• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

iOS 5.0 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى

2011-10-27 | Nezeri | تۈرمىدىن قاچۇرۇش| 16 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

خالاستان بىلوگىنىڭ تېخنىكىلىق يازمىلىرى ئۈزلۈكسىز ….

بۇ تېما جەمئىي 4 باسقۇچ: 1. ساۋات، تەييارلىق  2. تۈرمىدىن قاچۇرۇش   3. كومپيۇتېردا يىتەكلەش  4. ياماق قاچىلاش

مەسىلىگە يولۇققانلار ماس قەدەمنى ئەسكەرتىپ مەسلىھەت سورىغاي.

1. ساۋات، تەييارلىق

iOS5 نىڭ گېىپىنى قىلىۋاتقىلىمۇ خىلى بولدى.بەزى تورداشلار ۋە رەشىدكامدەك كونا ئالمىچىلارمۇ نەچچە چېقىپ نەچچە چۈشۈپ بولدى. مەنمۇ تولا iPhone ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ رەسمىي ھوزۇرىنى سۈرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن. ئالدىنىقى ھەپتە قايتا iOS5  كە كۆتۈرۈپ بىرىنچى ھىس قىلغىنىم___ سۈرەت تىزلىشىپتۇ. يەنە بىر يارقىن نوقتا دەل iCloud.  iCloudھەققىدە بۇرۇنمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەرگەن. ھازىر ئادەتتىكى ئەزالارغا 5Gلىق بوشلۇق ئېچىپ بىرىلگەن بولۇپ، بارلىق دېتاللار، سېتىۋالغان ناخشا- مۇزىكىلار، ئالاقە، ئۇچۇر، پېلان …خاتىرسى ئاپتوماتىك ھالدا ئابونتنىڭ بارلىق  iCloudقوللايدىغان ئۈسكىنىلىرى ئارسىدا ماسقەدەملىشىپ ماڭىدىكەن. يەنى مەن ئۆزۈمنىڭ MacBookPro دا ئىشلەتكەن ھۆججەت،  سېتىۋالغان ناخشا- مۇزىكىلار، ئالاقە، ئۇچۇر، پېلان …خاتىرسى قاتارلىقلار مەن iCloud ھىساب نومۇرۇمنى كىرگۈزگەن ئۈسكىنىلەرگە ئاپتوماتىك يىڭىلىنىدىكەن.

يەنە بىر يېرى شۇكى Safariنىڭ سۈرىتى ۋە ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئېشىپتۇ. نۇرغۇن ئادەم Safariنى دەپلا نەشىر كۆتۈرىۋاتىدۇ.Androidقا تەقلىد قىلىغان يېڭى ئەسكەرتىش ئىقتىدارمۇ بەك يىقىشلىق بولۇپتۇ. پىقىرمۇ شۇنداق…

تۆۋەندە مەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسىلىكىنى باشلايمەن. بۇ دەرىسلىك ئارقىلىق قاچۇرۇلغان ئۈسكىنە ”غەيرى رەسمىي تۈرمىدىن قېچىش“ دەپ ئاتىلىدۇ. ”غەيرى رەسمىي تۈرمىدىن قېچىش“— نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشتىن يەنە بىر دەرىجە ئاشۇرۇلغان، ئەمما مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشقا يەتمىگەن ھالەت. ئالاھىدىكى: ئۈسكىنە ئەگەر كومپيۇتېر بىلەن يىتەكلەش شارائىتى يوق شارائىتتا قايتا قوزغالسا تېلىفون ۋە ئۇچۇر قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىدارلارنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، باشقا ئىقتىدارلار كومپيۇتېردا يىتەكلىگەندىن كىيىن ئاندىن ئەسلىگە كىلىدۇ.

 كىيىنچە مۇكەممەل قېچىش ئۇسۇلى چىققاندا ئۈستىدىن يەنە بىر مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۋەتسەكلا ھىچقانداق ئۇچۇر، دېتال يوقىمايدۇ. خاتىرجەم مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ.

بۇتېمادىكى دەرىسلىك ماس كىلىدىغان ئۈسكىنىلەر:بارلىق iOS5 كە كۆتۈرگىلى بولىدىغان ئۈسكىنىلەر. ئامېركا نەشىردىكى قۇلۇپلۇق iPhone لار بۇ نەشىرگە كۆتۈرمەڭ. قۇلۇپ يېشىشكە بولمايدۇ.         

1. ئاۋۋال ئىشلەتكۈچىنىڭ مۇھىم نەرسىلىرىنى زاپاسلىۋىلىشىنى ئەسكەرتىمەن (باسقۇچى: ئۈسكىنە iTunesغا چېتىلغان ھالەتتە ئۈسكىنە نامى ئۈستىدە ئوڭ كۇنۇپكا تېزىملىكىدىن 备份نى تاللىساق بولىدۇ).

2.ئاندىن ئورگان بېكەتتىن iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.http://www.apple.com.cn/itunes/

3. iOS5 نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى 5.0 نىڭ نەشىر كۆتۈرۈش بولىقىنى چۈشۈرۈڭ.http://www.app111.com/iOS.html#touch4

4. نەشىرنى 5.0 غا كۆتۈرۈڭ. باسقۇچى: ئۈسكىنىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ DFU ھالەتكە كېرىڭ(دەرىسلىك)، iTunesدا ئۈسكىنە تونۇغانلىق ئەسكەرتىشى چىقىدۇ، جەزىملەشتۈرۈڭ. ئۈسكىنە نامىلا كۆرۈنگەن ھالەتتە Shiftكونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ iTunesدېكى 恢复  نى تاللاپ كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن ماس نەشىر كۆتۈرۈش بولىقىنى تاللاپ بەرسەكلا تامام. 10مىنۇتلۇق جەرياندا تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۆرۈڭ.

ئەگەر نەشىر كۆتۈرۈش جەريانىدا 3200、3002 قاتارلىق خاتالىقلارغا يولۇقسىڭىز 4-باسقۇچىنى قايتا سىنىغايسىز. ئەگەر يەنە ئوڭشالمىسا Windows XP دىكىلەر C:\Documents and Settings\Application Data\Apple Computer\iTunes\iPhone Software Updates نىڭ ئىچىدىكى ، Win7 دىكىلەر C:\Users\%username%\AppData\Roaming\Apple Computer\MobileSync\Backup ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى باشقا جايغا يۆتكىۋەتكەي. ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئاندىن 4-باسقۇچنى سىنىغاي.

3194 خاتالىققا يولۇققان بولسىڭىز بۇ تېمادىن كۆرگەيسىز.../1954.html

5. تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى redsn0w 0.9.9b7 نى چۈشۈرۈڭ.http://dl.dbank.com/c0dxsb5wb9 ياكى ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈڭ http://www.redsn0w.us/2010/03/download-direct-links-jailbreak-guides.html

2. تۈرمىدىن قاچۇرۇش

1. RedSn0w نى قوزغىتىپ Jailbreakنى تاللايمىز ۋە كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن next نى باسىمىز.

2. كىيىنكى كۆزنەكتە توختاپ ئۈسكىنىنى ئۆچۈرىمىز. رەسىم:

3.بۇ باسقۇچ دەل رىۋايەتلەردىكى DFU غا كىرىش بولۇپ  ماس تېمىنى كۆرۈڭ ياكى تۆۋەنگە قاراڭ.

ئاۋۋال ئۈسكىنە توك مەنبە(ئۈستىدە) كۇنۇپكىسىنى 3 سېكونت بېسىپ تۇرىمىز.

ئۇلاپلا ئىكران ئاستىدىكى ”قايتىش،Home“ كۇنۇپكىسىنى 10سېكونت بېسىپ تۇرىمىز.بۇ جەرياندا  توك مەنبە(ئۈستىدە) كۇنۇپكىسىنى قويىۋەتمەيمىز.

ئۈستىدىكى مەنبە كۇنۇپكىسىنى قويىۋىتىپ ”قايتىش“ كۇنۇپكىسىنى ئۈزلۈكسىز بېسىپ تۇرىمىز. بۇ جەرياندا ئۈسكىنە ئۆچكەن ھالەتتە بولىدۇ، لىكىن كومپيۇتېر بىر ئۈسكىنە چېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

يۇقارقى باسقۇچتىن كىيىن ئەگەر تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقسا 3-باسقۇچنى قايتا تەكرارلاڭ.

4. ئۈسكىنە ئىكرانىدا خەت كۆرۈنمەي، Redsn0w بىر تالاي مەشغۇلاتلارنى تاماملىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى باسقۇچ كۆرۈنىدۇ. بۇباسقۇچتىن install cydia نى تاللاپ nextنى باسىمىز.

5. بۇ باسقۇچتا ئۈسكىنە خۇشال-خورام ھالدا تۈرمىدىن قېچىۋاتقان بولىدۇ. دەسلەپتە ئىكران بىر نەچچە رەڭ تۈزەپ (ئاقىرىپ، قارىداپ … دېگەندەك) ئاندىن بىر ئېكران قۇر كود كۆرۈنىدۇ. بۇ پۇرسەتتە بىز پەقەت كۈتسەكلا بولدى. ئۈسكىنگە چېقىلماڭ.

يۇقارقىغا ئۇلاپلا تۆۋەندىكى باسقۇچنى تاماملاڭ!

3. كومپيۇتېردا يىتەكلەش

يىتەكلەش جەريانى بۇرۇنقى 4.3.4 ۋە 4.3.5 لار ئۈچۈن تەييارلانغان يازمىدىكى باسقۇچلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ بۇ يەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ.../2559.html

باسقۇچى تۆۋەندىكدەك:

1.ئۈسكىنە قايتا قوزغالغاندىن كىيىن redsn0w نى يەنە قايتا قوزغىتىپ extrasنى تاللاپ next نى باسىمىز.

2. كىيىنكى كۆزنەكتىن Just boot نى تاللاپ next نى باسىمىز. ئاندىن ئۈسكىنە مەنبە كۇنۇپكىسىنى (ئىنكاس بولمىسا قايتىش كۇنۇپكىسى بىلەن مەنبە كۇنۇپكىسىنى تەڭ بېسشىقىمۇ بولىدۇ) بېسىپ ئۆچۈرىمىز دە كىيىنكى باسقۇچقا كىرىمىز. جىددى بولسۇن!

3. بۇ باسقۇچ دەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا سۆزلەنگەن 2-، 3- باسقۇچلار بولۇپ قايتا تەكرارلىمىدىم. شۇ جەرياننى ئۆز ئەينى تەكرارلىسىڭىزلا تامام. DFU غا كىرىش باسقۇچى.

4. DFU دىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن يەنە ئىزچىل Homeنى بېسىپ تۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېرغا بىر نەچچە قىتىم ئۇلىنىپ يەنە ئۈزۈلىدۇ. ئىكراندا يىرىمىنى چاشقان يەۋالغان مىۋە كۆرۈنگەندىن كىيىن قويىۋىتىمىز.

5.ئۈسكىنە قوزغىلىپ نورمال ئىكرانغا كىرىدۇ. ئەگەر كىرمىسە 3-باسقۇچنى يەنە تەكرارلاڭ. ئىكراندا Cydia نورمال بولسا ھەم safari تورغا چىقسا مەشغۇلاتنىڭ مۇۋەپقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 4. ياماق قاچىلاش

يۇقارقى باسقۇچلاردىن كىيىن ئۈسىكىنە تۈرمىدىن قېچىش مەشغۇلاتىنى تاماملىغان بولدى. لېكىن خاككېرلارنىڭ تېخنىكىلىق ساپاسى تۈپەيلىدىن بۇ قىتىملىق تۈرمىدىن قېچىش مۇكەممەل ئەمەس. شۇڭا بىر قىسىم مەسىلىلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

1. ئەگەر Cydia غا مەنبە قوشقىلى بولمىسا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە سىستىما تىلىنى english قا ئۆزگەرتىپ ھەل قىلىمىز. 设置-通用-多国语言-英语

2. ئەگەر يۇقارقىدىمۇ ئوڭشالمىسا كىرگۈزگۈچنى ئۆچۈرۋىتىمىز. settings-general-internationalkeborad- تىن english  تىن باشقا كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆچۈرۈپ باقساق بولىدۇ.

3.ياماق قوشۇش. بۇ ياماق دەل كوميىيۇتېر يوق چاغدا ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىپ تېلىفون قىلىش ۋە ئۇچۇر يوللاشقا كارغا كىلىدۇ. باسقۇچى:

ئاۋۋال Cydia غا كىرىپ يىڭىلايمىز (تورغا ئۇلانسىلا ئاپتوماتېك). ئاندىن http://thebigboss.org/semitether نى قوشىمىز. ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى دېتالنى قاچىلايمىز.

Cydia نىڭ نىمىلكىنى بۇ تېمىدىن كۆرۈڭ.

خەتكۈچلەر: ios5
يازما ئادېرسىiOS 5.0 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: 99%يىڭى Sony لەپتوپى ئەرزان سېتىلىدۇ كېيىنكى: دىققەت! ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ios5 تە نورمالسىز

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • iPad 2 نىڭ ئىلان قىلىنىش يىغىنى
  • 手机飞信(ئۇچار خەت)نىڭ wifi نۇسخىسى چىقتى
  • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى
  • 新浪,腾讯لەرنىڭ مىكروبىلوگلىرى ئېنكاسنى تاقىدى
  • [مۇڭ]Sissel Kyrkjebo ئىجراسىدا Molde Canticle
  • يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت
  • apple داھىيىسى Steve Jobs بۈگۈن ئستىپا بەردى
  • iOS4.3.2نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • قارلۇق«گۈدۈك»نى رەسمىي ئېچىۋىتىپتۇ
  • redsn0w 0.9.10 ئارقىلىق 5.0.1نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ
  • iOS5نىڭ توك ئىسراپ قىلىش مەسىلىسى تۈزىلىدۇ
  • 4.3.5 نى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش دەرسلىكى
  • [تەۋسىيە]iPhoneنى تەھرىرلەش،بارماق دېسكا قىلىش
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار4
  • ipad2چىقتى ipad1نىڭ باھاسى1100يۈەن چۈشتى
  • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
  • iPhoneنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپلا قاچىلايدىغان دېتاللار
  • UKIJ خەت نۇسخىلىرى 3.0 سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى
  • Richardئورۇنلىشىدا پىئانىنو مۇزىكىسىBallade Pour Adeline
  • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
  • iPod Touch4 ئەۋلادنىڭ 8G لىقى

16 دانە باھا

  1. يارۇق
    2011/12/15 سائەت 13:52:38 /

    نەزەرباي، بۇ ئۇسۇل ئايپەد2 گىمۇ ماس كېلەمدۇ؟

  2. زىيالى
    2011/11/24 سائەت 01:48:14 /

    ../1954.html
    تورداشلار تەمىنلىگەن ئۇسۇل بىلەن ئوڭۇشلۇق بولىۋاتىدۇ.
    رەھمەت

  3. زىيالى
    2011/11/24 سائەت 01:25:19 /

    سالام
    ئايفۇن نەشىرى 4.2.1،تۈرمىدىن قاچۇرغان ئىدىم.يېقىندا سېستىما سەل مۇقىمسىز بولۇپ نەشىر يىڭىلاي دىسەم يىڭىلىغىلى قويمايۋاتىدۇ.3194 خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى.توردىن بىلگىنىمچە ئىزدەپ ئالما تور بىتى تەمىنلىگەن خاتالىق تۈزۈتۈش ئۇسلىنى سىنىساممۇ ئوخشاش.
    iToolsدىن د ف ئۇ بىلەن قايتۇرۇش شەكلىگە كىرىپ قىلساممۇ ئوخشاش.

    قانداق قىلسام بولار؟

  4. Nezeri
    2011/11/10 سائەت 13:36:50 /

    ئوبدان. ئاشۇ خەت چېقىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن DFU ھالەتكە كىرگەندىن باشلاپ home كۇنۇپكىسىنى قويۇۋەتمەي تۇرساقلا تامام.
    مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!

  5. سەيدىئەخمەت
    2011/11/10 سائەت 10:53:41 /

    ئۈنتىنسىز ئالمىچىلارنىڭ ئالمىدىن بەھىرلىنىشى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان نەزەربەي ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئالدىنقى كۈنلەردە تۇرمىدىن قاچىمەن دەپ قاچالماي تۇتۇلۇپ قىلىپ پەرىشان يۈرگەنىدىم . redsnowدېگەن تۇرما باشلىقى تۇتىۋالغانىدى waiting for reboot دېگەن جازانى پەقەتلا ئۆزگەرتەلمىگەنىدىم . بۈگۈن بىلىمنى باغلاپ ئاۋۋال win7
    نى قايتا قاچىلىدىم بارلىق لازىملىق نەرسىلەرنى قايتىدىن قاچىلاپ بۇنىڭدىن سالامەت چىقىۋالدىم . سىرىتنىڭ ئەركىن ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەسلىنىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمەن . مەن بۇنى تۇرمىدىن قاچقاچ يازدىم شۇڭا سەل ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولىشىم مۇمكىن توغرا چۈشەنگەيسىلەر!!!!! :mrgreen:

  6. Nezeri
    2011/11/05 سائەت 21:52:25 /

    ../938.html
    مانا دەرسىلىك.

  7. ئۈمىد
    2011/11/03 سائەت 20:05:25 /

    激活状态: FactoryActivated
    基带版本: 05.16.01
    基带启动器: 6.4_M3S2
    ICCID: 89860099300410563796
    IMEI: 004999010640000
    IMSI: 460009054963796
    MLB序列号: J5948811FCU1B
    分区类型: GUID_partition_scheme
    密码保护: False
    产品SOC: True
    系统版本: 4.3
    协议版本: 2
    运营商: Orange GBR
    产品描述: iPhone 3GS
    مەندە يۇقارقىدەك بىر ئايفون بار ئىدى ئەسلى سىستىما نەشىرى 4.1 ئىدى يۇقىرى نەشىرىگە كۆتۈرەي دەپ قارىسام ھازىر 5 نى يىڭىلىغىلى بولىدىكەن shsh زاپاسلاپ قارىسام 4.3 نىڭ shsh ھۆججىتى زاپاسلاندى شۇنىڭ بىلەن 4.3 گە كۆتۇرۇپ يازغان ئىدىم نومال قاچىلىنىپ قوزغالغاندا كارتا ماس كەلمەي تاۋ باۋدىن ئەنگىلىيە نىڭ sim كارتىسىدىن بىرنى سىتىۋىلىپ ئاكتىپلاش قارارىغا كىلىپ سىتىۋالغان ئىدىم ئويلىمىغان يەردىن سىتىۋالغان كارتىدىمۇ نورمال ئاكتىپلانمىدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەپ يۇرۇپ تۇرمىدىن قاچۇرۋەتسەك نورمال قوزغىلىدىغانلىقىنى بىلىپ شۇ بويىچە سىناپ نورمال قوزغاتتىم ئويلىمىغان يەردىن كارتا تونۇمىدى مودىم نەشىرى 05.16.01 ئىكەن سىيدىئا دىكى كارتا يىشىدىغان ياماقنى قاچىلىساممۇ يەنىلا كارتا تونۇمىدى. توردىن يەنە ئاقتۇرۇپ كۆرسەم 4.1 نەشىرىدە كارتا نورمال ئىشلەرمىش شۇڭا 4.1 گە چۈشۈرەي دىسەم قەتئىيلا چۇشەي دىمەيدۇ. بولمىسا 4.1 دىمۇ مودىم نەشىرى ئوخشاشلا 05.16.01 ئىدى. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە مودىم نەشىرىنىڭ 06 نەچچە نەشىرىگە يۇقىرى كۆتۇرسەممۇ كارتىنى يەشكىلى بولارمىش،
    شۇڭا ئۇستازلارنىڭ ئايفونغا 4.1 نى قاچىلاش ئۇچۇن ئايتۇنىس دىن باشقا دىتال بىلەنمۇ سىستىما قاچىلىغىلى بولامدۇ. مودىم نەشىرىنى كۆتىرىدىغان قانداق ئۇسۇللار بار خاپا بولماي بىلىملىرىڭلارنى تۆكۈڭلارچۇ؟

  8. ئابدۇرېشىت ئېلى
    2011/10/28 سائەت 10:19:14 /

    iMessage نى مەنمۇ چۈشەنمىدىمغۇ! بىرەرسىڭلار چۈشەنچە بېرەمسىلەر بۇ ھەقتە. مەن iOS5 نى تولۇق تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى ئېلان قىلىنغۇچە تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىپ تۇرۇش قارارىغا كەلدىم.
    بۇ يەردىكى ئىنكاسلىرىمنى iOS5 قاچىلانغان iPhone4 تە يېزىۋاتىمەن.

  9. سەيدىئەخمەت
    2011/10/28 سائەت 09:55:20 /

    نەزەر بەي waiting for reboot دېگەن يەردە مۈگىدەپ ئولتۇرغىلى يېرىم سائەت بولدى. تولۇق بولمىسىمۇ ،ئازراق ياردار ھالەتتە تۇرمىدىن چىقىۋالاي دېگەن ياردەم قىلغان بولسىڭىز. :cry:

  10. مايور
    2011/10/27 سائەت 18:00:02 /

    مەن iphone4 نى iOS5 گە كۆتۈرۈپ يەنى ئېلان قىلىنغان كۈنى كەچتە ئەتىسى تۈرمىدىن قاچۇرغان ، قاچۇرسام چالىمۇ ئەمەس ، مۇكەممەلمۇ ئەمەس ،غەيرىمۇ ئەمەس ، ئىشقىلىپ غەلىتە بىر ھالەتتە تۈرمىدىن قېچىپتىكەن ، :lol: ، بىرەر ھەپتە ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى زادىلا يۈرۈشتۈرەلمەي ، يەنە ئاستا پەم بىلەن 4.3.3 گە چۈشۈپ ساقلاپ تۇردۇم .
    نەزەرباي ، تەرجىمە ماقالە چ چ ئېلخىتىڭىزگە يوللىنىپ بولدى ، تاپشۇرۋالغايسىز .

  11. Nezeri
    2011/10/27 سائەت 14:11:30 /

    مەن پەقەت safari نىلا كۆپ ئىشلىتىمەن. iMessage نى تېخى نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتمەپتۇ، شۇڭا پىقىرمۇ ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالدىم. خۇددى Facetimeدەكلا. بىزدەك iPhone ئابونتى ئازلارغا بۇ ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتى يوق.

  12. نېمە دەيدىغاندۇ
    2011/10/27 سائەت 14:05:48 /

    نەشىرنى ھەرگىزمۇ safari ئۈچۈن كۆتۈرمەيمىز ، safariنىڭ 阅读 ئىقدىدارىنى 5.0گە كۆتۈرمەيمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ ، نەشىرنى imessage ئۈچۈن ، يېڭى ئەسكەرتىش ئىقتىدارى ۋە لۇغەت ئىقتىدارى ئۈچۈن ئاشۇرىمىز ، 5.0 تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىمەن

  13. Nezeri
    2011/10/27 سائەت 13:41:33 /

    ماقۇل، تەخسىر

  14. ئابدۇرېشىت ئېلى
    2011/10/27 سائەت 11:48:33 /

    بولىدۇ، مەن http://iphone.sj.91.com/content/2011-10-17/20111017234408635_1.shtml ماۋۇ خەنزۇچە دەرسلىك بويىچە قاچۇرۇپ باققان، ئىنكاسىمدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك مەسىلىگە يولۇققانىدىم.

  15. Nezeri
    2011/10/27 سائەت 11:42:49 /

    ئاۋۇنى كۆرگەچ تۇرغايلا
    مەن كەچتە دەرىستىن چۈشۈپ داۋاملاشتۇراي
    ئىلىم تەھسىل قىلمىساق ئەتە ئۆگۈن چانىمىز…

  16. ئابدۇرېشىت ئېلى
    2011/10/27 سائەت 11:38:11 /

    مەن ئېڭەك يۆلەپ داۋامىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم نەزەرباي :lol:

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    2. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    3. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    4. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    5. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
    6. كاۋاپچى:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    ipad ipad 3 uyghur GoogleAdsense Mac OS X icloud epub JailBreak cydia Siri iPhone steve jobs shsh ipad2 خالاستان بىلوگ ئەقلىفون iOS 6 يۇنىكود ئۆلچىمى قۇلۇپ apple iPod itunes RSS gulan iphone4 ھەقسىز google مۇڭ appstore symbian iphone4s مەھسۇلات ios5 ios IT ئۇيغۇر pxl
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club