بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-13 10:21
شىرىن بالىخان
(ئاتۇش خەلق ناخشىسى)
ئۇسۇلغا پەيزىڭىز بارمۇ ؟ بىرەر پەدە ئويناپ قويمامسىز .
شىرىن بالىخان
قېشىڭىزنى ئاتتىڭىز شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا،
بىزنى تاشلاپ كەتتىڭىز شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا.
يوقمىدۇ ئىلاجىڭىز شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا،
زار-زار قاخشاتتىڭىز شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا.
قوغۇنلۇققا كىرەيمۇ شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا،
ئاق ناۋاتنى ئۈزەيمۇ شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا.
ئەمدى قالمىدى تاقەت شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا،
ئۈمىدىمنى ئۈزەيمۇ شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا.
باغىم با دىگەن بىلەن شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا،
ئانارى بولمىسا بولماس شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا.
يارىم با دىگەن بىلەن شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا،
ياندا بولمىسا بولماس شىرىن بالىخان يارىيا ، ئويناڭ بالىخان يارىيا.