• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار16

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 2 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟
ئىيۇلدىن باشلاپ تۈرلۈك كۈتۈلمىگەن ئازاپلاردىن تاشقىرى، كۈتۈلمىگەن تەسەللىلەرمۇ مېنى يالغۇز قويمىدى. قاچانلاردىدۇر توردا تونۇشۇپ قالغان تۈركلەر، ئەزەربەيجانلار، تاتارلار، ھىندونۇزىيىلىكلەر تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىدى، بۇغداي ناندەك سۆزلىرى بىلەن كۆڭۈل يارامغا مەلھەم بەردى. مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياجانلىق ھىكايىسىنى پەقەت يازماي تۇرالمايمەن.

2003- يىللىرىغۇ دەيمەن توردىن مۇنداق بىر ھەيران قالارلىق خەۋەرنى كۆرگەن ئېدىم. خەۋەردە بىر ئامېرىكىلىق ئەر-ئايالنىڭ قازاقىستاندىن يېڭىلا بېىۋالغان ئىككى ياشلىق قىزى رازىيەگە ئۇيغۇرچىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىتىش ئۈچۈن يارىدەم سورايدىغانلىقى يېزىلغان ئېدى. مەن دەرھال خەت يېزىپ ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. بۇ ئىككەيلەن خېتىمدىن شۇنداق خۇشھال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، مىڭ ئەپسۇس، ئۇلار ئامېرىكىدا ئىكەن. ئۇلارغا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئۇلارغا يېقىن شىتاتتا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يارىدىمى كېرەككەن.
ئارىدا بىر ئىككى خېتىگە جاۋاپ يازدىم ۋەتەندىكى بىر قانچە ئۇيغۇرچە تورنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ھىچ قايسىسىدا توردىن ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش سەھىپىسى يوق ئېدى. بولغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرچە بىلمىگەن ئاتا -ئانا ئۈچۈن ياردەمچى بولالامايتتى. كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇلار ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى تامامەن ئۇنتۇپتىمەن. ئۈرۈمچىدە ۋەقە بولۇپ كۈنلەر كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ھازا بىلەن ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە، سكايىپ سايراپ قالدى.
-سالام، ئەنجۈمەن!
-سالام، كىم بولىسىز؟
-مەن ئەكىس، سىز ئەنجۈمەن، ھېلىقى ئالى مەكتەپتە ئىشلەيسىزغۇ دەيمەن؟
-بۇرۇن شۇنداقتى، ھازىر مەن ئامېرىكىدا.
-مۇباردەك بولسۇن! ئوقۇشقا كەلدىڭىزمۇ؟
-شۇنداق، رەھمەت. مەن ھازىر كانساستا، تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن.
-سىز مېنى ئەسلىيەلىدىڭىزمۇ؟ مەن رازىيەنىڭ دادىسى، سىز قىزىمغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمەكچى بولغانتىڭىز؟ ئىككىمىز 2003-يىلى ئالاقىلەشكەن. سىز شۇ چاغدىمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغىڭىز بارلىقىنى دېگەنتىڭىز. ئاخرى كەپسىزدە!
– شۇنداق، مەن 15 يىل تەييارلىق قىلىپ ئاخىرى كەلدىم. ئېسىمگە كەلدى، سىز قازاقىستاندىن بىر ئۇيغۇر قىزىنى بېقىۋالغان. قىزىڭىزغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتەلىدىڭىزمۇ؟
-ئۆگەتتىم ، بۇ تولىمۇ ھاياجانلىق ھىكايە. سىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن خەت تاپشۇرىۋالدىم. ئۇيغۇرلار مېنى بەك قوللىدى، رىغبەتلەندۈردى. ئۇلارنىڭ يارىدىمى بىلەن قۇشنا شىتاتتا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر بالىنى تاپتىم. ئۇ يىگىت قىزىمغا ئىككى يىل ئۇيغۇرچە ئۆگەتتى. ئۇ بالا تولىمۇ تەدبىرلىك بالىكەن. ھەپتىدە ئۈچ سائەت ئۆگەتتى، ئەمما ھەر كۈنى قىزىم ئۈچ سائەت ئاڭلىغۇدەك قىزىقارلىق لەتىپىلەرنى ئاۋازغا ئېلىپ ماڭا تاپشۇردى، مەن ئاۋال رازىيەگە ئاڭلىتىپ بولۇپ،  ئۇنى ئىگىلىزچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئاڭلىدىم.
-ۋاي بۇ ئاجايىپ تەسىرلىك ئىش بولۇپتۇ، شاتلىنالماي يۈرگەن كۈنلەردە، ھە ئاندىن قانداق بولدى؟
-ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ يىگىت باشقا شىتاتتىن خىزمەت تېپىپ كېتىپ قالدى، ئاندىن قىزىمغا ئۇيغۇرچىنى ئۆزەم ئۆگەتتىم.
-قانداقسىگە؟
-ئۈرۈمچىدىن دىسنى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان قورچاق فىلىملىرىنى ئەكەلدۈردۈم. ئىنگىلىزچىسىنى ئۆزەم ئالدىن كۆرۈۋېلىپ، قىزىمغا ئۇيغۇرچە فىلىمنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغۇزدۇپ ئاڭلىدىم، شۇنداق قىلىپ قىزىم شۇنداق كىرىشىپ كەتتىكى، ھەر كۈنى ماڭا بىرەر كىنۇ تەرجىمە قىلىپ بەرمىسە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ھالغا يەتتى. ھازىر قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچىسى ياخشى. مەن توردىن چۈشۈرۈپ بەرگەن ئۇيغۇرچە كىنۇ ۋە كۈلدۈرگىلەرنى كۆرۈپ ھارمايدۇ.  يېقىندىن بېرى كۈلدۈرگە، ئىتۇت دەيدىغان قىزىقچىلىقلارغا ئاشىق بولدى. ھەراست، ئۇيغۇرچە چاۋسۇ، جوتۇڭ، دىبا،ۋاڭبا، داباۋ، پەيچىسو، فاڭدۇڭ، ماجاڭ، چاۋشى، جوڭبا، مەنباۋ، دابازا دېگەن گەپلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ قىزىم ئابدۇكىرىم ئابلىز دېگەن قىزىقچىڭلارنىڭ ۋىدىيوسىدىن كۆرگەنىكەن، بىلەلمەي قاپتۇ.
-تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچە ئەمەس، قىزىقچىلىق قىلىمەن دەپ، قوشۇپ قويغان سۆزلەر ئوخشايدۇ.
-ياق، ئۇنداق ئەمەستەك، كىشىلەر ئۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسىلا كۈلدى، ئۇيغۇرچە بولمىسا خەق چۈشىنىپ كۈلەمتى؟
-ھازىر بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇرچىغا خەنزۇچە قوشۇۋالىدىغان ئىش بار، راست گەپنى دېسەم، شەھەرلەردە كۆپ ئادەم بۇنداق بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيدۇ.
-ئەمىسە مەن قىزىمغا قايسى ئۇيغۇرچىنى ئۆگىتىمەن؟  چوڭ شەھەرنىڭكىنىمۇ، ياكى سەھرانىڭكىنىمۇ؟
-بۇ ئىشلار ۋاقتىنچە، بۇ مودا سۆزلەرنى كىشىلەر قانداق ئاسان ئۆگىنىۋالغان بولسا شۇنداق ئاسان ئۇنۇتۇپ كېتىدۇ. ئەندىشە قىلماڭ.
-سىكايىپنىڭ كۆرۈنىشىنى ئېچىڭە، بىر بىرىمىزنى كۆرەيلى! قىزىمنىڭمۇ سىز بىلەن مۇڭداشقۇسى بار.
-سىكايىپ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان توردىكى ھەقسىز سۆزلىشىش دىتالىنىڭ ئىكرانىنى ئاچتىم.
-ئاق سېرىق، 9-10 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنىڭ ساغۇچ چاچلىق بېشى كۆرۈندى. ئەنە، ئۇيغۇرنىڭ كۆزلىرى!
ماڭا قاراڭ رازىيە، مەن سىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكىڭىز ئەنجۈمەن.
-كۆرۈشكەنلىكىمىزگە خۇشالمەن، ئاكا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاكا سىزنىڭ بالىڭىز يوقمۇ؟
-بالام بار، ئەمما بۇ يەردە، ئامېرىكىدا ئەمەس. سىز تولىمۇ بەختلىك ئىكەنسىز، ئاتا- ئانىڭىز يېنىڭىزدا ئىكەن. قانچىنچى سىنىپتا ئوقۇيسىز؟
-بۇ يىل 3-دەرىجىگە كۆچىمەن .
_ ھە، ئۈچىنچى سىنىپقا دەڭ! سىز نېمىگە ئامراق؟
_ مەن ئاتقا بەك ئامراق، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئېتى بەك قالتىسكەن، ئاكا سىزنىڭ ئېتىڭىز بارمۇ؟ دادم مېنى ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن دەپ دايىم ۋەدە بېرىدۇ، ئەممە ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. بىزنىڭ تېخى ئۆيىمىز (ھويلىلىق ئۆينى دېمەكچى)  يوق، ئۆتنە ئالغان (ئىجارە ئالغان دېمەكچى) بىنادا ئولتۇرىمىز. ئۆيۈم بولغاندا ئات باقسامكەن دەيمەن. سىزنىڭ ئېتىڭىز چوڭمۇ؟
– مېنىڭ ئېتىم يوق، مەن ئاتقا مىنەلمەيمەنغۇ دەيمەن. ھازىر ۋەتەندە ئات ئاز، مىنىدىغان ئادەم تېخىمۇ ئاز.
– ئۇيغۇرلار ھازىر چىن تۆمۈر باتۇردەك ئات مىنمەمدۇ؟
– ياق، ھەممە يەر سىمۇنت، ھەممە يەر قاتتىق، ئات ماڭالمايدۇ.
– ئاكا سىز پىرىزدېنت بولاي دەمسىز؟
– ياق، مەن ئويلاپمۇ باقمىدىم، مەن بولالمايمەن!
– نىمىشقا، مەنچە سىناپ بېقىڭ، مەن مەكتەپتە پىرىزدېنت بولدۇم، ( ئامېرىكىدا مەكتەپلەردە شۇنداق تەقلىدى سايلام باركەن ) دادام سىز تۇنجى ئۇيغۇر پىرىزدېنت دەيدۇ، بۇ راستمۇ؟ ئۇيغۇرلاردا بۇرۇن پىرىزدېنت يوقمىدى؟|
– ئويۇنچۇقىڭىز كۆپمۇ؟
_ مەن كىچىك  بالا بولمىسام، پىرىزدېنت دېگەنمۇ ئويۇنچۇق ئوينامدۇ؟ سىز مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنمەيۋاتسىز؟ مەن راستىنلا پىرىزدېنت، شۇنداققۇ دادا!
_ قىزىڭىز بىلەن مۇشۇنداق كۆرۈشەلەمسىز؟ قىزىڭىزنىڭ مەلىكە بولغۇسى بارمۇ ياكى پىرىزدېنتمۇ؟ نىمىشقا يىغلايسىز؟ تېلۋىزوردىمۇ كۈندە يىغلىغان كۆرۈنىشنى بېرىدۇ، نىمىشقا بۇنداق ھەممىڭلار يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدىڭلار؟
پەقەت بەرداشلىق بېرەلمىدىم، سىكايىپنى ئۆچۈرۈپ، ئۈنۈمنى قويۇۋېتىپ راسا يىغلاپتىمەن. بىر دەمدىن كېيىن ئەكستىن خەت كەلدى. خەتتە مۇشۇمداق پات پات مۇڭدۇشۇپ تۇرۇش ئارزۇسى تىلغا ئېلىنغان ئېدى.
بۈگۈن ئەكىستىن يەنە خەت تاپشۇرىۋالدىم. قىزىنى تۈركلەر ئاچقان مەكتەپكە يۆتكەپتۇ. خېتىدە قىزىنى باققاندىن بېرى ھالال گۆش يەۋاتقىنىنى، قىزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىتىقاد قىلىۋاتقان دىنغا ئىتىقاد قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى تۈرك مەكتىپىگە يۆتكىگەنلىكىنى، رامازاندا تۈركلەرنىڭ قىزىغا قۇرئان ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رازىيەنى ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى يېزىپتۇ. ئۇ خېتىنىڭ ئاخىرىدا « مەن رازىيەنى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزى قىلىپ تەربىيەلىيەرمەنمۇ؟ ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە رازىيەدىن رازى بولارمۇ؟» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار16
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار14 كېيىنكى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار17

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • Enigma ئىجراسىدا مۇزىكا Angels Weep
  • XJTV پروگرامما ئىشلەش نەخ مەيدانى
  • [Gulan]ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس(”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نىڭ داۋامى)
  • Nokia E5 قارا رەڭلىك WiFi بار
  • iPhone دا DFU ھالەتكە كىرىش
  • [مۇڭ] كىشىلەرنىڭ چۈشى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار5
  • ئەقلىفوننىڭ 10 يىللىق تارىخى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار7
  • iPhone نىڭ ئاساسى بەلباغى ھەققىدە ساۋات
  • iOS5نىڭ توك ئىسراپ قىلىش مەسىلىسى تۈزىلىدۇ
  • تۈرمىدىن قاچۇرۇش (JailBreak) نىڭ 100 خىل پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قاچمامسىز؟
  • 99%يىڭى Sony لەپتوپى ئەرزان سېتىلىدۇ
  • سىز مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغان ipad
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار11
  • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)
  • ipad2چىقتى ipad1نىڭ باھاسى1100يۈەن چۈشتى
  • كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق ( multi-touch)
  • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى
  • نۇرقۇت قۇرغۇچىسىنىڭ ئىتالىيەدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا تەبرىك!
  • Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى
  • iOS4.3.4 مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچماسلىقى مۇمكىن

2 دانە باھا

  1. Nezeri
    2011/05/12 سائەت 22:43:24 /

    مۇشۇ گېىپىڭىزمۇ يىتەرلىك.
    جاھاندا 20 مىليۇن ئۇيغۇر بار. ئۇنىڭ ئىچىدىن سىزدەك ئويلىيالىغاندىن قانچىسى بار؟
    تىرىشىلى…

  2. RY
    2011/05/12 سائەت 22:13:08 /

    buni okup nahayiti tasirlandm ham eqindm uyhur turup millitim vqun eqkandak ix kilalmihinmha eqindim bzi kaqianmu ohinamiz

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبرەت:
      ئايفۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات ئايفونسى …
    2. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    3. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    4. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    5. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    6. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    iPhone RSS appstore apple cydia ipad 3 epub iphone4s uyghur ios5 ھەقسىز قۇلۇپ steve jobs Mac OS X icloud iPod shsh GoogleAdsense ئۇيغۇر IT iphone4 gulan ios google يۇنىكود ئۆلچىمى مەھسۇلات ipad2 ئەقلىفون مۇڭ JailBreak Siri symbian pxl iOS 6 ipad خالاستان بىلوگ itunes
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club