ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى تۇلۇم
تۇلۇم ئىلگىركى زامانلاردىكى ئۇيغۇرلار سەپەرگە چىققان ۋاقىتتا ئوزۇق-تۈلۈك ۋە باشقا لازىمەتلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قاچىلايدىغان تېرىدىن ياسالغان خالتا ھەم شۇنداقلا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپ كەلگەن مۇھىم قاتناش قوراللىرىنىڭ بىرى.
چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ۋە «چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى» نى ياراتقان قەدىمكى ئەجداتلىرمىزنىڭ ئۆز زامانىسىدا تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشى بىلەن ئوزۇقلىنىشتىن تاشقىرى، ھەرخىل چارۋا تېرىلىرىنى پىششىقلاش، ئاشلاش ئارقىلىق جۇۋا، سابا، تۇلۇم، تورسۇق، تولۇق قېيىق، ئات-ئىگەر جابدۇقلىرىنى ۋە ئارقان-ئارغانچىلارنى ياسىغان.
مەھمۇت كاشغەرىيمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا سال توغرىسىدا توختالغاندا: « بىر نەچچە تۇلۇمغا يەل بېرىلىپ، ئاغزى باغلىنىدۇ، ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە چېتىلىپ، سۇنىڭ ئۈستىدە سوپىغا ئوخشاش بىر نەرسە ياسىلىدۇ. كېيىن بۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سۇدىن ئۆتىدۇ » (ئابدۇقېيىم خوجا:«دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە»، 102- 103-بەتلەر.) دەپ يازغانلىرىغا ئاساسلانغاندىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇلۇمدىن پايدىلىنىش تارىخىنى قەدىمگە ئاپىرىپ تاقاشقا بولىدۇ.قەدىمدە دەريا ۋە كۆل بويلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن ئىزچىل پايدىلانغان.
تۇلۇم كۆپىنچە ئۆچكىنى بوينى تەرەپتىن تەتۈرسىگە ئۆرۈپ سويۇپ، ( يەنى تولۇمچىلاپ سويۇپ) تېرىسىنى ئۇستىخاندىن ئايرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئاشلاپ، يۇڭى چىقىرىۋېتىلىپ، ئۆچكىنىڭ پۇتى ۋە چىقىرىش ئەزاسىنىڭ ئورنى قوي، ئۆچكە ئۈچىيىدىن ئىشلەنگەن يىپ بىلەن مەھكەم تىكىپ تەييارلىنىدۇ. ئۆچكىنىڭ بوغۇزلانغان جايى تۇلۇمنىڭ ئېغىزى قىلىنىلىدۇ. ئەنە شۇ شەكىلدە تەييارلانغان تولۇم تۇرمۇشىمىزدا نەچچە خىل رول ئويناپ كەلگەن. بىرى، تۇلۇمغا سۇ، سۇماي، كۆيدۈرۈلگەن قوي مېيى، سېرىق ماي، سۈت، قايماق، نان ۋە باشقا ئوزۇقلارنى قاچىلاپ تېرە خالتا ئورنىدا ئىشلەتكەن. يەن بىرى تۇلۇم ئىچىگە يەل توشقۇزۇلۇپ ئاغزى چىڭ ئېتىلگەندىن كېيىن، ئادەملەر بېلىگە باغلاپ دەريا، ئۆستەڭلەردىن ئۆتۈش، كەلكۈن مەزگىلىدە مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىگە يەل توشقۇزۇلۇپ ئاغزى مەھكەم ئېتىلگەن تۇلۇملاردىن بىر قانچىسىنى ئۇزۇنلۇق ۋە توغرىلىق بويىچە كۋادرات شەقلىدە قاتار تىزىپ ئۈستىگە شال تېڭىپ، ئادەم ۋە يۈك-تاقىلارنى دەريادىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەنكەندىن ئىبارەت قاتناش قورلى رولىنىمۇ ئويناپ كەلگەن كېيىن سۇ قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ ئۇ ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇپ، موزىيلاردىكى ئەتىۋارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلارغا ئايلىنىپ قالدى.
تارىختا تۇلۇم ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ياسىغان ۋە ئىشلەتكەن كىشىلەر تۇلۇم لەقىمى بىلەن ئاتالغان ئەھۋاللارمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن قۇربان تۇلۇم دېگەندەك.
ئاپتورى: تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش
(شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىن)
بىلىم-كۈچ ژورنىلىدىن ئېلىندى. |