• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

iPhoneدا كەلگەن نومۇر ئورنىنى كۆرسىتىش دېتالى

2011-04-08 | Nezeri | ئالما دېتالى, پۈتۈكلەر| 11 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

ئەسلى نۇرغۇن appleچىلار 360 نىڭ «بىخەتەر قاراۋۇلى» نى ئىشلىتىپ كۆنگەن. لىكىن 360 تىكىلەرنىڭ يىڭىلاش سۈرىتى داۋاملىق apple نىڭ ياماق ئىلان قىلىنىشىدىن ئاستا بولۇپلا قالماي ھەتتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئەتىرتىدىنمۇ ئاستا. «91 چوماقچىسى» مۇ تازا كۈچ بەرمەي(不给力) كىلىۋاتىدۇ.

شۇڭا مەن بۇ قىتىم يۇقارقى  ئىككى دىتالدىنمۇ ياخشى بىر دىتال تەۋسىيە قىلاي.

بۇ دىتالنىڭ نامى kuaidial.

قاچىلاش ئۇسۇلى :

1. تۆۋەندىكى ئادرىسنى cydia غا قوشىسىز .  ئىشلىتىش دەرسلىكى 928.html

http://app.weiphone.com/cydia

2. بۇ ئادىرىس ئارقىلىق Cydiaنى يىڭلاپ بولۇپ ئىزدەش كۆزنىكىگە kuadi دەپلا يازسىڭىز قالغان باسقۇچلار تۆۋەندىكى تېمىغا ئوخشايدۇ

995.html

3. ئۈسكىنە نىڭ بەلگىلەش كە كىرسىڭىز kuaidial نىڭ تېزىملىكىنى كۆرسىز.

بۇ يەردىن مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەرنى  تەڭشەپلا ئىشلىتىڭ.

بىلىك كۇلۇبى ئابدۇرەشىت ئاكامنىڭ ئىنكاسى:
خالاستان بلۇگىدا بەك ئېسىل تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز… ھازىر خالاستان بلۇگى كۈندە نەچچە قېتىم كىرىدىغان ۋە باش قېتىمچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىدىغان مۇھىم يەر بولۇپ قالدى. ئادرېسىغۇ يادا بوپ كەتتى، يەنە چىدىماي بلۇگىمغىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالدىم
بۈگۈن سىز گىپىنى قىلغان ھېلىقى KuaiDial دېگەن دېتال ناھايىتى قالتىس دېتالكەن. بۇ دېتال مەن ئايفون ئىشلىتىپ ھېس قىلغان مۇكەممەل ۋە ئىقتىدارى تولۇق ئېسىل دېتالكەن، چۈشتىن كېيىن ۋاقىت تاپساملا شۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىپ چىقىپتىمەن…
بۇ دېتالنىڭ مەن ھېس قىلغان ئالاھىدىلىكلىرى:
1. تېلېفون نومۇرىنىڭ رايون تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدىكەن (تېلفۇن كەلگەندە ياكى ئۇرغاندا نومۇر ئاستىدا تەۋەلىكنى ئەسكەرتمەيدىكەن، يا تەڭشەيدىغان يىرى بولسا تاپالمىدىممۇ)؛
2. سۆزلىشىش خاتىرىسىنى نىشانلىق ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى بار ئىكەن؛
3. قارا تىزىملىك، ئاق تىزىملىك ئىقتىدارى بار ئىكەن؛
4. IP ئىقتىدارى بار ئىكەن
5. تېز ئىزدەش ئىقتىدارى بار ئىكەن (مەلۇم ساننى باسسىڭىز سىزنىڭ تېلېفون دەپتىرىڭىزدىكى  تەركىبىدە شۇ سان ياكى ھەرپ بار بارلىق نومۇرلارنى كۆرسىتىدىكەن، تېلېفون خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن نومۇرلارنى كۆرسىتەلمەيدىكەن ئەمما)
6. قىسقا ئۇچۇردىكى تېلفون نومۇرلىرىنىڭمۇ تەۋەلىكىنى كۆرسىتەلەيدىكەن؛