• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客 Halastan Blog خالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

iPhoneدا نەشىر چۈشۈرۈش دەرسلىكى

2011-05-01 | Nezeri | APPLE, تۈرمىدىن قاچۇرۇش| 14 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

قارىسام تورداشلار SHSH دەپ تولا ئاڭلاپ كەتتى. ئەمما ھەقىقى رولىنى كۆرمىگەچ نۇرغۇنلار قىممىتىگە يەتمەيدۇ.

ئاددىيلا مىسال كەلتۈرەي: ئامىركىدىن كىرگەن بىر iphone  بار دەيلى. بۇ ئالما نىڭ تور قۇلۇبى بولىدۇ ئەلۋەتتە. ھازىر 4.0.5 دىن يۇقىرى نەشىرلەرگە تېخى تور قۇلۇبى يېشىش ئۇسۇلى چىقمىدى. ئەگەر بىز ئېھتىياتسىزلىقتىن نەشىر كۆتۈرۈپ 4.2.1 غا چېقىپ قالساق بىزدە shsh دىگەن ھۆججەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا بولسا بىز ئوڭايلا 4.0.5 غا چۈشىۋالىمىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا 5000 سوملۇق ئۈسكىنىدە تېلفونمۇ قىلغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئادەتتىكى ipod بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى تېخنكا ئارقىلىق مۇشۇنداق نەشىر چۈشۈرۈش ئېھتىياجى بار دوستلار نەشىرنى بىمالال چۈشۈرۋالالايدۇ.

ئەسلى ئىش مۇنداق، apple دىكىلەر ھەر بىر قىتىم مەشغۇلات سىستىما نەشرىنى يىڭىلىسا (بۇ يەردە iphone,iPod Touch, iPad لەرنىڭ مەشغۇلات سىستىمىسى iOS كۆزدە تۇتۇلىدۇ.) ئىنتايىن مەخپىي ھالدا بۇرۇنقى نەشىرلەرنىڭ تۈرمىدىن قېچىش يوچۇقىنى ئېتىدۇ، ھەم يىڭى ئىقتىدارلارنى قوشىدۇ. لىكىن بۇ نەشىر يىڭىلاش بىلەن بىر مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ. يەنى apple نىڭ دۇكىنى appstore دىن سېتىۋىلىغان يۇمشاق دېتاللار apple نىڭ بىر قىتىملىق نەشىر يىڭىلىشى بىلەن يىڭى مەشغۇلات سىستىمىسىغا سىغىشمالىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. يەنى سىز بۈگۈن 1 دوللارغا بىر دېتال سېتىۋالسىڭىز، ئەتىلا مەشغۇلات سىستىما نەشىر يىڭىلاپ سالسىڭىز(ئەلۋەتتە، بۇ سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز. يىڭىلىسىڭىزمۇ ياكى مەڭگۈ يىڭىلىماي ئىشلەتسىڭىزمۇ Stave Jobs بوۋاي بىر نەرسە دىمەيدۇ) بۇ دېتالىڭىز يىڭى مەشغۇلات سىستىمىدا ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.

قانداق قىلىش كىرەك؟ جاۋابنى نەزەرى بىرىدۇكى: SHSH  دىگەن بىر مۇلازىمتېر ئېچىپ ئىشلەتكۈچىلەر مەلۇم ۋاقىت ئۈسكىنىسىنىڭ نەشرىنى ھەم يۇقىرى نەشىرگە كۆتۈرەلەيدىغان بولسۇن، ھەم تۆۋەن نەشىرگە چۈشۈرەلەيدىغان بولسۇن. قانداق نەشىرگە چۈشۈرسە بولىدىغان،  قانداق نەشىرگە چۈشۈرسە بولمايدىغانلىقىنى ئاشۇ مۇلازىمتېردىكى yes-no دىگەن ئىككى بۇيرۇق بەلگىلىسۇن. لىكىن بۇنىڭغا بىر چەك قويىلى ، 4.3.2 چىققان ۋاقىتتا يەنە خالىغانچە 4.0.1 گە (تور قۇلۇبى يەشكىلى بولىدىغان نەشىر) چۈشۈرۋالمىسۇن(ئۇنداق بولمىغاندا ئامىركا نەشىردىكى iPhone4 بىۋاستىلا جوڭگودا ئىشلەۋىرىدۇ). appstore دىكى دېتاللار يىڭى مەشغۇلات سىستىما نەشرىگە كۆنۈپ بولغاندا كونا مەشغۇلات سىستىمىسىگە نەشىر چۈشۈرۈشنى توسايلى. بۇنداق بولغاندا appstore دىكى يىڭى دېتاللارغىمۇ يىڭى بازار ئېچىلىدۇ. كونا دېتاللارمۇ سەپتىن قالمايدۇ. مەسىلەن ھازىر 4.3.2 چىقتى، لىكىن ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە 4.3.1 گە چۈشىۋالسا بولىدۇ.

ھەم بۇ مۇلازىمەتنى قاچان تاقاش پەقەت ئالمىغىلا مەلۇم بولغان ئىش. شۇڭا shsh  نى زاپاسلىغاندا بار بولسا زاپاسلىنىدۇ، مۇلازىمەت تاقالغان بولسا ھىچكىمنىڭ ئىلاجى يوق. StaveJobs نىڭ قۇلقىنى سوزىساقمۇ بىكار. شۇڭا خالاستان بىلوگى shsh نى زاپاسلانى تەۋسىيە قىلىدۇ. دەرسلىكىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ.

مەن ئۆزۈمنىڭ مەشغۇلات جەريانى ئارقىلىق يۇقارقى بايانلارنى چۈشەندۈرەي ھەم قۇلۇب چۈشۈپ قالغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى نەشىر تۆۋەنلىتىش ئىھتىياجى تۇغۇلغان دوستلار ئەگىشىپ ئۈگەنگەي. بۇ جەرياندا مەن 4.3.2 دىكى iPod touch 3 نى 4.1 غا چۈشۈرىمەن.

2. مۇناسىۋەتلىك نەشىر كۆتۈرۈش بولىقىنى چۈشۈرىمىز.down/ بۇ تېمىدا 4.1 نىڭ نەشىر بولىقىنى چۈشۈردۈم. itunesنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز.

3.iTunesدا بىۋاستە 4.1 غا چۈشۈرۈپ سىنايلى.

بۇرۇنقى ھالەت:

 

نەشىر قايتۇرۇش (shift نى بېسىپ تۇرۇپ 恢复 دىگەن بۇيرۇقنى تاللاپ، مۇناسىۋەتلىك نەشىر كۆتۈرۈش بولىقىنى(بۇ مىسالدا4.1)نى تاللاپ بەرگەن) مەشغۇلاتتىن كىيىن

بۇ ۋاقىتتا iTunes تەكشۈرۈش باسقۇچىدىن ئۆتەلمەيدۇ ياكى خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ.

بىز بۇ ۋاقىتتا iTunes نى مەجبۇرى تاقاپ  shsh نىڭ ياخشى قورالى tinyumbrella نى قوزغىتىمىز. چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ئادىرسى 852.html

ئاندىن بۇ دېتالدا tts server   بىسىپ shsh   نىڭ cydia مۇلازىمتېرىغا ئۇلايمىز.

 

ئاندىن iTunesدا shift نى بېسىپ تۇرۇپ 恢复  دىگەننى باسىمىز ۋە نۆۋەتتە كۆتۈرمەكچى ياكى چۈشۈرمەكچى بولغان ئورگان تەرەپ سىستىما بولىقىنى تاللاپ بېرىمىز. تەخمىنەن 10 مىنۇتلارچە كۈتكەندىن كىيىن ئالما تولۇق قايتىپ قايتا قوزغىلىدۇ. ئۇنىڭغىچە ئالما نى كومپيۇتېردىن ئاجىرتىشقا بولمايدۇ. قايتا قوزغالغاندىن كىيىن ئالما itunes ئارقىلىق تەكشۈرۈلۈپ قايتا تېزىملىنىدۇ دە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر تۆۋەندە تەرتىپ بويىچە بېرىلدى.

 

نەشىرقايتۇرۇش مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇپ ئۈسكىنا قايتا قوزغىلىش ئالدىدا.

كۆرۈلگەن نەشىرى :

ئاندىن كىيىن يەنە مۇۋاپىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئېشلىتىمىز. مۇناىسۋەتلىك تېخنىكىلىق مەسىلىنى خالاستان بىلوگىغا ئىنكاس قىلسىڭىز ئەڭ تېز سۈرەتتە omar14ۋە نەزەرى ئىككى تېخنىكنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىسىز.


يازما ئادېرسىiPhoneدا نەشىر چۈشۈرۈش دەرسلىكى
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客 Halastan Blog خالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: iPhoneئۈچۈن يەنە بىر ياخشى قورال كېيىنكى: يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • [مۇڭ]Sissel Kyrkjebo ئىجراسىدا Molde Canticle
  • ipad2چوڭ قۇرۇقلۇققا5-ئاينىڭ6-كۈنى كىردى
  • گۇاڭدوڭ تىلگىرافى تۇنجى CDMA نۇسخىدىكى iPhone4نى سىنىدى
  • ئىزدەش ماتورىدىن com نى ئىزدىسە نىمە چىقىدۇ؟
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار12
  • iPad 3G+WiFi 32Gدىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ
  • قارلۇق بىلەن ئالما ھەمكارلىقى ھەققىدە
  • iPhoneدا سۆزلىشىش خاتىرسىنى نىشانلىق تازلاش
  • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • Halastan Blog نىڭ ئۇلىنىش ئىلتىماسى(نەزەرى)
  • [Gulan]ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ
  • [Gulan] ئامېركىدا مەشرەپ
  • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا2)
  • Halastan Blogنىڭ ئۇسلۇبى تارقىتىلدى
  • iPhone ۋە كومپيۇتېر ئۈچۈن 百度百科ئامبىرى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار9
  • iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش
  • iPhoneغاwindowsXPنىڭ چىرايلىق ئۇسلۇبىنى قوشۇش
  • [يىقىملىق مۇڭ] ئايدىڭ كىچىلەردە(نەزەرىم سىزدە)
  • googleadsense ئېلتىماسى قايتمىسى تىزلەشتى
  • AppStoreدىن چۈشۈپ بولالمىغان ئەپنى ئۆچۈرۈش
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار3

14 دانە باھا

  1. Nezeri
    2011/08/09 20:20:51 /

    428.html

  2. 4.3.5 نى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش دەرسلىكى | 哈拉斯坦博客 Halastan Blog خالاستان بىلوگ
    2011/08/08 19:42:21 /

    [...] 1. بۇرۇن يوللانغان 4.3.2 دىن 4.1 غا چۈشۈش دەرسلىكى بويىچىمۇ مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ. بۇ يەردىكى 4.1 نىڭ ئورنىغا 4.3.3 نىڭ بولىقىنى ئىشلەتسەكلا بولىدۇ. تېما 1272.html [...]

  3. ھەۋەسكار
    2011/08/02 22:07:59 /

    ياخشىمۇسىز مەن نەشىرنى چۈشۈرەي دىگەن لىكىن 1015خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋىلىپ پەقەت چۈشۈرەلمىدىم،قانداق قىلسام بولار .ماڭا كۆرسەتمە بەرسىڭىز بوپتىكەن. :cry:

  4. Nezeri
    2011/07/15 15:33:25 /

    shsh بىلەن تېلفون كىلىش-كەلمەسلىكنىڭ مۇناسىۋىتى يوق.
    ئايرىم مەسلىھەت بىرەي.

  5. نامسىز
    2011/07/14 15:29:57 /

    QQ:yasin001@yahoo.cn ياردەم قىلسىڭىز

  6. نامسىز
    2011/07/14 15:28:57 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن iTools دىن پايدىلىنىپ shsh نى زاپاسلىغان ، كىيىن ئۇقمىغانلىقتىن iTools ئارقىلىق بىر نەچچە سېستىما ھۆججىتىنى ئۈچۈرۋېتىپ تىمەن شۇنىڭ تىلفۇن كىلىدۇ لىكىن ئۇراي دىسىەم تىلفۇن ئۇردىغان سېتىمىسنى يۇيۋېتىپتىمەن يەنە 设置 سىنىمۇ تور كۆرگۈچنىمۇ يۇيۋېتىپتىمەن ، ئەسلىگە قايتۇراي دەپ 4.3.3 نى تاللاپ بەرسەم 兼容 دەپ خاتالىق چىقىۋالدى ، قانداقلا قىلسام بولمىدى ئالغىلى تېخى 3 كۈن بولغان ئەسلىدىكى نەشىرمۇ 4.3.3 ئىدى قانداق قىلسام بۇلا

  7. Nezeri
    2011/05/04 18:16:45 /

    شۇنداق. لىكىن مەنمۇ شۇ ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىپ قايتا كۆرۈپ باقتىم. يەنىلا ئازراق 其他 ھۆججەت باركەن. {文件系统} نىڭ ئىچىدىن باشقا ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىپ قوزغىتىپ قايتا كىرسەم يەنە ئەسلىگە كىلىپ قاپتۇ :mrgreen:

  8. مۇركەبىر
    2011/05/04 11:42:16 /

    用户程序نىڭ ئىچىدىكى ھەممىسىنى يۇيىۋېتىشىم كېرەكمۇ؟

  9. Nezeri
    2011/05/04 11:21:59 /

    ئۆزىڭىز قاچىلىغان ئەمەس بەلكى ipa فورماتىدا قاچىلانغان دېتال. بۇ دېتال itunes ئارقىلىقمۇ،itools,ihelperدىگەندەك دېتاللار بىلەنمۇ ھەتتا 91 بىلەنمۇ قاچىلىنىدۇ. ھەر خىل دېتاللار پەيدا قىلىدىغان ئەخلەتلەر ئوخشىمايدۇ. 91 نىڭ ئەڭ كۆپ، itunesنىڭ ئەڭ ئاز بولىدۇ.

  10. مۇركەبىر
    2011/05/04 10:10:31 /

    用户程序 دېگىنى ئىچىدىكىسىنىڭ ھەممىسى مەن ئوزەم قاچىلان دېتاللاركەنغۇ؟؟؟

  11. Nezeri
    2011/05/03 10:20:06 /

    بۇ باشقا ماتىريال دېيىلگىنى بەلكىم cydia دىن چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتاللار ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا يېزىلغان ھۆججەتلەر، شۇنداقلا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى بولىشى مۇمكىن.ۋە ياكى كىيىن قوشۇلغان ئىقتىدار سىستىمىلىرى ئىگەللىگەن بولىشى مۇمكىن. سىز بىلوگىمدىن ”91″ دەپ ئىزدەپ بىقىڭ، ئازراق سەۋەبلىرى يېزىلغان يازما بار. 91 مۇ قالدۇق ھۆججەت ھاسىل قىلىدۇ.
    تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئەھۋالدا 设置-还原-抹掉所有内容和设置 دىگەن تەرتىپتە ئىچىدىكى نەرسىنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرۈپ زاۋۇتتىن چىقما ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ.
    تۈرمىدىن قاچقان ئەھۋالدا يۇقارقى مەشغۇلات ئۈسكىنىنى قوزغالماس قىلىپ قويىدۇ. لىكىن iTools دىگەندەك دېتاللاردا 用户程序 دىگەننىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش ئارقىلىق ئازراق بوشلۇققا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

  12. مۇركەبىر
    2011/05/03 09:14:51 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…
    مېنىڭ ئايتاچىمدا 800 مېگابايت ئەتراپىدا باشقا ماتىرىيال بار دەيدۇ. بۇلارنى يۇىۋەتكىلى بولمامدۇ؟ يەنە تېخى ئۆزەم قاچىلىغان سېستىما ،ئاۋاز ،سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۇيىۋەتسەممۇ بىر بىر گىگابايت ئەتراپىدا بوشلۇق بىكارلانمايدىكەن. كومپيۇتېر دېسكىسىنى فورماتلىغاندەك فورماتلىغىلى بولامۇ؟؟؟

  13. Nezeri
    2011/05/01 10:04:24 /

    ياق. بىز قايسى نەشىرنىڭ shshنى زاپاسلىساق دەل شۇ نەشىرگە قايتۇرالايمىز.
    ئەگەر 4.2.1 نىڭ shsh بولمىسا مەڭگۈ ئۇ نەشىرگە چۈشۈرەلمەيمىز.

  14. ئابدۇرېشىت
    2011/05/01 08:34:58 /

    نەشر ياندۇرۇشنىڭ ئاساسى شاشنى زاپاسلاش. بىلمەكچى بولغىنىم بىز قايسى نەشرنى زاپاسلىساق شۇ نەشرگىلا ياندۇرالايمىزمۇ ياكى نۆۋەتتىكى نەشرنىڭ ئالدىدىكى نەشرگىمۇ ياندۇرغىلى بولامدۇ؟ مەسىلەن: مەن نۆۋەتتىكى 4.3.2 نىڭ شاش ھۆججىتىنى زاپاسلىدىم، دېمەك مەن 4.2.1 گىمۇ نەشر چۈشۈرەلەيمەنمۇ؟

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 2012-يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
    • redsn0w 0.9.10 ئارقىلىق 5.0.1نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ
    • خالاستان بىلوگى 2012-يىللىق ئون چوڭ بىلوگدا…
    • يىڭى قارا iPhone4,16G دىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ
    • iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش
    • Halastan بىلوگ قۇرغۇچىسى نەزەرى بىلەن ئالاقە قىلدىغانلار سەمىگە
    • خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتكە بېغىشلاپ
    • GoogleAdsense كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نوقتا
    • ئۆزگىچەGoogleAdsenseئېلانى تەمىنلەيمەن
    • ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(28)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(26)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. زۇلپىقار:
      مەن قاچىلىسام ھەممە نەرسە تولۇق قاچىلا…
    2. ياسىن:
      قۇتقۇزۇڭلا مەندە1ىەۋلات ىايفۇن بارىدى …
    3. سەھرالىق:
      ھاجىكا ئۈرۈمچىدە قىشلايدىغانغا دىيىشمى…
    4. نۇرقۇت:
      ئىشقىلىپ ماڭا بەرىبىر :roll: :lol:…
    5. پرېستان:
      يېڭى يىلغا مۇبارەك بولسۇن....!…
    6. سەنسىز:
      ئالمىنىڭ 1ئەۋلاد ئالما 4ئەۋلاد قوللىغ…
  • خەتكۈچلەر

    iPod appstore GoogleAdsense IT steve jobs ios5 ipad2 ipad itunes مۇڭ pxl RSS shsh ئۇيغۇر قۇلۇپ gulan icloud google iphone4s ios خالاستان بىلوگ iPhone iphone4 uyghur symbian ئەقلىفون cydia مەھسۇلات Mac OS X apple
  • ئارخىپ

    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客 Halastan Blog خالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club