• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

Richardئورۇنلىشىدا پىئانىنو مۇزىكىسىBallade Pour Adeline

2011-05-07 | Nezeri | ئۇنىۋېرسال| 7 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۈگۈنمۇ يەنە ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتتى.ھىلى پروگرامما يېزىپ،ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ بىر كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. ھىلى ئاندرويد بىلەن ئېتىشىپ دىگەندەك. ئۇخلاش ئالدىدا كىچىككىنە چاقىت چىقىرىپ مۇڭلۇق مۇزىكىدىن بىرنى يوللاشنى ئويلاپ قالدىم. ۋاقىت بەك قىس، كۆپ يېزىپ بولالمايمەن، قىنى دىققەت ئاۋۋال مۇزىكا دا بولغاي.

理查德 克莱德曼-Richard Clayderman ھەققىدە ئارتۇق توختالمىساممۇ بولىدۇ. بۇ داڭلىق پىئانسىت فىرانسىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، رومانتىك شەخىس. 6 يېشىدىلا داڭىق قازانغان.16 يېشىدىن تارتىپلا ئۆز ئالدىغا مۇزىكا ئىجاد قىلغان .1990-يىلى فىرانسىيەنىڭ “90之星” تاللىشىغا قاتنىشىپ دۇنيادىكى بىردىنبىر «金钢琴奖» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

رىچارد 1977-يىلى بىر كىنوغا ئىشلىگەن يانداش مۇزىكىسى 《水边的阿狄丽娜》 ناھايتى چوڭ داغدۇغا قوزغىغان بولۇپ مانا ھازىرمۇ نۇرغۇن پىئانىنو دەرسلىكلىرىنىڭ ياخشى تاللىشى. مەنمۇ بۇ مۇزىكىنى چېلىشىنى ئۆگىنىمەن دەپ پىئانىنوغا ئاشىق بولغان.

نۆۋەتتە قويۇلغىنى-水边的阿狄丽娜–Ballade Pour Adeline ناملىق مۇزىكا بولۇپ مەن تولۇقسىزدىن تارتىپ ئامراق مۇزىكا ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىدىغان كەچتىمۇ مۇشۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالغىنىم ئىسىمدە….

Close[SWF] - ballade

يازما ئادېرسىRichardئورۇنلىشىدا پىئانىنو مۇزىكىسىBallade Pour Adeline
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: iphone ئۈچۈن ھەقسىز سىن بىرتەرەپ قىلىش دېتالى كېيىنكى: iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

7 دانە باھا

  1. Nezeri
    2011/07/17 20:31:09 /

    مەنمۇ شۇنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن. يىقىندا چارىسى چىقىدۇ.

  2. ئابدۇرېشىت
    2011/07/17 00:20:29 /

    ما ئايفوندا مۇشۇنداق ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنالمايمەن دېسە!…

  3. [مۇڭ] كىشىلەرنىڭ چۈشى | 哈拉斯坦博客 Halastan Blog خالاستان بىلوگ
    2011/07/13 21:59:35 /

    [...] 尼古拉·德·安吉利斯(Nicolas·De·Angelas) بولسا فىرانسىيەلىك داڭلىق …Nicolasنىڭ مۇزىكىلىرى رىتىمىنىڭ يىنىك، لەرزانلىقى بىلەن ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەڭ كۆپ ئورۇندالغان گىتتار مۇزىكىلىرى ھىسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر گىتتار ئۆگۈنۈش قوللانمىسىدا Nicolas نىڭ بىرەر مۇزىكىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ. [...]

  4. Nezeri
    2011/05/18 22:50:42 /

    مەن ئادەتتە ئاشۇ نەرسىنىڭ ئاۋازىغا بەك مەپتۇن. ھەتتا قالايمىقان بىسىلىپ قالغان تىللاردىن چىققان ئاۋازمۇ مىنى رام قىلالايدۇ.
    مەنمۇ «شادلىق قەسىدىسى»،«يۇلتۇزلۇق»،«ئەيلىسقا ئاتاپ»،«رومىئو-جۇلىتتا»،«چۈشتىكى توي مۇراسىمى»…. ھەممىنى ئاڭلايمەن.
    بولۇپمۇ «رومىئو-جۇلىتتا» نى بەك ياقتۇرىمەن.

  5. Nezeri
    2011/05/12 12:44:54 /

    مەن ئازراق ئۆگەنگەن ، لىكىن سورۇنغا چىقارغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس.

  6. ئەركە
    2011/05/12 12:10:54 /

    نەزەرجانمۇ پىئانىنو چالىدىكەن ھە…؟ مانداق رومانتىك جايلىرىمىزمۇ با دەپ قويۇڭ… كومپيۇتېر بىلەن ئالما غاجاپلا ئوتۇرىدىغان ئاداشمىكىن دىسەم بۇنى تېخى…..[qq]05[/qq][qq]03[/qq] :mrgreen: (چاقچاق)
    مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن رىچارد نىڭ مۇزىكىلىرىنى…
    ھەممە مۇزىكىسى دىگۈدەك يادا بوپ كەتتى ماڭا… كۈندە نەچچە قېتىم دىگۈدەك ئاڭلاۋىرىپ…
    ئادەمنىڭ نىرۋىسى بەكلا ئارام ئالىدۇ جۇمۇ بۇ مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا….
    بەزى تېخى ئايتاچ تا دوراپ چېلىپمۇ قويىمەن، [qq]05[/qq] ئىككى- ئۈچ مۇزىكىسىنى ئايتاچتا چېلىپ يۈرۈپ خېلى ئۆگىنىپ قالدىم blue love, love story , يەنە ھېلىقى چۈشتىكى توي مۇراسىمى، ئەيلىسقا تەقدىم دىگەندەك مۇزىكىلىرىنى….. ھې ھې ھې

  7. murkabir
    2011/05/07 17:43:50 /

    :mrgreen: پىئانىنو مۇ چالالايمەن دەڭ… ۋاقت چىقىرىپ ئۆزىڭىز چالغانلىرىدىن يوللىسىڭىز ياخشى بولاكەن….

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • iOS نىڭ 5.1 نەشىر تۈرمىدىن قېچىشى ئالدىمىزدا
    • 新浪,腾讯لەرنىڭ مىكروبىلوگلىرى ئېنكاسنى تاقىدى
    • يىڭى iPad نىڭ 5.1نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچتى
    • يىڭى iPad نىڭ باھاسى 3164 يۈەن
    • I0n1c دىكىلەر iOS 5.1 iPad 2 A5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى
    • ۋىدوۋستا epub كىتاب ياساش دېتالى
    • كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ يەنە بىر خىيالى لايىھەسى
    • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
    • ئېھ…خاتىرەم!
    • «ئالما» نىڭ 2012-يىللىق تۇنجى يېڭىلىقى…
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(26)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

  • خەتكۈچلەر

    iPhone itunes ipad2 epub iPod GoogleAdsense icloud Mac OS X ipad apple cydia gulan pxl ios5 iphone4s IT google steve jobs ھەقسىز iphone4 مەھسۇلات ئۇيغۇر ipad 3 appstore ios symbian uyghur قۇلۇپ يۇنىكود ئۆلچىمى shsh خالاستان بىلوگ ئەقلىفون مۇڭ RSS
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club