا ئەكەلگەندىن كىيىن سول تەرەپتە كۆرۈنگەن 收藏夹,设起点,设终点,回车位 دىگەن تاللاشلار ئارقىلىق ساقلاش، باشلىنىش ئورنىنى بەلگىلەش، ئاخىرلىشىش ئورنىنى بەلگىلەش ۋە ئەسلى ئورنىمىزغا قايتىش قاتارلىقلارنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. ئاندىن 我的目的地 دىگەن يەرگە بارىدىغان يەرنى كىرگۈزىمىز ياكى خەرىتىدىن كۆرسىتىپ بىرىمىز.

تەرتىپ بويىچە نىشان يەرنى كۆرسىتىپ بىرىمىز ياكى كىرگۈزىمىز.

يۇقارقى تاللاشلار ئارقىلىق دائىرنى كىچىكلىتىپ ئىزدەش سۈرىتىنى ئاشۇردۇق.

بۇ يەردە 设起点  نى بېسىپ مەزىلنى تاللايمىز.

مەنزىلنى بىكىتىپ بولدۇق. ئەمدى خىيالىي ھالدا ئاساسى ماڭىدىغان يوللارنى بىر كۆرۈپ باقىمىز.

تۆۋەندىكى رەسىمىدىكى 预计到达

دىگەننى باسساق بىزنىڭ ھازىرقى سۈرئىتىمىزنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

ئاندىن 显示实时路况 دىگەن تاللاش ئارقىلىق نۆۋەتتكى قاتناش ئەھۋالىنى بىلەلەيمىز.


يازما ئادېرسىiphoneئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول باشلىغۇچ
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: [Gulan]ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت كېيىنكى: [كۈي] بالىلىق تەئەججۈپلىرىSOUVENIRS D’ENFANCE

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • Enigma ئىجراسىدا مۇزىكا Angels Weep
  • iTunes كۆپ بوشلۇق ئىگەللىۋالغاننىڭ دورىسى
  • [ئىسكىرىپكىدا مۇڭ]Moving_داڭلىق يىنىك مۇزىكا
  • iOS 5.0.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى
  • iPhoneدا يۈتۈپ كەتكەن 个人热点نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
  • 99%يىڭى Sony لەپتوپى ئەرزان سېتىلىدۇ
  • 4.3.5 نى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش دەرسلىكى
  • iPhone ھۆججەت باشقۇرۇش دېتاللىرىدىن ساۋات
  • iOS5 تىن كۆپچىلىككە سالام!
  • ئەڭ ياخشى تور يۈزى RSS ئوقۇغۇچ GoogleReader
  • كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhoneدا ھەقسىز تورغا چېقىش
  • «ئالما»چىلارغا سوۋغات__ دەھشەت خاتىرە
  • Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش
  • ئېھ…خاتىرەم!
  • 4.3.4نى 4.3.3غا بىۋاستە چۈشۈرگىلى بولدى
  • Apple iPad 2 ۋەMotorola Xoom ۋەHP TouchPadۋەBlackBerry Playbook
  • iphoneئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول باشلىغۇچ
  • دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل-ئىچى گۈزەللەر سىماسى
  • iPhone سىستىما بولىقى چۈشۈرۈش
  • ئەقلىفوننىڭ 10 يىللىق تارىخى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار11
  • Pod 2g يىقىندا iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدۇ

19 دانە باھا

  1. Nezeri
    2011/05/14 سائەت 10:14:09 /

    بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن باشقا شەرت كەتمەيدۇ. پەقەت ئۈسكىنە تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسىلا كۇپايە.

  2. yanghin
    2011/05/14 سائەت 09:46:06 /

    auto navigation ni kaqilax uqun shsh ni zapaslax kitamdu ?mining ixlatkn sisitimam siz digandak 4.3.2 edi likin uni kaqiliyalmidim buu nimining ixi ?

  3. Nezeri
    2011/05/14 سائەت 00:17:06 /

    پەرىزىمچە سىز shshنى توغرا زاپاسلىيالمىغان. بۇنىڭغا ئامال يوق. ھازىر پەقەت 4.3.2 ۋە 4.3.3نى ئىشلىتەلەيسىز.
    ئەملىيەتتە 4.3.2 ياخشى، شۇنى ئىشلىتىڭ.

  4. yanghin
    2011/05/13 سائەت 23:21:05 /

    salam man siz digandak adristin auto ni quxurup yaxsammu kaqiliyalmidimghu bolsal tapsili dap bargan boldizngiz?

  5. Nezeri
    2011/05/06 سائەت 21:56:54 /

    ئىككىسى بىر ئىدى.
    ئۇنىمۇ سىناپ ئامال بولمىغان بولسا يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىنى itunesدا زاپاسلىتىپ (ئەگەر شۇنىڭدا قاچلىغان بولسىڭىز) سىستىمىنى قايتا قاچىلاڭ، ئوڭشىلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى. ئۇنى خالىمىسىڭىز باشقا بىر ئالما نىڭ شۇ يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغان مۇندەرىجىسىدىن مۇناسىۋەتلىك رەسىمنى ئىلىپ سىزنىڭ دېتالدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا تاشلىسىڭىزمۇ ئوڭشىلىدۇ.

  6. makanmusic
    2011/05/06 سائەت 15:53:34 /

    91安全助手؟؟؟؟ 91手机助手 بىلەن بىر گەپ ئەمەسما؟ مەن 91手机助手 ئارقىلىق قاچىلىغان شۇنداقلا 图表修复 قىلساممۇ بولمىدى،سىز دىگىنىڭىز 91安全助手 مۇ ياكى 91手机助手 مۇ؟

  7. Nezeri
    2011/05/06 سائەت 14:26:48 /

    91安全助手نىڭ ئالما كومپيۇتېر نۇسخسىىنى قاچىلاڭ، ئاندىن ئۇ ئالما نۇسخىسىنى ئۆزى قاچىلاپ بىرىدۇ.
    سىز كومپيۇتېر نۇسخىسىدا تۇرۇپ 图表修复 دىگەن ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىڭ. خىلى كارغا كىلىدىغان ئىقتىدارى بار.

  8. makanmusic
    2011/05/06 سائەت 12:04:55 /

    تېلفونۇم 8G لىق ئىدى يېقىندا 360 قارانچۇقنى قاچىلىسام ئىچىدىكى نۇرغۇن ئويۇنلار ۋە دىتاللارنىڭ رەسىمى كۆرۈنمىدى،بۇ مەسىلىنى 360 تەرەپكە ئېنكاس قىلدىم،ئۇلار يىراقتىن كونتىرول قىلىپ ئاران تەستە ئەسلىگە كەلتۈردى،لىكىن ئەسلىگە كەلگەن دىتال ۋە ئويۇنلارنىڭ رەسىمى ئاق رەڭلىك چىقىۋالدى،مەن يەنە باشقا مەشغۇلاتلارنى قىلدىم،شۇ ئاق بەلگىلەرمۇ يوقاپ كەتتى، تېلفونۇمى ئاختۇرسام قاچىلىغان دىتال يەنىلا 100 دىن ئارتۇق،لىكىن كۆرۈنگىنى 70~80 ئەتراپىدا ، بەكلا بىشىم قاتتى……… تېلفوننى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ باقايمۇ دەپمۇ ئويلۇدۇم…..لىكىن يەنىلا باشقا ئۇسۇللارنى سىناپ باقاي دىدىم….بۇنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟

  9. Nezeri
    2011/05/04 سائەت 19:40:16 /

    قايتا چۈشۈرگەيسىز. ئادىرىس يىڭىلاندى.

  10. Nezeri
    2011/05/04 سائەت 19:36:41 /

    سىز 4.2.1 نىڭ shsh نەشرىنى زاپاسلىغانمۇ؟ ئۇنداق بولسا tinyumbrella دا tts server نى ئېچىۋىتىپلا 4.2.1 غا قايتۇرۋىلىڭ. بۇ سەل ئوڭاي ئۇسۇل.
    ئەگەر ئۇنى قىلالمىسىڭىز سىز بىلوگىمدىكى DFU غا كىرىش ئۇسۇلى بويىچە ئالما نى dfu غا كىرگۈزۈپ ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتىنى قىلىڭ. مەشغۇلات جەريانىدىكى ئىككى كۇنۇپكىنى مانچە سىكونت تىن بېسىپ تۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  11. Nezeri
    2011/05/04 سائەت 19:33:22 /

    سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئاشكارلىسا مۇشۇ دېتالغا يۈكلەپلا ئىشلەتكىلى بولىشىغا كۆزۈم يېتىدۇ. ئۇلارمۇ خەنچىدىن تەرجىمە قىلغانىكەن.

  12. Nezeri
    2011/05/04 سائەت 19:32:26 /

    ئادىرىس يىڭىلاندى. قايتا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. قولايسىزلىقنى ئەپۇ قىلغايسىز.
    ئۇ بەتتىكى نەرسە بىلەن مەن بەك ئىتىشىپ ئاخىر چۈشەندىم. ئۇلار ئەسلى بۇ بەت بىلەن بىرلىشىپ ئۆزىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانىكەن. ئۇ يەردىن چۈشۈرۈش مۇمكىن ئەمەسكەن.پەقەت پۇلغا سېتىۋىلغان ئابونتلار ئاشۇ يەردىن ئەڭ يىڭى خەرىتە بولىقى چۈشۈرۈپ يىڭىلايدىكەن. سىزمۇ مەن قالدۇرغان ئادىرىستىن چۈشۈرۈپ ئاندىن يۇقارقى بولاقلاردىن يىڭىلىۋالسىڭز بولغۇدەك. لازىم بولمىسا باشقا خەرىتىلەرنى ئېچىدىن ئۆچۈرۋىتىدىكەنسىز. مەن خەرىتە ئامبىرى ئايرىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى تاپالمىدىم.

  13. yanghin
    2011/05/04 سائەت 17:39:20 /

    salam nazari man aghinamning iphonini naxirni koturgandim 4.3.2ga likin turmidin kaqalmidim asli4.2.1 naxirdikan liantong nushisi ham naxir kotirixtin elgiri siz digandak shsh ni zapasliwalghandi likin kiyin 4.2.1ga quxuwalaydapmu quxalmidim yaki hazirki naxirda turmidin kaqalmidim bu kandak ahwal??????????????

  14. makanmusic
    2011/05/04 سائەت 16:29:04 /

    سىز تەمىنلىگەن ئادىرىسقا كىرسەم پەكەت 高德导航v4.3.1(Halastan blog).part17.rar مۇشۇ ھۆججەتلا باركەن…..پىرىستىن يەشسەم خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى.
    بۇ تور بەتتە پەقەت شىنجاڭنىڭ خەرىتە بولىغى ئايرىم باركەن.كىچىك ھەجىمدە قاچىلاش ئۈچۈن قانداق قىلساق بولىدۇ،تېلفونۇمغا پەقەت شىنجاڭنىڭ بۇلىغىنىلا قاچىلاي دىگەن ئىدىم.
    http://iphone.tgbus.com/zt/iphonemap/
    مۇشۇنىلا چۈشۈرۈپ قاچىلاش ئۇسۇلى بارمۇ؟

  15. torbajin
    2011/05/04 سائەت 14:38:15 /

    يول باشلىغۇچنىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىپتۇ.يانفۇندا ئىشلەتكىلى بولسا تاخشى بۇلاتتى.

  16. yasin88
    2011/05/03 سائەت 23:38:50 /

    quxurup yaxsam hatalik uquri qikiwelip yixilmidi .
    birla hujjatkan bolmisa u

  17. ئەركە
    2011/05/03 سائەت 20:34:06 /

    بۇ دېتالنىڭ يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسى مەندىمۇ بار…. بوپ قويىدۇ….
    خوتەن رايونىدىكىلەر مىنى ئىزدىسەڭلار مەن ھەقسىز قاچىلاپ بىرىمەن…

    تېلفۇن: 18609031533
    ( بۇ ئىنكاس ئايپود 4 تە يېزىلدى ) 

  18. Nezeri
    2011/05/03 سائەت 16:01:47 /

    يول باشلاش دىگەننى باسقاندىن كىيىن باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ئورنىنى تاللايدىغان يەرگە (باشلىنىشقا 我的位置 نى ، ئاخىرلىشىشقا 喀什 نى تاللايمىز) يازساقلا بولىدۇ.
    ياكى خەرىتىنىڭ ئۆزىدىن بارىدىغان يەرنى تاللاپلا يول باشلا دىسەك باشلاۋىرىدۇ. سېلى بەلكىم 凯乐迪 نى ئىشلىتىۋاتىلا، مەن ئۇنى چۈشۈرۈپ بولالمىدىم، سۈرەت ئۆلچىگۈچ چوقۇم بار بولىشى كىرەك، ئۇ دىگەن ئاددى ئىقتىدار. مەن ماۋۇ دېتالنى قايتا قاچىلاپ تەپسىلىي ئىزدەپ جاۋابىنى بىرەي.

  19. ئابدۇرېشىت
    2011/05/03 سائەت 15:18:00 /

    مەن بۇنىمۇ چۈشۈرۈپ قاچىلىغان. بىراق يول باشلاشنى تازا قاملاشتۇرالمىدىم (مەن ھازىر تۇرغان ئورنۇمدىن قەشقەرگە ماشىنىلىق يولغا چىقماقچى بولسام قانداق تەڭشەشنى ئۇقالمىدىم) ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يول باشلاش دېتالىمۇ، كەيلىدى يول باشلاش دېتالىمۇ ئوخشاشلا ماشىنىنىڭ نۆۋەتتىكى تېزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىكەن. تەڭشەيدىغان يىرى بارمۇ يا؟

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

  • خەتكۈچلەر

    GoogleAdsense مۇڭ iphone4s iPhone epub steve jobs ھەقسىز خالاستان بىلوگ icloud itunes Mac OS X appstore shsh iOS 6 IT google ipad قۇلۇپ symbian يۇنىكود ئۆلچىمى ipad 3 ئۇيغۇر ios gulan ios5 iPod JailBreak Siri ئەقلىفون مەھسۇلات uyghur pxl ipad2 iphone4 RSS cydia apple
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club