• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple GoogleAdsense ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار7

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 0 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى
ئايرۇپىلانغا چىقىۋاتقاندا مېنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئوقۇغۇچۇمنىڭ ”ئەركىنلىك سەپىرىڭىز باشلاندى“ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى.  مەن ئۇنىڭغا “ بۇ مېنىڭ ئىزدىنىش سەپىرىمنىڭ داۋامى“ دېگەنىدىم. ئەقىللىق ئوقۇغۇچۇم بەلكىم مېنى ماي گۈلى ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ  ئەركىنلىك، يېڭى دۇنيا ئىزدەپ سەپەرگە چىققان ئەنگىلىيىلىكلەرگە ئوخشاتقان بولۇشى مۇمكىن. 1660 – يىللاردا ئەنگىلىيەدىكى خىرىستىيان ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتىدە يېڭى دىن تەرەپتارلىرى  تەھدىتكە ئۇچراپ ئامېرىكىغا ئولتۇراقلاشقانىكەن. شۇلارنى ئويلاپ ئايرۇپىلان كۆزۈمگە ”ماي گۈلى“ كۆرۈنۈپ كەتتى. يېنىمدىكى ئولتۇرغىنى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ پۇقرالىققا ئۆتكەن بېيجىڭلىق ئايال ئىكەن. بۇ ئايال مېنى دەسلەپ مۇسۇلمان بولغاچ ئامېرىكىغا ئۆچ، دەپ ئويلاپ ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستادىكى«تاجاۋۇزچىلىق» لىرىنى تەنقىد قىلدى. مەن ھىچ ئىپادىسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن گېپىنى بۇراپ مېنىڭ ئالاھىدە ھالال تاماق بۇيرۇتقانلىقمنى خاتاغا چىقاردى ۋە ئامېرىكىدا بۇنداق قىلماسلىقنى، مۇسۇلمانلىق سالاھىتىمنى ئامال بار ئاشكارىلىلىماسلىقنى جىكىدى. مەن باشقىچە ئىنكاس بىلدۈرمىدىم پەقەت« مەن يالغان ئېيتالمايمەن» دەپ قويدۇم. ئۇ ئايال گەپ ئارىلىقىدا بىر گىرمان خىزمەتدىشىنىڭ ئىسرائىلىيە ھەققىدىكى بىر مەسىلىدە پىكىر بايان قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ۋە سەۋەبىنى « بىز يەھۇدىلارغا قان قەرزدار، شۇڭا مېنىڭ يەھۇدىلار ھەققىدە ئۇنى بۇنى دېيىشىم نامۇۋاپىق» دەپ بەرگىنىنى ھەيرانلىقتا بايان قىلدى. مەن ئەكسىچە ئۆزەم، ھۆرمەتلەيدىغان گېرمان خەلقىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم ۋە قايسى بىر يىلى گېرمان باش مىنىستىرىنىڭ پولشادا تىزلىنىپ تۇرۇپ پولەك خەلقىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى ئاسارەتلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان تەسىرلىك كۆرۈنىشىنى ئەسلىدىم. ئۇ ئايال ئامېرىكا بىلەن جوڭگۇنى سېلىشتۇرۇپ « جۇڭگۇ دېمۇكراتىيەگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ، ئامېرىكا دېمۇكراتىيەدە چېكىنىۋاتىدۇ» دېگەن گەپلەرنى قىلغاندا ئازراق توغرا يېرى باردەك ھېس قىلدىم. دېمىسىمۇ گۇئەنتانامۇ مەھبۇسلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلىشى ئۇنىڭ گېپىگە ئاساس بولالايتتى، كېيىنكى ھۆكمىگە مەن پىكىر قېتىشقا ئامالسىز ئېدىم، پەقەت ئىدىيە جەھەتتە جوڭگۇ كومپارتىيىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ بىخەتەرلىكىم ئۈچۈن موھىملىقىلا ماڭا ئايان ئېدى. ئۇ ئايال ئۆزىنى ئامېرىكىلىق دېيەلمەيدىكەن، گەرچە ئامېرىكىدا داچىسى بولسىمۇ ئامېرىكىلىقلار پەخرلەنگەندىن سۆيۈنۈپ ئۆچلەنگىنىدىن نەپرەتلىنەلمەيدىكەن. جوڭگۇغا قايتىپ كېلەي دېسە ئۆزىمۇ بالىلىرىمۇ كۆنەلمەيدىكەن، ھەم جۇڭگۇمۇ پۇقرالىققا قايتا ئالماسمىش. بۇ ئايالنىڭ ھەدىسە ئامېرىكنى داتلاپ بېرىشلىرىنى توغرا چۈشەندىم. ئادەم قېرىغاندا دائىم ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشايدۇ. بۇ بىچارە موماينىڭ بارلىق ئەسلىمىسى ۋەتىنىگە باغلانغان،  ئامېرىكىدا ئەسلىگۈدەك بىر نەرسە بولمىغاندىن كېيىن زېرىكىدۇ-دە! قارىغاندا ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىدىكى پېرىزدىنىت بولۇشتا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇشنى ئۆلچەم قىلىش ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى ۋەتەن دەپ بىلىشى بىلەن مناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ. ئەجەبا، يۇرتىمىزدىكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىگە يۇرتىمىزدا تۇغۇلمىغانلارنىڭ كۆپلەپ ئەمەلدار بولۇشى سەۋەب بولغانمىدۇ؟

چىكاگۇدا چىگردىن كېرىش رەسمىيىتى بېجىرىۋېتىپ بىر ئاز ئەنسىرەپ قالدىم، چۈنكى ئادرىسىم ئارۇپىلاندا تارقىتىپ بېرىلگەن جەدىۋەلگە پاتمىغان ئېدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەدىۋەلگە توشقۇزۇلىدىغان بىر قانچە ئۇچۇرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان بولۇپ قايتا بىر جەدىۋەل  ئېلىشقا ئىمكان بولمىغان ئېدى. ساقچى يىگىت « ئامېرىكىغا مەرھابا!» دەپ مىنۇت ئۆتمەستىن پاسپورتۇمنى قولۇمغا بەرگەندە ھەيران قالدىم. قايتۇرۇپ « باشقا چاتاق يوقتۇ؟» دەپ سورۇدۇم، ساقچى يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ « يوق» دېگەندىلا خاتىرىجەم بولدۇم. مېنىڭ مۇنداق ئەنسىرىشىمگە سەپىرىمنىڭ بېشىدىلا ئۈرۈمچى ئايرۇدورۇمىدا يۈز بەرگەن پىشكەللىك سەۋەپ بولغان ئېدى. ئۇ كۈنى ئەتىگەندە پاسپورتۇم بولغاندىن كېيىن ماڭا لازىم بولماس، ئايالىمغا لازىم بولۇپ قالسا ئىشلەتسۇن دەپ كىملىكىمنى ئۆيدە قويۇپ ئۈرۈمچى ئايرۇدورۇمىغا كەپتىمەن. بىلەت ئالماشتۇراي دېسەم بولمىدى، پاسپورتۇمدا دادامنىڭ ئىسمى باركەن، كىملىكىمدە يوقكەن. سەۋەبىنى سورۇدۇم، پاسپورتۇمدا كىملىك نومرۇم ۋە رەسىمىم بارلىقىنى دېدىم، ساقچىغا خەۋەر قىلدىم، ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولدى، ساقچى ئاجايىپ قوپاللىق بىلەن بۇ ئۆزەڭنىڭ سەۋەنلىكى دەپ ۋاقىراپ كەتتى، سەۋەپسىزلا. ئاخىرى يېڭىدىن بىلەت كەستۈرۈپ ئايرۇپىلانغا چىقتىم.

مانا بۇ بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتىكى ئىككى دۆلەتتىكى  ئىككى خىل خىزمەت ئۇسۇلى، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈنىمى ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى ئىنسانغا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتنى كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردىمۇ روشەن ھېس قىلدىم. دۇنيادا ئەڭ دەھشەتلىك تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بۇ دۆلەت يەنە ماڭا ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا قورقماي قۇچاق ئېچىۋېتىپتۇ ۋە مۇئامىلىدىكى ئىززەتنى كەم قىلماي كېلىۋېتىپتۇ. شۇ كۈنى مەن بىلەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەر قاتارىدا باشتىن ئاياق ئورانغان مۇسۇلمان ئاياللىرىنى، چىرايىدىن ئوتتۇرا شەرق ئەھلى  ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرغان كىشىلەرنى خېلىلا كۆپ كۆردۈم، بىر مۇسۇلمان ئايال ھەتتا مېنى ئىئوردانىيىلىككە ئوخشىتىپ ئەرەبچە سۆزلەپ كەتتى. شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، تەكشۈرۈش ھەممەيلەنگە ئوخشاش، ھىچ كىم بۇرۇتى، ياكى چۈمبىلى سەۋەبلىك ئەزەۋەيلەپ تەكشۈرۈلمىدى. تەكشۈرۈشنى كۈتىۋېتىپ ئەتراپىمدىكى باشقا چەئەللىكلەرگە قارىدىم ئۇلارنىڭ چىرايىدا خۇددى ئۆز ئۆيىدە تۇرىۋاتقاندەك خاتىرىجەملىك جىلۋە قىلاتتى ، بۇيەردە قورقۇۋاتقان، ئارتۇقچە خاۋاتىرلىنىۋاتقان پەقەت مەنلا ئېدىم، تۈگۈلىۋالغان پەقەت بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاجىز گەۋدىسى ئېدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ، نېمىشكە بىز دائىم مۇشۇنداق ئەنسىزلىك، خۇدۇك، گۇمان ئىچىدە ياشايمىز. نىمىشقا توغرا نەرسىنى توغرا، خاتا نەرسىنى خاتا دېيەلمەيمىز؟ نېمىشقا نارازىلىقلىرىمىزنى ھاراققا، غەيۋەتكە، لايغەزەللىككە يەم قىلىۋېتىمىز؟مەنچە قانۇنلۇق بىر پۇقرانىڭ بەلكى بىر بۆلۈك پۇقرانىڭ ئۆز ۋەتىنىدە داۋاملىق قورقۇمسىراپ،ئەندىكىپ ياشىشى، ئىشەنچتىن خالى دائىم نازارەتتە تەكشرۈشنى قوبۇل قىلىشى، ئۆزىنى تاشلىۋېتىلگەندەك، ئىگىسىز قالغاندەك ھېس قىلىشى، ھەمكارلاشىلالماسلىقى، دائىم سىياسىي پەرمانلارنىڭ مەجبۇرلىشىدا زورىغا ئالغا سۆرىلىشى مەنچە شۇ دۆلەت ئۈچۈن ھەر قانداق زوراۋانلىق خەۋپىدىنمۇ قورقۇنچلۇق خەۋپ  ئېدى.
بارلىق تەكشۈرۈشلەر تۈگەپ ئايرۇپىلان ئالمىشاي دەپ تۇرسام مەن بىلەن بىللە كەلگەن ئايال مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭغا ئايرۇدۇرۇمدىن تېلىفون ئۇرماقچىلىقىمنى، لېكىن تېلىفونۇم يوقلىقىنى ئېيىتقان ئېدىم. ئۇ ماڭا تېلىفونىنى بېرىپ تۇردى ۋە ماڭا يولۇمنى كۆرسۈتۈپ قويدى. مۇنداق يارىدەمسۆيەرلىكنى تۆرت سائەتكە يېقىن  ئايرۇپىلان ساقلاش جەريانىدا كۆپ ئۇچراتتىم، كىشىلەر بىر بىرىگە يول كۆرسىتىشەتتى، تاپالمىغانلارنى يېتىلەپ ئاپىرىپ قوياتتى. مېنى ئايرۇدورۇمدا قىزىقتۇرغان بىر ئىش مۈشۈك ئېيىقنىڭ رەسىمى ۋە ئىككى دەيزۇ ئايالنىڭ سۈرىتى قوشۇپ چىقىرىلغان مۇراجەت تاختىسى بولدى. تاختىغا تەبىئى موھىتىنى قوغداش بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ياشاش شارائىتىنى قوغداش ھەققىدىكى مۇراجەتكە ئوخشاش مەزمۇن يېزىلغان ئېدى. بۇنداق ئېلان تاختىسىنىڭ مۈشۈك ئېيىقنىڭ ۋە دەيزۇلارنىڭ ۋەتىنى بولغان جوڭگۇدىكى بېيجىڭ ئايرۇدورۇمىدا ئەمەس، مۈشۈك ئېيىق ۋە دەيزۇلارنىڭ سايىسىمۇ بولمىغان ئامېرىكىدىكى چىكاگۇ ئايرودورۇمىدا كۆرۈلىشى مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. شۇئان كۆز ئالدىمغا قەشقەرگە ماڭىدىغان يولدىكى بوستانلىقلاردا يەر ئېچىش ئۈچۈن بۇزۇلىۋاتقان جاڭگاللار، كېسىلىۋاتقان ئورمانلار، يۇلغۇنلار كەلدى، يۇرتۇمدىكى ئۈنى ئۆچكەن تورغاي، كۇركىرىماس بولغان پاقا، پىشايۋانلاردىن غايىپ بولغان قارلىغاچ بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. ئۇلار ھەققىدە ھىچكىم مۇراجەتنامە چاپلىيالمايتتى.  يېڭى يېزا قۇرىمىز دەپ دېھقانلارنىڭ يول بويىدىكى، كۆزگە چېلىقارلىق يەردىكى خام كېسەكلىك تاملىرىنى چېقىۋاتسا، تەرەققىيات رايۇنى قۇرىمىز بىچارە دېىھقاننىڭ ئەللىك يىللىق يېرىنى يوقىلاڭ باھاغا ساتقۇزىۋاتسا، يەر ھۆكۈمەتنىڭ دەپ 2009-يىلدىكى يەرگە  1995-يىلدىكى ئەسلى سېتىۋالغان باھا بىلەن پۇل بېرىپ قاقشىتىۋاتسا مۇراجەت چاپلانمايتتى، شەيىخ سەئىدى ھەزرەتلىرى مىھمان بولغان، ئىمادىدىن قەشقەرى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئىلىم تارقاتقان، بوۋام ئات چاپقان، مومام رەستىلىرىنى كەزگەن تەۋەرۈك قەشقەر چېقىلىۋاتسا ھىچكىم مۇراجەت چاپلىمايتتى. ھەممە سەمىمىي تەكلىپ، پۈتۈن قانۇنىي ھوقۇق، ھەممە ئاڭلىق تەشەببۇس، بارلىق ھەق سۆزلەر غەيۋەت قازىنىدا قاينىماقتا، ھاراققا، خىروئىنغا، ئەيدىزگە ئايلىنىپ بۇ خەلقنىڭ ئوبرازىنى، ئارمانىنى، كەلگۈسىنى يالمىماقتا ئېدى. ئون مىليۇندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئەڭ  سەمىمىي، ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلىرى بىۋاپا دۇنيادا بىر مۈشۈك ئېيىقچىلىكمۇ زىلزىلە قوزغىيالمىغان ئېدى.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار7
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار6 كېيىنكى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار8

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iPhone4S كوناiPhoneلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈردى
  • iPhone نىڭ SIM كارتىسىغا ماس PIN نومۇرى
  • مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى
  • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)
  • «دەۋر ھەپتىلىكى»باھالاپ چىققان 2010-يىللىق50پەچەتiOSئەپلىرى
  • مەڭگۈ نەخ مەيداندا ئاڭلىغىلى بولمايدىغان مۇزىكا
  • iPad تەگلىك رەسىملىرى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار7
  • iPod Touch نى سىھىرگەرلىكتە ئىشلەتسە مۇنداق بولىدىكەن
  • گۈرۈچفون (小米手机) ھەققىدە بايان
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار20
  • 5-ئەۋلاد iPhone كىلەر ئاينىڭ 4 ئېلان قىلىنىدۇ
  • XJTV پروگرامما ئىشلەش نەخ مەيدانى
  • 3GفورماتلىقiPad جوڭگوغا كىرگىلى بىر ھەپتە بولدى
  • Eyid Mubarek!
  • [مۇڭ] كىشىلەرنىڭ چۈشى
  • AppStoreدىن چۈشۈپ بولالمىغان ئەپنى ئۆچۈرۈش
  • iphoneنى كومپيۇتېر ئۈچۈن كامېرا قىلىش
  • iPod Touch3ئەۋلاد 32G
  • Bandari ئورۇنلىشىدا مۇزىكا «باھاردىكى دالا» 春野
  • iphoneنىڭ كونا-يىڭىلىقىنى پەرق ئېتىش
  • iphone ئۈچۈن ھەقسىز سىن بىرتەرەپ قىلىش دېتالى

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
    • 5.1.1 غا چىققاچ تۇرۇڭ! تۈرمىدىن قاچىدۇ
    • Pod 2g يىقىندا iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدۇ
    • كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق ( multi-touch)
    • مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى
    • Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش
    • Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. زىيالى:
      ئاخشام قاچمىدى.بۈگۈن سەل تۇرۇپقىچە يەن…
    2. زىيالى:
      9b206بولسا بولىدىكەن.مەن سىزنىڭ ئالدىن…
    3. مەشرەپ:
      رەخمەت ياخشى خەۋەركەن…
    4. گىك:
      دىۋان تالىشىدىغانلارمۇ يوق ئىكەن ،، ئۆ…
    5. ئابدۇرېشىت ئېلى:
      http://zx.sj.91.com/content/2012-05-24…
    6. مۇستاپا:
      ‏‏ئە سسالامۇ ئەلەيكوم قېرىنداشلار مەن …
  • خەتكۈچلەر

    steve jobs shsh ios ھەقسىز appstore خالاستان بىلوگ قۇلۇپ epub ئۇيغۇر مۇڭ يۇنىكود ئۆلچىمى iphone4 itunes ئەقلىفون IT ios5 google gulan cydia RSS iphone4s iPhone ipad2 uyghur JailBreak GoogleAdsense icloud apple iPod ipad 3 symbian pxl Mac OS X مەھسۇلات ipad
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club