• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

ئالمىڭىزغا يۇمشاق دېتالنى بۇنداق قاچىلىسىڭىز بولمايتتى

2011-03-20 | Nezeri | APPLE| 7 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

        كۆپچىلىككە ئۆزى كىچىك ئەمما رولى چوڭ بولغان مۇھىم بىر دېتالنى  تونۇشتۇرغۇم كىلىۋاتىدۇ،گەرچە ئالمىغا نىسبەتەن يېڭى ئوقۇغۇچى بولساممۇ مەزكۈر دېتالنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھىس قىلدىم .ئادەتتە ئايتۇنىز ياكى 91 ياردەمچىسىدىن پايدىلىنىپ توردىن يۇمشاق دېتال چۈشەرگىنىمىزدە كۆپىنچە ئەھۋالدا كېڭەيتىلگەن نامى pxl ياكى ipa  بولغان ھۆججەتنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بېلىمىز (deb دەپمۇ ھۆججەت بار لىكىن يازمىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا سۆزلەنمىدى) .pxl  تپىدىكى يۇمشاق دېتاللار قاچىىنىشتا ئىگە بولىدىغان ھوقۇق root ھوقوقى بولۇپ root ھوقۇقى بولسىلا سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ دېگەن گەپ، دېمەك بۇ ھوقۇق بولغاندا ھەرقاچان سىستېما ھۆججەتلىرىگە خەۋىپى بولىدۇ، كۆپچىلىك بىلىدىغان «ئاق ئالما» بولۇپ قىلىش (كىسەكمۇ دەپمۇ قويىتمىز ھا ھا) كۆپىنچە root ھوقوقى بېرىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ سېستېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ياكى ۋاستىلىق ھالدا سىستېما Collapse بولغاندا مۇشۇ خىل ھوقۇق بىرىلگەن ھۆججەتلەر(يۇمشاق دېتاللار) نىڭ سىستېمىنى «ئاق ئالما» قىپ قويۇش خەۋىپى بولىدۇ.
ipa قىلىپ ئورالغان يۇمشاق دېتلاللاردىكى ھوقۇق بولسا mobile ھوقوقى بولۇپ بۇنىڭدا سىستېما ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ،بۇ ھوقۇق بولمىغاندىكىن ھەتتا سىستېما شۇ دېتالنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا Collapse بولغان تەقدېردىمۇ  بۇ خىل دېتالنىڭ «ئاق ئالما» قىلىپ قويۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ipa دېتاللىرىنى ئايتۇنىز ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىزغا باكۇپلىيالايسىز، ھەقىقەتەن قۇلايلىق.
 يۇقاردا بىرمۇنچە نەزىريە سۆزلىۋەتتىم گەپنىڭ نان تىگىدىغان يىرىنى ئەمدى دەيىتمەن….ئوبدان تېڭشاڭ….
تۆۋەندىكى ئايلاندۇرغۇچ ئارقىلىق  pxl شەكىللىك يۇمشاق دېتالنى ipa شەكىللىك دېتالغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدىغان بولۇپ ئىشلىتش ناھايىتىمۇ ئاسان .

مۇشۇ بەتنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بار بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلسىڭىزيۇقارقى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك پەيدا بولىدۇ، بۇ يەردىن بىرىنچى كىرگۈزۈش رامكىسىغا كومپيۇتېرىڭىزدىكى پىرىسلىغۇچ Winrar نىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىسىز . ئاستىدىكى رامكىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان pxl شەكىللىك ھۆججەتنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىسىز ئاندىن ئاستىدىكى «ئايلاندۇر» دېگەن كونۇپكىنى باسسىڭىز پىرىسلىغۇچ قوزغىلىپ بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ، تاماملىنىپ بولغاندىن كىيىن سىز pxl بار فولدىرغا قارىسىڭىز ئوخشاش ئىسىمدىكى ipa شەكىللىك ھۆججەتنى بايقايسىز، شۇنى خاتىرجەم قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

مۇشۇنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى باسىمىز

 

ئەسكەرتىش: ئەگەر سز قاچىلىماقچى بولغان يۇمشاق دېتال راستىنلام root ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئىھتىياجى بولۇپ قالسا سىز  بۇ دېتالنى ipa گە ئايلاندۈرۋەتسىڭىز خاتالىق كۆرۈلۈپ ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ، ياكى نورمال ئىجرا بولمايدۇ.


خەتكۈچلەر: iPhone
يازما ئادېرسىئالمىڭىزغا يۇمشاق دېتالنى بۇنداق قاچىلىسىڭىز بولمايتتى
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز كېيىنكى: ھەي-ھەي مۇبارەك!نوروز مۇبارەك!ئايەم مۇبارەك!

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iOS4.3.4 مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچماسلىقى مۇمكىن
  • «چۈشۈرۈش» Steve Jobs نىڭ تەرجىمىھالى
  • iOS 5.0 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى
  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى
  • [Gulan] تۈركىيەدىكى نورۇزۇم
  • apple داھىيىسى Steve Jobs بۈگۈن ئستىپا بەردى
  • روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار19
  • iPhoneمۇ ipv6 غا ئېھتىياجلىق (ipدىن ساۋات)
  • «ئاددىي» ئادەم بولامدۇق؟
  • iPhoneدا ھەرقانداق ھۆججەتنى قويالايسىز
  • «مۇڭ»__ساتار كۈيى–تاغ سۇلىرى
  • [ئۆلمەس مۇڭ] دىل كۈيى (نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن)
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار14
  • [Gulan]ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار7
  • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت
  • ئۆزۈمنىڭ 32Gلىق iPhone4 نى ساتىمەن
  • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى
  • Google دىن 3 يىڭىلىق
  • XJTV پروگرامما ئىشلەش نەخ مەيدانى
  • گۇاڭدوڭ تىلگىرافى تۇنجى CDMA نۇسخىدىكى iPhone4نى سىنىدى

7 دانە باھا

  1. PXLنىIPA گە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى | Halastan Blog
    2011/04/10 22:31:57 /

    [...] يۇمشاق دېتالنى بۇنداق قاچىلىسىڭىز بولمايتتى» 789.html دىگەن تېمىدا PXLنىIPA گە ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلىنى [...]

  2. Nezeri
    2011/04/02 18:18:34 /

    91 دىگەن ئاداش بۇرۇن ipa نى pxlغا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن قاچىلايتتى. خەقلەر تولا تىللاپ يۈرۈپ ipaنى ipa پىتى قاچىلايدىغان بولدى. 91 دا ipa نى قاچىلاشقا بولىدۇ.

  3. Erke
    2011/04/02 14:36:27 /

    بۇ دېتالنى مەنمۇ ئاڭلىغان، لېكىن ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن… بىر گەپ، ipa شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى 91 ئارقىلىق قاچىلىساقمۇ تېلفۇنغا يەنە تەسىرى بولامدۇ ياكى بولمامدۇ…؟

  4. Nezeri
    2011/03/22 10:04:12 /

    xcode دەيدىغان ئېچىش مۇھىتى. بۇ پەقەت aplleنىڭ كومپيۇتېرلىرىدا (قىسمەن PCدا) ئىشلەيدىغان مەشغۇلات سىستىمىسى mac os نىڭ 10.5 تىن يۇقىرى نەشرىدە ئېشلەيدۇ. windows شارائىتىدا ئاچقان دىتالنى ئالمىغا قاچىلىغىلى بولمايدۇ. xcode تا دىتال ئېچىپ، تەقلىدى مۇھىتتا دىتالنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ، ھەقىقى ئۈسكىنىگە قاچىلاش ئۈچۈن شەخىسلەر 99 دوللارغا ھىساب نومورى ئالىدۇ، شىركەتلەر 199 دوللارغا ئالىدۇ. ئاندىن بىر تەستىق نومورىغا ئېرىشىدۇ، appstore غا قويۇش شەرىپىگە ئېرشىكەندىن كىيىن ئاندىن ھەقىقى ئۈسكىنىگە قاچىلاشقا بولىدۇ.

  5. مۇركەبىر
    2011/03/21 19:15:37 /

    يۇمشاق دىتال ئېچىش مۇھىتى نى خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە نىمە دەيدۇ؟ مەن سەل تەپسىلىرەك بىلىپ باقاي دېگەن.

    :lol: پۈتۈن جوڭگولۇقلارنى قورقۇتىۋەتكىدەك قىممەت ئەمەستۇ؟؟؟ ھې..ھې..چاقچاق… :lol:
    ھەر بىر يۇمتال لاھىلىگەندە ھەق تۆلەيدىغان ئىشمۇ ؟

  6. Nezeri
    2011/03/21 13:17:15 /

    ئالمىغا يۇمشاق دىتال يېزىشىنىڭ پىرىنسىپى تەس ئەمەس. c/c++ دا يىزىلىدۇ. لىكىن يۇمشاق دىتال ئېچىش مۇھىتى بىر قەدەر قىممەت. xcode دەيدىغان ئالما تەرەپ تەمىنلىگەن ئېچىش مۇھىتى بولۇپ پەقەتلا macosنىڭ 10.6 دىن يۇقىرى نەشرىدە ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەشغۇلات سىستىمىسىدا ئىشلەيدىغىنى يوق. شۇڭا جوڭگولۇقلار ئاچقان دىتاللار ناھايتى ئاز. كۆپىنچىسى چەتئەلنىڭ دىتاللىرى. ئېشىك بۇنداق بولمىغان بولسا نەزەرىمۇ رەسمىي ئالما پىروگراممىرى بولۇپ كىتەتتى، ھەي… شۇڭا مەنمۇ ئالما ھەۋەسكارىلا بولۇپ قالدىم.

  7. مۇركەبىر
    2011/03/21 12:23:29 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    بىر سۇئال سورىۋالاي…
    ئالمىغا يۇمشاق دېتال ياساش شۇنداق تەسمۇ؟؟؟ مەن ئايتيۇنىزدىن بەزى بىر كىچىك كىتابچە شەكلىدىكى (بىر نەچچە كۆزنەكتىنلا تۈزۈلگەن كىچىك ئوقۇشلۇقلار)نى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەنتىم.شۇلارغا قاراپ مېنىڭمۇ بەزى بۇرادەرلىمىزگە ياردىمى بولاردە شۇنداق يۇمشاق دېتال ياساب باقاي دېسەم،توردا بەك يۇمشاق دېتال ياساش تەس قويۇپتۇ.مەن ئويلاپ قالدىم شۇنداق تەس بولسا ئۇنچە كۆپ يۇمشاق دېتاللىرى بولماستى بەلكىم…ماڭا ئازراق كۆرسەتمە بەرسىڭىز مەنمۇ بىر ھەپلىشىپ باقاي…

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • يىڭى iPad نىڭ 5.1نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچتى
    • يىڭى iPad نىڭ باھاسى 3164 يۈەن
    • I0n1c دىكىلەر iOS 5.1 iPad 2 A5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى
    • ۋىدوۋستا epub كىتاب ياساش دېتالى
    • كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ يەنە بىر خىيالى لايىھەسى
    • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
    • ئېھ…خاتىرەم!
    • «ئالما» نىڭ 2012-يىللىق تۇنجى يېڭىلىقى…
    • تارىختىكى ئەڭ پەچەت تۈرمىدىن قېچىش چىقتى
    • «ئېلان»شىركەتكە شوپۇر تەكلىپ قىلىمىز
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(26)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئەركە:
      i10 كۈنمۇ ئۆتۈپ بولدى... :sad: :roll:…
    2. باتۇش:
      يامان ئادەم جۇمۇ سىلى!... تۈنۈگۈن ياز…
    3. شەربەت:
      سىلىنى قوشىۋالدىم ئەمىسە، ئەيىپكە بۇير…
    4. ئىبراھىم:
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ،ئەجەپ بەلە…
    5. ئو.تۇرپان:
      يازما ئۆزى ئاددىي بولسىمۇ، ئاتالغۇلارغ…
    6. ئۇيغۇربەگ:
      ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، مەنغۇ ئۈمۈدنى ئۈ…
  • خەتكۈچلەر

    Mac OS X ipad قۇلۇپ cydia ھەقسىز ipad 3 iPhone appstore يۇنىكود ئۆلچىمى ios pxl iphone4s steve jobs ئۇيغۇر shsh مۇڭ GoogleAdsense google ipad2 خالاستان بىلوگ epub ئەقلىفون icloud RSS uyghur ios5 itunes apple iphone4 IT symbian مەھسۇلات gulan iPod
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club