• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

ھەي-ھەي مۇبارەك!نوروز مۇبارەك!ئايەم مۇبارەك!

2011-03-21 | Nezeri | تەرمىلەرگىچە| 12 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

2009-يىلى 9-ئايدا ب د ت «نورۇز» بايرىمىنى ئىناسانىيەتنىڭ غەيرى-ماددى مەدىنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزدى.

2010-يىلى خەلقئارالىق بايرام سۈپىتدە تۇرغۇزۇلدى. بۇ يىلمۇ بېيجىڭ، ئۈرۈمچى قاتالىق چوڭ شەھەرلەردە ھەرخىل كۆلەملىك تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى

تۆۋەندە بايانىمىز نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى چۈشەنچىدە بولسۇن

نورۇز بايرىمى بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۇنى ئۆتكۇزىلىدىغان مىللى ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى. قومۇلدا بۇ بايرام "سەھراخەتمە" دەپ ئاتىلىپ ھەر يىلى "نورۇز بايرىمى" ئۆتكۇزۇلىدىغان كۇنگە توغۇرلىنىپ دىنىي تۈس ئالغان ھالدا ئۆتكۇزىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا، يېقىنقى دەۋرلەرگىچە "نورۇز بايرىمى"، "نورۇز مەشرەپلىرى" ساقلانغان. كېيىن شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتى غەرەزلىك ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرغان، نۇرغۇن تارىخى پاكىتلار ئۇيغۇر "ئون ئىككى مۇقامى" تەركىبىدە "نورۇز مۇقامى" دەپ ئاتالغان بىر مۇقامنىڭ بارلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنە شۇ "نورۇز مۇقامى" تۈركى خەلقلەردە ھەر خىل شەكىلدە گەۋدىلەنگەن ۋە ئۈستۇنلىكنى ئالغان ياكى تەسىر كۆرسەتكەن ، رايۇنلارغا كەڭ تارقالغان،ھەمدە ئۇنىڭ "نورۇز بوزرۇك"، "نوئۇرز ھۆسەينى"،"نوئۇرز بۇ سېلىڭ"،"نورۇز راست"،"نورۇز سۇلتانى" قاتارلىق كۆپلىگەن ۋارىيانتلىرى بولغان. بىراق، بۇ قەدىمى مۇزىكا گۇرۇپىلىرىنىڭ روشەن نەمۇنىلىرى ساقلانمىغان، گەرچە قومۇل مۇقاملىرىدىمۇ "نوئۇرز مۇقامى" دەپ ئاتالغان تىپىك مۇقام گۇرۇپىسى ساقلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق ئىچىدە نورۇز بايرىمىدا ئېيتىلىدىغان قوشاقنىڭ ئاز بىر قىسىم ئۈلگىلىرى ساقلانغان. ئەپسۇسكى،يوقۇرىدا ئېيتىلغان نورۇز قوشىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاھاڭى يوقىلىپ كەتكەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇ نورۇز قوشىقىنى ئەينى دەۋىرلەردىكى "نورۇز مۇقامى" نىڭ بىر بۆلىكى بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزدىن يەنىلا ۋاز كېچەلمەيمىز. بۇ نۇقتا يېقىن كەلگۇسىدە ئەلۋەتتە ئىسپاتلانغۇسى. 80-يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ بۇ قەدىمكى بايرىمىنى قايتىدىن ھەر يىلى تەبرىكلەپ كەلمەكتە

كەڭ ساي مۇنبىرىدىن  نورۇز ھەققىدە رىسالە
نورۇز-يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش بايرىمى.
نورۇز-مېھىر-شەپقەت بايرىمى.
نورۇز-ئادەمگەررچىلىك،ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى.
نورۇز-ياش ئەۋلادلارغا ئۆتكەن تارىخلارنى سۆزلەپ بېرىش بايرىمى.
نورۇز-ئەدەب-ئەخلاق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بايرىمى.
نورۇز-پاكىزلىق ۋە موھىت ئاسراش بايرىمى.
نورۇز-يېشىللىق، گۈزەللىك، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش بايرىمى.
نورۇز-ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە، ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىش بايرىمى.
نورۇز-ئەقىل-پاراسەتنى سىناش بايرىمى.
نورۇز-ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بايرىمى.
نورۇز-ئەدەبىيات-سەنئەت بايرىمى.
نورۇز-تەنتەربىيە بايرىمى.
نورۇز-شاد-خۇراملىق بايرىمى.
نورۇز-تەبىئەت دونياسىنىڭ ئۇلۇغ بايرىمى.
نورۇز-پۈتكۈل مىللەتنى يامان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەپ،ياخشى ئىشلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش بايرىمى.
نورۇز-ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلەپ، مول ھوسۇلنى قولغا كەلتۈرۈش بايرىمى.
نورۇز-گۈل-گىياھ، خۇشپۇراق، ھىد مەۋسۈمى بايرىمى.
نورۇز-چوكانتال بايرىمى.
نورۇز-دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ مۇقەددەس بايرىمى
ئەڭ ئاخىردا بلوگگېر نەزەرى ھەممەيلەننىڭ يىلدا بىر كىلىدىغان نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ!..

يازما ئادېرسىھەي-ھەي مۇبارەك!نوروز مۇبارەك!ئايەم مۇبارەك!
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: ئالمىڭىزغا يۇمشاق دېتالنى بۇنداق قاچىلىسىڭىز بولمايتتى كېيىنكى: مۇڭلۇق كۈي(جۇدا)__ ئاڭلىماي تۇرالمايسىز

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىشى كىرەك بولغان بىلىم —ULY
  • يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت
  • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى
  • ”ئالما“ مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن نادىر كىتاب
  • XJTV پروگرامما ئىشلەش نەخ مەيدانى
  • [Gulan] شىئېر ۋە تىل
  • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • iPhone4s ئېلان قىلىندى
  • Pod 2g يىقىندا iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدۇ
  • iphone ئارقىلىق كومپيۇتېرنى يىراقتىن كونتىروللاش
  • ھەربىر دېتالغا ئايرىم-ئايرىم مەخپى نومۇر بېكىتىش
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار1
  • [تەۋسىيە]iPhoneنى تەھرىرلەش،بارماق دېسكا قىلىش
  • Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش
  • Halastan Blogنىڭ ئۇسلۇبى تارقىتىلدى
  • 25-چىسلاipad2 شىياڭگاڭدا سېتىلىدۇ
  • كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhoneدا ھەقسىز تورغا چېقىش
  • iPhone4Sدېگەن مۇنداق بولىدۇ!
  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى
  • ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچ
  • بىلوگگېرلار ئۈچۈن كاتتا خوشخەۋەر
  • (روھلاندىن)مۇختار روزى ھەقلىق دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلماقچى

12 دانە باھا

  1. نامسىز
    2011/10/28 سائەت 14:52:46 /

    :lol: :mad: :cool: :shock: ەداە :roll:

  2. Nezeri
    2011/04/01 سائەت 13:20:48 /

    ماقۇل. بلوگىمنى شىنجاڭدا ئاچسا ئۇزۇن بىر ئادىرىسىتىن EOT چۈشۈرۈمەن دەپلا ئېچىلمايدىكەن. مەن رەسىم بىلەن شۇ ئىشنى بىر ئوڭشاي.

  3. قۇتبىلىك
    2011/03/25 سائەت 00:33:38 /

    نۇرۇز مۇبارەك، ھەممىمىڭلارنىڭ بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن، نەزەرباي ماۋۇ بلوگىڭىزنىڭ تەگلىك رەسىمى، بلوگنى بەك ئېغىر قىلىپ قويغاندەك تۇرىدۇ، بەك زۆرۈر بولمىسا ئېلۋەتسىڭىز بولامدىكىن دەيمەن.

  4. Nezeri
    2011/03/22 سائەت 10:00:55 /

    تىلىكىڭىزگە ئاپىرىن دوستۇم!

  5. Nezeri
    2011/03/22 سائەت 09:59:57 /

    كۆپ رەھمەت. قەدەملەر ئۈزۈلمىگەي.

  6. شاھ ئۇيغۇر
    2011/03/21 سائەت 15:52:52 /

    خالاستاندىكى بارلىق تورداشلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن، نەۋرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

  7. نامسىز
    2011/03/21 سائەت 14:56:46 /

    رەھمەت!

  8. korash
    2011/03/21 سائەت 14:19:05 /

    مەنمۇ كەلدىم!نەزەرباي باشلىق خالاستاندىكى ھەممەيلەننىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.
    شۇنداقلاماۇۋ ئېسىمل يازمىنى خاتىرەمەگە كۆچۈرۈپ ئەپكەتتىم.
    ھەممىمىز تەڭ يازمىساقمۇ ئېسىلدىن بىرنى ھەممىمىز تەڭ بەھرىلىنىلى بولدى.
    رەھمەت.

  9. Nezeri
    2011/03/21 سائەت 13:21:58 /

    تەكرارلايمەن :lol: :lol:
    ھەشقاللا غوجىلىرىم!ئىمپىريەنىڭ ئىككى ئاتامىنى تەڭ كەپتۇ، سالاملىرى تېگىل بولدى.

  10. Nezeri
    2011/03/21 سائەت 13:21:25 /

    ئىمپىريەنىڭ ئىككى ئاتامىنى تەڭ كەپتۇ، ھەشقاللا غوجىلىرىم! سالاملىرى تېگىل بولدى.

  11. ئۇيغۇربەگ
    2011/03/21 سائەت 13:12:13 /

    خالاستاندىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نەۋرۇزىغا مۇبارەك!

  12. پرېستان
    2011/03/21 سائەت 11:40:57 /

    نورۇز مۇبارەك~!

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    2. بۆرە:
      ULYنى ئۇيغۇر ئەرەپ يىزىقىغا ئايلاندۇرى…
    3. شەمشەر:
      ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .ئۇستازلار. بىزنى ي…
    4. o8u3px:
      你的博客也很不错哦~会经常关注!…
    5. ئەلگە نەپ:
      رەھمەت سىزگە چۈشۈرۋالدىم ۋاقىت…
    6. شەمشەر:
      ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇمئۇستازلار ياخشىمۇ سى…
  • خەتكۈچلەر

    GoogleAdsense iOS 6 steve jobs مۇڭ iPhone قۇلۇپ RSS ئۇيغۇر shsh مەھسۇلات ھەقسىز IT ipad 3 cydia ios ئەقلىفون Mac OS X ipad symbian Siri يۇنىكود ئۆلچىمى JailBreak itunes gulan iphone4 uyghur apple icloud iphone4s epub iPod pxl ios5 خالاستان بىلوگ appstore ipad2 google
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club