• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

Symbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش

2011-05-27 | Nezeri | Symbian, پۈتۈكلەر| 13 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

ھازىر كۆپىنچە ئوقۇغۇچى بالىلار ياكى iPhone غا پۇل يېتىشتۈرۈپ بولالمىغان ئەمما iOS كە ھەۋىسى بارلاردا ئاساسەن دىگۈدەك iPodTouch نىڭ ھەر قايسى دەۋر مەھسۇلاتلىرى بار. بۇ ئۈسكىنىدە GPRS سېگىنالى قوبۇللىغۇچ ئورنىتىلمىغان. شۇڭا خالىغان يەردە تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئامىركىدىن كىرگەن ئەمما تور قۇلۇبىنى يېشىشكە ئۈلگۈرمىگەن iPhone لارمۇ پەقەت wifi نوقتىسى ئارقىلىق تورغا چىقالايدۇ. wifiنۇسخىدىكى ipadمۇ پەقەتلا كومپيۇتېر ياكى باشقا router دا قۇرۇلغان wifi نوقتىسى ئارقىلىق تورغا چىقالايدۇ.

كۆپىنچىمىزدە يۇقارقى ئۈسكىنىلەر يوق، ياكى بىرەر قىتىملىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم ئۈسكىنە سېتىۋىلىش ياخشى تەدبىر ئەمەس. مەنمۇ تولا ئىزدەپ يۈرۈپ نۆۋەتتىكى ئەڭ قولاي symbianمۇھىتىدا wifi نوقتىسى قۇرۇش دېتالىنى تاپتىم.بۇ دېتالنى قاچىلاش ئۈچۈن symbian نىڭ 3-ياكى 5- نەشرى شۇنداقلا ئۈسكىنىدە wifi ئىقتىدار بولىشى كىرەك. ھازىرقى كۆپ قىسىم ئەقلىفونلاردا wifi دىگەن چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدار.

joiku  ناملىق بۇ دېتالنى قاچىلاش، ئىشلىتىشنىڭ تەپسلىي باسقۇچى:

1. ئالدى بىلەن http://dl.dbank.com/c0poofv8mu دىن خالاستان بىلوگى تەمىنلىگەن ھەقسىز نەشرىنى چۈشۈرۈڭ.

ياكى http://www.joiku.com/ دىن ھەقلىق نەشىرنى 9 ياۋروغا سېتىۋىلىپ چۈشۈرۈڭ،

ۋە ياكى http://www.ruan8.com/soft_5864.html دىن خەنچە نەشرىنى چۈشۈرۈڭ.

2. چۈشۈرگەندىن كىيىن  قويۇپ قاچىلاڭ.ئىمزا سورىمايدۇ، ئەگەر تەلەپ قىلسا ئۇيغۇر يانفون تورى بۇ ھەقتە سىزگە مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئىمزا قويۇش دەرسى : http://uyphone.com/a//2010/0625/405.html

3.قوزغاتقاندىن كىيىن 是否同意外部设备共享互联网设备 دىگەن تاللاشقا قوشۇلۇپ كىيىنكى قەدەمگە كىرىپ چىققان تاللاش تۈرىدىن cmnet (بىرلەشمىن ۋە تىلگىرافىڭمۇ net بىلەن ئاخىرلاشقان تاللاش تۈرىنى) تاللايسىز. باشقا بارلىق تاللاشلارنى ۋاكالىتەن قىلىپ بېرىدۇ.

4.بۇ ۋاقىتتا تور رەسمىي قۇرۇلۇپ بولغان بولۇپ ھەقسىز نەشىردىكى دېتال بولغاچ تور نامى، قانىلى،پارولى قاتالىقلارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ھەقلىق نەشىرنى سېتىۋالغاندا ئاندىن ئۆزى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.

سېرىتقى ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق بۇ تورنى بايقاپ تورغا چىققاندا بۇ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە ئېقىم مىقدارى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى خەنچە بولغاچ ئىشلىتىش بەكلا قولاي. مەسىلە بولسا خالاستان بىلوگى تېخنىكىلق مەسلىھەت بىرىدۇ .ھازىر مۇشۇ يازمىنىڭ ئاپتورى نەزەرىمۇ مۇشۇ دېتالدا تورغا چىقىۋاتىدۇ.

 بۇ ئۈسكىنە ئارقىلىق قۇرۇلغان wifi نوقتىسى 50 مىتىر ئەتراپقا تارقىلىدۇ، wifi قوبۇللاش ئىقتىدارى بار ھەرقانداق كومپيۇتېر ياكى iphone,ipodtouch,upad لەردە تورغا چىقىشقا بولىدۇ.

خەتكۈچلەر: symbian
يازما ئادېرسىSymbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: iOS ئۈچۈن ئەڭ ياخشى RSS ئوقۇغۇچىسى MobileRSS كېيىنكى: [Gulan]ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس(”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نىڭ داۋامى)

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iPad 2 نىڭ ئىلان قىلىنىش يىغىنى
  • iPod Touch نى سىھىرگەرلىكتە ئىشلەتسە مۇنداق بولىدىكەن
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار18
  • گۈرۈچفون (小米手机) ھەققىدە بايان
  • ipad2چوڭ قۇرۇقلۇققا5-ئاينىڭ6-كۈنى كىردى
  • «چۈشۈرۈش» Steve Jobs نىڭ تەرجىمىھالى
  • iPhone نىڭ ئاساسى بەلباغى ھەققىدە ساۋات
  • Apple تەرەپمۇ كۆچۈرمىكەشمۇ؟
  • خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتكە بېغىشلاپ
  • iOS4.3.2نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • [مۇڭ] كىلاسسىك مۇزىكا 琵琶语
  • iPhone ۋە كومپيۇتېر ئۈچۈن 百度百科ئامبىرى
  • iTunesھىساب نۇمۇرىنى ھەقسىز ئېلتىماس قىلىڭ
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار5
  • Apple مەھسۇلاتلىرى ئورگان تەرەپ سىستىم بولىقى(ئەڭ تولۇقى)
  • ئەڭ ياخشى تورسىز RSS ئوقۇش دېتالىFeedDemon
  • ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچ
  • ئەڭ ياخشى تور يۈزى RSS ئوقۇغۇچ GoogleReader
  • [Gulan] شىئېر ۋە تىل
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار16
  • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
  • iPhone4Sۋە رىقابەتچىلىرىنىڭ پەرقى

13 دانە باھا

  1. Nezeri
    2011/06/28 سائەت 12:09:00 /

    شۇنداق.مەنمۇ ھەر ۋاقىت مۇشۇ دېتالنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن.

  2. aklim
    2011/06/28 سائەت 00:12:39 /

    بۇ دېتال ئارقىلىق تېلېفون سېگىنالى تارتقان ھەر قانداق ئۇرۇندا تورغا چىقىشقا بولىدىكەن.بۇ قېتىم ئىچكىرىدىن بىر دانە ipad2 wifi نۇسخىسىنى ئالغاچ كەلگەن.سيىمبان تېلېفوننىڭ ئايلىق ئېقىم مىقدارىنى 20 يۇەنلىك ئېچىپ قۇيۇپ مەكىتنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدە تورغا چىقىپ سىناپ كۆردۈم.سۈرئىتىمۇ خېلى تىز.بىر سائەت ئىشلەتسەم 20 مىگابايىت ئەتىراپىدا ئېقىم مىقدارى چىقىپتۇ..ipad سېتىۋالغۇچىلارغا تەكلىپىم بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ بىر يىلدا 240 يۈەن خەجلىگەن پۇل،3G نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ بىر يىلدا 1200 يۈەن خەجلىگەن پۇلدىن ياخشراق تور مەشخۇلاتى ئېلىپ بارالايدىكەنسىز.

  3. Nezeri
    2011/05/30 سائەت 00:48:27 /

    سىزنىڭ QQنى ئىزدەپ تاپقىلى بولمىدى، مىنىڭكىنى قوشۇۋالسىڭىز، رەھمەت
    admin@

  4. Nezeri
    2011/05/30 سائەت 00:40:43 /

    تۈزۈت قىلماڭ.
    ھەممىمىز ئۆگەنگۈچى ئەمەسمۇ. مەن ھازىر 3-ئەۋلاد iTouch تا سىناق قىلىۋاتقان.
    لىكىن سىز دىگەندەك سىنىدىم، قەتئىي بولمىدى، ئۇلانماي تۇرۇۋاتىدۇ. مەن باشقا دېتاللارنىڭ ياردىمىدە كۆكچىش ئارقىلىق ھۆججەت يوللاۋاتىمەن، لىكىن كۆچىشتا تورغا چېقىپ باقمىدىم.
    ئەينى چاغدا 3-ئەۋلاد iPhone دىمۇ بۇ ئىشلارنى سىناپ باقماپتىكەنمەن.

  5. Erke
    2011/05/29 سائەت 12:38:53 /

    Emeliyette Alma mehsulatliri toghrisida sizge aran shagirt bolalishim mumkin, biraq, yuqarqilar mining aldimda sinaqtin utken, shunga bu geplerni qildim, aldingizda aldipeshlik qilghan bolsam I’m Sorry…! :roll: :mrgreen:

  6. Erke
    2011/05/29 سائەت 12:35:51 /

    men mushu hil usulda torgha chiqiwatqinimmu del iPod Touch 4 idi ghu,… ikkisining kokchishini uz ara 配对 qilsingizla bolatti… nimishqa bolmighandu sizningkide…

  7. Nezeri
    2011/05/29 سائەت 00:40:39 /

    ماقۇل ، كۆپ رەھمەت

  8. Nezeri
    2011/05/29 سائەت 00:38:10 /

    شۇنداقكەن. مەن سىنىدىم. ھەقىقەتەن سىز دىگەندەككەن. لىكىن ipodtouch نىڭ 蓝牙 سىنى ئۇنداق ئۇلىغىلى بولمايدىكەن.

  9. Erke
    2011/05/28 سائەت 23:41:18 /

    ish bolsa QQ : 252024972 buningda tapalmisingiz …muhsin@qq.com ni qoshsingoz bolidu…

  10. Erke
    2011/05/28 سائەت 23:39:40 /

    men uzun boldi mushundaq ishlitiwatimenghu, uz ara bir nerse yutkigili bolmaydu elwette, biraq, torgha chiqqili boliwiridu.. qeni sizmu sinap beqing… 100% bolidu, chunki men we mining 2-3 aghinem shundaq ishlitiwatimiz…

  11. Erke
    2011/05/28 سائەت 23:37:55 /

    bu ning gha kokchish ni yishish ketmeydu… 4.3.1 din yuqiri neshirdikisi bolsila bolidu, peqet uz ara ulisaqla torgha chiqqili boliwiridu, bashqa hechqandaq meshghulat hajetsiz…

  12. Nezeri
    2011/05/27 سائەت 21:29:28 /

    ئايتاچ قا باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ كۆكچىشىنى ئۇلاش ئۈچۈن كۆكچىشنى يېشىش كىرەك بولىدۇ. يېشىلگەن ئەھۋالدا ئاندىن ھۆججەت يـۆتكەش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولىدۇ. كۆكچىش يېشىلمىگەندە ئۇلاشقا بولمايدۇ.
    مەن بۇ گەپنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان، قىنى يەنە بىر سىناي، تولا سىناپ ئەپلەشتۈرەلمىگەن

  13. Erke
    2011/05/27 سائەت 21:02:14 /

    ئادەتتە سيمبىيان تېلفۇنلارنىڭ 40 تىپتىكى سېستىما قاچىلانغانلىرى ۋە سونىي ئەرىكسىن نىڭ ئادەتتىكى كىچىك تېلفۇنلىرى بولسىلا كۆكچىشنى ئۇلاپلا ئايتاچ تا تورغا چىققىلى بولىۋىرىدۇ… مەنمۇ شۇنداق قىلىمەنغۇ…!
    ئارتۇقچە ئىشلار ھاجەتسىز، پەقەت كۆكچىشنى ئۆز-ئارا ئۇلىسىڭىزلا بولدى…

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبرەت:
      ئايفۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات ئايفونسى …
    2. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    3. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    4. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    5. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    6. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    appstore ئەقلىفون GoogleAdsense ئۇيغۇر icloud shsh ios5 iOS 6 ipad خالاستان بىلوگ IT apple ios يۇنىكود ئۆلچىمى iphone4 iPod uyghur ھەقسىز google itunes cydia symbian مەھسۇلات iPhone ipad2 epub قۇلۇپ Siri RSS steve jobs gulan JailBreak ipad 3 iphone4s Mac OS X pxl مۇڭ
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club