چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 153|ئىنكاس: 1

پىروزا ئەسەرلىرىدىكى ئىنچىكە تەسۋىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇختار تۇردى

پىروزا ئەسەرلىرىدىكى ئىنچىكە تەسۋىر ھەققىدە


      بىز ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ، بولۇپمۇ پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ نادىر ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بەرگەندە،تاللاپ مۇكاپاتلىغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ۋەقەلىكى ياخشى تاللانغانمۇ ، قۇرۇلمىسى پۇختىمۇ،پىرسوناژلار ئوبرازى ئوبدان يارىتىلغانمۇ ، يورىتىلغانمۇ، بەدىئىيلىكى يۇقىرىمۇ ، باش – ئاخىرى ماسلاشقانمۇ ، تىلى پاساھەتلىكمۇ ...ۋاھاكازاغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمىز . يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ، ئەلۋەتتە . بىراق مېنىڭ قارىشىمچە ، يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە بىر مۇھىم نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ شۇ ئەسەردە ئىنچىكە تەسۋىر بارمۇ – يوق ، بولسا قانچىلىك بار ، ئۇ نادىر ئىنچىكە تەسۋىرمۇ – ئەمەسمۇ دېگەندىن ئىبارەت . مۇبادا بىز تاللىغان ، نادىر دەپ قارىغان ئەسەردە سەرخىل ئىنچىكە تەسۋىر بولمىسا ، ئۇنداقتا ئۇنى نادىر ئەسەر دىگىلى بولمايدۇ .
        1. ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ مۇھىملىقى
     ئىنچىكە تەسۋىر دېگەن نېمە ؟ ئىنچىكە تەسۋىر پىروزا ئەسەرلىرىدىكى بىر قەدەر تەپسىلى يېزىلغان ، بايان قىلىنغان ۋەقەلىك ياكى تەسۋىرلەر بولۇپ ، ئۇ ئەدەبىي ئەسەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك بىرلىكتۇر . ئادەمنى ، ۋەقەلىكنى ، مۇھىتنى ، پىسخىك ھالەتنى زىغىرلاپ ، ئىنچىكە ، كونكىرت، سەنئەتلىك تەسۋىرلەش، ئىپادىلەش ئادەتتە ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ . ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ تۆۋەندىكىدەك رولى بار : ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى توغرا ، كونكىرت ، جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى ، ئوقۇرمەنلەرگە كۈچلۈك سەنئەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ ، ئۇلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۇ .
ئىنچىكە تەسۋىرنى ئىپادىلەش شەكلىگە ئاساسەن ھەرىكەت تەسۋىرى ، تىل تەسۋىرى، پىسخىك تەسۋىر ، مۇھىت تەسۋىرى قاتارلىقلارغا بۆلۈش مۇمكىن . ئىنچىكە تەسۋىر ئەدەبىي ئەسەرلەردە، بولۇپمۇ پىروزا ئەسەرلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . نۇرغۇن داڭلىق يازغۇچىلار ئىنچىكە تەسۋىرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ بار – يوقلىقىنى مەلۇم بىر پارچە ئەسەرنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا باھا بىرىشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ،دەپ قارايدۇ . بۇنىڭغا چەت ئەلنىڭ نۇرغۇن داڭلىق يازغۇچىلىرى ، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىپلىرى، جۈملىدىن  فىرانسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ، پەيلاسۇپ ، «مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى»نىڭ ئاساسچىسى ژان پائۇل سارتىرى ، قىرغىز يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوف ، ئاڭ ئېقىمىدا ئەسەر يازىدىغان ۋېرگىنىيە ۋولف ،كافكا قاتارلىقلارنى ؛ ئىلىمىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن«سۇ بويىدا»نىڭ ئاپتورى شى نەيئەننى ، لۇشۈننى،ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق ئايال يازغۇچى  تيېنىڭنى ؛ ئۇيغۇر يازغۇچىلاردىن پەرھات تۇرسۇن قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن . ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا  زور رولى ھەم كۈچى بولىدۇ ؟ مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار نېمە ئۈچۈن ئىنچىكە تەسۋىرگە شۇنچىۋالا ئەھمىيەت بىرىدۇ ؟ بۇنى يەكۈنلەپ ، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن : بىرىنچى ، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچى ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مول ھەم چوڭقۇر سەنئەت جەزبىدارلىقىدىن كېلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكە تەسۋىر بۇ خىل جەزبىدارلىقنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىللارنىڭ جۈملىسىدىندۇر . بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئىنچىكە تەسۋىر بولمىسا ئەدەبىي ئەسەر ، جۈملىدىن سەنئەت ئەسىرى ئۆزىنىڭ سەنئەتلىكلىكى ، جەزىبىدارلىقىنى يوقاتقان ، بۇ تۈپەيلى ھاياتىي كۈچىدىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ ؛ ئىككىنچى، ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۇسۇلى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بايقاشلىرى ۋە ھېس– تۇيغۇلىرى، تەسىراتلىرىنى ئىپادىلەش ، نامايەن قىلىشتىكى بىر خىل ئۆزگىچە شەكىل بولۇپ ، بۇنى يەنە يازغۇچىنىڭ خاس بايقاشلىرى ۋە ھېس- تۇيغۇسىنىڭ مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەردە قوغلىشىلىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ خىل ئۆزگىچە تۇيغۇ ۋە بايقاشتۇر . شۇڭا ئۇتۇقلۇق چىققان ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ بار - يوقلىقى مەلۇم بىر پارچە ئەسەرنىڭ مۇنەۋۋەر ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بىرىشتىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى،دېيىشكە بولىدۇ . مۇشۇ خىل ئۆلچەمدە پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىگە باھا بىرىش ھەم ئادىللىق ھەم ئىلىميلىككە ئۇيغۇندۇر . يازغۇچىنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر ، ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ ئۆزگىچە ، قوزغىتىش ، ئويغىتىش كۈچىگە ئەڭ باي بولغان بايقاشلىرى ۋە ھېس – تۇيغۇلىرى ، تەسىراتى ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ . بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ياخشى چىققان ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئىنتايىن چىنلىققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خاسلىققا ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ . ئەستايىدىل كۈزەتمەي ، ئويلانماي ، تەپەككۇر قىلماي تۇرۇپ ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە ، نادىر ئىنچىكە تەسۋىرلەرنى يېزىپ چىققىلى بولمايدۇ . مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر ، جۈملىدىن پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە بايانلار چىنلىقىدىن شۈبھىلەنگىلى بولمايدىغان ۋەقەلىك ۋە يېڭى، جانلىق ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئارقىلىق تاماملانغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر جەلىپ قىلىنغان بولىدۇ .
   ئىنچىكە تەسۋر بولمىسا پىرسوناژلار ئوبرازى بولمايدۇ ، پىرسوناژلار ئىنچىكە تەسۋىردىن تەشكىل تاپقان ، ئۇلارنىڭ ئوبرازى ئىنچىكە تەسۋىر ئارقىلىق يورىتىپ بىرىلگەن بولىدۇ . ئۇتۇقلۇق چىققان ئىنچىكە تەسۋىر پىرسوناژلار ئوبرازىنى مۇكەممەل يورىتىپ بىرىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ .
  يازغۇچىلار تۇرمۇش ۋە ھاياتتىكى ئىنچىكە تەسۋىر بولۇشقا يارايدىغان تەپسىلاتلارغا ،دىتاللارغا ئىنتايىن سەزگۈر بولىشى كېرەك ، شۇنداق بولغاندا ، ئۇلار خاس بايقاشلارنى ئېلىپ بارالايدۇ، ئۆزىگە خاس خاراكتىرنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ ، ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پىرسوناژلارمۇ تەبىئىي ھالدا باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ .
     2.ئىنچىكە تەسۋىر ئىزدەش
    نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەر ، جۈملىدىن پىروزا ئەسەرلىرىدە نادىر ئىنچىكە تەسۋىرلەر ھەقىقەتەن ئاز بولماقتا ، ھەتتا بەزىلىرىدە يوق دېيەرلىك . نۇرغۇن يازغۇچىلار ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارايدۇ، بەزىلىرى ۋەقەلىك قوغلىشىدۇ ، ئەمما ئىنچىكە تەسۋىرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ،ھەتتا ئۇلار ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ . بەزى يازغۇچىلار ، پىروزا دېگەندە ۋەقەلىك مۇپەسسەل بايان قىلىنسا ، ئەقىلغە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇلسىلا بولدى ، ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ دەپ قارايدۇ . شۇڭا نۇرغۇن ئەسەرلەردىن ئىنچىكە تەسۋىرنى ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ . بەزى ئەسەرلەردىكى قىسمەن بۆلەكلەرنى زورلۇنۇپ ئىنچىكە تەسۋىركەن دېيىشكە مەجبۇرمىز ، لېكىن ئۇلار تولىمۇ قوپال چىققان ، ھەممىلا ئادەم يېزىپ چىقالايدىغان ئادەتتىكى بايانلاردۇر ، ئۇنى ھەرگىزمۇ ھەقىقى ئىنچىگە تەسۋىر دەپ قارىغىلى بولمايدۇ . بۇ يەردە مۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كەلدى .
كوچىدا كېتىۋاتقان بىرەيلەن بىر تۇتام پۇل تېپىۋالدى ، ئۇنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالاي دېسە، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقتى . بۇ دىتالنى مۇنداق تەسۋىرلەش مۇمكىن :« ئۇ پۇلنى كۆرۈپ، قولىنى نەچچە قېتىم سوزۇپ بولۇپ يەنە تارتىۋالدى ، ئەتراپىغا قاراپ ، ئادەم يوقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى . باشقىلار كۆرۈپ قالغان بولمىغىيدى ، دەپ ئەنسىرەپ  يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى » . مانا بۇ پۇل تېپىۋېلىش كەچمىشى بار ھەرقانداق ئادەم يېزىپ چىقالايدىغان،ئوقۇغاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ ئىسىدە قالمايدىغان ئىنتايىن ئاددىي ، ئادەتتىكى بىر تەسۋىر. يۇقىرقى دىتالنى يەنە مۇنداق تەسۋىرلەش مۇمكىن : « ئۇ پۇلنى كۆرگەندىن كېيىن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك،ئۇنى دەسسىۋالدى ، ئاندىن ئايىقىنىڭ بوغقۇچىنى چىگكەننى قىلىپ  زوڭزايدى-دە ، دەرھال ئېلىپ يانچۇقىغا موك سالدى .»بۇ تەسۋىردە ئالدىنقىسىغا قارىغاندا سەل – پەل ئىلگىرىلەش بار دېيىشكە بولىدۇ . بۇنى يەنىمۇ زىغىرلاپ ، مۇنداق ئىنچىكە تەسۋىرلىگىلى بولۇش مۇمكىن :« ئۇ يەردە پۇل تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئاستا مېڭىپ پۇلنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆرە تۇردى ، ئاندىن يانچۇقىدىن پورتمالىنى ئېلىپ ئاقتۇرۇپ ،بىر تال پۇلنى سۇغۇرۇپ ئالدى – دە ، ئۇنى ئەتەي يەرگە تاشلىدى ، ئاندىن ئىڭىشىپ  تېپىۋالغان پۇلنى خۇددى ئۆزىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن پۇلىنى ئالغاننى قىلىپ ، قوشۇپلا ئېلىپ پورتمالىغا سالدى » . ئىنچىكە تەسۋىرلەرنى يازغاندا ، ئالدى بىلەن تەسۋىرلىمەكچى بولغان ئىش ۋە شەيئىنى تەپسىلى كۆزىتىش لازىم ، ئۇنى ئوي – خىيال ياكى تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ يېزىپ چىقساقمۇ بولىدۇ ، بىراق بۇنداق يېزىپ چىقىلغان تەسۋىر توقۇپ چىقىلغان ياكى كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئادىتىمىز ، تۇرمۇش تەجرىبىمىز ئاساسىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ چىقىلغان تەسۋىر بولۇپ ، ئۇنى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنچىكە تەسۋىر دېگىلىمۇ بولمايدۇ . ئۇ پەقەت ئادەت خاراكتىرلىك ھەرىكەت ياكى ئومۇملىشىپ قالغان بىر ئىشنى مۇنداقلا بايان قىلىپ قويۇشتۇر،خالاس . شۇڭا يازغۇچىلار تۇرمۇشتىكى كەم ئۇچرايدىغان ، ئىنچىكە تەسۋىر بولالايدىغان ئىشلارنى ئەستايدىل كۆزىتىشى ۋە خاتىرلەپ مېڭىشى ، ئۇنىڭ ئادەم ۋە شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقىشى ، ئۇنى ئۆز ئەسەرلىرىدە ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىشى لازىم .
بەزى يازغۇچىلارغا كىچىككىنە بىر ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەرسىڭىز ، ئۇلار ئۇنى بىر سەرخىل ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ، بۇنداق بولىشىدا ئۇلارنىڭ قورسىقىدا « ئوماچ» بار ، بۇ « ئوماچ» دەل بىز دەۋاتقان ئىنچىكە تەسۋىردۇر . بەزى يازغۇچىلار ئۇنداق قىلالمايدۇ ، يېزىپ چىقالىغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ سەرخىل ئەسەر بولماي قالىدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ ئىنچىكە تەسۋىرلەش ماھارىتى خام ياكى يوق .
   ھەر كۈنى يېڭى – يېڭى ۋەقەلىكلەرنى توقۇپ چىقارغىلى ، قۇراشتۇرغىلى بولىشى مۇمكىن ، ئەمما يېڭى ئىنچىكە تەسۋىرنى يېزىپ چىقىش تولىمۇ مۈشكۈل ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك كۈزىتىش نەتىجىسى ۋە مول تۇرمۇش تەجرىبىسى بولمىسا بولمايدۇ .
    قانداق تەسۋىرلەر ھەقىقىي ياخشى ئىنچىكە تەسۋىر بولالايدۇ ؟ مېنىڭچە بۇنى تۆۋەندىكىدەك بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن : بىرىنچى ، ئىنچىكە تەسۋىر چىن ، جۈملىدىن سەنئەت چىنلىقىغا ئۇيغۇن بولىشى لازىم ؛ ئىككىنچى ، ئۆزگىچە بولىشى كېرەك ؛ ئۈچىنچى ، پىرسوناژلارنىڭ خاراكتىرىنى يورۇتۇپ بېرىشكە ۋە سۇژىتنىڭ راۋاجىغا پايدىلىق بولىشى كېرەك ؛ تۆتىنچى ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ ، ئۇلارنى چوڭقۇر ئويلاندۇرالايدىغان بولىشى كېرەك؛بەشىنچى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەڭگۈ ئىسىدە قالغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك تەسىر قىلىش كۈچى ۋە سەنئەت كۈچىگە ئىگە بولىشى ، بەدىئىي جەھەتتە ياخشى پىششىقلانغان بولىشى ،تەپسىلى خەۋەر ياكى ھېساۋات دەپتىرىگە ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك .
  3.ئىنچىكە تەسۋىردىن پايدىلىنىش
يازغۇچىلار ئىجادىيەت جەريانىدا ئىنچىكە تەسۋىردىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بولىشى كېرەك . ياخشى يېزىلغان ئىنچىكە تەسۋىر پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ، ئۇنى كۈچلۈك تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە قىلىدۇ . ئىنچىكە تەسۋىردىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىقىلغان  ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىكى يۇقىرى، تۇرمۇشقا يېقىن ، رېئاللىققا ئۇيغۇن ، سەنئەتچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ . ئىنچىكە تەسۋىرگە ماھىر يازغۇچىلار ئوقۇرمەنلەر ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ  قايىللىقىنى قوزغىيالايدۇ . ئۇلارنىڭ قەلىمىدە يارىتىلغان پىرسوناژلار ، مۇھىت تەسۋىرى ، پىسخىك تەسۋىرلەر ... ئىنچىكە تەسۋىرگە كۆڭۈلشىمەيدىغان باشقا يازغۇچىلارنىڭكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى ، بەدىئىي قىممىتى ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە تۇتقان ئورنى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ . نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ، ئوبزورچىلار مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبېيكتى ۋە تەنقىد نىشانى قىلدۇ . كۆپنىچە ھاللاردا مۇشۇنداق ئەسەرلەر تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا تەۋسىيە قىلىنىدۇ ياكى تاللىنىلىدۇ . تارىختىن بۇيان نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پىروزا ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى ، مۇئەللىپنىڭ ۋەقەلىك قوغلاشماي ، ئادەمنى ، مۇھتنى ، پىرسوناژلارنىڭ پىسخىك ھالىتىنى ئىنچىكە تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
    4.ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ باشقا روللىرى
   (1) يازغۇچىلار ئىنچىكە تەسۋىر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خاھىشىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىپادىلىيەلەيدۇ .
پىروزىدا يازغۇچىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خاھىشى بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولىدۇ . بەدىئىي ئوبرازنىڭ مۇۋەپپىيەتلىك يارىتىلىشىدا ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ ئوينايدىغان رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ .
(2)ئىنچىكە تەسۋىر مەدەنىيەتتىكى پەرقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىشتىكى مۇھىم ۋاستىدۇر . يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىششى ، ئىلىم – پەن ، قاتناش ، ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ مىسلىسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىدا ، بولۇپمۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدە ئوخشاشلىققا قاراپ يۈزلىنىش كۆرۈلمەكتە . مەسىلەن ، مەلۇم بىر شەھەرگە بېرىپ قالسىڭىز ، بەزىدە ئۇ شەھەرنى ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان شەھەردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغاندەك،ئەزەلدىن تونۇشتەك ، كونا كەپە ئۆيلەر ، قەدىمىي رەستىلەر سىز كەلگەن شەھەردىكىگە ئوخشاشلا چېقىۋېتىلىپ ، يېڭى بىنالار سېلىنغان ، بىنالارنىڭ شەكلى ، رەڭگى ، ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاشتەك ھېس قىلىپ قالىسىز .
     بۇنداق ئوخشاشلىققا قاراپ يۈزلىنشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق پايدىلىق تەرەپلىرى بار بولىشى مۇمكىن ، ئەمما مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، پەرقنى يوق قىلىۋېتىشنى ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، بۇ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنى قوغداشقا پايدىسىز . ئوخشىمايدىغان شەيئىلەر ئاسانلىقچە يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ ، بولۇپمۇ مىللىي ئالاھىدىلىك ، يەرلىك ئالاھىدىلىك ،مۇھىت ئالاھىدىلىكى ، پىسخىك ئالاھىدىلىك دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققى قىلىش شەكلى ۋە يولى بولىدۇ ، ئۇ تەرەققىي قىلغانسىرى نازۇكلىشىپ ، ئىنچىكىلىشىپ بارىدۇ . بۇ خىل نازۇكلۇك ۋە ئىنچىكىلىكنى قانداق ئىپادىلەش ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە قانداق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش كېرەك ؟ بۇ جەھەتتە ئىنچىكە تەسۋىر ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ ،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچنەرسە باسالمايدۇ . ئالايلۇق ، مەلۇم بىر ئوي – خىيال، مەلۇم بىر ھەرىكەت ، كۆز ئىشارىسى ، چىراي ئىپادىسى ، بىرەر جۈملە سۆز ، بىرەر كەيپىياتتىكى ئۆزگىچىلىك ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئۇچۇرنى پەقەت ئىنچىكە تەسۋىرنىڭ ۋاستىسى بىلەنلا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولۇش مۇمكىن .
مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان بىر نادىر ئىنچىكە تەسۋىر ئارقىلىق مەلۇم بىر دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ . ئادەتتىكى بايان ۋە تەسۋىرنى مىسكەرلەر قەلەيدىن ياسىغان چىلەك ياكى داسقا ئوخشاتساق ، ئىنچىكە تەسۋىرنى زەرگەرلەر ئالتۇندىن سوققان زىرە – مۇنچاققا ئوخشتىش مۇمكىن . پىروزا ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىك دەرىجىسىنىڭ قانچىلىكلىكىگە قاراپ ، شۇ يازغۇچىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى ۋە يېزىقچىلىق سەۋىيەسى ، بەدىئىي ماھارىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ .
      ئومۇمەن ، ئىنچىكە تەسۋىر پىروزا ئەسەرلىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر . دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ، كىتاپخانلاردا ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇرالايدىغان ، ئۇلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولالايدىغان ، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم پىروزا ئىجادىيىتىدە ئىنچىكە تەسۋىرگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .

ئاپتور «تارىم»ژۇرنىلى نەشرىياتىدا
مەنبەسى: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-23 02:56:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەجەپ بىر قوراشتۇرۇپ قويغاندەك ماقالىكەن بۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 16:32 , Processed in 0.275718 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش