• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

دىققەت! iOS 4.3چىقتى! نەشىر كۆتۈرمەڭ!

2011-03-15 | Nezeri | APPLE, پۈتۈكلەر| 12 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

مىلادىيە 2011-يىلى 3- ئاينىڭ 10 كۈنى سەھەردە apple تەرەپ بۇ يىلقى تۇنجى كەڭ كۆلەملىك نەشىر بولىقى iOS 4.3نى ئىلان قىلدى. نۆۋەتتە مەشغۇلات سىستىمىنىڭ بۇ نەشرىگە قارىتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى تېخى ئىلان قىلىنمىدى. بۇرۇنقى نەشىردىكى ياماقلار يامالغان بولغاچ يىڭى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىغا بىر مەزگىلى كېتىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بارلىق apple ئۈسكىنە ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ itunesچىتىلغاندا چىقىدىغان نەشىر كۆتۈرۈش ئەسكەرتىشىنى ئىنكار قىلىۋىتىشىنى سەمىگە سالىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا خىلى بىر مەزگىلىگىچە ئۈسكىنىگە فونت قاچىلاش، تور قۇلۇبىنى يېشىش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولمايدۇ.

نۆۋەتتە بۇ يىڭى نەشىر كۆتۈرۈش تەمىنلەنمەيدىغان ئۈسكىنىلەر iPhone 3G ۋە iPhone بىرىنچى ئەۋلاد. ipod2G ۋە ipodبىرىنچى ئەۋلاد(دىمەك، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ مەھسۇلاتلارغا قارىتا نەشىر كۆتۈرۈش ئاخىرلاشتى،سېتىۋىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.) . ئامىركىدا بازارغا كىرگەن CDMA نۇسخىدىكى iphoneغىمۇ بۇ قىتىملىق نەشىر كۆتۈرۈشنىڭ پىلانى يوق. بۇ يىل يازدا 4.5 نەشىر بولىقى بىللە چىقىشى مۇمكىن.

 iphone3gs ۋە iphone4 كە قارىتا بۇ نەشىر كۆتۈرۈشنىڭ باشقا ئەھمىيىتى يوق. ئاساسلىق ئۆزگىرىش، Mac OS X نىڭ نىگىزى بولغان Nitro JavaScript نى قوشۇش ئارقىلىق safari نىڭ سۈرىتى تىزلىشىپتۇ ،JavaScript قوللاش ئىقتىدارى بىر ھەسسە تېزلىشىپتۇ.

يەنە بىر ئۆزگىرىشى شۇكى يىڭى نەشىردە itunesىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئائىلە ئىچىدە ئورتاقلىشىش ئىشقا ئاشقان بولۇپ ماسقەدەملەشتۈرۈشتىن مۇستەسنا ھالدا بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھازىرقى ساقلاش سېغىمىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولغان باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ ماتىريالىنى بىمالال قويالايدۇ.

 iphone4 كە سىمسىز روتور ئىقتىدارى سەپلىنىپتۇ، 5 ئۈسكىنىگە بىرلا ۋاقىتتا سىگىنال تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇپتۇ. لىكىن iphone3gs  كە بۇ ئىقتىدارنى 3-تەرەپ يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.

iPad كە نىسبەتەن يۇقارقى ئۆزگىرىشلەردىن سىرىت يەنە يان تەرەپ يۆتكەلمە كۈنۈپكىنىڭ رولىنى ئاپتوماتىك تەڭشەشكە بولىدۇ. ھازىرقى ھالەتتە يۆتكەلسە تېنىچ ھالەت ۋە ئاۋازلىق ھالەتكە ئالمىشىدۇ، نەشىر كۆتۈرگەندىن كىيىن ئىكراننىڭ ئايلانما ئىقتىدارىنى تاقاش كۇنۇپكىسىغىمۇ ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

Iphone,ipad,ipodtouch  ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى خالاستان بلوگى ۋە يىقىندا ئېچلماقچى بولغان ”شىنجاڭ مەك ھەۋەسكارلىرى“ تورىدىن كۆرۈڭ.

www.../

خەتكۈچلەر: ios,ipad,iPhone,iPod
يازما ئادېرسىدىققەت! iOS 4.3چىقتى! نەشىر كۆتۈرمەڭ!
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: ipad2 جوڭگودا ئامىركىدىن بىر ھەسسە قىممەت كېيىنكى: iTunesھىساب نۇمۇرىنى ھەقسىز ئېلتىماس قىلىڭ

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • [مۇڭ] كىشىلەرنىڭ چۈشى
  • GoogleAdsense كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نوقتا
  • [ئالدىراڭ]Nokia E5-00 ئەرزان سېتىلىدۇ
  • iTunes كۆپ بوشلۇق ئىگەللىۋالغاننىڭ دورىسى
  • دىققەت! iOS 4.3چىقتى! نەشىر كۆتۈرمەڭ!
  • appleنىڭ ياخشى ياردەمچىسى cydia چەكلەندى
  • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
  • iPod Touch نى سىھىرگەرلىكتە ئىشلەتسە مۇنداق بولىدىكەن
  • 5.1 تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىن تەكرارلىنىدىغان激活خاتالىقىنى ئوڭشاش
  • [ئېسىل مۇڭ] گۈلى رەنا [خالمۇرات]
  • 3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش
  • قۇدرەتجان بىلەن سۆھبەت
  • ipad2چىقتى ipad1نىڭ باھاسى1100يۈەن چۈشتى
  • قارلۇق – ئالما ھەمكارلىقى تاراتقۇلاردا
  • [Gulan] سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ؟
  • «جىددى» ئەرزان iPhone4 سېتىلىدۇ
  • SHSHزاپاسلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى
  • iPhone4S تە تارتىلغان سۈرەتلەر
  • [Gulan]ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ
  • بىلوگگېرلار ئۈچۈن كاتتا خوشخەۋەر
  • iPhoneغاwindowsXPنىڭ چىرايلىق ئۇسلۇبىنى قوشۇش
  • [Gulan]«ئامېركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار»نىڭ داۋامى_قىيىنچىلىقنىڭ قۇدىرتى ۋە غالىپلىق

12 دانە باھا

  1. Nezeri
    2011/03/22 سائەت 10:07:29 /

    خاپا بولماي ماۋۇ تېمىنى بىر كۆرۈپ باققايسىز. يەنە قىيىنچىلىق بولسا مەن ۋاقتىدا جاۋاب بىرىمەن.
    ../428.html

  2. partizan2
    2011/03/21 سائەت 22:50:45 /

    ئەسسالسمۇ ئەلەيكۇم
    مەندە بىر 3gs iphone باتى،نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئايتۇنغا چاتسام نەشىرىنى كۆتۇرەمسە دىگەنتى ھەدەپتىمە ،ھازىر بىر پاچە كېسەك بولدى،ئايتۇندا
    restore قىلسام اتالىق كۆرۈندى،خاتالىق نۇمۇرى 1015، :cry: :cry:
    ياردەم قىلسىڭىز

  3. نەزەرى
    2011/03/18 سائەت 21:30:42 /

    ھە، مۇنداق دەڭ. تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ئەمەس تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىمۇ ئۇيغۇرچىنى تولۇق كىرگۈزۈش ئىشقا ئاشمىدى تېخى. بەك زۆرۈر بولسا ipod تا مۇنبەرلەرنىڭ سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكىگە يازسا ئۇيغۇرچە نورمال كىرىدۇ.shiftمۇ چىقىدۇ.

  4. نەزەرى
    2011/03/18 سائەت 21:28:36 /

    كەچۈرۈڭ. مىنىڭ QQ رىمدا 300 دىن ئارتۇق ئادەم پاتمايدىكەن، شۇڭا بەزىلەرنى رەتلىگەن ، ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ.
    بەلباغنى يۇمشاق دىتال ئارقىلىق تۆۋەنلىتىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئىلاج بار ساقلاپ بىقىڭ، يىشىش ئۇسۇلى چىقىپ قالىدۇ يىقىندا، ياكى 铁卡 سىناپ بىقىڭ. مەن ئېشلەتمىگەن، ئەمما قارىسام بولىدىغاندەك.

  5. مۇركەبىر
    2011/03/18 سائەت 20:40:58 /

    مەن دېگىنىم ، تۇرمىدىن قاچۇرمىغان ۋە ھېچقاچان كىرگۈزگۈچ سېستىمىسى قاچىلىمىغان ئەھۋالدا ئايتاچ نىڭ ھەرقانداق بىر خەت يازغىلى بولىدىغانكى جايلىرىغا ،ئۆزى تەمىنلىگەن ئەرەبچە كونۇپكا تاختىسى بىلەن «ڭ ۇ ۆ ۈ » دىن باشقا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كىرگۈزىشكە بولىدىكەن .ئەمما بۇ ھەرپلەرنى كىرگۈزەلمىدىم دېمەكچى.ئەرەبچە كۇنۇپكا تاختىسىدا shift كۇنۇپكىسى يوق ئىكەن…

  6. bilikdax
    2011/03/18 سائەت 20:01:54 /

    چ چ دىن مىنى ئۆچۈرۋېتىپسىز قايتا قاچىلاپ قويدۇم.4 ئەۋلات 4.2.1 بەلۋاغنى قانداق تۈۋەنلىتىمەن.

  7. نەزەرى
    2011/03/18 سائەت 12:53:26 /

    ئۇنداقلىرى كۆپ
    http://xj.ganji.com/
    ماۋۇ بەتتىن خالىغانچە ئىزدەپ بىقىڭ. مەن تېخنىكىلىق مەسلىھەت تەمىنلەيمەن. ئۈگىنىش ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن مال مەنبەسى تەمىنلىيەلمەيمەن :smile:

  8. نەزەرى
    2011/03/18 سائەت 12:51:33 /

    سىز دىگەن ئۇسۇل سەل ئاۋارىچىلىق، مەن سىناپ باقمىغان.
    ../623.html
    دا كۆرسىتىلگەندەك قىلىپ ھەرقانداق iPhone نىڭ تور قۇلۇبىنى يەشكىلى بولىدۇ. سىزگە ئاساسى بەلباغنى كۆتۈرۈپ تور قۇلۇبىنى يېشىش تەكلىۋىنى بىرىمەن.

  9. نەزەرى
    2011/03/18 سائەت 08:39:00 /

    سىزنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئىھتىياجىڭىز بولمىسا نەشىرنى قانچە ۋاقتىدا كۆتۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز شۇنچە ياخشى، نەشىر كۆتۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. سۈرەت تىزلىشىدۇ، يىڭى ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ.
    يۇقاردا دىيىلگەن ھەرپلەر كۇنۇپكا تاختىسىدا يۇقىرى يۆنىلىشنى كۆرسەتكەن بىر كۇنۇپكا بار(ئاستىدىن ئىككىنچى قۇر سول تەرەپ بىرىنچى). شۇنى بىر بىسىۋىتىپ ئاندىن ئۈستىدىن ئىككىنچى قۇردىكى كۇنۇپكىلاردىن كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ئۇ كۇنۇپكا دەل كومپيۇتېردىكى shift كۇنۇپكىسى .

  10. ئەززام
    2011/03/18 سائەت 02:43:11 /

    نەزەر بەگ سىلىدىن بىر ياردەم ، ئۆزى ئوبدان پۇلى ئەزان بىرىنچى ئەۋلاد ئايفۇن تاپقىلى بولارمۇ ؟

  11. bilikdax
    2011/03/18 سائەت 00:23:18 /

    GEVEY解锁卡贴 توغرۇلۇق بىرنەرسە يازسىڭىزبولاتتى. مۇشۇ نەرسە ئارقىلىق4.2 نىڭ قۇلپىسىنى يىشىش مۇمكىنمۇ.ئىشەنچىلىكمۇ ؟

  12. مۇركەبىر
    2011/03/17 سائەت 22:55:00 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەن سىزدىن ئالغان ئايتاچ نى تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىۋاتىمەن.ئەگەر يېڭى نەشىرگە كۆتۈرسەم ھېچنىمە بولماس؟
    ئاندىن بىرنەرسە سورىۋالاي، ئايتاچدا«ڭ ۇ ۆ ۈ »ھەرپلىرىنى كۇنۇپكا تاختىسىدىن بېسىپ چىقارغىلى بولمايدىكەن،ئەمما كۆچۈرۈپ كەلسە تونىيدېكەنغۇ؟ ياكى مەن بۇ ھەرپلەرنى تاپالمېدىممۇ؟

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    2. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    3. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    4. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    5. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
    6. كاۋاپچى:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    apple RSS gulan قۇلۇپ ئۇيغۇر ئەقلىفون uyghur appstore google cydia iOS 6 ipad2 Mac OS X symbian ios shsh مەھسۇلات icloud ipad 3 iphone4 IT steve jobs iphone4s iPod يۇنىكود ئۆلچىمى ھەقسىز مۇڭ ipad iPhone GoogleAdsense epub Siri pxl ios5 itunes خالاستان بىلوگ JailBreak
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club