• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

iPhoneدا ھەرقانداق ھۆججەتنى قويالايسىز

2011-04-13 | Nezeri | ئالما دېتالى, پۈتۈكلەر| 23 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

i جەمەتىدىكى ئۈسكىنىلەر (iPhone,ipad,ipod)نىڭ باھاسى ھەقىقەتەن قىممەت. نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ  ئىسىتىمال سەۋىيىمىزدىن ئىشىپ كەتكەن. نەچچە يىل جاپا تارتىپ پۇل يۇغلاپ ئالغان نەرسىمىزدە خالىغان فورماتتىكى ھۆججەتنى قويالماي قىينىلىۋاتقانلىرىمىزمۇ نۇرغۇن. چۈنكى ئالما شىركىتى بىخەتەرلىكنى ۋە ئابروينى كۆزدە تۇتۇپ بەزى خىلى ئومۇملاشقان ئىقتىدارلارنىمۇ ئۈسكىنىگە  سىڭدۈرمىگەن. مەسىلەن يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى كىنو كۆرۈش، WMV,WMA,RMB,…. دىگەندەك فورماتلارنى كۆرۈش دىگەندەك.

تۆۋەندكى باسقۇچلار ئارقىلىق ئالمىڭىزدا ھەرقانداق ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز. قىممەت پۇللۇق نەرسىنىڭ ئىشلىتىش دائىرسىنى كىڭەيتىپ ھىسسىي تەڭپۇڭلۇققا ئىرىشەلەيسىز. باسقۇچلار تۆۋەندىكىدەك:

1. ئۈسكىنىڭىز چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسۇن. بولمىسا تۆۋەندىكى دىتاللارنى قاچىلىيالمايسىز. دەرسلىك: ../897.html

2. IPA يامىقىنى ئۇرۇڭ. بولمىسا يېشىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللار قاچىلانمايدۇ. دەرسلىك:../1054.html

3.بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى يۇمشاق دېتال ۋە ھۆججەت باشقۇرۇش قۇرالىمىزنى چۈشۈرۈڭ: ../1124.html

4. مۇناىسۋەتلىك IPA فورماتىدىكى يۇمشاق دىتاللارنى چۈشۈرۈڭ.

سىن-ئاۋاز قويۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش Oplyerنى چۈشۈرۈڭ: http://dl.dbank.com/c05hocmcjl

ئىشخانا ھۆججەتلىرى ۋە ئوقۇشلۇق PDF,كۆرۈشتىكى بىرىنچى دېتال  goodreader نى چۈشۈرۈڭ : http://dl.dbank.com/c0djrttyis

يۇقارقى باسقۇچلار كۆپىنچە ھاللاردا تامام بولغان بولىدۇ. ئەمدى دەرسلىكىمىزنىڭ مېغىزىغا كىلىمىز.

3- باسقۇچتا چۈشۈرگەن يۇمشاق دىتالنى قوزغىتىپ بارلىق مۇندەرىجىلەرنى بىر قاتار كۆرۈپ چىقىپ تونۇشۇڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىم كۆرسىتىلگەندەك باسقۇچ ئارقىلىق چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتالنى قاچىلاڭ.

تولۇق قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن 应用程序 ئىچىدىكى  设备程序نىڭ ئىچدە قاچىلاپ بولغان يۇمشاق دىتاللار بار. مەسىلەن يۇقاردا چۈشۈرگەن ھەممىباب  كۆپ ۋاستە قويغۇچ oPlayer ۋە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن ھۆججەت(مۇتلەق كۆپ قىسىم ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ) كۆرۈش دىتالى  Goodreader قاتارلىقلار.

كىيىنكى قەدەمدە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك باسقۇچلار ئارقىلىق PDF,JPG,PNG,JIF,WORD,EXLS,PPT,…… دىگەندەك فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى goodreader نىڭ documents دىگەن مۇندەرىجىسىگە قويۇمىز.

RMVB,RM,AVI,MKV,WMA,WMV,OVI,………. قاتارلىق سىن -ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى Oplyer نىڭ ئاستىدىكى documents نىڭ ئىچىگە تاشلايمىز.

شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام. ئۈسكىنىدىن Oplyer نى ئاچساقلا يۇقاردا قاچىلىغان سىن-ئاۋازلار كۆرۈنىدۇ، goodreader نىڭ ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش. يۇقارقى ئىككى دىتالدىمۇ ئوقۇتالمىغان ھۆججەت بولسا خالاستان بىلوگى يەنە ھەل قىلىشقا تەييار.


يازما ئادېرسىiPhoneدا ھەرقانداق ھۆججەتنى قويالايسىز
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: ئالما سىستىمىلىرىنى نەشىر قايتۇرۇش ھەققىدە ئاددى ساۋات كېيىنكى: [ئېسىل مۇڭ] گۈلى رەنا [خالمۇرات]

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • گۈرۈچفون (小米手机) ھەققىدە بايان
  • iPhone ھەرقايسى ئەۋلادنىڭ قاتتىق دىتال سەپلىمە پەرقى
  • ئالما داھىيسى Steve Jobs نىڭ ھاياتى
  • «ئايفونىڭىز بارمۇ» دىن چاتمىلار–iPhone نىمە دەيدۇ
  • iphone،ipod،ipad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەنزۇچە لۇغەت
  • RSS ھەققىدە مۇپەسسەل بايان
  • دىققەت! iOS 4.3چىقتى! نەشىر كۆتۈرمەڭ!
  • كەڭ قىرىنداشلىرىمىزغا جىددى ئىلتىجا
  • «مۇڭ» رومانتىك
  • iPad 2 نىڭ ئىلان قىلىنىش يىغىنى
  • ئەرزان iPodTouch4,8G سېتىلىدۇ
  • [Gulan] ئامىركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(تۈزىتىلگەن تولۇقى)
  • 25-چىسلاipad2 شىياڭگاڭدا سېتىلىدۇ
  • appleنىڭ ياخشى ياردەمچىسى cydia چەكلەندى
  • iPhoneمۇ ipv6 غا ئېھتىياجلىق (ipدىن ساۋات)
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار20
  • [Gulan]ئۇيغۇر قىزلارغا تالاشتا قالغان ئامرىكىلىق
  • نۇرقۇت قۇرغۇچىسىنىڭ ئىتالىيەدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا تەبرىك!
  • ئەڭ سۈپەتسىز، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان 25 پارول
  • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • قارلۇق iPad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ھەقسىز تارقاتتى
  • iphone ئۈچۈن ھەقسىز سىن بىرتەرەپ قىلىش دېتالى

23 دانە باھا

  1. نازلى
    2011/12/09 22:53:06 /

    رەھمەت

  2. ئاتامان
    2011/11/01 04:49:29 /

    تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئايفونغا نىسبەتەن سىن ھۆججىتىنى قويۇشتا AV Player تەۋسىيە قىلىمەن.

  3. Nezeri
    2011/09/08 20:48:45 /

    رەھمەت

  4. تەبىئەت
    2011/09/08 11:09:03 /

    ئۈن-سىن قويۇدىغانغا VLC media player نىڭ iPhone نۇسخسى باركەن، سىناپ باقارسىز.

  5. Fahru
    2011/07/05 12:43:59 /

    ھېچ يەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن بولمىسا … قايتا نەچچە رەت سىناب باقتىم ، ھەرقېتىم ئوخشاشلا …

  6. Nezeri
    2011/07/05 09:15:27 /

    Oplayer نىڭ 设置 دەيدىغان بېتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنمۇ؟ ئۆزگەرتكەن يەرلەرنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۋېتىڭ.

  7. Fahru
    2011/07/03 17:17:41 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم …
    Oplayer غا قاچىلانغان فىلىملەرنى ئاچسام 你的平台上只能使用quick time插件播放影片 دەپ چىقىۋالېلىپ ھېچقايسى فىلىم قويىلمىدى … بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟

  8. Nezeri
    2011/06/21 10:25:35 /

    office2دەيدىغان بىر دېتال بارتى.شۇنى بىر سىناپ بېقىڭ.

  9. دىل
    2011/06/19 13:05:04 /

    ئشخانا ئاپتۈماتلاشتۇرۇش دىتالى كۆردىغاندا ۋورىت ھۆججىتى چۇشۇرۇپ كۆرۇپ باقتىم نورمال كۆرگىلى بولدى،ئەمما تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن.،
    نەزەرى بۇرادار،ئشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش ئىقتقدارى بار ياخشىراق يىشىۋىتىلگەن يۇمتاللاربولسا تەمىنلسىڭىز بوپتىكەن.

  10. دىل
    2011/06/19 12:34:26 /

    كۆپ رەخمــەت نەزەرى بۇرادەر ،بۇلار ھەققەتەن ئىسىل دىتالكەن .مەندە ئنتايىن نورمال .(.رىم ۋىبى ) دىن باشقىلىرىنى ھەممىسىنى قاچىلاپ كۆرۇپ باقتىم ھەممىسى نورمال قويۇلدى.توردىن چۇشۇرگەن يۇقرى ئىىنىقلىقتقكى(رىم ۋىبى )فورماتىدىكى سۇرەتلىك ھۆججەتلەرنى ئايفۇن4لا مۇۋەپپىقىيەتلىك قويالىشى مومكىن.ئۇنىڭغا سەپلەنگەن 1000 مىگا گىرتىسلىق يۇقرى چاستوتىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ مىنىڭچە تامامەن ئۇنىڭ كودىنى يىشىپ قويالايدۇ.1-ئەۋلاتتىن باشقىلىرى بۇ قويغۇچتا خىلى كۆپ فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى قويالايدۇ.
     

  11. 2】تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار | Halastan Blog
    2011/04/24 19:06:11 /

    [...] iphone,ipod touch,ipad قاتارلىقلار adobe نىڭ جىنى بولغان flash نى قوللىمايدۇ. Frash نى قاچىلاش ئارقىلىق safari ئارقىلىق تور بەتلەردىكى flash ھەركەتلەرنى كۆرۈشكە بولىدۇ. لىكىن يەنىلا flash فورماتىدىكى فىلىملەرنى بىۋاستە قويالمايدۇ. بۇنى كۆرۈش ئۈچۈن مەخسۇس قويغۇچ دېتاللارنى ئېھتىياجلىق بولىمىز. بۇ ھەقتە مەزمۇن خالاستان بىلوگىدىكى تۆۋەندىكى تېمىدا بار. ../1134.html [...]

  12. Nezeri
    2011/04/19 20:44:13 /

    deb فورماتىدىكى ھۆججەتلەر ئادەتتە Linux شارائىتىدا قاچىلىنىدىغان ھۆججەتلەر بولۇپ ھازىر terminal بىلەن cydia ئىككى قۇرال بۇ خىل ھۆججەتنى قاچىلىيالايدۇ. iTools تېخى چىققىلى ئۇزۇن بولمىدى. شۇڭا بۇنى قوللاپ بولىشى ناتايىن.
    مەنمۇ terminalدا تۇرۇپ deb قاچىلاشنى ئۈگىنىۋاتىمەن، سال پىشسام بىلوگىمدا يوللايمەن.

  13. iPhone ۋە كومپيۇتېر ئۈچۈن 百度百科ئامبىرى | Halastan Blog
    2011/04/19 20:35:24 /

    [...] تەرتىپى ../1134.html بىلەن [...]

  14. ئابدۇرېشىت
    2011/04/19 19:06:45 /

    dep فورماتىدىكى دېتالنى ماۋۇ iTools ئارقىلىق قاچىلىغىلى بولمايدىكەنغۇ. dep فورماتىدىكى پروگراممىلار ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىزكەن.

  15. Nezeri
    2011/04/17 12:22:30 /

    مەن توردىن mpg فورماتىدىكى ھۆججەت چۈشۈرۈپ،iToolsدا سىناپ باقتىم. شۇنداق نورمال.
    ئەمىليەتتە mpg دەيدىغان فورمات يوق. ئادەتتە mpeg نى قىسقارتىپ شۇنداق دەۋالىمىز. كىڭەيتىلگەن نامىنى mpeg غا ئۆزگەرتىپ سىناپ بىقىڭ.

  16. raxit1973
    2011/04/17 10:40:28 /

    مەن Oplayer نىڭ documents مۇندەرىجىسىگە MPG فورماتىدىكى سىن ھۆججىتىنى كۆچۈردۈم، بىراق Oplayer نى قوزغىتىپ قارىسام قويۇش تۈگۈل ئۇنىڭ ئىچىدە ھېلىقى مەن كۆچۈرگەن MPG فورماتىدىكى سىن ھۆججىتى يوق. بۇ مەشغۇلاتلارنى iTools ئارقىلىق قىلغان…
    Oplayer قويغۇچ MPG فورماتىدىكى ھۆججەتنى قوللىمامدۇ قانداق؟ قوللىمىسىمۇ كۆرۈنۈشى كېرەك ئىدى…

  17. Nezeri
    2011/04/15 19:34:04 /

    دىققەت: Quick Time Player دا قويۇش دىگەن تاللاش تاللىنىپ قالمىسۇن.
    دېتالنىڭ ئىچىدىكى مۇشۇ يەرگە دىققەت قىلىڭ.

  18. Nezeri
    2011/04/15 19:33:32 /

    مەن يولۇقمىغان مەسىلە ئىكەن.
    ئىمكان بار باشقا سيىستىمىلاردىن تولۇق چېكىنىپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىپ بىقىڭ.
    مۇشۇ قويغۇچنىڭ 设置 دەيدىغان بىر يىرى بار. سىز شۇ يەردىن ئازراق تەڭشەپ بىقىڭ.
    دىققەت: Quick Time Player دا قويۇش دىگەن تاللاش تاللىنىپ قالمىسۇن.

  19. Nezeri
    2011/04/15 19:30:47 /

    oplayer نىڭ ھەقسىز-ھەقلىقى بار. ipad ئۈچۈن ھەقلىقىنى قاچىلىمىسا بولمايدۇ. شۇنداقلا goodreader ئۈچۈن قېچىشى كىرەك، شۇڭا ئەسكەرتكەن.
    ئىككىسىنىڭ تور قۇلۇبىدىن باشقا يىرى ئوخشايدۇ. تورغا قۇلۇپ چۈشكەن iphone تۈرمىدىن قېچىشتىن بۇرۇن ھىچقانداق مەشغۇلات قىلغىلى بولمايدۇ، قاچقاندىن كىيىن ئۇنىڭ رولى GPS+iPod Touch قا تەڭداش بولىدۇ. سىز مۇشۇنىلا بىلىپ يېزىۋەرسىڭىز بولىدۇ. مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن بولۇپ تازا ۋاقىت چىقىرالمىدىم.
    ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشا تىلەكداشمەن.

  20. mirap
    2011/04/15 18:17:55 /

    مەنمۇ نورمال قاچىلىدىم ،لىكىن يۇقاردا دىيىلگەن ھۆججەت شەكلىدىكى فىلىملەرنى قاچىلاپ قويسام قارا ئىكىران بۇلۇپ بۇ يۇمشاق دىتالدىن چىكىنىپ چىكىتىپ بارىدۇ،ياماقلارنى قاچىلىغان بولمىسا

  21. مۇركەبىر
    2011/04/15 16:43:17 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    oplyer نى تۈرمىدىن قاچۇرمىسىمۇ ھەقسىىز قاچىلىغىلى بولىدىغۇ؟؟؟
    مەن ھەقسىز ئىشلىتىپ خالىغان ئۈن-سىن ماتىرىياللارنى قويالايمەن.

    ھەراس .مەن ئالدىنقى قېتىم دېگەن ئې-كىتاب ئىشىغا بىرنەچچە ھەپتىنىڭ ياقى ئىمتىھان دەپ تازا قارىيالمېدىم. بىراق توردىن ئانچە مۇنچە ئاختۇرسام ،ئايفوننىڭ ئىشى ئايتاچقا قارىغاندا بەكلا جىقتەك قىلىدۇ.تورقۇلۇپى دېگەندەك ئىشلارنى ئۆزەمدە بولمىغاچ تازا چۈشىنەلمىدىم…

  22. Nezeri
    2011/04/14 20:20:11 /

    مەن ئىزدىنىپ باقاي. ھەل قىلالىسام تېما يوللاپ ئىلان قىلىمەن.

  23. umid
    2011/04/14 18:49:27 /

    ipod touch2 نىڭ 32g دىن بىرى بار ئىدى oplyer نى قاچىلىسام rmvb ھۆججىتىنى قوللىمايدۇ دەپ قويالمىدى. لىكىن iphone دا قويسام قويۇلدى ipod touch2 دە قويۇشقا ئامال بارمىدۇ؟

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • ۋىدوۋستا epub كىتاب ياساش دېتالى
    • كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ يەنە بىر خىيالى لايىھەسى
    • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
    • ئېھ…خاتىرەم!
    • «ئالما» نىڭ 2012-يىللىق تۇنجى يېڭىلىقى…
    • تارىختىكى ئەڭ پەچەت تۈرمىدىن قېچىش چىقتى
    • «ئېلان»شىركەتكە شوپۇر تەكلىپ قىلىمىز
    • «ئاددىي» ئادەم بولامدۇق؟
    • دىققەت! ئۈسكىنە نەشرىنى 5.0.1 غا كۆتۈرۋىلىڭ
    • 2012-يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(26)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبراھىم:
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ،ئەجەپ بەلە…
    2. ئو.تۇرپان:
      يازما ئۆزى ئاددىي بولسىمۇ، ئاتالغۇلارغ…
    3. ئۇيغۇربەگ:
      ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، مەنغۇ ئۈمۈدنى ئۈ…
    4. ئىبراھىم:
      نەزەر باي باركەن ھە سىلىمۇ :razz: خال…
    5. ھەۋەسكار:
      باركەنسىز ئۇزۇن بولدى ،بىلوگىڭىز يىڭىل…
    6. نەزەرى:
      خا خا مەن يېزىپ بولالماي، 1987 نىڭ م…
  • خەتكۈچلەر

    IT steve jobs مەھسۇلات ipad2 itunes يۇنىكود ئۆلچىمى GoogleAdsense ipad مۇڭ icloud iphone4s uyghur قۇلۇپ iPod iphone4 ios5 symbian ios pxl RSS gulan ھەقسىز iPhone Mac OS X ئەقلىفون apple appstore shsh cydia epub google ئۇيغۇر خالاستان بىلوگ
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club