• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى

2011-05-01 | Nezeri | تەرمىلەرگىچە, پۈتۈكلەر| 3 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى. كۆچۈرگەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!

جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىس پەرمانى، ئەللىكىنچى نومۇرلۇق: جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29 – كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزالىرى 21- يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىنىدۇ . 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .

جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى

جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى

بىرىنچى ماددا بۇ قانۇن جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش، ئىمزالاپ تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش شۇنداقلا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى قوغداش ،سىرتقى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى.

ئىككىنچى ماددا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورتى بولسا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىش ۋە دۆلەت سىرتىدا دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامە.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىس پاسپورتنى يالغاندىن ياساشقا ، ئۆزگەرتىشكە، ئارىيەت بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ، قەستەن بۇزۇشقا ھەم قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

ئۈچىنچى ماددا پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى، دۆلەت ئىشى پاسپورتى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.

پاسپورت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئارقىلىق چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

تۆتىنچى ماددا ئادەتىتكى پاسپورت بولسا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگىنى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى شۇنداقلا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

دىپلوماتىيە پاسپورتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتى بولسا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلار ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان ئۆلكە-ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ، رايوندىكى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

بەشىنچى ماددا پۇقرالار چەتكە چىقىپ ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئۆگنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت، سودا قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشى بولمىغان سەۋەبلەردىن چەتكە چىقماقچى بولغاندا ئالاقىدار كىشى ئۆزى تۇرۇشلۇق يەردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىشنى ئىلتىماسى قىلىدۇ.

ئالتىنچى ماددا پۇقرالار ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماسى سۇنغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا چۈشكەن يالاڭباش سۈرىتى شۇنداقلا ئىلتىماس سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ. دۆلەت خىزمەتچىلىرى بۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدىكى سەۋەبلەر بىلەن پاسپورت ئىلتىماس قىلغاندا يەنە چوقۇم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەمىنلەيدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ئىلتىماس ماتېرىيالى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك ؛بەلگىلىمىگە خىلاپلىرىغا چوقۇم سەۋەبىنى يازمىچە ئىزاھلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىش ياكى مەمۇرىي ئەرز قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

چەت- ياقا رايونلار ياكى قاتناش قولايسىز رايونلار ياكى ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن پاسپورتنى ۋاقتىدا تارقىتىش ئىمكانىيىتى يوق ئەھۋالدا پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن تارقىتىش ۋاقتىنى 30 كۈنگە ئۇزارتىشقا بولىدۇ .

پۇقرالار مۇۋاپىق جىددى ئىشلار سەۋەبىدىن جىددى بېجىرىشنى تەلەپ قىلغاندا جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك .

يەتتىنچى ماددا ئادەتتىكى پاسپورتتا تىزىملىنىدىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە : پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان يەر، پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىلغان ۋاقىت، ئىناۋەتلىك ۋاقتى، تارقىتىلغان يەر ۋە تارقىتىلغان ئورۇن.

ئادەتىتكى پاسپورتنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: پاسپورت ئىگىسى 16 ياشقا توشمىغان بولسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 5يىل، 16 ياشتىن يۇقىرى بولسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولىدۇ .

ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ ئىمزالاپ تارقىتىش كونكرېت جەريانى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

سەككىزىنچى ماددا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ، كونسۇلخانا خادىملىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىللە يۈرگەن جۈپتى ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىك ئالاقىچىلار دىپلوماتىيە پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ .

جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس ئورگىنى شۇنداقلا باشقا ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىللە يۈرگەن جۈپتى ، قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى دۆلەت ئىشى پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەندىن باشقا پۇقرالار چىگىردىن چىقىپ دۆلەت ئىشى بېجىرگەندە ئالاقىدار خادىم تۇرۇشلۇق ئورۇن بۇ قانۇننىڭ 4-ماددىسى 2-،3- تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئېھتىياجغا ئاساسەن دىپلوماتىيە پاسپورتى ياكى دۆلەت ئىشى پاسپورتىنى ئىمزالاپ تارقىتىدۇ.

توققۇزىنچى ماددا دىپلوماتىيە پاسپورتى ، دۆلەت ئىشى پاسپورتىغا تىزىملىنىدىغان تۈرلەر تۆۋەندىكىچە : پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ، جىنسى ، تۇغۇلغان ۋاقتى ، تۇغۇلغان جايى ، پاسپورت تارقىتىلغان ۋاقىت ، پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى ، تارقاتقان ئورگان .

دىپلوماتىيە پاسپورتى ، دۆلەت ئىشى پاسپورتنىڭ تارقىتىلىش دائىرسى ، ئىمزالاپ تارقىتىش چارىسى ، ئىناۋەتلىك ۋاقتى ۋە دۆلەت ئىشى پاسپورتنىڭ كونكرېت بۆلۈنۈشى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

ئونىنچى ماددا پاسپورت ئىگىسىنىڭ پاسپورتتا خاتىرلەنگەن ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىشى بولغاندا ، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىيالىغا ئاساسەن پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقاتقان ئورۇنغا ئۆزگەرتىش ، ئىزاھلاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ئون بىرىنچى ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا پاسپورت ئىگىسى بەلگىلىمىگە ئاساسەن پاسپورتنى ئالماشتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

1.پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالغان؛

2.پاسپورت ۋىزا بىتى ئىشلىتىلىپ تۈگىگەن؛

3.پاسپورت يىرتىلىپ كەتكەن ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ؛

4.پاسپورتى يۈتۈپ كەتكەن ياكى ئوغرىلانغان ؛

5.پاسپورت ئالماشتۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشكە مۇۋاپىق ئاساسى بار .

پاسپورت ئىگىسى پاسپورت ئالماشتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ بېجىرىش ئىلتىماسىنى دۆلەت ئىچىدە بولسا پاسپورت ئىگىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ؛ دۆلەت سىرتىدا بولسا پاسپورت ئىگىسى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا، ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىغا سۇنىدۇ .

دىپلوماتىيە پاسپورتى ، ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتىنى ئالماشتۇرۇش ، تولۇقلاپ بېجىرىشتە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىدۇ .

ئون ئىككىنچى ماددا پاسپورت كۆرۈپ ئوقۇلىدىغان ۋە ماشىنىدا ئوقۇلىدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە .

پاسپورتنىڭ يالغاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارى خەلقئارالىق تېخنىكىلىق ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدۇ.

پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاسپورت ياساش ، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا پۇقرالارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك .

ئون ئۈچىنچى ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى كۆرۈلگەنلەرگە پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان پاسپورت بەرمەيدۇ :

1.جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئەمەسلەر ؛

2.سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشقا بولمىغانلار ؛

3.پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئالدامچىلىق قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلەر ؛

4.جىنايى جازا سەۋەبىدىن ھازىر جازا ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلار ؛

5.خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تاماملانمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى سەۋەبىدىن چىگىردىن چىقىشقا بولمايدۇ دەپ ئۇقتۇرۇلغانلار ؛

6.جىنايى ئىشلار دېلو جاۋابكارى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرى ؛

7.گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىگىردىن چىققاندىن كىيىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ كەلتۈرىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ دەپ قارالغانلار ؛

ئون تۆتىنچى ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى سادىر قىلغانلارغا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن شۇ شەخىسنىڭ جىنايى جازا ئۆتەپ بولغان ياكى دۆلەتكە قايتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىپ بەرمەيدۇ :

1.دۆلەت چېگرا باشقۇرۇشىغا زىيان يەتكۈزۈش سەۋەبلىك جىنايى جازا بېرىلگەنلەر ؛

2.قانۇنسىز چېگىرىدىن چىقىش ، قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش ، قانۇنسىز خىزمەت تېپىش سەۋەبىدىن مەجبۇرى دۆلەتكە قايتۇرۇلغانلار ؛

ئون بەشىنچى ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ، مەمۇرىي نازارەت ئورگانلىرى دېلو بېجىرىش ئېھتىياجى بىلەن قانۇنغا ئاساسەن دېلوغا ئالاقىدار شەخىسنىڭ پاسپورتىنى تۇتۇپ قىلىشقا بولىدۇ .

ئون ئالتىنچى ماددا پاسپورت ئىگىسى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىنى يوقاتقاندا ياكى پاسپورت يۈتۈپ كەتكەندە ، ئوغۇرلانغاندا پاسپورت پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

يالغاندىن ياسىغان ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ، ئالداپ ئىلىنغان ياكى ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنغان پاسپورت كۈچكە ئىگە ئەمەس .

ئون يەتتىنچى ماددا ساختىپەزلىك قىلىپ ئالداپ ئىلىنغان پاسپورت پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ؛ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

ئون سەككىزىنچى ماددا باشقىلارغا يالغان ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت تەمىنلىگۈچىلەر ياكى پاسپورت ساتقۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ؛ جىنايى ئىشلار جازاسىغا توشمىغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز ئىرىشكەن مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ، 10 كۈندىن 15 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ، 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ . قانۇنسىز پاسپورت ھەمدە بېسىش ئۈسكۈنىلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ .

ئون توققۇزىنچى ماددا يالغان ياكى ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ پاسپورتى بىلەن چىگىردىن كىرىپ -چىققۇچىلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چىگىردىن كىرىپ -چىقىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بېرىدۇ .

يىگىرمىنچى ماددا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان خىزمەتچىلىرى پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى كۆرۈلسە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ؛جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

1.قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىكلىرىنى قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار ؛

2.نامۇۋاپىق سەۋەب بىلەن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىمزالاپ تارقاتمىغانلار ؛

3.دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ھەق .ئالغانلار ؛

4.ئىلتىماس قىلغۇچىدىن پار تەلەپ قىلغان ياكى پار قوبۇل قىلغانلار ؛

5.ياساش ، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا ئىرىشكەن شەخسى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلار ؛

6.ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش ، نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشى بارلار ؛

يىگىرمە بىرىنچى ماددا ئادەتىتكى پاسپورتنىڭ شەكلى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ ھەم نازارەت قىلىنىدۇ .

يىگىرمە ئىككىنچى ماددا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن تەننەرخ ھەققى ، ئىزاھات قوشۇش ھەققى ئالسا بولىدۇ . يىغىلغان تەننەرخ ھەققى ۋە ئىزاھات قوشۇش ھەققى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ .

پاسپورت تەننەرخ ھەققى ۋە ئىزاھات قوشۇش ھەققى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن باھا مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقى بەلگىلەپ ئىلان قىلىنىدۇ .

يىگىرمە ئۈچىنچى ماددا چەتكە قىسقا مۇددەتلىك چىققان پۇقرالار چەتئەلدە پاسپورت يۈتۈپ كېتىش ، ئوغۇرلىنىش ياكى بۇز ۇلۇپ ئىشلەتكىلى بولماسلىق ئەھۋاللىرىدا چوقۇم جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئورگانلارغا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك .

يىگىرمە تۆتىنچى ماددا پۇقرالار چېگرا سودىسى ، چېگرا ساياھەت مۇلازىمىتى ياكى چېگرا ساياھىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەت جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چىگىردىن كىرىش چىقىش يول خېتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .

يىگىرمە بەشىنچى ماددا پۇقرالار دېڭىزچى سالاھىيىتىدە چىگىردىن كىرىپ چىققاندا ۋە چەتئەل پاراخوتلىرىدا خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغاندا چوقۇم قاتناش مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان دېڭىز ئىشلىرى باشقۇرۇش ئورگىنىغا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىزچىلار كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك .

يىگىرمە ئالتىنچى ماددا بۇ قانۇن 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمى يولغا قويۇلىدۇ . بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىمزالاپ تارقىتىلغان پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە

 



يازما ئادېرسىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: [Gulan]«ئامېركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار»نىڭ داۋامى_قىيىنچىلىقنىڭ قۇدىرتى ۋە غالىپلىق كېيىنكى: [Gulan]ئۇيغۇر قىزلارغا تالاشتا قالغان ئامرىكىلىق

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • (روھلاندىن)مۇختار روزى ھەقلىق دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلماقچى
  • 4.3.3غىچە بولغان نەشرىنى ئاددى تۈرمىدىن قاچۇرۇش
  • ئالمىغا يۇمشاق دېتال قاچىلاش ئۆلچەملىك دەرسلىكى
  • [ئۆلمەس مۇڭ] دىل كۈيى (نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن)
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار21
  • ئۇيغۇر گېنېرالنىڭ ھوزۇرىدا
  • Symbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش
  • قارلۇق«گۈدۈك»نى رەسمىي ئېچىۋىتىپتۇ
  • دىققەت! ئۈسكىنە نەشرىنى 5.0.1 غا كۆتۈرۋىلىڭ
  • iphoneنىڭ كونا-يىڭىلىقىنى پەرق ئېتىش
  • GoogleAdsense ئېلانى توختاپ كەتكەنلەر
  • [Gulan] ئامېركىدا مەشرەپ
  • iPhoneدا يۈتۈپ كەتكەن 个人热点نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
  • I0n1c دىكىلەر iOS 5.1 iPad 2 A5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى
  • iOS5 تىكى iPhone4 ۋە iPhone3Gs
  • ERAنىڭ ئېلىكتىرونلۇق گېتتار مۇزىكىسى impera
  • خالاستان بىلوگى 2012-يىللىق ئون چوڭ بىلوگدا…
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار16
  • iPhoneنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپلا قاچىلايدىغان دېتاللار
  • iPhone نىڭ تور قۇلۇبىنى يېشىش دەرسلىكى
  • قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز
  • ئالما سىستىمىلىرىنى نەشىر قايتۇرۇش ھەققىدە ئاددى ساۋات

3 دانە باھا

  1. taxidriver
    2011/12/05 سائەت 00:29:10 /

    ئاساسىي قانون دۆلەت قۇرۇلغاندىلا تۈزۈلگەن، ئەمما دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش دىگەن گەپلەرنى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمىز. دىمەك 50يىل بۇرۇن قانون تۈزگەندە دۆلەتنى قانون بىلەن باشقۇرمايدىكەن. بۇقانۇنلارمۇ شۇلارنىڭ جۈمىسىدىن بولسا كىرەك. :lol:

  2. Nezeri
    2011/06/17 سائەت 23:18:01 /

    شىنجاڭدا تەسرەككەن. مىنىڭ ھەر ھالدا قولۇمدا.

  3. دىل
    2011/06/15 سائەت 12:25:59 /

    بىزنىڭ رايۇنلاردا پاسپورت بىجىرمەك نمانچە تەستۇ ؟پاسپورت قانۇنىمۇ بار ئىكەن بولمىىسا……………..؟؟؟؟؟؟

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبرەت:
      ئايفۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات ئايفونسى …
    2. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    3. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    4. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    5. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    6. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    يۇنىكود ئۆلچىمى iPod GoogleAdsense steve jobs ئۇيغۇر iOS 6 مەھسۇلات epub icloud RSS iphone4s appstore ios ھەقسىز ipad 3 ipad IT shsh cydia ipad2 gulan Mac OS X JailBreak ios5 apple symbian pxl مۇڭ itunes ئەقلىفون خالاستان بىلوگ قۇلۇپ iPhone Siri uyghur iphone4 google
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club