ئابلاجان بوۋاقى
كەتتى
( ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئادەبىياتىنىڭ سەركىلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم سەمەت دوگايلى مۇئەللىمگە نەزىرە)
دېدى:« ئەل-يۇرت سەمەت كەتتى»، سەنئەت كەتتى،
بەلكىم ئىشقىي بىلەن ئالىي نىيەت كەتتى.
ئەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى بۇ ئاي-كۈندە،
سەمەت بىرلە ئۇچۇم ئىنسانىيەت كەتتى.
كۆڭۈل دەشتى بېسىپ دەرد-غەم، ئارمسىزمەن،
قالار ئالقان كەبىي ئاق، پاك بىر بەت، كەتتى.
ئېلى، تارىم، تۈمەن...سەۋداسى ئۆركەشلەر،
يېشىل جەننەت ئارا دەرۋانە خەت كەتتى.
كۆرۈشمەككە ئىدى كۆڭلۈم ئەبەد مايىل،
دىلىم قايىل، يۈرەك مەڭگۈ سەھەد كەتتى.
قىلىپتۇ بۇندا ھاپىزلار يىغا بىرلە،
ئالار قوينىغا قانداقكى لەھەت، كەتتى.
يۈرەك يىغلايدۇ ھەر يەردە بولۇپ لەختە،
كىمۇ دەركى :« مۇھەببەت دەپ ھۆججەت كەتتى...
چىداپ بولغايمۇ ھىجرانغا كېچە-كۈندۈز،
بولۇپ قالدى دىلىم زەپمۇ غەلەت، كەتتى.
تېنچ يات قەبرىگاھىڭدا، ئەزىز ئوغلان،
ئىزىڭنى باسقۇسى ئەۋلاد، مەدەت كەتتى...!
بوۋاقى، ئىزباسىرىڭدۇر، پايانىڭدۇر،
ئۆچىرەتسىز ئىكەن زەپ شۇ بېكەت، كەتتى...
2016-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، قەشقەر |