• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

«iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى

2011-06-24 | Nezeri | ئالما ساۋادى| 29 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

ئارىمىزدا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى يىڭىدىن تونۇغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى ۋە مۇركەبىر بىرلىكتە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بۇ «قىممەت» ئۈسكىنىدىن ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» تۈزۈپ تارقاتتۇق.

كىرىش سۆزى:

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!

قەدىرلىك ئاكا-ئىنى، ھەدە سىڭىل! مەن خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى نەزەرى. خالاستان بىلوگى بولسا «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى»(XJMac.com) نىڭ تارمىقىدىكى كىچىك بېكەت. مەن «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى» تە ئۇستازلاردىن ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك، ئاددى يوسۇندا بىلوگ ئارقىلىق تارقىتىۋاتىمەن خالاس.

ئىلمنىڭ زاكىتىنى بېرىش تەشۋىقى بىلەن بىلوگ قۇرۇلغاندىن بىرى نۇرغۇن ئىلىمسۆيەر قىرىنداشلارنىڭ مەدىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدا مەلۇم تەسىرگە ئىگە بولدى. بولۇپمۇ زامانىمىزنىڭ ئەڭ ئەركە مەھسۇلاتى بولغان iPhone,iPod,iPad قاتارلىق ئۈسكىنىلەرگە كەسپىي تېخنىكىلىق مەسلىھەت تەمىنلەش شۇئارى بويىچە يول تۇتۇپ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىنىمىز مۇركەبىر يىقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئالما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسنىڭ ئورگىنالىنى ماڭا تاپشۇرغان.مەن بىخلان ئەپەندىنىڭ كۆرۈپ بەرگەن پىكىرى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مەزمۇنلارغا يىڭىلاش ئېلىپ باردىم. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن كود ئالماشتۇرۇش(ئەسلى مەزمۇن پۈتۈنلەي كىڭەيتىلگەن رايۇندا يېزىلغان)، تەھرىرلەش، بەت ياساش ئىشلىرىنى سەل كىچىكتۈرۋەتتىم.

ئاددىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي :بۇ كىتابتا سۆزلەنگەندە مەزمۇنلار گەرچە iPhoneھەققىدە بولسىمۇ بارلىق مەزمۇنلار دېگۈدەك ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بولغان iPhone,iPod,iPadغا ماس كىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ 3 مەھسۇلاتنىڭ مەشغۇلات سىيستېمىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش. iPhoneئەسلى ipod touch ئاساسىدا ئىشلەنگەن. ipod touchقا تېلفون ئۇرۇش، يول باشلاش ئىقتىدارى قوشۇلسا  iPhoneغا تەڭداش كىلىدۇ. iPad بولسا ئىكرانى چوڭايتىلغان ipod touchقا باراۋەر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئاددىيلا كىتابچە، ئاددىيلا لايىھە، ئاددىيلا مەزمۇن… خالاستان بىلوگىنىڭ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى، يىڭىدىن ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇچراشقانلار ۋە ئۇچراشماقچى بولغانلارغا بەرگەن ئاددىي سوۋغىسى.

كىتابچىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى يېزىپ، رەسىملىرىنى بىر-بىرلەپ سىزىپ چىققان مۇركەبىرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بىلىك كۇلۇبىدىكى ئالىمجاننىڭ قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىگىمۇ كۆپ رەھمەت. خوش، ئوقۇرمەننىڭ دىققىتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولغاي…

كىتابچىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى : ../load/iPhone.pdf

خەتكۈچلەر: apple,ipad,iPhone,iPod
يازما ئادېرسى«iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: ئۇيغۇرچە wikipedia نىڭ يىڭى ئامبىرى پۈتتى كېيىنكى: iPad تەگلىك رەسىملىرى

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • گۇاڭدوڭ تىلگىرافى تۇنجى CDMA نۇسخىدىكى iPhone4نى سىنىدى
  • iPhoneغا 3Dبەت ئۆرۈش ئۈنۈمى قوشۇش
  • 3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش
  • قېپى ئېچىلمىغانiPodTouch3G,32Gنى 1400يۈەن
  • iPhone 5 ھەققىدە پەرەزلەر
  • iPhone4sتۇغۇلدى(گۈدۈكتىن)فىلىم
  • ipad2 جوڭگودا ئامىركىدىن بىر ھەسسە قىممەت
  • RSS ھەققىدە مۇپەسسەل بايان
  • iOS 5 تە تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى ئېچىش
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار2
  • AppStoreدىن چۈشۈپ بولالمىغان ئەپنى ئۆچۈرۈش
  • ئايفون ئۈچۈن تەكشىلىكتىكى رەسىمگە بوشلۇق ئۈنۈم قوشۇش دېتالى (ۋاقىتلىقلا ھەقسىز!!!)
  • iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش
  • iPod Touch4 ئەۋلادنىڭ 8G لىقى
  • مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار18
  • iPhone4s ئېلان قىلىش يىغىنى (مۇھىم نوقتىسى)
  • iphoneنى كومپيۇتېر ئۈچۈن كامېرا قىلىش
  • GoogleيىقىنداMotorola Mobilityنى سېتىۋالماقچى
  • 手机飞信(ئۇچار خەت)نىڭ wifi نۇسخىسى چىقتى
  • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
  • ipad2 ۋە ipad1نىڭ پەرقى

29 دانە باھا

  1. تاشيولچى
    2012/02/26 سائەت 18:37:26 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! نەزەرى قېرىندىشىم ،بۇ بىئولوگگا كىرىپ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرشتىم، ئاللا قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن! 3جى ئەس تېلفونۇمنى 5.0 نەشىرىگە كۆتۈرگەن ئىدىم،خېلى ياخشى بولغان .بىراق ئازراق ئۆتكەندىن كىيىن يىڭلامسىز ؟ دىگەن ئۇچۇر چىقتى ،يېڭلاپتىمەن. ئاخېرىدا ئاق ئالما چىقىپ تۇرۋالدى،سىز كۆرسەتكەن تەرتىپ بويىنچە كۆپ سىناق قىلساممۇ يەنىلا ئوڭشالمىدى،3194،3195،20،21 دىگەندەك ئۇچۇرلار چىقۋالدى،(ئەپسۇسلارنىقى زاپاسلاش مەشغۇلاتىنى قىلماپتىكەنمەن).ساق ئىككى كۈن بولدى ،ھەپىلشىۋاتىمەن يەنىلا شۇ ئەھۋال. سىزنىڭ تۈرلۈك بىلىملىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك كۆرۈپ بولدۇم،يەنىمۇ چوڭقۇر بىلىملرىڭىزنى كۈتىۋاتىمەن. رەخمەت

  2. Nezeri
    2011/07/07 سائەت 00:36:03 /

    پۈتتى

  3. Nezeri
    2011/07/07 سائەت 00:30:32 /

    ماقۇل ، مەن ئېلىۋىتپ بىرنى يوللاپ قوياي.

  4. 1987
    2011/07/06 سائەت 22:20:39 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    مېنىڭ بىر نەچچە دوستلۇرۇم ھەربىر بەتكە قوشۇلغان تامغىلار ئارتۇقچە بوپ قاپتۇ. دەيدۇ.مېنىڭچىمۇ ئۇ تامغىلار بولمىسىمۇ ھەر بىر بەتتە خالاستان سۆزى بار ئىدى.ئېلىۋېتسەك بولامدۇ نېمە.  

  5. تورباجىن
    2011/07/05 سائەت 17:46:26 /

    ئەجەپ ياخشى بوپتۇ.ئايفۇننى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيدىكەنمىز ھە!

  6. Nezeri
    2011/07/05 سائەت 08:47:24 /

    كۆپ رەھمەت

  7. دىل
    2011/07/02 سائەت 00:03:14 /

    نەزەرى قىرىندىشىمىز بىلەن مۇر كەبىر قىرىندىشىمىزنىڭ بۇ مىھنەتسىز ئەجرىگە كۆپ رەخمەت. بۇ كىتاب ھەقىقىقەتەن ئخچام، مىغىزلىق ،چۇشنىشلىك ئەتراپلىق چىقىپتۇ .ئايفۇنغا چۇشۇرۇپ كۆرۇۋىدىم خەتلىرىمۇ شۇنداق چىرايلىق ھەم ئىنىق كۆرۇندى.بۇ قوللانمىدىن خىلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم.بۇندىن كىيىنمۇ بۇنداق نادىر ئەسەرلىرىڭلارنىڭ ئۇزۇلۇپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۇمىد قىلىمەن.رەخمەت سىلەرگە.

     

  8. Nezeri
    2011/06/27 سائەت 10:12:38 /

    كۆپ رەھمەت.

  9. ئىبراھىم
    2011/06/27 سائەت 00:19:16 /

    ئايفۇن بىلەن دەسلەپكى تونۇشقۇچىلار ئۈچۈن ھەقىيقەتەن ياخشى كىتاپ بوپتۇ.
    نەزەرى،مۇركەبىر،ئەپەندىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەپرىكلەيمەن.
    دوسلار غا يەنە بىر كىتاپ كۆرگۈچنى تەۋسىيە قىلاي،بۇ كىتاپ كۆرگۈچنىڭ گەرچە iboksتەك كۆركەم كىتاپ جازىسى بولمىسىمۇ كىتاپ ۋاراقلىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ قويىدۇ :smile: كىتاپ كۆرگۈچنىڭ ئىسمىSTANZA ‘ ئايتۇنىستىن شۇنداق دەپ ئىزدىسەڭلار چىقىدىكەن. PDFنى قوللايدىكەن ياقتۇردىغان دوسلار چۇقۇم چىقىدىغۇ دەيمەن 

  10. Nezeri
    2011/06/26 سائەت 20:24:38 /

    شۇنداقمۇ ؟ ھەزرەتلىرى. سىلىنىڭ تېمىلىرى بولسىمۇ يوللىسىلا مەۋە گە بولىدۇ جۇمۇ . يەكىلىمەيمىز. ئەمدى سىلىگە تايىنىدىغان دەۋرگە كەلدۇق….

  11. Nezeri
    2011/06/26 سائەت 20:20:30 /

    كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس…..

  12. Nezeri
    2011/06/26 سائەت 20:19:43 /

    http://www.cnepub.com/discuz/thread-5242-1-1.html
    ماۋۇ دەرسلىكنى كۆرگەيسىز. مەن ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئۇنداق ئايلاندۇرۇپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى PDF نى بىر ئوبدان تونۇيدۇ.

  13. ئۇيغۇربەگ
    2011/06/26 سائەت 13:27:16 /

    كۆرۈپ چىقتىم، مەزمۇنى ھەقىقەتەن ياخشى ، ئەمما تامغا رەسىملىرى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ! :twisted: :twisted: :twisted: :twisted: :twisted:

  14. ئاجايىپ
    2011/06/26 سائەت 04:40:14 /

    مۇشۇنداق تېمىلارنى قاچانمۇ بارمىقىمنى چىشلىمەي iPhone پارقىرىتىپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولارمەن. ھەي … :roll:

  15. ئۈمىد
    2011/06/26 سائەت 01:48:41 /

    epub ھۆججەتنى قايسى سىستىمىدا ساقلايدۇ.. بىر قانچە دىتاللارنى ئىزدىگەن بولساممۇ ئۇيغۇرچىغا تازا ماس كەلمىدى

  16. ilham
    2011/06/25 سائەت 01:08:55 /

    كىتاپ بەكلا كۆركەم چىقىپتۇ، رەسىملەرمۇ شۇنداق سۈزۈك، بولسا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىشلىتىش قوللانمىسى تۈزۈپ بەرسىڭىز ، كۆپ ئادەم مەنپەئەتلەنگىدەك،

  17. Nezeri
    2011/06/24 سائەت 18:06:44 /

    رەھمەت

  18. ي. م. ئىلقۇت
    2011/06/24 سائەت 15:31:32 /

    مەن چۈشۈرۈپ مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتۈپ باقتىم (ئۆزۈمنىڭ ئالمىسى بولمىغاچقا تەپسىلىي كۆرمىدىم) ياخشى چىقىپتۇ. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. تېخىمۇ تىرىشقايسىلەر…..

  19. Nezeri
    2011/06/24 سائەت 15:17:00 /

    بولىدۇ.مەن ئادەتتە pdfنى پۈتۈنلەي iBooksتا كۆرىمەنغۇ. iBooks نىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئىككى تاللاش بار. شۇ يەردىن تاللىساقلا كۇپايە.

  20. ئابدۇرېشىت
    2011/06/24 سائەت 14:28:02 /

    مەن PDF كىتابنى iBooks قا قاتقىلى بولىدۇ دېگەن قۇرلارغا قىزىقىپ ئۆزۈمدىكى PDF كىتابلارنى iTools ئارقىلىق iBooks نىڭ Documents مۇندەرىجىسىگە تاشلىساممۇ iBooks جازىسىدا مەن قاچىلىغان كىتابلار كۆرۈنمىدى.

  21. ھەييار
    2011/06/24 سائەت 13:35:18 /

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بەك ياخشى چىقىپتۇ.سافارى داۋنلود بىلەن ئايفونۇمغىلا چۈشۈرۈپ ئايبۇكستا ئاچتىم.

  22. ھەييار
    2011/06/24 سائەت 12:39:32 /

    بۇنداق يازما يوق ……………………….دەپ چىقىۋالدى.

  23. 1987
    2011/06/24 سائەت 11:03:10 /

    ۋوي…راس چۈشمەيدىيا…

  24. پاسىبان
    2011/06/24 سائەت 10:46:50 /

    چۈشۈرۈپ ئاچسام ئېچىلمىدى. 不是一个PDF文件或者文件已损坏 دەيدۇ

  25. ئابدۇرېشىت
    2011/06/24 سائەت 09:27:38 /

    ھۆججەت ئۆچۈرۈلگەن دەيدۇيا… بىر قاراپ باقساڭلار!

  26. 1987
    2011/06/24 سائەت 09:21:13 /

    ئاپلا…كىيىن قاپتىمەن…

  27. yanghin
    2011/06/24 سائەت 09:20:05 /

    salam kitapni quxuralmidimghu kitap quxurux adrisini qaksam hatalik uqur qikiwaldi

  28. bagzada
    2011/06/24 سائەت 09:00:06 /

    بەك بەلەن ئىش بوپتۇ…بۇ جانۋارنى تۇززك ئىشلىتەلمەي يۇرەتتىم، لىكىن كىتابىنى چۈشۈرۈش ئادرىسىغا بىر قاراپ باقامسىز..

  29. Nezeri
    2011/05/24 سائەت 13:22:28 /

    تورداشلارنى ئاۋارە قىپتىمەن، ئەپۇ قىلىڭلار.سەھەردە ئۆزۈمنىڭ بوشلۇقۇمغا يوللاپلا سىنىسام نورمالتى، ھازىر قارىسام چۈشمىدى. قارىغاندا قاراقچىلار چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنە چەكلەپتۇ. ھازىر باشقا بوشلۇققا ئۇلاپ قويدۇم، قايتا ئەسلىگە كەلدى.

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    2. بۆرە:
      ULYنى ئۇيغۇر ئەرەپ يىزىقىغا ئايلاندۇرى…
    3. شەمشەر:
      ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .ئۇستازلار. بىزنى ي…
    4. o8u3px:
      你的博客也很不错哦~会经常关注!…
    5. ئەلگە نەپ:
      رەھمەت سىزگە چۈشۈرۋالدىم ۋاقىت…
    6. شەمشەر:
      ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇمئۇستازلار ياخشىمۇ سى…
  • خەتكۈچلەر

    uyghur ھەقسىز shsh ئۇيغۇر iOS 6 Mac OS X ئەقلىفون مۇڭ epub ipad2 iphone4s steve jobs ios5 apple مەھسۇلات symbian ipad 3 iphone4 GoogleAdsense appstore يۇنىكود ئۆلچىمى خالاستان بىلوگ pxl IT google gulan icloud JailBreak iPod RSS cydia iPhone ipad Siri ios قۇلۇپ itunes
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club