• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار5

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 0 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

يول قايان؟
يىللار مەيدىسىنى كېرىپ مەسخىرىلىك كۈلگەنچە ئۆتىۋەردى. ئانام دائىم «يىلدىن يىلغا بەتتەر» دەيتتى، بۇ ماڭا خۇددى  قانۇنىيەتتەك تۇيۇلۇپ كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ئارىدا مېھرى ئىسسىق تۈركىيەنىمۇ چۆرگىلەپ كەلگەن بولدۇم. ۋەدەمدە تۇرغانلىقىمنىڭ  ۋەدە ئالغۇچىلارنىڭ پەرۋايىدا يوقلىقىنى قايتقاندىن كېيىن بىلدىم. ئۇلارنىڭ پەرۋايى ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتمىغاچ ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلمىدى. قايتقىنىمدىن ئەڭ شاتلانغىنى كۆز نۇرۇم ئاتا-ئانام، كۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ۋە بەختلىك ئائىلەم بولدى. كۈنلەر مەنىسىز تەكرارلىقىنى داۋام قىلماقتا ئېدى،بېيجىڭدا ئېغىز ئالغان يارا يەنە شەلۋەرەشكە باشلىدى، ئەمەلگە باغلانغان شىنجاڭچە زىيالىلىق، مەنپەئەتكە باغلانغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، تىجارەتكە ئايلانغان جۇڭگوچە  تەتقىقات يۈرەكتىكى يارىنى يىرىڭلاتتى. بىر كۈنى بىر دوستۇمغا تېلىڧوندا ”ئۆيلەندىم، ئۆي ئالدىم، بالىلىق بولدۇم، لېكىن يەنە خوش بولالمىدىم“ دەپ تاشلىدىم. ئارىدا ئۆيۈمگە كەلگەن  بۇرادەرلىرىمدىن بىرى « كۆچۈپ كېتىدىغان قازاقتەكلا ئولتۇرۇپسەنغۇ؟» دېدى كۈلكە قىلىپ، سورۇنىمىزنىڭ ئەزىزى، ئۇستاز تەكلىماكانى « سەپەرگە ھازىرلانغان ئادەمگە جىق نەرسىنى يىغىۋېلىش ئاۋارىچىلىق» دېدى مەنىلىك قىلىپ. « سەپەر قايان؟» بۇ سۇئال باشقا ھىچ كىمنىڭ ئېسىگە كەلمىدى، چۈنكى بىر ئوبدان ئۆيى، ۋاپادار ئايالى، يوقنىڭ ئورنىدا بولسىمۇ ئەمىلى، ئۆزىدىن خېلىلا ئېگىزلەپ كەتكەن يېشى بار مەندەك ئادەمنىڭ يەنە نېمە سەپەرگە ئاتلىنىدىغانلىقى بۇرادەرلىرىمگە قاراڭغۇ ئېدى. ئىچىمدە خىتاب قىلدىم « سەپەر __ ئامېرىكا».

مۇھىت ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ۋە ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىكەن. بېيجىڭدا__ ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولىدىغان، تىرىشقانلىكى ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆز ئالدىدىن يىراق بولمايدىغان يەردە ئوقۇغانلىقىم مېنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمنى قۇۋۋەتلىگەنمۇ، ۋەياكى ئادەمنىڭ مىللەت تەۋەلىكىدىن بەكرەك ئىقتىدارى تەكىتلىنىدىغان ئىچىكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتەخىزمەت قىلغانلىقىم تۈرتكە بولغانمۇ، بۇلار ماڭا ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما مەن ئۈرۈمچىدە ۋە باشقا ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدىكى زىيالىلىرىمىزدا  ئەۋج ئالغان « ھىچ ئىش قىلدۇرمايدۇ، سىڭگەن نېنىڭنى يە، مۇناسىۋەتسىز ئىش پۈتمەيدۇ..» دېگەندەك ئىددىيەلەرنىڭ تەسىرىدىن ئاساسەن خالى ئېدىم. ھىچ ئىش قىلدۇرمىسا سەۋەبىنى سوراش، شۈكرىگە زورلىسا شۈكرىگە لايىق نىمەتنى تەلەپ قىلىش، مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلىسا بەلگىلىمىنى شىپى كەلتۈرۈش مېنىڭ مىزانىم ئېدى.
ئۈرۈمچىدىكى مەن ئىشلەۋاتقان ئالى مەكتەپ  بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستىتىغا ئىمتىھان بېرىشىمىگە قوشۇلمىدى. ئىشلىگەن يىلىم توشمايمىش. دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىغا ئىلتىماس سۇنساممۇ بولماسمىش، سەۋەبى ئۇنۋانىم توشمايمىش، قارىغاندا مۇكاپاتنى قېرىپ ماڭالماس بولغاندا بەرسە كېرەك. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا كۆز تىكتىم. نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتلار ھەققىدىكى خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇلارنى خىزمەتداش، تونۇش ۋە دوست بۇرادەرلەرگە تەۋسىيە قىلدىم. بۇلاردىن فورد مۇكاپاتى مېنى بەكرەك قىزىقتۇردى. بۇلارنىڭ نىشانىدىكى« نامراتلىق، نادانلىقنى تۈگىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت ۋە ئىجتىمائى ئادالەتنى تەكىتلەش، ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدا ساھەلەردە تەشكىللىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش» دېگەندەك مەزمۇنلار مېنى تولىمۇ شاتلاندۇردى. فوردنىڭ ئىلتىماس جەدىۋىلى مېنىڭ ھاياتىمنى بىر قۇر خۇلاسىلەپ چىققان بولدى. مەن فورد مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرنى بىر نائىنىق ئوبىكىت سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغىنىمنى بايقىدىم. مۇشۇ كۈنگىچە قاقشىغانلىرىم خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى، خەلق دۇچ كەلگەن كىرزىسنى ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى چۈشەنمەستىن غۇتۇلداشتىن باشقىسى ئەمەسكەن. مەن ئۇيغۇرنى ئۆزەمگىمۇ يورۇق بولمىغان بىر مەنزىلدە كۆرۈشكە ئىنتىلگىنىمنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن ئۇيغۇرنى چۈشىنشىتە ئۇلارنىڭ تۇيغۇسىدا، ئادىتىدە، ئىددىيىسىدە ياشاپ تۇرۇپ ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئۆزگەرتىش، ئىنكار قىلىش مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلغىنىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم. فورد ماڭا ھەممە ئىشنى ئەتراپىمدىن، مەھەللەمدىن باشلاشنى ئۆگەتتى. چۈنكى ئۇلار دەل مۇشۇنداق ئېنىق ئىجتىمائى خىزمەت پىلانى ۋە ئەمەلىي تەتقىقات پىلانى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. مەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس سۇنۇش جەريانىدا ئىلگىرى ھىچ قانداق تەمەسىز قىلغان پائالىيەتلىرىمنىڭ بۇ قېتىم مېنىڭ ئىجتىمائى خىزمەت تەجرىبىلىرىم ھىسابلىنىپ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشۇمغا ئاساس بولغانلىقىنى كۆردۈم. تېرىمچىلىق مەدەنىيىتى ياراتقان ئاتا بوۋىلىرىمىز بۇ دۇنيانى ئۆزى شۇغۇللانغان دېھقانچىلىق بىلەن باغلاپ ئېتىزغا ئوخشىتىدۇ، ۋە بىزنى ئۇنىڭغا ياخشىلىق تېرىشقا بۇيرۇيدۇ. مەن دوستلۇرۇمنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنجۈمەن تەشكىللىگەن، ئىئانە توپلىغان، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغان، كۇرس ئاچقان، ئەمما بۇلارنى بىر قىزغىنلىق، بىر ئوتنىڭ تۈرتكىسىدە قىلغان، ئۇ چاغدا بىر چاغلاردا فوردقا ئوخشاش بىر مۇكاپاتنىڭ مۇشۇ ئىجتىمائى خىزمەتلىرىم بەدىلىگە ماڭا بېرىلىدىغانلىقى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئېدى. ئاتا بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك ياخشىلىق تېرىغان ئىكەنمەن، خۇداغا شۈكۈر، دۇنياغا ياخشىلىق تېرىش ئۈچۈن ياشايدىغان، باشقىلارنى يىسۇن دەپ يول بويىغا ئۈجمە تىكىدىغان، ئۇسسىغانلار ئىچسۇن دەپ  بىكارغا كۆل چاپىدىغان، باشقىلار پۇتلاشمىسۇن دەپ يولدىن چالما، تىكەنلەرنى ئېلىۋېتىدىغان، نامرات قوشنىمىز سۇنمىسۇن دەپ دەرۋازىسىنى پۇلى تۇرۇپ ياسىمايدىغان ئۇلۇغ خەلقنىڭ پۇشتى قىلىپ ياراتقان بۈيۈك رەببىمگە مىڭ مەرتە تەشەككۈر.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار5
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار4 كېيىنكى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار6

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iTunesدىكى نەشىر كۆتۈرەلمەسلىك خاتالىقىنى تۈزەش
  • Tencentنىڭ 微信 مۇ يىڭىلاندى
  • Apple iPad 2 ۋەMotorola Xoom ۋەHP TouchPadۋەBlackBerry Playbook
  • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
  • David ئورۇنلىشىدا مۇزىكا 《I Miss You 》
  • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت
  • GoogleيىقىنداMotorola Mobilityنى سېتىۋالماقچى
  • iOS5 تىن كۆپچىلىككە سالام!
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار3
  • iPhone ھەرقايسى ئەۋلادنىڭ قاتتىق دىتال سەپلىمە پەرقى
  • ئىزدەش ماتورىدىن com نى ئىزدىسە نىمە چىقىدۇ؟
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار19
  • iphone،ipod،ipad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەنزۇچە لۇغەت
  • iPhoneدا نەشىر چۈشۈرۈش دەرسلىكى
  • [يىقىملىق مۇڭ] ئايدىڭ كىچىلەردە(نەزەرىم سىزدە)
  • iPad 3G+WiFi 32Gدىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار17
  • AppStoreدىن چۈشۈپ بولالمىغان ئەپنى ئۆچۈرۈش
  • iPhoneدا ھەرقانداق ھۆججەتنى قويالايسىز
  • iPhone نەشىر كۆتۈرۈشتىكى 1015 خاتالىقنى تۈزەش
  • [مۇڭ] كىلاسسىك مۇزىكا 琵琶语
  • 99%يىڭى Sony لەپتوپى ئەرزان سېتىلىدۇ

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • يىڭى iPad نىڭ باھاسى 3164 يۈەن
    • I0n1c دىكىلەر iOS 5.1 iPad 2 A5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى
    • ۋىدوۋستا epub كىتاب ياساش دېتالى
    • كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ يەنە بىر خىيالى لايىھەسى
    • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
    • ئېھ…خاتىرەم!
    • «ئالما» نىڭ 2012-يىللىق تۇنجى يېڭىلىقى…
    • تارىختىكى ئەڭ پەچەت تۈرمىدىن قېچىش چىقتى
    • «ئېلان»شىركەتكە شوپۇر تەكلىپ قىلىمىز
    • «ئاددىي» ئادەم بولامدۇق؟
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(26)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. شەربەت:
      سىلىنى قوشىۋالدىم ئەمىسە، ئەيىپكە بۇير…
    2. ئىبراھىم:
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ،ئەجەپ بەلە…
    3. ئو.تۇرپان:
      يازما ئۆزى ئاددىي بولسىمۇ، ئاتالغۇلارغ…
    4. ئۇيغۇربەگ:
      ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، مەنغۇ ئۈمۈدنى ئۈ…
    5. ئىبراھىم:
      نەزەر باي باركەن ھە سىلىمۇ :razz: خال…
    6. aldawr:
      ئېنكاسمۇ ئاپتۇرغا ھۆرمەت جۈملىسىدىندۇر…
  • خەتكۈچلەر

    يۇنىكود ئۆلچىمى appstore cydia symbian iPod خالاستان بىلوگ icloud gulan ipad2 ios5 iphone4s مۇڭ shsh ھەقسىز google pxl قۇلۇپ iPhone ipad iphone4 مەھسۇلات steve jobs ios ئۇيغۇر Mac OS X RSS uyghur GoogleAdsense apple ئەقلىفون IT epub itunes
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club