• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار3

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 0 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدىكى ئوقۇشۇم ھاياتنىڭ قىممتىدىن گۇمانلىنىش، ياشاش ئىقتىدارىمدىن خودۈكسىرەش، بېيجىدا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق مەكتەپ موھىتى،  دۆڭكۆۋرۈكتىكى يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىچارە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇ بىچارىلەرنىڭ بوۋلىرى قالدۇرغان كونا كىتاب ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن تېپىندىلارنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرۈش بەدىلىگە گالىستۇك تاقاپ يۈرۈشكەن ئىلىمدارلار ئۈمىتلىرىمنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرەتتى. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن ياش ئوقۇتقۇچىمىز ئارقىلىق ئامېرىكلىق ئەرەب ئالىم ئېدۋارد سەئىد( 1935-2003 ) نىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرب ئالىملىرى بەرپا قىلغان شەرقشۇناسلىق غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرىنى نەزەرىيە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ شەرق مىللەتلىرىنىڭ ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئەمەلىيەتتە غەرب لايىھىلىگەن ئېدى. ئۇ بەرپا قىلغان كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك تەلىماتى بويىچە غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىرى ئەسىرلەر بويى ھىچ بىر ئۆزگەرمىگەن بولۇپ پەقەت ئىلگىركى تەننى قۇل قىلىشتىن ھازىرقى روھنى ئەسىر قىلىشقا تەرەققىي قىلغان بولۇپ كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىنمۇ خەتەرلىك ئېدى. بۇلارنى ئويلىغانسىرى ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپاغا بېرىپ ئوقۇش ھەققدىكى خىيالىم بەكمۇ گۆدەكلىك بولۇپ تۇيۇلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ئوقۇش قارارىغا كەلدىم. ئەمما شۇنچە ئاقتۇرۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىردىكى ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ مۇكەممەل ئېنگلىزچە توربېتى بارلىرىنى ئاساسەن تاپالمىدىم. شۇ چاغلاردا مەن چوڭ بىلىدىغان ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئاسپىرانتلىق دەرس جەدۋېلىنى توردىن تاپالماي ئېچىنغانىدىم. (بەلكىم ھازىر بۇ ئىشلار جىق ئۆزگەرگەندۇر). ئىراننىڭ ئالى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئىگىلىزچە ئۇچۇرلارنى تاپقان بولساممۇ شۇنچە ساقلاپ تىگىشلىك جاۋاپ ئالالمىدىم.  شۇ چاغلاردا خەنزۇ زىيالىلىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك ۋە بۇنىڭغا ماس ئەۋج ئالغان كوڭزىچىلىق غەرپنى كۈچەپ ئىنكار قىلىۋاتاتتى. بىزدىمۇ ”شىنجاڭ مەدەنىيىتى“ ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم ژورناللاردا ”غەربنىڭ مەدەنىيەت جاھانگىرلىكى، مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىرى“ دېگەندەك ئۇقۇملار كۆپىيىشكە باشلىغان ئېدى. بىر قىسىم زىيالىلار خەنزۇ زىيالىلىرىنىڭ مىللەتچىلىك تەشەببۇسلىرىدىن ئىلھاملىنىپ غەرب ئىددىيىلىرىگە قارشى مەيدانغا ئۆتكەن ئېدى. بۇ كەيپىيات ئوقۇرمەنلەردىمۇ ئەكىس ئېتىپ چەتئەل ئەسەرلىرىدىن سوۋۇش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردە دىنغا ۋە تارىخقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىيال مەسىلىلىرىگە ئائىت ئەسەرلەرنىڭ بازىرى بەكلا ياخشى ئېدى.   رىياللىققا ئائىت ئەسەرلەردىن ”ئىللەت“ لەر سۆكۈلگەن ۋە ياتلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە دائىر ئەسەرلەر ئالاھىدە خېرىدارلىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غەرپتە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقاردىم ۋە غەرىپتىن ئۆگىنىشتىن  تولۇق ۋاز كەچتىم. ئىنگىلىزچىنى داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا تۈركىيە تۈركچىسى ۋە پارىسچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم.

مەكتەپ ئاسپىرانتلاردىن ئۇ چاغلاردا ئوقۇش پۇلى ئالمايتتى. بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلى بەك ئاز بولۇپ ئەڭ تىجىگەندىمۇ ئون بەش كۈنگە ئاران يېتەتتى. ياتاق پۇلى، كۈندىلىك خىراجەتكە پۇل تاپمىساق بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاكامغا يارىدەملىشىپ نەشىرىياتچىلىققا كىرىشتىم.  كۈنلىرىم خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسەرلەرنى ئوقۇش، تەشۋىق قىلىپ سېتىش ۋە تۇغقان تۈركى تىللاردىن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئۆتتى.  بۇ يول ماڭا زىيالىنىڭ بىلىمىنى پۇلغا ئايلاندۇرالايدىغان بىر يول بولۇپ تۇيۇلدى. مەن مۇشۇ كىتاب سودىسى قىلىش جەريانىدا سېتىلىۋاتقان كىتابلارغا قاراپ كىشىلىرىمىزنىڭ نەقەدەر مەرىپەتسۆيەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە ئەدەبىياتچىلارچە ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلدۇم. بەلكىم بەزى ئوقۇرمەن دوستلار تارىخ، ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر سېتىلغان بىلەن پەننىي كىتابلارنى خەق ئوقۇمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. لېكىن مەن «پەن ۋە تۇرمۇش» «بىلىم كۈچ» «ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى» دېگەندەك ئۇيغۇرچە پەننى ژورنال ۋە باشقا ئەدەبىي ژورناللارنى ئىككى يىل پايدسىغا سېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنى پۈتكۈزىۋالدىم. (يۇقاردا ئىسىمىنى تىلغا ئالغان پەننى ژورنالدىن بىرنى ھۆددىگە بەرسە مەن شۇنىڭدىن پايدا ئېلىپ گۈلدەك ياشاپ كېتىشكە كۆزۈم يېتىدۇ). شۇ چاغلاردا مېنى سۆيۈندۈرگىنى كىتاب يېزىپ ۋە نەشىر قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر قىسىم زىيالىلار ئوتتۇرىغا چىقتى. (مېنىڭ ئېنىق بىلىدىغىنىم يارمۇھەممەد تاھىر ئەپەندى.) 1999-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان ئارىلىق ئۇيغۇرلاردا كىتابچىلىقنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغانىدى. غالىبىيەت، مورتۇم، ئىدىقۇت، ساچىيە، قۇتادغۇبىلىك قاتارلىق كىتابچىلىق شىركەتلىرى دەۋر سۈرگەنىدى. مەن ئىككى يىل مۇشۇ ئىشنىڭ نېنىنى يىدىم. شۇ چاغدا مەخسۇس  پەلەسەپە ۋە تېبابەتكە دائىر كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىر ئاكىمىزنىڭ دېيىشىچە ئۇيغۇرلادىن نەشرىياتچىلىق قىلىپ ۋەيران بولغىنى يوقكەن. مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەردىن ئىگىلىشىمچە خەنزۇ بۆلۈمدىن قالسىلا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىختىسادىي ئۈنىمى ياخشىكەن. كېيىن ئىزدىنىش ئارقىلىق خۇسۇسىي نەشرىياتچىلىقنىڭ جوڭگۇدا خەنسۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلاردىلا بىر سودا تۈرى بولۇپ شەكىللەنلىكىنى بايقىدىم. شۇ چاغلارداقايسى ژورنالىنى ھۆددىگە بېرىدىكەن، قايسى نەشىرىياتنى ھۆددىگە بېرىدىكەن دەپ تامادا يۈرگەن ئۇيغۇر جىق ئېدى (مەن دەل شۇلارنىڭ بىرى ئېدىم). چۈنكى مەن  «ئانا يۇرت» نىڭ قاچاق باسمىسىدن باشقا   30مىڭ پارچە سېتىلغىنىغا گۇۋاھ بولدۇم. ئەركىن روزىنىڭ «بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» دېگەن كىتابتىن قەشقەردە يېرىم يىل ئىچىدە 4000نى ساتتىم. «مەھمۇد كاشىغەرى» گە ياركەنت كىتابخانىسىنىڭ بىر يىللىق 5000 تىراج بەرگىنىنى كۆردۈم. «لېيىغان بۇلاق» كەم دېگەندە 50،000 پارچە سېتىلدى. 1998-يىلى مەن «ئىز» ھەققىدە ماقالە يازاي، دەپ كىتابنىڭ داڭقىغا  ئىسپات قىلاي دەپ قارىسام ،تىراجى قايتا قايتا بېسىلغىنىنى ھىساپلىغاندا سەكسەن نەچچە مىڭ چىققانىكەن.  كىتاب سودىسىغا ئارىلاشمىغان بولسام ئۈمىتسىزلىكتىن نە كويغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مىڭلاپ، يۈزمىڭلاپ سېتىلىۋاتقان كىتابلار مېنى رىغبەتلەندۈرگەن، شۇ چاغدا كىتاب ئوقۇۋاتقان نەچچە يۈزمىڭ ئوقۇرمەنى بار ئۈمىتلىك بىر قەۋمنىڭ ئەزاسى بولۇش مېنى ئۈمىدكە تولدۇرغانىدى. كىتاب سودىسى  جەريانىدا يەنە بىر بايقىشىم، بىزدىكى مۇئاشلىق زىيالىلار بىلەن مۇئاشسىز(دىندا ئوقۇغان، ياكى دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگەنلەر) زىيالىلار خۇسۇسى نەشرىياتچىلىقنىڭ مەزگىللىك گۈللىنىشى جەريانىدا بىر بىرىنى بايقىدى ۋە ھەمكارلاشتى. بولۇپمۇ مۇئاشسىز زىيالىلارنىڭ نەشىرىياتچىلىققا ئارىلىشىشى ئاۋامنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇلارنى كۆرۈپ ئويۇمدا خەلق قىزىقمىغان غەربنىڭ ئادەم ئاسانلىقچە چۈشەنمەيدىغان تۈرلۈك ئىدىيە ئېقىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر ھاماقەتلىك بولىدىغانلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدىم.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار3
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار2 كېيىنكى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار4

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • 北京 دا ۋاكالىتەن ئىش بىجىرىپ بېرىمەن
  • Google دىن 3 يىڭىلىق
  • GoogleAdsense ئېلانى توختاپ كەتكەنلەر
  • iPhone نىڭ تور قۇلۇپلىنىش ئەھۋالى جەدىۋىلى
  • iphone ئۈچۈن ھەقسىز سىن بىرتەرەپ قىلىش دېتالى
  • يىپيىڭى iPhone4,16G (ئاق) ئەرزان سېتىلىدۇ
  • WWDC 2011 تىكى يىڭىلىقلار ھەققىدە
  • 手机飞信(ئۇچار خەت)نىڭ wifi نۇسخىسى چىقتى
  • 30 يىلدىن بىرى ئەڭ كۆپ قويۇلغان مۇزىكا_渔舟唱晚
  • iPhone 5 ھەققىدە پەرەزلەر
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار8
  • Yanni ئورۇندىغان مۇڭلۇق كۈيى With an Orchid
  • [تەۋسىيە]iPhoneنى تەھرىرلەش،بارماق دېسكا قىلىش
  • iPhoneئۈچۈن يەنە بىر ياخشى قورال
  • David ئورۇنلىشىدا مۇزىكا 《I Miss You 》
  • كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ يەنە بىر خىيالى لايىھەسى
  • دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل-ئىچى گۈزەللەر سىماسى
  • iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش
  • Apple مەھسۇلاتلىرى ئورگان تەرەپ سىستىم بولىقى(ئەڭ تولۇقى)
  • iTunes كۆپ بوشلۇق ئىگەللىۋالغاننىڭ دورىسى
  • iOS4.3.3 چىقتى. نەشىر كۆتۈرمەڭ!
  • [Gulan] ئامېركىدا مەشرەپ

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبرەت:
      ئايفۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات ئايفونسى …
    2. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    3. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    4. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    5. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    6. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    Siri iphone4 icloud iphone4s symbian appstore يۇنىكود ئۆلچىمى ios ipad2 epub GoogleAdsense ھەقسىز Mac OS X iOS 6 JailBreak ios5 RSS itunes خالاستان بىلوگ uyghur ipad iPod cydia ئۇيغۇر ipad 3 gulan iPhone shsh مەھسۇلات IT pxl apple ئەقلىفون steve jobs مۇڭ قۇلۇپ google
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club