• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)

2011-07-09 | Nezeri | تۈرمىدىن قاچۇرۇش| 24 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

ئالمىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن مەقسەت ئۇنىڭ ئىقتىداردىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە. بىز يۇقىرى سەپلىمىلىك بۇ قاتتىق دىتال بىرلەشمىسىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈگىنىۋىلىشىمىز كىرەك.

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ پايدىسىنى بۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز.../445.html

تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئالما مەھسۇلات ئشىلىتىش تەجىربىسىگە ئاساسەن بىر نەچچە قولايلىق يۇمشاق دىتاللارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئالمىغا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىين قاچىلانغان دېتال cydia ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ.

cydia ئشىلىتىش دەرسىلىكى ../928.html

تۆۋەندە ئىسمى ئاتالغان دېتاللارنى cydia نىڭ ئىزدەش كۆرنىكىگە كىرگۈزۈپلا ئىزدەپ قاچىلىسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

1. SBSettings


بۇ دېتال بولسا مەن ئەڭ رازى بولغان ئالما باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى. ئالما نىڭ ئىكىران ۋە يىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى ناھايتى چەكلىك. شۇڭا نۇرغۇن ئىشلارنى بىر باشتىن ئىزدەپ تېپىپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. SBSettings دىگەن دېتال ئارقىلىق نۇرغۇن مەشغۇلاتنى بىرەر ئىنكاس ياكى ھالەتكە توغۇرلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن مەن ئالمانىڭ ئىكرانىدىن سائەتنى تۇتۇپ تۇرسام ناخشا قويغۇچ قوزغىلىدۇ، ئىكراننىڭ ئەڭ ئۈستىدە قولۇمنى ئوڭغا سۈرسەم كىيىنكى ناخشا، سولغا سۈرسەم ئالدىنقى ناخشا. ئىكرانغا قولۇمنى ئككى ئۇرسام wifi ئېچىلىدۇ، يەنە ئۇرسام ئېتىلىدۇ. يۇقىردىن تۆۋەنگە ئاستا سۈرسەم كىتاب ئوقۇغۇچ، تۆۋەندىن يۇقۇرغا سۈرسەم تور كۆرگۈ  ئېچىلىدۇ….. يەنە نۇرغۇن قوللىنىشچان ئىقتىدارلىرى بار. خەنچە كۆرۈنمە ھالەتتە ھەممىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ. دېتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئىكراندىكى سائەت بەلگىسى ئۈستىنى تۇتۇپ تۇرغاندا باشقۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ.

2.WinterBoard

بۇ دېتال ئادەتتە ئالماغا ئۆزگىچە تەگلىك ۋە ئىكران ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدۇ. ئالما ئۆزى تەمىنلىگەن ئىكران ئۈنۈمى بىر نەچچە خىللا بولۇپ باشقا يانفونلارغا ئوخشاش ئىكران كۆرۈنۈشى، رەسىملەر، كۆزنەك ئۈنۈملىرىنى ئۆزگەرتىشتە چەك بار. تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان كىيىن WinterBoard دېتالى ئارقىلىق cydiaتەمىنلىگەن چەكسىز ئىكران ئۈنۈملىرىدىن پايدىلغانلى بولىدۇ. بۇرۇن 91 چوماقچىسى ئارقىلىق بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئەمدى بۇ دېتال ئارقىلىق قىلسا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.

3.InfiniFolders

بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئىكرانغا تېخىمۇ كۆپ كۆزنەك پاتۇرغىلى بولىدۇ. ئالما نىڭ بىر بېتىدە 4*4=16 دانە كىچىك سىنبەلگە (قوللانما) سىغىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە ھۆججەت قىسقۇچ قوشۇلسا، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە يەنە 3*4=12 دانە بالا سىنەلگە پاتىدۇ. InfiniFolders ناملىق بۇ دېتال ئارقىلىق ئىكرانغا خالىغان ساندىكى سىنبەلگىنى پاتۇرغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ھۆججەت قىسقۇچقىمۇ تېخىمۇ كۆپ سىنبەلگە پاتۇرۇشقا بولىدۇ.

4.MyWi


بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق iphone نىڭ 3G تورىدىكى سېگىنالنى wifi شەكلىدە باشقا wifi ئۈسكىنىلەرگە ئورتاق قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. بىلوگگېر نەزەرى ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارلارنىڭ بىرى مۇشۇ. باشقا تورداشلارنىڭمۇ زامانىۋى ئۈسكىنىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىرشىشى ئۈچۈن بۇ خىل چارىنى سىناپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

5.My3G


بۇ يۇمشاق دېتال بەزى قوللىنىشچان دېتللارنى ئالداش ئۈچۈن ياسالغان. يەنى ئالما دىكى بەزى يۇمشاق دېتاللار پەقەت wifi مۇھىتىدىلا ئىشلەيدۇ. مەسىلەن facetima. شۇڭا سىز 3G تورىدا تورىغا چىققان بولسىڭىز، لىكىن مۇناسىۋەتلىك دېتال پەقەت wifi مۇھتىدىلا ئىشلىسە، سىز بۇ دېتال ئارقىلىق ئۈسكىنىگە سۈنئىي wifi مۇھىتى بەلگىلەپ 3Gتوردىمۇ ھەممە يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز.

خەتكۈچلەر: ipad,iPhone,iPod
يازما ئادېرسىتۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: iPhone ھۆججەت باشقۇرۇش دېتاللىرىدىن ساۋات كېيىنكى: [تەۋسىيە]iPhoneنى تەھرىرلەش،بارماق دېسكا قىلىش

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • 4.3.5نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ۋە يىتەكلەش دەرسىلىكى
  • iTunesھىساب نۇمۇرىنى ھەقسىز ئېلتىماس قىلىڭ
  • ئەڭ ياخشى تورسىز RSS ئوقۇش دېتالىFeedDemon
  • [مۇڭ] ساكېستا ئورۇندالغان مۇڭ «تەڭرىتاغ»
  • iPod Touch نى سىھىرگەرلىكتە ئىشلەتسە مۇنداق بولىدىكەن
  • iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش
  • iPhone نىڭ SIM كارتىسىغا ماس PIN نومۇرى
  • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
  • ھەي-ھەي مۇبارەك!نوروز مۇبارەك!ئايەم مۇبارەك!
  • تەرجىمانلار، مائاشىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئالغايسىزلەر
  • يىقىندا googleadsenseئېلانى ئالغانلار دىققەت!
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار10
  • ئەرزان iPodTouch4,8G سېتىلىدۇ
  • iOS4.3.2نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • ئىزدەش ماتورىدىن com نى ئىزدىسە نىمە چىقىدۇ؟
  • iTunes ئارقىلىقiPhoneغا ناخشا-كىنو قاچىلاش
  • ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىشى كىرەك بولغان بىلىم —ULY
  • redsn0w 0.9.10 ئارقىلىق 5.0.1نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ
  • ipad2چىقتى ipad1نىڭ باھاسى1100يۈەن چۈشتى
  • iPhone4s ئېلان قىلىندى
  • دىققەت! ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ios5 تە نورمالسىز
  • iTunes دىكى 3194 خاتالىقىنى ئوڭشاش

24 دانە باھا

  1. iPhone تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار | 哈拉斯坦博客 Halastan Blog خالاستان بىلوگ
    2011/07/15 سائەت 17:07:12 /

    [...] [...]

  2. ئابدۇرېشىت ئېلى تور بېتى » Blog Archive » ئالما مەھسۇلاتلىرىدا كۆكچىشنى ئىشلىتىش
    2011/07/09 سائەت 00:25:09 /

    [...] مەشغۇلات باشقۇرۇش دېتالى sbsettings نى قاچىلاڭ. دەرسلىك . بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى ناھايتى كۆپ، خالاستان بىلوگىمىز…. تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىمىغاندا بۇ دېتال [...]

  3. iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى | خالاستان بىلوگىHalastan Blog哈拉斯坦博客
    2011/07/08 سائەت 19:02:59 /

    [...] مەشغۇلات باشقۇرۇش دېتالى sbsettings نى قاچىلاڭ. دەرسلىك . بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى ناھايتى كۆپ، خالاستان بىلوگىمىز…. تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىمىغاندا بۇ دېتال [...]

  4. Nezeri
    2011/05/03 سائەت 20:20:05 /

    ماقۇل . مەن ئىزدەپ ئۇچۇرىنى بىلوگىمدا قالدۇراي.

  5. ئالىم جان 07
    2011/05/03 سائەت 14:07:05 /

    سىز تەۋسىيە قىلغان ماي ۋىي mywiدىگەن رۈۋەنجەن بەك ياخشى قولايلىق نەرسىكىەن ئايپۇندا wifiتارقاتقىنى بولىدىكەن ئىككى ئۈچ كۈندىن كىيىن پەقەت ئىشلىمىدى ھەققلىق ئوخشايدۇ مۈمكىىن بولسا ھەقسىزلىرىنى يوللاپ قويساڭلار بولاپتىكەن مەن ئىزدىسەم ھەقسىزلىرىنىڭ كونىراق نۇسقىسى باركەن يىڭىسىدەك ئىقدىدارلىرى تولوق ئىشلىمەيدىكەن
    ئەڭ يىڭىسى نۇسقىسى 60 4.0

  6. Nezeri
    2011/04/24 سائەت 21:57:41 /

    سىز مۇنۇ دېتال ئارقىلىق قايتا ئورنىغا تاشلاڭ
    ../1124.html
    ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسى مىنىڭ بىكىتىمنىڭ ICP سىغا ساقلاپ قالدى. يىقىندا چىقسىلا مەن بوشلۇقنى قوڭ قۇرۇقلۇققا يۆتكەپ، سىستىمىنىڭ نەشرىنى چۈشۈرىمەن.

  7. yanghin
    2011/04/24 سائەت 20:32:43 /

    salam nazari aldinki kitim telpunimning naxirini koturganda tilppunimdiki rasimlarni kompitergha eliwalghan amdi karkanqa kilipmu tilpunimgha alalmidim buni kandak aliman ?yanabir masila karisam manden baxkilar ning hammisi inkasni uyghur qa yezipyu man yazsa xu latinqa qikidu bunimining ixi ?

  8. Nezeri
    2011/04/23 سائەت 20:28:46 /

    تۈزۈت قىلماڭ. مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى بىلوگدا سوراپ تۇرسىڭىز تېز سۈرەتت تېخنىكىلىق قوللاشقا ئىرىشىسىز، شۇ باھانىدە باشقىلارنىمۇ بىلمىلىك قىلىپ قويىسىز.

  9. مۇركەبىر
    2011/04/23 سائەت 19:29:55 /

    ئۇنداقتا ….. ئەمدى تۈرمىدىن قاچۇرۇش بىلىملىرىغا ئاتلانسام بولغۇدەك….بىراق تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ خېلى كۆپ ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلانغان ئىدىم… مەسلەن ھەقسىز سېستىمىلاردىنمۇ خېلى ئىسشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن…. مەسلەن: eudic دېگەن لوغەتنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىغىمۇ ھەقسىز تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لوغەت ۋە ئاساسەن دۇنيادىكى خېلى كۆپ تىللىق لوغەتنى قاچىلىغىلى بولىدىكەن…
    ئۇنداقتا مەن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ باقاي…قېنى قىلالامدىم….
    رەھمەت ….ئەمسە…بەك كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم سىزنى…. :lol:

  10. Nezeri
    2011/04/23 سائەت 19:18:06 /

    ئېنىق سورىۋالاي ….يۇقارقى دېتاللار قايسى مەنبەدىن تارقىلىدۇ؟؟؟ linux ئاچقۇچىلار غا ئوخشاش خالىس ئۇستاملار تارقىتامدۇ؟

    ئوخشاش ئەمەس دەل Linux قا يۇمشاق دېتال يازغۇچىلار يازىدۇ ئۇنى. چۈنكى iOS مۇ Linux نىڭ بىر بالىسى، darvin نى نېگىز قىلغان Linux مەشغۇلات سىستىمىسى ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا پروگراممىرلار DEB فورماتىدىكى دېتاللارغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا iOS كە ماس نەشرىنى ياسىيالايدۇ. Cydia نىڭ مەۋجۇتلۇقى، تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىگەنلەر قانۇنلۇق ئىشلار. ئەمما iTunes دىكى ھەقلىق دېتاللارنى يېشىپ تارقىتىش، ئىشلىتىش قانۇنسىزلىققا كىرىدۇ.

  11. Nezeri
    2011/04/23 سائەت 19:14:33 /

    شۇنداق. سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇپ iTunesدىن ھەقسىز دېتاللارنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. يېشىۋىتىلگەن IPA فورماتىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىمىسىڭىز ئاندىن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغان بولسىىز.
    باشقا فورماتتىكى دېتاللار ھەقسىز.

  12. مۇركەبىر
    2011/04/23 سائەت 17:14:37 /

    ئېنىق سورىۋالاي ….يۇقارقى دېتاللار قايسى مەنبەدىن تارقىلىدۇ؟؟؟ linux ئاچقۇچىلار غا ئوخشاش خالىس ئۇستاملار تارقىتامدۇ؟

  13. مۇركەبىر
    2011/04/23 سائەت 17:10:43 /

    مېنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرماسلىقىمنىڭ سەۋەبى…ھەقلىق دېتاللارنى ياسىغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز ئىشلىتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. ئۇنداقتا مەن تۇرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئايتيۇنىزدا يوق ياكىئايتيۇنىزداھەقسىز دېتاللارنى ئىشلەتسەملا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ شۇنداقمۇ؟؟؟

  14. Nezeri
    2011/04/23 سائەت 16:34:37 /

    بۇ دېتاللار iTunes غا چىقالمايدۇ. چۈنكى بۇ دېتاللار سىستىما ئىجرا ھوقۇقى تەلەپ قىلىپ ئىجرا بولىدۇ، سىستىما قوزغالغاندا بىللە قوزغىلىدۇ، يۇقىرى ھوقۇقتا ئىجرا بولىدۇ. ئالما تەرەپ iTunes غا چىقىدىغان دېتاللارغا بۇنداق چەكلىمە قويغان.
    شۇڭا بۇ دېتاللارنى پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرغاندىلا cydia سۇپىسىدا تۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
    تەكلىۋىم، تۈرمىىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىڭ.

  15. مۇركەبىر
    2011/04/23 سائەت 13:09:33 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…
    مەن يۇقىردىكى دېتاللارنى ئايتيۇنىزدىن ئىزدەپ تاپالمېدىمغۇ؟؟؟
    مەن بۇرۇندىن تۈرمىدىن قاچۇرسا باشقىلار ئايتيۇنىزدا ھەقلىق سېتىۋاتقان سېستىمىلارنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىدىغان گەپ دەپ ئويلاپتىكەنمەن….ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟؟؟

  16. Nezeri
    2011/04/23 سائەت 12:57:01 /

    شۇنىڭ ئىشى.
    سىز cydia دىن appcync-for-4.0 دىگەن ياماقنى قوشۇڭ. ئوڭشىلىدۇ.

  17. Nezeri
    2011/04/23 سائەت 12:54:08 /

    设置نىڭ ئىچىدە winterboard دەيدىغان بىر تاللاش تۈرى بار. شۇ يەردە ئۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن بەلگىلەشلەر بار، بىربىرلەپ سىناپ باقسىلا. بەزى بەلگىلەشلەرنىڭ رولىنى مەنمۇ تولۇق بىلىپ كىتەلمىدىم. تۈنۈگۈن مەن windowsXP نىڭ بولىقى قاچىلىغان، شۇ چاغدا ئاندىن winterboard ئېچىدىمۇ زور ئىقتىدار بارلىقىنى بىلدىم.

  18. yanghin
    2011/04/23 سائەت 12:27:04 /

    asli apt.weiphone.com/cydia ni katmaptimankan hazir nurmal kaqiliyalidim

  19. yanghin
    2011/04/23 سائەت 12:11:34 /

    nazari man tilpinimning naxirni koturudum4.3.2ga turmidinmu kaqurup boldom likin siz ga aldin kitim digandak itunes den birnarsa kaqilisam kaqilanmidi siz dap bargandak cydia gha appweipphone.com/cydia kitiwaldim likin siz digan api补丁ni quxiralmidim bunimining ixidu ?

  20. yanghin
    2011/04/23 سائەت 12:02:12 /

    php digini nima u ?

  21. raxit1973
    2011/04/22 سائەت 23:44:17 /

    مەن WinterBoard ماۋۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام Kuaidial يوقاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا WinterBoard نى ئۆچۈرىۋەتسەم ئاندىن پەيدا بولدى. يوقاپ كەتكەندە لايىھەلەش تىزىملىكىدىمۇ يوق ئىدى. كېيىن WinterBoard نى ئۆچۈرسەم يەنە نورمال پەيدا بولۇپ قالدى، نېمە ئىشتۇ دەپ قالدىم.

  22. Nezeri
    2011/04/22 سائەت 22:43:25 /

    مەن 5- سىدىن باشقىلىرىنى ئىشلىتىپ كۆنگەن. ھەقىقەتەن قولاي دېتاللاردە.
    تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلار پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالامايدۇ.

  23. omar14
    2011/04/22 سائەت 22:18:20 /

    ماۋۇلاردىن تۈنجىسىنى مەن ياقتۇردىكەنمەن

  24. تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(2) | Halastan Blog
    2011/04/22 سائەت 21:39:52 /

    [...] ھازىرقى ئورنىڭىز : باش بەت >APPLE>مەزمۇنى RSS ئالدىنقىسى تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان [...]

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبرەت:
      ئايفۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات ئايفونسى …
    2. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    3. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    4. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    5. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    6. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    steve jobs icloud shsh Siri appstore IT uyghur symbian gulan apple قۇلۇپ ipad ios5 iPhone يۇنىكود ئۆلچىمى JailBreak خالاستان بىلوگ iphone4s ipad 3 مەھسۇلات iPod GoogleAdsense RSS cydia google ئەقلىفون مۇڭ ipad2 Mac OS X iOS 6 iphone4 ios itunes epub ھەقسىز pxl ئۇيغۇر
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club