• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار13

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 0 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟
كىشى باشقا بىر دۆلەتكە بارغاندا دائىم ئۆزىدە بار بىلەن خەقتە يوقنى سېلىشتۇرۇپ قالىدۇ. ماڭا ئالدى بىلەن يوق بىلىنگىنى موزدۇز. ئامېرىكىدا موزدۇزنىڭ يوقلىقىنى ئايىقىمنىڭ پاشنىسى ئۇپىراپ كەتكەندە بىلدىم. بەلكىم ئامېرىكىلىقلار ماشىنا بىلەن يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولغاچ پاشنىسى ئۇپرىمىسا كېرەك. مەن ”چېنىقىشقا ۋاقتىم چىقمىدى“ دەپ چېنىقىمەن دېگەن  باھانە بىلەن بىر يىلغا يېقىن دەرسكە مېڭىپ باردىم. بۇ يەردە مەندەك چېنىقىمەن دەپ رەسمىيي كىيىنىپ مېڭىپ يۈرۈيدىغان ئادەم يوقكەن. چېنىقماقچى بولغانلار مەخسۇس تەنھەركەت كىيىملىرىنى كېيىپ چىقىدىكەن. نېمىلا دەپ باققىنىم بىلەن موزدۇزسىز بۇ شەھەر مېنى مايماق پاشنىلىق ئاياقتا ئىككى يىل ماڭغۇزدى. مەن نەگە بارسام موزدۇز ياكى مايلامچىلار بىلەن پاراڭلىشتاتتىم، بۇ يەردە ئۇنداق پۇرسەتنىڭ بولمىغىنىدىن ئەپسۇسۇلاندىم. جۇڭگونىڭ خېلى جىق شەھەرلىرىدىكى ئاۋامنىڭ ئويلىرىنى، تۇرمۇشىنى شۇلار ئارقىلىق كۆزىتەتتىم. بىلىشىمچە ئۇيغۇردا ئايال مايلامچى يوق، خەنسۇلاردا ئەر ۋە بالا مايلامچى يوق ئېدى. ئايىقىنى مايلىتىدىغانلارنى كۆزەتكىنىمدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاساسەن كوچىدا ئاياق مايلاتمايتتى. بۇ يەردە ئۈنسىز بىر ھۆرمەتنىڭ قەدىرلىنىۋاتقانلىقى مېنى سۆيۈندۈرەتتى. ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ ئاياق مايلاپ بولسىمۇ ھالاللىق بىلەن ئاياللىرىنى بېقىشى، پۇل ئۈچۈن ئاياللىرىنى خەققە تەلمۈرتمەسلىكى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ھەرقانچە باي بولسىمۇ قېرىنداشلىرىنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇلارغا پۇت سۇنۇپ غادايماسلىقى مىللتىمىزدىكى ئېسىللىقنىڭ پاكىتى ئېدى. لەنجۇدا كۆرگەن بىر ئىش قەتئى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. يامغۇر قاتتىق ياغقان بىر كۈنى كوچىدا بىر ئەر-خوتۇن ئازراق گەپ تالاشقاندىن كېيىن خوتۇنى ”مەن يامغۇر توختاشنى ساقلىمايمەن، ھاپاش بول، مېڭىۋېرەيلى“ دەپلا ئېرىنى ھاپاچ قىلغانىدى.  مەنچە ئۇيغۇر ئەرلىرى كوچىدا ئەمەس، يالغۇز قالغاندىمۇ خوتۇنىغا ھاپاچ بولمايدۇ. خەنسۇلاردا ئايال مايلامچى ۋە موزدۇزلارنىڭ بولۇشى بىزدە بولماسلىقى  ئىككى مىللەتنىڭ ئەر –ئاياللار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. يۇقارقى ئەھۋالدا ئامېرىكىلىقلار قانداق قىلار بولغىيتى؟ ئەگەر ئۇلاردىمۇ موزدۇز، مايلامچى بولغان بولسا سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن بولاتتىم.

ئامېرىكىدا كەچلىك بازار يوق. ئېنگىلىز تىلىدىمۇ بۇنداق ئاتالغۇمۇ يوق. بىر مىللەتتە مەلۇم ھادىسىنىڭ بار يوقلىقىنى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلىش مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلىدىكى بازار دېگەن سۆز ئەزەلدىن كۈندۈزنى كۆرسەتكەن بولۇپ ”قاراڭغۇ بازار“ دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدا  ھارام  پايدا ئالىدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ. كەچلىك بازار دېگەن سۆز خەنسۇچىدىن كەلگەن بولغاچقا مەتبۇئاتتا كەچلىك بازار دېگەندىن باشقا ھىچ بىر ئۇيغۇر كەچلىك بازار دېيىشكە كۆنمەي خەنسۇچىسى بويىچە ”يېشى“ دەيدۇ. بىزدىكى كەچلىك بازار دېگەن گەپ 90-يىللاردا پەيدا بولدى.  ئەسلى ئۇيغۇرلار خەققە قارىتىپ كوچىدا يىمەك يىيىشنى ئېغىر ئالاتتى. ئادەتتە كاۋاپ، نان، سامسا قاتارلىق سۇسىز تاماقلاردىن باشقىلىرى كوچىدا تىزىپ سېتىلمايدۇ. ساتقىلى بولىدىغان شۇ قۇرۇق يىمەكلىرىمىزنىمۇ ھىچ كىم كوچىدا خەققە قارىتىپ تۇرۇپ مالاچلاپ يىمەيدۇ. كوچىدا سېتىلىدىغان سۇيۇق يىمەكلىك لەڭپۇ، لېكىن بۇ بىزنىڭ ئەمەس تۇڭگاننىڭ. دېمەك كوچىدا، ئوچۇقچۇلۇقتا تاماق يىمىگەن ئەجداتلىرىمىز تاماقنى چىرايلىق يەردە، تۈزۈك قاچىدا، شەكلەنمەي ئولتۇرۇپ يىيىشنىڭ ساغلاملىق ۋە مەدەنىييلىكنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتمىز ئېدى. مانا ئەمدى خەق ئۆگەتكەن ”يېشى“ دا، كوچىدا تاماق يىيىشكە ئادەتلىنىپ كەتتۇق. 97-يىلى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن تۇققانلىرىمىز ”بۇ يەردە ‘يېشى’ يوقكەن “ دەپ نارازى بولغاندا يۇرتۇمنى قالاقتەك كۆرۈپ تەڭ ئاغرىنغانىكەنمەن. 2008-يىلى بىر دوستۇمنى قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ توپا-تۇمان لەيلەپ تۇرغان كوچىدا سېتىلىۋاتقان قويۇق سۇيۇق تاماقلارنى كۆرۈپ  ئون يىللىق تەرەققىياتتىن تاڭ قالدىم. سۆيۈنگەن يېرىم ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلارنى ئاپئاق داكا بىلەن ئوراپ قويۇشى ئىچكىرىدىكى ”يېشى“ لاردىن پەرقلىق  كۆرۈنەتتى.

ئامېرىكىدا ھەممە دۇككاندا ھاراق يوق. ئامېرىكىدا ھاراق ساتىدىغان دۇككانلار مەخسۇس ئىجازەتنامە ئالغان بولىدۇ. خالىغان كىشىنىڭ ئۆزى خالىغان يەردە ھاراق سېتىشى چەكلەنگەن. ھاراق سېتىۋالماقچى بولغانلارمۇ چوقۇم رەسىملىك كىملىك كۆرستىشى كېرەك. قانداق كىشىلەرنىڭ ھاراق سېتىۋالسا بولىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق قانۇن بار. ھاراق سېتىلىدىغان كۇلۇپلارغىمۇ كىملەرنىڭ كىرىشى، قانچە گرادوستىكى ھاراقلارنىڭ سېتىلىشى ھەققىدە قانۇن بار. بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇچ تاللا بازىرى بار، لېكىن ئىچىدە ھاراق ئەمەس تاماكىمۇ يوق. مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا كېچىلىك كۇلۇپ يوق، ئويۇنچۇقخانا، قىمارخانا، تورخانا يوق. (ئامېرىكىدا تورخانا يوق) جوڭگۇدىكى مەن ئىشلىگەن ئالى مەكتەبلەرنىڭ ئەتراپىدا مۇشۇنداق يەرلەر بارئېدى، بەزىلىرى ئاشكارە بەزىلىرى يوشۇرۇن . بىزدە بۇنداق قانۇن يوق. قانۇن بولغان تەقدىردىمۇ ئىجراسىنىڭ تايىنى يوق.

ئامېرىكىدا جۇڭگونىڭ مېلىنى ساتمايدىغان چوڭ تاللا بازىرى يوق. جۇڭگونىڭ ئەرزان ماللىرىنى بىلمەيدىغان ئامېرىكىلىق يوق. جوڭگۇلۇق يوق ئالى مەكتەپ يوق، لېكىن جوڭگۇدا ئالغان نەتىجىسىنى ئامېرىكىدا ئالالايدىغانلىرى بەك ئاز. مەكتەپلەر ئۇلارنىڭ ئىلگىركى ئېنگلىزچە نەتىجىسى ھەرقانچە يۇقۇرى بولسىمۇ بىۋاستە دەرسكە كىرگۈزمەيدۇ، قايتا ئىمتىھان ئالىدۇ، نەتىجىدە جوڭگۇدا ئالغان نەتىجىنى ئالالماي ئېنگلىزچە ئۆگىنىدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى جوڭگۇ ماللىرىنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن جوڭگۇ بىلەن قىلىۋاتقان تىجارەتنىڭ يېرىمىنى قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. جوڭگۇدا  ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن كىيىم كىيىپ باققان ئۇيغۇر يوق. (ئامېرىكىدا ئۆزىدە ئىشلەنگەن كىيىمنى تېپىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. قارىغاندا ئامېرىكىلىقلار قول ئىشى تەلەپ قىلىدىغان بۇنداق ئەمگەكلەرنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۆتۈنىۋەتكەن ئوخشايدۇ). بىزدە چەتتىن كىرگەن مال قىممەت، ئامېرىكىدا چەتتىن كىرگەن مال ئەرزان بولۇپمۇ تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى بولمىغان تاۋارلارنىڭ شۇنداق.  بۇ سېلىشتۇرمىغا ئاخىرىدا بىرلا نەرسىنى قوشساق مەسىلە ئايدىڭ بولىدۇ. جوڭگۇدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىسىز داۋام قىلالايدىغان يۇقۇرى تېخنىكا شىركىتى يوق. جوڭگۇدا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ۋىندوس، مەكىنتاش يۇمشاق دىتالىنى ئىشلەتمەي كومپىيوتىر ئىشلىتەلەيدىغان ئادەم يوق. جوڭگۇدىن توننىلاپ كىرىۋاتقان مالدىن كىرگەن پايدا، ئامېرىكىدىن چىققان بىر سەر كەلمەيدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە ياكى بىر يۇمشاق دىتالنىڭ ئالدىدا ھىچ نېمە ئەمەس. ئامېرىكىلىق ئىنجىنىر بىر سائەتتە لايىھەلىگەن بىر سىخىمىنىڭ پايدىسى مىڭ جوڭگۇلۇق ئىشىچى بىر يىل تىككەن كىيىمدىن ئېشىپ چۈشىشى چوقۇم. شۇڭا بىلىم كۈچ، بىلىم پۇل دېگەن گەپ مۇشۇ يەردە ئىسپاتلىنىدۇ.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار13
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار12 كېيىنكى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار14

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iPadكە Windowsشارائىتىدا توك قاچىلاش
  • Symbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش
  • ئالمىڭىزغا يۇمشاق دېتالنى بۇنداق قاچىلىسىڭىز بولمايتتى
  • ئايفون ئۈچۈن تەكشىلىكتىكى رەسىمگە بوشلۇق ئۈنۈم قوشۇش دېتالى (ۋاقىتلىقلا ھەقسىز!!!)
  • [Gulan] تۈركىيەدىكى نورۇزۇم
  • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى
  • «لىرىك مۇزىكا» رومانتىك 2
  • iOS 5 تە تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى ئېچىش
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار15
  • [ئۆلمەس مۇڭ] دىل كۈيى (نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن)
  • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • iTunesدىكى نەشىر كۆتۈرەلمەسلىك خاتالىقىنى تۈزەش
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار8
  • iPhoneئۈچۈن يەنە بىر ياخشى قورال
  • iPhone4Sۋە رىقابەتچىلىرىنىڭ پەرقى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار1
  • [Gulan]ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟
  • ئۆزىڭىزنىڭ iPhone دېتالى بولىشى مۇمكىن…
  • iOS4.3.2نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار19
  • ھەي-ھەي مۇبارەك!نوروز مۇبارەك!ئايەم مۇبارەك!
  • iPhoneدا يۈتۈپ كەتكەن 个人热点نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبرەت:
      ئايفۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات ئايفونسى …
    2. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    3. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    4. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    5. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    6. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    apple خالاستان بىلوگ itunes pxl JailBreak iPhone iOS 6 epub iphone4 steve jobs icloud shsh ios ipad 3 gulan uyghur ipad2 RSS iphone4s يۇنىكود ئۆلچىمى GoogleAdsense Siri iPod Mac OS X symbian google ipad cydia قۇلۇپ ھەقسىز ios5 appstore مۇڭ مەھسۇلات ئۇيغۇر IT ئەقلىفون
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club