• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار4

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 0 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

نېمە قىلىش كىرەك؟
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ ئالغىنىم دېپلۇم بولۇپتۇ. ئوقۇش جەيانىدا يازغانلىرىم يا نەسىر ئەمەس يا ماقالە ئەمەس بىر نېمىگە ئوخشاپتۇ. ئەسلى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى بىر يىپقا تىزىپ ”سوڧىنىڭ دۇنياسى“ دېگەن كىتابنىڭ شەكلىدە كىتاب يازىمەن دېگەن خىيالىممۇ يوققا چىقتى. مەن ئۆگەنگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە بىزنىڭ ئۇ بۈيۈكلىرىمىز بىر بولسا مىللەتچى يەنە بىر بولسا ماركىسىزىمچى مىللەتچى قىلىپ تەھلىل قىلىناتتى. بۇنى قايتا تىزىپ كىتاب قىلىپ چىقىشنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق ئېدى. چۈنكى مەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇشۇ ئىككىلا ئىدىيە بار دەپ قارىمايتتىم. بۇ يەردە ئىككى مەسىلىگە دۇچ كەلدىم بىرى دۇنيادا ماركىسىزىمدىن باشقا دۇنيانى چۈشەندۈرىدىغان قانداق پەلەسەپەلەر بار؟ يەنە بىرى قانداق قىلغاندا كىشىلىرىمىزنى زېرىكتۈرمەيدىغان شەكىلدە ئەجداتلارنىڭ تەپەككۇرىنى بۈگۈنكىلەرگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ مەن ئەجدادلار چۈشەنگەن ۋە چۈشەندۈرگەن دۇنيا، ئىنسان، ئىلاھ، جەمئىيەت ۋە تەبىئەت  زادى نېمە، ئۇنى ئوقۇرمەنگە قانداق ئۇسۇل بىلەن يەتكۈزىمەن دېگەنگە جاۋاپ بېرىپ بولالماي ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەتتىم. ئۇ چاغلاردا ماگىستىر ئوقۇغان ئادەم كۆپ بولمىغاچقا ئاسانلا بىر ئالى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشتىم.  مۇنبەر چىققاندىن كېيىن ھېس قىلدىمكى كاللامدىكى ئۇيغۇر ھەققىدىكى بىلىملەر پەقەت قالايمىغان دۆۋلەنگەن ماتېرىياللاردىن باشقا نېمە ئەمەسكەن. بۇنداق سېستىمىلاشمىغا بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسكەن. مەن چۈشەندۈرگەندەك ئوقۇغۇچىلار چۈشەنگەندەك كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ بۇ بىر ماتىرىيال بولۇپ قالىدىكەن، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ياكى كۆنكىرىت خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشىگە ئەس قاتمايدىكەن.

نېمە قىلىش كېرەك؟ غەرپتىن سوۋۇغان كۆڭلۈم تۈركىيگە تەلپۈنەتتى. تۈركىيەدېكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنى چۈشىنىش ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۆزەم ئانچە چۈشىنىپ بولالمايۋاتقان غەرب ئىدىيە ئېقىملىرىغا قارغاندا ئەھمىيەتلىكتەك تۇيۇلدى.. بۇندىن باشقا مەن تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى پۈتكۈل مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتۈش ئىھتىماللىقى بار دەپ تەخمىن قىلاتتىم. مەنچە شەرق مىللەتلىرىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىدا بىر قانچە دۆلەت ئەندىزە بولالايتتى. بۇلار ياپۇنىيە، كورىيە ۋە تۈركىيە ئېدى. بۇنىڭ ئىچىدە  ئورتاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان تۈركىيەنى چۈشىنىش ئارقىلىق زامانىۋىيلىشىش جەيانىدا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يولى ھەققىدىكى بىلىملەرنى ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆگنىۋالالايتتۇق. مۇشۇ مەقسەدلەر بىلەن دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچى تۈرىگە ئىلتىماس سۇندۇم. ئىلتىماسنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن ئۆتۈپ مۇلاقاتقا تاللاندىم. مۇلاقاتتا بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۇئاللىرى مۇنداق بولدى؛

-        سەن تۈركىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتىڭنىڭ كېينكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىڭغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى يېزىپسەن، سەنچە ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ قانداق رىيال ئەھمىيتى بار؟

بۇ سۇئال ماڭا ياغدەك ياقتى. مەن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر تىلنىڭ قۇدرىتىنى تونۇتۇپ قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن مۇشۇنداق پۇرسەتنىڭ بالدۇرراق كېلىشىگە ئۇزۇندىن بېرى تەشنا ئېدىم. جاۋابىمنى مۇنداق باشلىدىم. بىرىنجى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ پاراۋوزى. تەرەققىيات مائارىپسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەمۇرىيەت ۋە مائارىپتا قوللىنىلماسلىقى ئاپتونۇم رايۇندىكى ئانا تىلىدا ساۋادى تولۇق چىقىپ بولمىغان نەچچە ئون مىليون جوڭگۇ پۇقراسىنى يېڭى ساۋاتسىزلىققا گىرىپتار قىلىدۇ.ئۇيغۇر تىلنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى جوڭگۇدىكى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، تۇۋا، سالار، سارىغ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرتىلىنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر تىلى تارىختىن بېرى بۇ تىللارنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ بېيىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرچىدىكى مائارىپ، نەشىرىياتچىلىق، ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى يۇقارقى قېرىنداش مىللەتلەرگە ئورتاق خىزمەت قىلغان. تارىخنى قويۇپ بۈگۈنگە قارايدىغان بولساق ”قۇرئان“ نىڭ  كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن كېيىن قازاقچە، قىرغىزچە تەرجىمىلىرى يورۇقلۇققا چىقتى. ”قۇتادغۇبىلىك“ ، ”دېۋانۇلۇغەتىت تۈرك“ قاتارلىق يىرىك مىراسلارنىڭ قازاقچە نۇسقىلىرىمۇ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلدى. دېمەك، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرەققىيات قېرىنداش تۈركى تىللار ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇندىن باشقا كومپىيوتېر ساھەسىدە ئۇيغۇرچە ڧونت ياسىغان ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەر قازاق ۋە قىرغىزچىغىمۇ قوشۇپ ياساپ بۇ تىللارنىڭ ئۇچۇرلىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك گۈللەنگەن ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ تەربىيە بۆشۈكىگە ئايلانغان. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ۋە ئۇيغۇرتىلنىڭ تەرەققىياتى دەخلىگە ئۇچرىسا بۇ مىللەتلەرنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىمۇ ئاقساشقا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرتىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىسا باشقا تۈركى تىللار يۇقۇلۇشقا يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ھەل قىلىنغان مەسىلىلەرنى باشقا تۈركىي تىللارغا شەكسىز تەدبىقلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى ئۇلار ئۈچۈن قالقان ۋە بۇلاق.  ئىككىنچى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا قوللۇنىلىشى ۋە تەرەققىياتى دۆلىتىمىزنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە تېزلىشىشىگە پايدىلىق. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇس بولشىۋىكلىرى ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تاشكەنتتە ئورتا ئاسىيا ئۇنۋېرىستىتىنى قۇرۇپ،  ئۆزبېكچە مائارىپ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن  ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ھەتتا بىر قىسىم موڭغۇل ، تاجىك ۋە شىبەلەرنى تەربىيەلەش ئارقىلىق تەسىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا تېزلىكتە كېڭەيتكەن ۋە ئۇنى 1960-يىللارغىچە ساقلاپ قالالىغان. ھازىرقى ھۆكۈمەت رۇسلارنىڭ بۇ تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ئارقىلىق ئورتا ئاسىيادىكى تۈركى تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى تەربىيەلەش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا يىلىغا يۈزلەپ (قازاقىستاندىن يىلىغا ئىككى يۈز ئوقۇغۇچى جۇڭگونىڭ مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇيدۇ) جوڭگۇغا كېلىپ ھەقسىز ئوقۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە تەييارلىق مۇددىتى قىسقاراپ باج تاپشۇغۇچىلارنىڭ قان تەرى كۆپ تىجىلىپ قالىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ يوقۇتۇلۇش ئورنىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلسا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ئىراق، ئابغانىستان، بالقان يېرىم ئارىلى ۋە روسسىيە تېرىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان ئىككى يۈز مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ  پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە جوڭگۇ مائارىپنىڭ ئوبىكتىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ  ئەرزان ماللىرىغا خېرىدارلىق قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىنىمۇ مايىل قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچىنجى،

-        كەچۈرىسەن ۋاقىت توشتى. ئەڭ ئاخىرقى سۇئال، سەن بېيجىڭنى ياقتۇرامسەن؟

-        پەقەت ياقتۇرمايمەن.

-        ھە، بولدى، رەھمەت ساڭا. ۋاقتىمىز بولغان بولسا ئۇيغۇرتىلنىڭ رىيال ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىڭىنى ئاڭلىغۇمىز بار ئېدى. باشقىلارغا دېمىگەن، ساڭا دەۋىتەيلى، سەن مۇلاقاتتىن ئۆتتۈڭ.

مۇلاقاتتىن ناھايىتى كەيپىم چاغ چىقتىم. يولدا بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر مۇدېر ئۇچراپ قالدى.

-        ھە، مىيەنشى (مۇلاقات) قانداق بولدى؟

-        ئۆتتۈم،

-        ئۇنداق ئاسان بولماس، بېيجىڭدا قايتا پۇچا(تەكشۈرۈش) قىلىدۇ.

-        قانچە سۇئال سورىدى؟

-        ئىككى، بىرسى بەك ئۇزۇن، سىزگە جاۋابىمنى بىر ئىككى ئاغىز گەپ بىلەن دەپ بولالمايمەن. يەنە بىرى  مېنىڭ بېيجىڭنى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىمنى سورىدى.

-        نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭىز؟

-        پەقەت ياقتۇرمايمەن دېدىم.

-        شۇنداقمۇ دەمسىز، بولدى سىزدە ئۈمىد يوق. ئۇلارنىڭ بېيجىڭنى ياقتۇرامسەن دېگىنى جوڭگۇ كومپارتىيەسىنى ياقتۇرامسەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغۇدامسەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرامسەن، دوڭتۇ تېرورچىلىرىغا مەيدانىڭ قانداق دېگىنى. ھەيىييي، سىز كىتابنى كۆپ ئوقۇغان بىلەن تازا چۈشەنمەي ئوقۇيدىغان ئوخشايسىز. مۇشۇنداق ھالقىلىق سۇئالنىمۇ چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟…بۇ ئادەمنىڭ قالغان گەپلىرى تازا قۇلۇغۇمغا كىرمىدى. بىللە بىر نەزرىگە باردۇق ئۇ يەردىمۇ بۇ گەپنى تۈگەتمىدى. خىيالىمغا بۇ گەپكە مەنىداش گەپلەرنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغىنىم كەلدى. مېنىڭ بىرىنجى قېتىم خىزمەت تاشلىشىمغا سەۋەپ بولغان ھېلىقى گەنسۇلۇق مۇتىھەم شۇجى ھەققىدە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى بىر پراپېسسور بىلەن پاراڭلىشىپ قالغانىدىم.

-        نېمە، سىز شۇجى بىلەن ئۇرۇشتىڭىز؟ تېخى خىزمەتنىمۇ تاشلاپ چىقتىڭىز! ھەي نادان بالا، ھازىر دىھقانلارنىڭ مەجبۇرى كىۋەز، بۇغداي تېرىشى دېگەن سىياسىي ۋەزىپە. سىزنىڭ قارشى چىققىنىڭىز بىر شۇجى ئەمەس، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ سىياسىي بۇيرىقى. سىز قەشقەر دېگەن يەردە سىياسىي بىلەن ئويناشماقچىما، دەرھال شۇجىغا يېلىنىپ سىياسىي خاتالىقىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراڭ، مۆرىتى كەلسە يىغلاپ يېلىنىڭ…

يۇقارقى سۆھبەتلەر ئالى مەكتەپتە يۈز بەردى. بىرى ئىدولوگىيەلەر قەسىرى بولغان قەشقەردە، يەنە بىرى ئىقتىسادتىن باشقا گەپ ھىچكىمگە خوپ كەلمەيدىغان لەنجودا. ماڭا بۇنداق دېگەنلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر. بىرى 50 –يىللاردا مەملىتىمىزنىڭ داڭلىق ئۇنۋېرىستىتىنى پۈتكۈزگەن ئارامدىكى قەشقەرلىك لۇشۇنشۇناس پروپېسسور، يەنە بىرى خەنزۇچە ئوقۇغان، 80- يىللارنىڭ ئاخىرى  ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپنى تۈگەتكەن  غۇلجىلىق دوتسىنىت، بىر ئالى مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدېرى. تۆۋە دەيمەن ئوخشىمىغان دەۋردە، ئوخشىمىغان زېمىندا چوڭ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئويى نېمانچە ئوخشايدۇ؟ مەنچە مۇنداق كىشىلەر دۆلەتنىڭ يۈكى، خىزمەتنىڭ توسالغۇسى، تەرەققىياتنىڭ مىتىسى. مەن ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ”خاتالىشىپ“ مۇ كەتمىدىم، دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق ئېلىپ باج تاپشۇرىۋاتقان خەلقنىڭ قان تەرى، مېنىڭ ھالال ئەمگىكىمنىڭ بەدەلى بولغان مۇئاشىمنىمۇ كەم قىلماي تۈركىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتىمنى تامالىدىم.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار4
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار3 كېيىنكى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار5

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى
  • iPad 3G+WiFi 32Gدىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ
  • بىلوگگېرلار ئۈچۈن كاتتا خوشخەۋەر
  • iPhoneدا يۈتۈپ كەتكەن 个人热点نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
  • iPhone نىڭ SIM كارتىسىغا ماس PIN نومۇرى
  • iPad نى كومپيۇتېرىڭىزدىمۇ ئىشلىتىپ بېقىڭ
  • iOS4.3.3 چىقتى. نەشىر كۆتۈرمەڭ!
  • «چۈشۈرۈش» Steve Jobs نىڭ تەرجىمىھالى
  • Symbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش
  • تارىختىكى ئەڭ پەچەت تۈرمىدىن قېچىش چىقتى
  • iPod Touch3ئەۋلاد 32G
  • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز
  • iPhone4Sۋە رىقابەتچىلىرىنىڭ پەرقى
  • «ئايفونىڭىز بارمۇ» دىن چاتمىلار–iPhone نىمە دەيدۇ
  • كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ يەنە بىر خىيالى لايىھەسى
  • [Gulan] سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ؟
  • خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتكە بېغىشلاپ
  • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
  • ”ئالما“ مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن نادىر كىتاب
  • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • [Gulan]ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟
  • iPod Touch,iPad سىستىما بولىقىنى چۈشۈرۈش

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ يەنە بىر خىيالى لايىھەسى
    • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
    • ئېھ…خاتىرەم!
    • «ئالما» نىڭ 2012-يىللىق تۇنجى يېڭىلىقى…
    • تارىختىكى ئەڭ پەچەت تۈرمىدىن قېچىش چىقتى
    • «ئېلان»شىركەتكە شوپۇر تەكلىپ قىلىمىز
    • «ئاددىي» ئادەم بولامدۇق؟
    • دىققەت! ئۈسكىنە نەشرىنى 5.0.1 غا كۆتۈرۋىلىڭ
    • 2012-يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
    • redsn0w 0.9.10 ئارقىلىق 5.0.1نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(28)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(26)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. نەزەرى:
      خا خا مەن يېزىپ بولالماي، 1987 نىڭ م…
    2. ئاتامان:
      ئەسسالامۇئەلەيكۇم نەزەرى ! خېلى ئۇز…
    3. يارۇق:
      دەرىسلىكى تېخىچە چىقمىدىمۇ نەزەرباي؟…
    4. پەدفەن:
      ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپتۇ. باشقا يېرى وخشاش…
    5. purset:
      تەييار ئېلان بارمۇ؟مەنمۇ بىرنى ئالاي د…
    6. ئازاد:
      ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نەزەرى. مەن دوستىڭ…
  • خەتكۈچلەر

    مەھسۇلات ئەقلىفون cydia ios5 قۇلۇپ iphone4 ipad IT shsh gulan GoogleAdsense iPhone appstore steve jobs ios مۇڭ symbian iphone4s apple pxl Mac OS X icloud itunes RSS uyghur ipad2 iPod ئۇيغۇر google خالاستان بىلوگ
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club