• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار9

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 0 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

خەير دوستلار

ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە
ئاخشامى تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىمدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى، خاتا ئاڭلاپ قالغان چېغىم دەپ ئولتۇرسام ئىشىك بوش چېكىلدى. چىقىپ قارىسام، ئىككى ئۇيغۇر ئايال ۋە بىر ئون ئىككى ياشلار چامىسىدىكى قىز ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. دەقىقە ئىچىدە مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە دەرھال ئېسىمگە كېلىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئۇلار مېنى سىرىتتا پاراڭلىشىقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ  بىرى مۇشۇ مەكتەبتە پىسخىك تىلشۇناسلىق بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەن يەنە بىرى لاۋرېنستىن ئۈچ سائەت يىراقتىكى بىر شەھەردە ياشايدىكەن،  قىزچاق ھېلىقى ئۈچ سائەتلىك شەھەردىن كەلگەن خانىمنىڭ قىزىكەن، ئانىسى ئۇ قىزنى ماڭا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە دەۋەت قىلىۋېدى، شۇنداق خوش بولدۇم. قىزچاقمۇ ئۇيغۇرچە « تىنچ تۇردىڭىزمۇ» دېگەن سۆزنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلدى. قىزىنىڭ ئۇيغۇرچىغا ئانچە راۋان ئەمەسلىكىنى ، تۇرىۋاتقان شەھرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىغاچ قىزىنىڭ ئانا تىلدا پۇختا ئەمەسلىكىنى خىجىلچىلىق ئىچىدە بايان قىلىۋېدى، شەھىدە ئىسىملىك بۇ ئۆلچەملىك ئۇيغۇر چوكاندىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. شەھىدە مېنى كۆرۈپ مەندىنمۇ بەكرەك ھاياجانلانغان بولسا كېرەك، ماشنىسىنى ھەيدەشتە ئۆزى ئەڭ تونۇش يولدىمۇ راۋان ماڭالماي تولا ئازدى، سۆزلەپ ھارمايتتى، قەشقەرنى، غۇلجىنى ،خوتەننى، كۇچانى، سورايتتى، ئۈرۈمچىدە يەپ بولالماي ئاشۇرۇپ قويغان ئاخرلىقى لەغمەن، ئاچچىقىدا ئۇرۇشۇپ سالغان ئاخرقى ئۇيغۇرخىزمەتدېشى، قوپاللىقى ئۈچۈن دەككسىنى يىگەن  ئۇيغۇر ساقچى، قاتارلىقلار ھەققدىدە سېغىنىش ئىلكىدە قىزىشىپ سۆزلەيتتى. كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەرنى بىر-بىرلەپ سانايتتى، ئۇلاردىن ماڭىدىغان چاغدا ئانا تىلىدا كەچۈرۈم سورىۋالمىغىنىغا نادامەت چېكەتتى.بىز ئاۋال ئولاش -چولاش كىنو كۆرگەن بولدۇق، لېكىن كىنو بىزنى كۆردىمۇ ياكى بىز كىنونى كۆردۇقمۇ بىلەلمەيلا زالدىن قايتىپ چىقتۇق. نېمە يەيدىغانلىقىمنى، نېمەدېسەم ئېتىپ بېرىشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. مېنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھەممىنى يىگۈم بارتى، تاللاشقا مەجبۇر بولغىنىم ئۈچۈن چۆچۈرىنى تاللىدىم. ئۇلار بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر ھالال قوي گۆشى ساتىدىغان قاسساپتىن ئالغان گۆش بىلەن چۆچۈرە قىلىشقا تۇتۇندى.( بۇ يەردە قوي، كالا، توخۇ قاتارلىق گۆشلەرنى تاپماق تولىمو قولاي بولسىمۇ، لېكىن ھالاللىرىنى تاپماق ئاسان ئەمەسكەن، چۈنكى بۇ شەھەردە ئامېرىكىنىڭ يېڭى كۆچمەنلەر بىر قەدەر كۆپ ئورۇنلاشقان چىكاگۇ، لوس ئانجىلىس، نىيويورك قاتارلىق شەھەرلىرىدىكىدەك مۇسۇلمانلار كۆپ ئەمەسكەن. گەپ ھالال تاماق مەسىلىسىگە كەلگەندە شۇنى قوشۇمچە قىلاي: ئايرۇپىلاندا كالا، توخۇ گۆشىدىن قىلىنغان تاماقلارنى باشقىلارغا سۇنغان ئامېرىكىلىق ھاۋاقىز ماڭا قاراپ « سىزنىڭ ھالال تامىقىڭىز ھازىلا كېلىدۇ » دەپ ئەسكەرتكەندە شۇنداق سۆيۈندۈم، دېمەك ئۇ ھالال تاماقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىكەن. كېيىن بىلىشىمچە ئامېرىكىدا ھالال يىمەكلىكلەر قانۇنى بار ئىكەن، بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ئۇلار ھېلىقى گۆشتىن باشقىنى ھالال دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالمايدىكەن. بىزنىڭ ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەممىسىدە تاماقلار ئۈستىگە ھالال دەپ يېزىپ قويىلىدۇ، نەدىن يولغا چىقسىڭىز «مۇسۇلمانچە» دەپ يېزىلغان تاماق ئالدىڭىزدا ھازىر، لېكىن ھاۋاقىزلاردىن سورىسىڭىز « ئەلۋەتتە ھالال، ئىشلەتكىنىمىز توخۇ ۋە كالا گۆشى » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. 20 مىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ياشايدىغان دۆلەتتە ھالال يىمەكلىكلەر قانۇنى كۈنتەرتىپكە قويولمىغان. ئىچكىرىنىڭ ھەممە يېرىدە مۇسۇلمان ئاشخانىسى بار، سورىسىڭىز ئوخشاش «بىز چوڭ گۆش ئىشلەتمەيمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ. ھەتتا بېيجىڭدىكى خېلى كۆپ زىيالىمۇ ھالال تاماق ھەققىدە بايىقى قاراشتا).  گەپ يەنە ئۇيغۇرلارغا كۆچتى، ئۇيغۇرۇم يەنە تۈگىمەس ئەيپلەردە تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى، بىر ئاز سەبرە قىلدىم، چۈنكى مەن مۇنۇ قېرىداشلىرىم بىلەن تېخى بايىلا تونۇشقانىدىم. كۆڭلۈمدە « تونۇمىغان، ئۆمرىڭىزدە ئۇچراتمىغان بىر ئۇيغۇرنى قورقماي ئۆيىڭىزگە باشلايسىز، ئۈچ سائەت يول يۈرۈپ ئىزدەپ كېلىپ تاماق ئېتىپ بېرىسىز، بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېسىللىكى ئەمەسمىكەن؟ ياكى سىلەر ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟». ئاخىرى ئويلىغانلىرىمنى ئېيتتىم. ئۇلار تۇرۇپلا قېلىشتى، لېكىن يەنە « سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن قاراڭ، ئۇيغۇر دېگەن تولىمۇ گۇمانخور كېلىمىز، بىر بىرىمىزدىن كەچكىچە ئەنسىرەپ، خۇدۈكسىرەپلا ياشايمىز، ئەگەر بۇنىڭغا ياق، دېسىڭىز، سىز نېمىشكە بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئىزدىمىدىڭىز؟ نېمىشكە بىز ئىزدەپ كىرمىگىچە كەسپدېشىڭىز ماھىنۇرنى ئىزدىمىدىڭىز؟» باشقا گەپ قىلمىدىم، لېكىن مېنىڭ ئۇ دوكتۇر كەسپدېشىمنى ئىزدىمىگەنلىكىم گۇمانخورلۇقۇمدىن ئەمەس، تونىمىغان بىر ئادەمگە قانداق گەپ ئېچىشنى بىلمىگەنلىكىمدىن ئېدى. « سىز خەنزۇۋان (مىنكاۋخەن)مۇ-يە، ھەپتىگىچىمۇ بىر ئۇيغۇرنى ئىزدىمىگىنىڭىزگە قاراپ بىز سىزنى چوقۇم شۇنداق دەپ ئويلىغان». توغرا،  مېنىڭ بىر ئۇيغۇرنى ئىزدىمەي باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشنىمۇ خالىماي، ئۆزەممۇ باشقىلارغا ئاۋارە بولۇشنى ئىستىمەي بۇنداق مۆڭ يۈرۈشۈمنى ئۇلار شۇنداق چۈشەندۈرسە ۋە چۈشەنسە ھەق، بەلكىم مەن ئىچكىرىدە ئۇزاق ئوقۇپ ۋە ئىشلەپ كەتكەچكە خەنزۇۋانلارغا ئوخشاپ قالغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن. گۇمانخورلۇق، خۈدۈكسىرەش، ئەنسىرەش قاتارلىقلار مەنچە مەندە شىنجاڭدا ئۇزاق ياشىغان دوستلىرىمدىكىدەك ئېغىر ئەمەس. مەن ئۇلارغا تۈركىيەگە بارغىنىمدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەندىن گۇمان قىلغنىنى سۆزلەپ بەردىم. توۋا كۈلكىلىك يېرى مەندىن گۇمان قىلغانلار جىياڭسۇ، جې جىياڭلىقلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ كۈن ئالىدىغان بالىلار ئېدى. توۋا دەيمەن، شۇلاردىن سوراپ باقسام دەيمەن، ”مېنى ئىشپىيۇن دەيسەن، سەن كەينىڭگە مەن چۈشكىدەك نېمە ئىش قىلغانتىڭ، قايسى ئىشپىيۇن سەنلەردەك بېدىك، ۋاستىچىلارنىڭ كەينىدىن يۈرەر؟“ بېشىمدىن ئۆتكەن يۇقارقىدەك ۋەقەلەر ئارقىلىق،مەن  ئارتۇقچە گۇمانخورلۇق، سەۋەبسىز خۇدۇكسىرەش، زىيادە دېلىغولدۇۇق قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ ھەقىقەتەن بىز چاپلاشقانلىقى توغرىسىدكى قاراشىقا قوشۇلدۇم. مۇشۇ ئىللەتلەتنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناقلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللىقىنى تەكىتلەشتى، مەن بۇنىڭ ئىتىپاقلىققىلا ئەمەس، تەرەققىياتىمىزغا ۋە مەۋجۇدلۇقىمىزغا خەۋپ كەلتۈرىۋاتقان تەھدىدلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم. راستىمنى دېسەم مەنمۇ تا ھازىرغىچە ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقانلىقىمغا گۇماندا ئېدىم، ئايرۇپىلانغا چىقىۋېتىپمۇ خۇددى ھېلى بىر كۆرۈنمەس قول مېنى تارتىپ چۈشۈرېۋېتىدىغاندەك، تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈۋېتىپ ھېلى بىر ساقچى مېنى ئايرىم سوراق قىلىدىغاندەك، سومكامدىن ھېلى بىر نەرسە چىقىپ مېنى بالاغا قويىدىغاندەك ۋەسۋەسىلەر بىلەن بەك قىينالغان ئېدىم. بەلكىم بۇ خىل كەيپىيات باشلىقلىرىم  توختماي بىر يېرىم يىل ئاچقان يېغىننىڭ، ۋە ھەر يىغىندا تەكىتلىنىدىغان قورقۇنۇشلۇق ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پىسخكامدىكى يارىسىدۇر. ئەگەر مەنمۇ دوستلىرىمدەك مۇنداق يىغىننى ئون نەچچە يىل ئاڭلىغان بولسامچۇ؟ ئىچكىرىدە ئىشلىگەنلىكىمگە تەسبىھلەر ئېيتتىم.
ۋەتەندىن ئېلىپ كەلگەن نان بىلەن ئۇلارنى مىھمان قىلدىم، ناننى ئېلىپ كۆزلىرىگە سۈرۈپ كېتىشتى. شەمشىنۇر ناننى كۆرۈپ ئۇخلاپ قالغان قىزىنى ئويغاتتى. ئەتىسى ئۇلار سەپەرگە چىقىدىكەن، مېنىڭمۇ رەسمىيەت ئۆتەيدىغان ئىشلىرىم بار ئېدى، شۇڭا ئامالسىز خوشلاشتۇق، ئەمما ئورنۇمدىن تۇرۇپ خوشلىشىش ئۈچۈنمۇ يېرىم سائەت كەتتى، ياتاققا كىرىپ سائەتكە قارىسام سىتىرلكا ئەتىگەن سائەت تۆتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ياتاقدېشىم ئادىتى بويىچە تېخىچە ئۇخلىماپتۇ، ئۇلارغا بۈگۈنكى خۇشاللىقىمنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇ ئاغزىنى ئاچقانچە ھەيرانلىقتا گېپىمنى ئاڭلىدى، « بۇنداق ئىشلار، مەنچە ئەگەر دېگەنلىرىڭ  راست بولسا پەقەت ئۇيغۇرلاردىلا قالدىمىكىن، ماڭا جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، مېنىڭ ئۇلارغا گەپ قىلغۇممۇ كېلىپ كەلمەيدۇ، ئۇلارمۇ ماڭا پەرۋا قىلىشمايدۇ. ئەگەر سەن بۇ گەپلەرنى ماڭا دېمىگەن بولساڭ مەن دۇنيادىكى ھەممە مىللەت مۇشۇنداق بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالار كەنمەن » دېدى قويۇق جەنۇبى جۇڭگۇ تەلەپپۇزىدا.يانچۇغۇمنى سىلاپ قويدۇم، ماھىنۇر ئىشلىتىشكە بەرگەن ئۆيىنىڭ ئاچقۇچى، خۇداغا شۈكۈر، ئەتىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىشلەتكەن قازانغا پىلتە قىلىپ قويۇلغان لەغمەننى سېلىپ، تۈگۈپ قويۇلغان چۆچۈرىلەرنى پۇشۇرۇپ، بىر قانچە كۈن ئۇيغۇرچە جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىدىغان بولدۇم.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار9
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار8 كېيىنكى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار10

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iphone ئۈچۈن ھەقسىز سىن بىرتەرەپ قىلىش دېتالى
  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى
  • [Gulan]ئامېرىكىدىكى بەيتۇللا
  • 4.3.3غىچە بولغان نەشرىنى ئاددى تۈرمىدىن قاچۇرۇش
  • يىڭى iPad نىڭ باھاسى 3164 يۈەن
  • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • Yanni ئورۇنلىشدا مۇزىكا If I Could Tell You
  • [Gulan]ئۇيغۇر قىزلارغا تالاشتا قالغان ئامرىكىلىق
  • I0n1c دىكىلەر iOS 5.1 iPad 2 A5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى
  • iPhoneدا كەلگەن نومۇر ئورنىنى كۆرسىتىش دېتالى
  • جۇغراپىيە كەسىپىدىكىلەرگە ھەقلىق تەرجىمە خىزمىتى
  • iPhone نىڭ SIM كارتىسىغا ماس PIN نومۇرى
  • قارلۇقنىڭ گۈدۈككە 60 تەكلىپ كود تەمىنلەندى
  • iTunes ئارقىلىقiPhoneغا ناخشا-كىنو قاچىلاش
  • [ئۆلمەس مۇڭ] دىل كۈيى (نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن)
  • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
  • apple داھىيىسى Steve Jobs بۈگۈن ئستىپا بەردى
  • iPad 3G+WiFi 32Gدىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ
  • iPhoneدا سۆزلىشىش خاتىرسىنى نىشانلىق تازلاش
  • GoogleAdsenseئېلانى ئېلىپ بېرىمەن
  • SHSHزاپاسلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى
  • «قوشۇمچە»بىلىك كۇلۇبىغا مۇنداق تېزىملىتىسىز

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق
    • مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى
    • Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش
    • Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش
    • Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى
    • قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز
    • تۈرمىدىن قاچۇرۇش (JailBreak) نىڭ 100 خىل پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قاچمامسىز؟
    • ئەپلەرنى iTunes ئارقىلىق كومپيۇتېردا يىڭىلاش
    • 3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش
    • i ئۈسكىنىدىكى ئەپلەرنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(28)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. باتۇش:
      ياخشى ئەپكەن بۇ . سىناب باقاي،…
    2. قۇتبەگ:
      بۇ پەقەت كۆز ئالدىكىدىن كىچىپ كەلگۈسىگ…
    3. شاھيار:
      مىنڭ تى سىز دىگەندەك ئۇسۇل بۇيىنچە ئۇي…
    4. ناتىق:
      ھاللو نەزەرباي ناھايتى ئوبدان ئەپكەن …
    5. تەپەككۇر:
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ تور بەتكىمۇ چىرى…
    6. سپايە:
      بۇ تىما تولىمۇ چۈشىنىكسىز تىما بولۇپتۇ…
  • خەتكۈچلەر

    iphone4 cydia ئۇيغۇر GoogleAdsense iPod يۇنىكود ئۆلچىمى IT خالاستان بىلوگ pxl مەھسۇلات appstore ipad2 icloud apple iphone4s iPhone google ios symbian ios5 RSS itunes قۇلۇپ Mac OS X مۇڭ steve jobs ئەقلىفون ھەقسىز gulan ipad 3 epub shsh uyghur ipad
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club