• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

iphoneنىڭ كونا-يىڭىلىقىنى پەرق ئېتىش

2011-02-20 | Nezeri | APPLE, پۈتۈكلەر| 0 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

نۇرغۇن دوستلار ھازىر apple مەھسۇلاتلرىغا(ئاساسلىقى دىيارىمىزدا مودا بولۇۋاتقانiPhone, iPod Touch) قىززىقىۋاتقان بولسىمۇ بۇ جەھەتتىكى دەسلەپكى چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكىدىن بەزى ئاۋارچىلىق ياكى دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچراۋىتىپتۇ. شۇڭا مەن بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىغا يوللانغان تېمامنى قايتا تۈزىتىپ دوستلارنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم. ھازىر apple مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي دىگۈدەك جوڭگودا ئىشلىنىدۇ.

1.ساۋات
iPod Touch نى ئادەتتە iPod Classic  ۋە iPod Nano شۇنداقلا iPod Shuffel دىن پەرقلەندۈرۈپ iTouch دەپ قىسقارتىدۇ. ئۇيغۇرچىدا ئايتاچ دەپ ئالىمىز. iPhone نى ئۇيغۇرچىدا ئايفون دەپ ئالىمىز. iPad نى ئايپەد دەپ ئالىمىز.تۆۋەندىكى ماقالىدە مەن ئۆزۈم ئىشلەتكەن ئايتاچ ۋە ئايفونغا تەدبىقلاپ ئالدىم.مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار باشقا مەھسۇلاتلارغا ماس كىلىشىمۇ مۇمكىن.
ئالما مەھسۇلاتلىرى ئادەتتە يىلدا بىر نەشىر يىڭىلايدۇ. ھازىر بازاردا يىڭى سىتىلىۋاتقانلىرى ئايفون4 ۋە ئايتاچ4 ۋە iPad1. بۇلارنىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرى بۇ يىل 6- ئايدىلا ئىشلەشتىن توختىغان بولۇپ بۇ خىل نەشىردىكى  مەھسۇلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نىمكەش مال، شۇڭا سىتىۋىلىشتا بىرلەشمە ۋە ئالما تور بىتىدىن باشقا يەردىكىسىنىڭ پۈتۈنلەي يىڭى بولۇش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن.سېتىۋالغاندا كۆپ دىققەت قىلىش كىرەك. ئايپەدنىڭ تېخى ئىچىنى ئالماشتۇرغانلىرى بەك كۆپ ئەمەس ئەمما ئامىركىدىن كىرگۈزگەن دەپ كونىنى يىڭى كۆرسىتىپ سېتىشمۇ سەل ئاۋۇپ قاپتۇ. شۇڭا ھازىر پۇلى كۆپلەرگە بىۋاستە ئالما دۇكىنىدىن ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىششىتىن، پۇلى ئازلارغا ئىشەنچلىك يەرلەردىن نىمكەشنى ئىلىش مۇۋاپىق.

2.يىڭى دەپ ئالغان ئالمانىڭ  ئالماشتۇرۇلغان ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئېتىش
1`ھەقىقىسىنىڭ ئورالما قاپتىكى Serial No بىلەن سىستىما ئىچكى ئۇچۇرى دىكى Serial No ئوخشاش بولىدۇ.
2`ھەقىقىسىنىڭ تېڭشىغۇچ چاتىدىغان تۆشۈكىدە داغ بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ تېڭشىغۇچ تۆشۈكىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى مىتالنىڭ ئەتراپىدا تازلاش سۇيۇقلىقىدىن قالغان ئىز بولىدۇ.
3` ھەقىقىسىنىڭ سىىگنال تۆشۈكىدا سۈركىلىش بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ سېگىنال تۆشۈكىدە روشەن ئىز بولغاندىن سىرىت تۆشۈك ئەتراپىدىمۇ سۈركىلىش ئىزى بولىدۇ(بۇ ئىز مۇھىم ئەمەس،چۈنكى سىرىتقى قىپىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ).
4` ھەقىقىسىنىڭ قوراشتۇرما(قەغەز قاپ) قىپىدىكى IMEI بىلەن سىستىما كۆرسەتكەن IMEI ئوخشاش بولىدۇ.
5`ھەقىقىسىنىڭ ئىكرانى بەك يورۇق بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ ئىكرانى بەك يورۇق، رەڭ پەرقى ئىنىق ئەمەس بولىدۇ.
6` ئىكران بىلەن سىرىتقى قاپ تۇتاشقان جايلاردا ھەقىقىسىدە ئاجراش كۆرۈلمەيدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىدا ئازراق يوچۇق بولىدۇ.
7`ھەقىقىسىنىڭ باسمىلىرىدا قول سىزىمى ياخشى بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىدا بەزىدە تېگىپ كەتسە ئىشلەيدۇ بەزىدە قاتتىق باسسىمۇ ئىنكاس بولمايدۇ.
8`ھەقىقىسىنىڭ باتارىيەسى باتارىيە باشقۇرۇچ دىتاللىرىدا كۆرسەتكەن ۋاقىتتىن كۆپ پەرق ئەتمەيدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ باتارىيەسى ئەڭ سۈپەتسىز بولۇپ، ئىشلەتكەندە پەۋقۇلئاددە تىز قىززىيدۇ، توك تىز توشىدۇ، تىز تۈگەيدۇ. ھەقىقىسىدە ئادەتتە ئىشلەتمىسە توك خوراش بولمايدۇ.
9`ھەقىقىسىنىڭ قوراشتۇرما مىخلىرى ئۇپرىمىغان، پارقىراق بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ رەڭگى گۇنۇس، ئۇپرىغان، ھەتتا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. ھەقىقىسىنىڭ مىخلىرى پۈتۈنلەي بىر خىل ئۆلچەم، بىر خىل سۈپەتتە بولىدۇ.
10`ھەقىقىسىنىڭ يۆنىلىش،سۈرەت،كۆكچىش، ئاۋاز،ئارىلىق،كومپاس،بۇلۇڭ، ئېغىرلىق،نۇر، GPS سەزگۈلىرى ياخشى بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ ئۆلۈك بۇلۇڭى بولىدۇ. يەنى مەلۇم بىر بۇلۇڭغا قايتقاندا داۋاملىق ئەكىس يۆنىلىش ياكى خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
11`ئەڭ ئاخىردا ، ئالماشتۇرۇلغىنى بازار باھاسىدىن خىلىلا ئەرزان بولىدۇ.
قوشۇمچە: سىستىما   Serial Noۋە IMEI نۇمۇرى ئادەتتە 设置-通用-关于本机 ئىچىدە بولىدۇ.

3. كونا يىڭىنى ئايرىش
1`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ قېپىنى ئاچقاندىن كىيىن خۇشىخۇي ناھايتى ئاجىز پۇراق كىلىدۇ. كونا مەھسۇلاتتىن كۈچلۈك سانائەت پۇرىقى پۇرايدۇ.
2`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ئورالما قىپى ناھايتى پۇختا بولۇپ ئىچىدىكى نەرسىلەردە سىلكىنگەن، ئۇرۇلغان، قىستالغان، ياكى ئورنى ئالماشقان ئەھۋال يوق. كونا مەھسۇلاتنىڭ قاپلىرى پەۋقۇلئاددا يېڭى ۋە پارقىراق بولىدۇ. قول سىزىمى ياخشى بولمايدۇ. ئاجراپ قايتا چاپلانغان بەلگىلەر بولىدۇ.ھەتتا ئىچىدىن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەر چىقىپمۇ قالىدۇ.
3`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ئىكرانىغا ھىچقانداق ھاۋا پۈۋەكچىسى يوق ھالەتتە نىپىز ئاسرىغۇچى سۇلياۋ چاپلانغان بولىدۇ. ئۇ سۇلياۋنى بىر قىتىملا ئىشتلىشكە بولىدۇ. ئاجرالغان ئىكەن قايتا ئوخشىتىپ چاپلاش مۇمكىن ئەمەس. كونا مەھسۇلاتنىڭ ئېكرانىدا بارماق ئىزلىرى، ئاجىز كۆك نۇر كۆرۈنىدۇ. 130گىرادۇس ئەتراپتا تۇتۇپ قارىغاندا ناھايتى ئۇششاق چاڭ-توزان كۆرۈنىدۇ.
4`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭدىن قارىغاندىكى كۆرۈنۈش رەڭگى ئوخشاش، كونىسىنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭى ياكى ئىكران تۇتاش جايىغا ئىنىقسىز ماددا چاپلاشقان ياكى مەلۇم ئورۇننىڭ رەڭ قايتۇرۇشى كۈچلۈك بولىدۇ.
5`يېڭى مەھسۇلاتنى تۇنجى ئاچقاندا تىل تاللاش ياكى كارتا تونۇش، تور بەلگىلەش ياكى بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلارنى ئېچىش ئەسكەرتمىسى كۆرۈلىدۇ. كونىسىدا بۇنداق جەريان يوق، ھەتتا باشقا دىتاللار قاچىلانغان بولىدۇ.
6`يىڭىسىنىڭ دېتال نەشرى ئادەتتە ئۆزئارا ماس بولىدۇ. يەنى 2010 – يىلى ياسالغان ئالمىغا 2009- يىلدىكى يۇمشاق دىتال قاچىلانغان بولمايدۇ. كونىسىدا كۆپىنچە تېخى ئالماشتۇرۇپ دېتال قاچىلايدۇ. مەسىلەن، زاۋۇتتىن 2010- يىلنىڭ 22 ھەپتىسى چىققان ئايفون3 كە 2010- يىلنىڭ 11-ئىيىدا چىققان يۇمشاق دىتال قاچىلىنىپ قالغان بولىدۇ. قاتتىق ئەپسۇس، ئايفون 3 دىگەن 2010- يىلنىڭ 6- ئىيىدىن باشلاپ ئىشلەشتىن توختىغان.

خەتكۈچلەر: iPhone
يازما ئادېرسىiphoneنىڭ كونا-يىڭىلىقىنى پەرق ئېتىش
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: GoogleAdsenseئېلانى ئېلىپ بېرىمەن كېيىنكى: iPhoneنىڭ港行,美版,行货لىرىنىڭ پەرقى

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • [مۇڭ] شادلىق قەسىدىىسى–يۈرەك قەسىدىسى
  • iPhone سىستىما بولىقى چۈشۈرۈش
  • I0n1c دىكىلەر iOS 5.1 iPad 2 A5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى
  • Halastan Blog نىڭ ئۇلىنىش ئىلتىماسى(نەزەرى)
  • كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق ( multi-touch)
  • iPad نى كومپيۇتېرىڭىزدىمۇ ئىشلىتىپ بېقىڭ
  • Nokia E5 قارا رەڭلىك WiFi بار
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار9
  • iPhone نىڭ ئاساسى بەلباغى ھەققىدە ساۋات
  • iOS ئۈچۈن ئەڭ ياخشى RSS ئوقۇغۇچىسى MobileRSS
  • XJTV2 ناۋا پروگراممىسى 5- سان سەرخىل تاللانمىلىرى
  • iPhone نىڭ تور قۇلۇبىنى يېشىش دەرسلىكى
  • [ئالدىراڭ]Nokia E5-00 ئەرزان سېتىلىدۇ
  • يىقىندا googleadsenseئېلانى ئالغانلار دىققەت!
  • «دەۋر ھەپتىلىكى»باھالاپ چىققان 2010-يىللىق50پەچەتiOSئەپلىرى
  • [Gulan] ئامېركىدا مەشرەپ
  • ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچ
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار21
  • «قوشۇمچە»بىلىك كۇلۇبىغا مۇنداق تېزىملىتىسىز
  • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
  • iOS4.3.4 مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچماسلىقى مۇمكىن
  • iOS4.3.3 چىقتى. نەشىر كۆتۈرمەڭ!

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبرەت:
      ئايفۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات ئايفونسى …
    2. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    3. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    4. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    5. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    6. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    iPod JailBreak يۇنىكود ئۆلچىمى cydia pxl مەھسۇلات ئۇيغۇر uyghur icloud iphone4s ئەقلىفون GoogleAdsense RSS ios5 epub ios Siri Mac OS X itunes خالاستان بىلوگ google gulan IT shsh symbian قۇلۇپ iOS 6 apple steve jobs ipad 3 iPhone iphone4 ھەقسىز appstore ipad مۇڭ ipad2
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club