چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 489|ئىنكاس: 16

شائىر قۇربان بارات ئالەمدىن ئۆتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
شائىر قۇربان بارات ۋاپات بولدى

kurban barat.jpg


ئىقتىدارلىق لىرىك شائىر ، ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر قۇربان بارات ئەپەندىم بۈگۈن ئالەمدىن ئۆتتى ,مەرھۇمنىڭ نامىزى بۈگۈن پېشىندا نوغاي مەسجىدىدە چۈشۈرىلىدۇ……مەرھۇم قۇربان بارات ئاكىمىز 1946 – يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1952 – يىلىدىن 1958 – يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1958 – يىلىدىن 1962 – يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، بىر مەزگىل مۇخبىرلىق قىلغان. كېيىن مۇھەررىر بولغان. 1970 – يىلىدىن 1986 – يىلىغىچە شىنجاڭ شىنخۇا 2 – باسما زاۋۇتىدا ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1981 – يىلى ‹‹يېشىل ھايات›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1984 – يىلى ‹‹ئاق روماللىق پەرىزات›› ناملىق داستانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹توي چاچقۇسى››، ‹‹باھار جىلۋىسى››، ‹‹تارىم ئۆركەشلىرى›› ناملىق كوللېكتىپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
قۇربان بارات ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئاپتورلارنىڭ بىرى. ئۇ خەنزۇچىدىن ئاتاقلىق شائىر ئەي چېڭنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرىنى، پۇشكىننىڭ شېئىرىي چۆچەكلىرىنى تەرجىمە قىلىپ كىتابخانلارغا تونۇشتۇردى. سەئىدىنىڭ ‹‹بوستان›› داستانىنى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەردىن ‹‹دىۋان سەككاكى››، ‹‹دىۋان ئاتايى››، ‹‹دىۋان زۇھۇرى››، ‹‹سەددى ئىسكەندەر›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىدى. لېرمونتوۋنىڭ داستانلىرىنى تەرجىمە قىلدى.
شائىر قۇربان بارات جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە تۆھپىسى بىلەن ‹‹جۇڭگو ھازىرقى زامان داڭلىق ياشلىرىنىڭ لۇغىتى››، ‹‹جۇڭگو ئەدەبىيات لۇغىتى›› قاتارلىق لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلگەن. مەرھۇمنىڭ ھەققى ھالال ،ماكانى جەننەتتە بولغاي!

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 00:03:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىئەتتەك ياشايدۇ شائىر   

ئىستىداتلىق شائىر،ئەدەبىي تەرجىمان،ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر قۇربان باراتنىڭ ۋاپاتىغا ئاتايمەن

ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك

چېچەك قىساي دېگەندە باغلار،
ئۇستاز شائىر يۈمدى كۆزىنى.   
پۈتمەي تۇرۇپ ئاخىرقى شېئىر،
تۇپراققىلا كۆمدى سۆزىنى.

بارمىقىدىن چۈشتى سىيرىلىپ،
ساق ئاتمىش يىل كىشنىگەن قەلەم.
تىلدى يەنە زىدە يۈرەكنى،
نەيزىسىنى ئۇشلىغان ئەلەم.

ئاتۇشتىكى گىگانىت تاغلار،
چۆكۈپ كەتتى بىر تامچە ياشقا.
ئاغۇدىكى(1)*خىلۋەت بۇلاقلار،
بىر ئىسىمنى ئويىدى تاشقا.

كەلدى ھۆڭرەپ كۆنچى بويىدىن،
<< ئاپئاق رومال ئارتقان پەرىزات>>(2)*.
<< قار گۈلى>>گە(3)* كەتتى كۆمۈلۈپ،
ئۈرۈمچىدە << ياپيىشىل ھايات>>(4)*.

ئۇ كۈيلىگەن ئەزىز ئانا يەر،
ئىسسىق تەننى باستى باغرىغا.
تەبىئەتتەك ياشار ئۇ ئەمدى،
سادا بېرىپ تەڭرى تېغىغا.  

ئىزاھات:ئاغۇ(1)_ شائىر تۇغۇلغان يېزىنىڭ ئىسمى.
(2)،(3)،(4) شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

2016-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 6-كۈنى(يەكشەنبە)،گۇما
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 00:04:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى شېئىر

قۇربان بارات

كىسىلگەن  توغراق

ئەكەلدىم بازاردىن بىر ھارۋا ئوتۇن،
قار‏-مۇزلار ئىلكىدە قالغاندا جاھان.
سوغۇقتا بىرىدۇ قۇياش تەپتىنى،
مەش ئوتى ئالتۇن رەڭ چېچەكلەيدىغان.

ئوتۇننى رەتلىدىم ۋە بايقىدىمكى،
ھەممىسى قۇرۇق شاخ ئەمەسكەن بىراق.
شاخلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى بىر توپ،
ياش ھەم ھۆل، يېڭىلا كېسىلگەن توغراق.

ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا ياتاتتى جانسىز،
ئۆلۇم ئازاۋىدىن ئاچچىق تولغۇنۇپ.
ئانارنىڭ سۇيىدەك قانلىق كۆز يېشى،
كېسىلگەن جايىدا قاپتۇ مۇز بولۇپ.

مەن غالىپ ۋاقىتقا باغلىدىم ئىشەنچ،
ۋاقىت ھەل قىلىدۇ كۆپ مۇشكىلاتنى.
ئۇ ياشنى قېرىتىپ، ھۆلنى قۇرۇتۇپ،
كۆيگۇدەك قىلىدۇ سانسىز ھاياتنى.

ھۆل توغراق ھويلامدا ياتتى قىش بويى،
قەھرىتان سوغۇقلار مۇزلاتتى ئۇنى.
قىش ئۆتتى ۋە ئۇنى قويدى زەربىدە،
باھارنىڭ بورانلىق جۇدۇن-چاپقۇنى.

ياز كېلىپ باشلاندى ئىسسىق كۇنلەرمۇ،
بۇ توغراق ئاپتاپتا ياتتى ھالسىراپ.
ئويلۇدۇم ھۆللىگى يوقالدى بەلكى،
ئاپتاپ ۋە شامالدا قۇرۇپ-قاغجىراپ.

لىكىن كىم ئويلاپتۇ؟ مەن ھەيران قالدىم،
توغراقنىڭ ئاداققى، مەغرۇر ئىشىدىن:
تومۇزدا نوتىلار چىقتى بىخ ئۇرۇپ،
ئۇنىڭ غول ۋە كېسىك بېغىشلىرىدىن.

دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ يېڭى بىخلار،
كېسىلگەن توغۇراقتىن تاپقان ئىدى جان.
نۇرلۇنۇپ تۇراتتى ئۇلار ياپ-يېشىل،
باھاردا ئويغانغان مايسىدەك يۇمىران.

ۋە ھەممە ھاياتلىق بوغۇنلىرىدەك،
كۆزگە تاشلىناتتى بۇدۇرۇق ھەم ئوماق.
سەبىي بىر نەزەردە بېقىپ جاھانغا،
كۇلەتتى بۆشۇكتە كۇلگەندەك بوۋاق.

تۇغۇلغان بۇ بىخلار ئاپتاپ قوينىدا،
تەلپۇنۇپ تۇراتتى ئەركە ۋە ئويناق.
قەيسەر بىر ھاياتنىڭ ئۆلمەس كۈچىنى،
نامايەن قىلاتتى كېسىلگەن توغراق.

بىلدىمكى، جاڭگالنىڭ بۇ نەۋقىرانى،
تېخى تىز پۇكمىگەن ئۆلۇم ئالدىدا.
ئۆلمىگەن، ئۆتسىمۇ شۇنچە ۋاقىتلار،
ئانا يىلتىزىدىن بولسىمۇ جۇدا.

ئويغاتتى پىكىرىمنى قايناق كۈچ بىلەن،
كېسىلگەن توغراققا ياشنىغان تىھال.
توغراقنىڭ تەغدىرى توغۇرلۇق مەندە،
قوزغالدى ئىلھاملىق، ئەركىن بىر خىيال.

ئويلۇدۇم: مېتالنىڭ قاتتىقى پولات،
تاۋلىنىپ چىقىدۇ يالقۇنلۇق ئوتتا.
قارغاينىڭ قامىتى ۋە يېشىللىقى،
دۇنياغا كېلىدۇ قاتتىق سوغۇقتا.

شۇ كەبى، توغراقنىڭ تەبىئىتىنى،
توۋلىغان جاڭگالنىڭ جەۋرى جاپاسى.
بوستانلار ماكانى ئەمەس ئۇنىڭكى،
ۋەتىنى-بىپايان قۇملار دۇنياسى.

ئۇ ئانا تۇپراقتىن تېپىپ ھاياتلىق،
كەڭ چۆللەر باغرىدا ئۆسەر تۇغۇلۇپ.
بىر زامان دەريالارئاققان ئىزلاردا،
ياشايدۇ باراقسان بىر ئورمان بولۇپ.

ياز پەسلى ئالىدۇ ئۇنى قوينىغا،
قۇياشنىڭ يالقۇنى، چۆل بورانلىرى.
قىش كۇنى سوقىدۇ ئۇرۇپ ئاياۋسىز،
تىنىمسىز جەزىرە شىۋىرغانلىرى.

دەريالار قىلمايدۇ ئاڭا غەمخورلۇق،
ۋە ھېچكىم چول ئارا سۇغارماس ئۇنى.
ئېسىگە يەتكەندە يوقلايدۇ پەقەت،
ياز كەلكۇنلىرىنىڭ قىسقا تاشقىنى.

لىكىن ئۇ بەك ئۇزاق ئەسىرلەربويى،
ياشنىتىپ كەلمەكتە ھايات پەسلىنى.
ئۆسمەكتە چۆللەردە يامىراپ ھەرياققا،
ئۇزلۇكسىز كۆپەيتىپ يېشىل نەسلىنى.

دەھشەتلىك زەربىلەر، ياۋايى ئىقلىم،
يوق قىلىپ كېتەلمەس دۇنيادىن ئۇنى.
ئۇ ھامان ئۆسىدۇ بېسىپ كەلسىمۇ،
ئېقىندەك ئۆركەشلىك قۇملار دولقۇنى.

كېسىلگەن، تاشلاندۇق بىر ھالەتتىمۇ،
ئۇ مانا مۇشۇنداق گۇللەيدۇ يەنە.
يېشىل بىخ سۇرىدۇ خۇددى تىرەكتەك،
ھاياتى كۈچىنى قىلىپ تەنتەنە.

ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ گۇللەشلىرىدە،
يارىدار جەڭچىنىڭ كۇلۇشلىرى بار.
ئۆلىمى ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم،
قىلىچقا تايىنىپ يۇرۇشلىرى بار.

ئۇ گويا ھاۋادا ئوق يىگەن لاچىن،
بۇلۇتلار باغىرىدا ياڭرىتار سادا.
ئۇ گويا زۇلمەتتە ئۆچكەن بىر يۇلتۇز،
نۇرلانغان ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا.

مەن ئاڭا تىكىلدىم مۇھاببەت بىلەن،
تۇغۇلدى قەلبىمدە مەغرۇر بىر قوشاق.
ئۆلمەس بىر خەلقنىڭ تىمسالى بولۇپ،
كۆرۇندى كۆزۇمگە كېسىلگەن توغراق.
         
يېشىل ھايات

كۈمۈشتەك يالتىرايدۇ قارلىق تاغلار ،
يېشىللىق دۇنياسىدۇر ئ‍ېتەكلىرى .
ئ‍ېدىرلار نار تۆگىنىڭ ئ‍ۆركىشىدەك ...
باغرىدا يەلپۈنىدۇ چېچەكلىرى .

قاپتال ۋە جىرالىرى يېشىل جاڭگال ،
قارىغايلار ساما بىلەن بوي تالاشقان .
ئ‍ېدىرلار ئ‍ارىلىقى قويۇق چاتقال ،
ياپيېشىل توقايلىقلار قۇچاقلاشقان .

تاغ سۈيى ئ‍ېقىپ ئ‍ۆتۈپ توقايلىقتىن ،
تاشتىن -تاشقا ئ‍ۇرۇلىدۇ، شارقىرايدۇ .
بىپايان جىرالىقلار يېشىل يايلاق ،
كۆزۈڭنى قاماشتۇرۇپ پارقىرايدۇ .

قاياققا كۆز تاشلىساڭ يېشىل ھايات ،
يېشىلدەك كۆرۈنىدۇ بار كائىنات .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 00:05:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق روماللىق پەرىزاتنىڭ پەريادى
ھۆرىيەت مۇھەممەت

لىرىك شائىر قۇربان باراتقا تەزىيەنامەم

"يېشل ھايات "سارغايدى بۈگۈن
مەن دەسسىگەن تاشلار يېرىلىپ
تۇلۇنئايمۇ  چىقماس ئ‍اسمانغا
پەرىزاتنىڭ ئ‍ىشكىنى چېكىپ .

تاغدىن چۈشمەس سۈزۈك سۇ ئ‍ەمدى
چاڭقاشلاردا قالار تەبىئەت.
يۇرىكىمنى قاقشاتقان ئ‍ۆلۈم
شائىر ئ‍ۈچۈن سىناقتۇر پەقەت.

تاغدەك بەردەم ئ‍ىدى قەلىمى
كائىناتنى قىلاتتى تەسلىم
ئ‍انا تىلنىڭ بۇلاقلىرىنى
ئ‍ېچىپ-ئېچىپ قانمايتتى قەلبىم.

ئ‍اھ كەتتىڭىز چېچەكلىك باغدىن
بەلكىم سىزگە گۈللۈك باغ باردۇر
"ئ‍اق رۇماللىق پەرىزات"كەبىي
ھايات سىزگە مەڭگۇ باھاردۇر.

2016-3-6
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 00:06:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نېمىشقا كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى
(مەرھۇم شائىر قۇربان بارات ۋاپاتى بىلەن)

قەيسەر مىجىت
‏****************
‏«نىمىشقا كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى؟»
‏نىمىشقا يۈرىگىم ئازاپقا چۆكتى؟
‏ھۆرمەتلىك شائىرىم-قۇربان باراتكا،
‏سىز ئۈچۈن شۇ تاپتا بىر ئەل ياش تۆكتى!!!

‏مەنمۇ ھەم ئوقۇغان ئاشۇ مەكتەپتە،
‏سىز بۈركۈت سىياقى قاناتلار كەرگەن.
‏سىز بەرگەن ئىلھامدىن كۈچ-ئوزۇق ئىلىپ،
‏بىر يىڭى ھاياتقا چەكسىز تەلپۈنگەن.

‏سىز قۇيغان قىشلاردا قالغان ئىزىڭىز،
‏سىز سوققان تاملارغا سىڭگەن مىھرىڭىز.
‏سىز مىنىڭ قەلبىمدە ھەقىقى شائىر،
‏ئىسىمدە، قەلبىمدە ھەر بىر شىېرىڭىز!

‏نىمىشقا جىسمىمدىن سوغۇق تەر چىقتى؟
‏نىمىشقا قوللىرىم تىترىدى يەنە؟
«گويا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك»
‏غەزەپتە سورىدىم «جاۋاپ بەرگىنە؟»

ئەي تەقدىر، بەرگىنە جاۋاپ بەرگىنە،
‏نىمىشقا شائىرنى ئايرىدىڭ بىزدىن؟
‏ئۇ بىزگە كۆرسەتكەن «يىشىل ھايات» نى،
‏گۈزەللىك سەزدۈرگەن تاغدىن، ئىتىزدىن.

‏مەن سىزگە ئۇزاقتىن ھۆرمەتتە ئىدىم.
‏سىز مىنىڭ قەلبىمدە بۈيۈك ئىدىڭىز،
‏مەن سىزگە شاگىرتلىق سالىمى بەرمەي،
‏ھەجەپمۇ تۇيۇقسىز كىتىپ قالدىڭىز.

‏مەن سەزگەن سىزدىكى گۈزەل ھىسلارنى،
‏مەن تۇيغان سىزدىكى غۇرۇر -ۋىجداننى.
‏سىز-بۈركۈت، مەڭگۈگە قانات قاقىسىز،
‏روھىڭىز يىتەكلەر مەندەك ئىنساننى!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 00:06:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتقان شائىر
(مەرھۇم قۇربان باراتقا مەرسىيە)
مۇستاپا ئابدۇلھەق

ئانا  تىل دەرىخىدىن
بىر تال يوپۇرماق لەيلەپ چۈشتى
ئانا يەرنىڭ قوينىغا،
لىرىكىغا پۈركەنگەن بىر شائىر
دۇنيادىن كۆچۈپ كەتتى
كۆڭۈللەردىن ئۇچۇپ كەتتى
‹‹يېشىل ھايات››نىڭ قوينىغا...

ئېقىپ كەتتى بەلكىم
ئۆزى سالغان شېئىر قەبرىستانىغا،
دەپنە قىلدى شائىرىنى ئۈرۈمچى
ھەسرەتكە تولغان كىشىلەرنىڭ دىلىغا...
ئەلۋىدا! شائىر دېدىم
كۆزۈمدە تۇپراق، قەلبىم لىرىكا!...
6.مارت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 00:06:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋىدا ئۈستاز

ئامىنە ئابدۇۋايىت

ئۈندىداردىن كۆرگېنىمدە شۇم خەۋەرنى ،
كۆزلىرىمگە ئىشەنمېدىم - ئىشەنمېدىم.
بۇغۇچلانغاچ سەزگۈلىرىم ، ئەقلىم بىلەن ،
‹‹ شائىر ›› دېدىم : ئېسەدېدىم - ئېسەدېدىم .

كەچتى مېنىڭ خىيالىمدىن ئۆسمۇرلىكىم ،
تىلى تاتلىق شائىر دېدىم قۈربان بارات .
يۈرېگىمگە مۆھۇر بولۇپ بېسىلغانتى ،
شېئىرلارنىڭ گۈلتاجىسى - ‹‹ يېشىل ھايات  ›› .

ئۆزىڭىزنى بىرەر قېتىم كۆرمىسەممۇ ،
‹‹ ئاق روماللىق پەرىزات ›› نى ئوقۇغان مەن .
‹‹ تاغ سۇيى ›› دەك سۈزۇك ، راۋان مىسرالاردىن ،
سۆز ئۈستىسى،  شائىرىم دەپ تونىغان مەن .

رىياللىقنى تەن ئالماسقا يوقتۈر چارە ،
بىزمۇ ھامان بىر كۈنلېرى كېتىمىزغۇ ؟!
سىز شۇ ‹‹ قىزىل ئەتىر گۈل ›› نى پۇراپ تۈرۇڭ ،
ئارقېڭىزدىن ھامان بىر كۈن يېتېمىزغۇ؟!

‹‹›› تىرناق ئىچىگە ئېلىنغېنى شائىرنىڭ ئەسەرلېرىنىڭ باش تىمېسى
2016-يىل 3- ئاينىڭ 6- كۇنى ئاقتۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 00:49:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       
ئابابەكرى توختى
قۇربان بارات

بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ
سېنىڭ شېئىرلىرىڭنى ھەجىلەپ ئوقۇپ،
ساۋات چىقىرىپ،
  يۈرىكىمدە ئۆچمەس بىر ئوتنى لاۋۇلدىتىپ،
كەلدىم بۇ ياشقا.
شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن تېخى،
ئەمما سېنىڭ يازغانلىرىڭنى شېئىر دەيمەن،
«يوقالماس پەلەستىن»نى،
«ئاق روماللىق پەرىزات»نى،
«ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»نى،
«ئاقارغان چاچ توغرىلىق ناخشا»نى،
يەنە نۇرغۇن –نۇرغۇن شېئىرلارنى،
ئوخشىتىمەن زۇلمەت باسقان ئاشۇ يىللاردا،
قەلبلەرگە نۇر چاچقان بىر قۇياشقا.

سېنى يەنە تىز پۈكمەس قەھرىمانغا ئوخشىتىمەن،
قولۇڭدا مىلتىق يوق، قەلەم بار.
يۈزسىز يىللار ۋە تەتۈر پەلەك بىلەن ئېلىشىپ،
قانغا بويۇلۇپ ياتقىنىڭدا
كۆكسۈڭدىكى ئوق ئىزلىرىدىن ئېچىلغان گۈللەر
تاڭ جىلۋىسىگە قوشۇلۇپ يالتىرايدۇ،
قايسى گۈزەللىك يەتسۇن بۇ يالتىراشقا؟

شائىرلىق قىسمەت دېدى بىر پەيلاسۇپ،
سېنىڭ قىسمەتلىرىڭ
ھەممە شائىرغا نېسىپ بولىدىغان قىسمەت ئەمەس،
ھەممە شائىر قېنى بىلەن شېئىر يازمايدۇ،
ھەممە شائىر سەپ ئالدىدا بايراق كۆتۈرۈپ ماڭالمايدۇ،
ئۇلارغا بۇ دۇنيا پۇرسەت بەرمەيدۇ،
سەندەك ياشاشقا.

تالاشقان شەھەرلىرىڭ قالدى دەيتتى بوۋام،
كەتتىڭ...
مىليۇن كۆزلەرنى تولدۇرۇپ ياشقا.
ئەمدى كىم
كېسىلگەن توغراققا قاراپ ھۆركىرەپ يىغلىيالايدۇ،
سەندىن باشقا...
2016-يىلى 3-ئاينىڭ6-كۈنى، يەكشەنبە كەچ، يېڭىشەھەر

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 00:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       

ئابلىز ئوسمان
                    شائىر قەسىدىسى
                       (مۇۋەششەھ)

قايىلمەن ئىھ شائىر ماھارىتىڭگە،
يۈرىكىم تۇنۇيدۇ ئەشئارلىرىڭنى.
ئاپىرىن ئېيتىمەن جاسارىتىڭگە،
كۆرىمەن بۈركۈتتىن پەرۋازلىرىڭنى.

ئۇقۇدۇم سەن يازغان ھەر بىر مىسرانى،
بولدۇمكى ئىچكەندەك بۇلاق سۈيىنى.
نە بۇلاق سۈيىكى شاۋقۇنلۇق دەريا،
ئاڭلىدىم ئۇنىڭدىن ئەجداد كۈيىنى.

روھلاندىم، ئۇرغۇدى تومۇرۇمدا قان،
شۇڭغۇدۇم تەپەككۇر دېڭىزلىرىدا.
سەزدىم مەن ئۆزۈمنى ئالتۇن كۈز پەسلى،
سەھرانىڭ ھۇسۇللۇق ئېتىزلىرىدا.

بىلدىمكى ئۆتۈپتۇ ياشلىقىڭ سېنىڭ،
مالىمان يىللارنىڭ دولقۇنلىرىدا.
ۋە لېكىن تىكىپسەن بىر جۈپ كۆزۈڭنى،
ئىقبالنىڭ تاڭدىكى ئۇپۇقلىرىغا.

ئاھ، دېدىڭ ئۆرتىدى يۈرەك-قەلبىڭنى،
بىلىمسىز – نادانلار ۋارقىراشلىرى.
ئەقىلنىڭ ئاسىيسى بولمۇدۇڭ لېكىن،
ۋۇجۇدۇڭ دەريانىڭ شارقىراشلىرى.

نىشانىڭ قۇياشى كۈلدى قەلبىڭدە،
ياغسىمۇ بېشىڭغا تۆھمەت يامغۇرى.
چاقنىدى ۋىجداننىڭ ئىشى ئەھدىڭدە،
بولدۇڭسەن خەلقنىڭ سىرداش شائىرى.

بۈركۈتسەن شېئىرىيەت ئانىسى تۇغقان،
قەلبىڭدە لىرىكا ئەقىدىسى بار.
چوقۇنۇش ساڭا يات شاھى-سولتانغا،
ۋىجدانغا ھۆرمىتىڭ قەسىدىسى بار.

ئاسانمۇ ئىنساننىڭ ئادەم بولمىقى،
ئاق كەپتەر ھېچقاچان بۈركۈت بولالماس.
يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاق چوققا،
يۈرىكى يالقۇنلۇق يىگىتكىلا خاس!


رەھمىتى ياغمىسۇن قېنى كىمنىڭكى،
ئەجرىڭدىن تىكلىسەڭ ئىجاد مۇنارى.
قېنى كىم قەلبىدە قوزغالماس غورۇر،
ۋە ئاشماس شېئىرغا سۆيگۈ خۇمارى.

ئاھ، ئەنە «ئاق رومال ئارتقان پەرىزات»،
ئاققۇزدى قەلبىمدە سۆيگۈ دەرياسى.
ئۈمىدلىك كۆزۈمدە باقتىم مەن ئاڭا،
بىلىندى ئۇ ماڭا ھايات مەناسى.

تىك چوققا ئۈستىدە ئەنە بىر بۈركۈت،
قارايدۇ پايانسىز «يېشىل ھايات» قا.
بىلدىمكى ئۇچۇشقا تەييارلاندى ئۇ،
چوققىدىن كۈچ ئېلىپ بىر جۈپ قاناتقا.

        ***           ***
تىلىكىم شۇ بۈركۈت ھارمىسا ھەرگىز،
قۇياشلىق ئاسماننى قۇچسا پەرۋازى.
لەرزىگە كەلتۈرۈپ يەرۇ-ئاسماننى،
ياڭرىسا جاراڭلىق زەپەر ئاۋازى.

1985-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى
مەنبە: «بوستان» (ھازىرقى «كىروران») ژۇرنىلىنىڭ 1986-يىللىق 1-سانى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 00:50:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر قۇربان باراتنىڭ ئەدەبىي ھاياتى

   بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋىر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان تۆھپىكار شائىر، نەشرياتچى، ئەدەبىي تەرجىمان قۇربان بارات ئەپەندى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 70 يېشىدا ۋاپات بولدى. بىز مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن، ئۇرۇق -تۇققانلىرىدىن سەمىمى ھال سورايمىز. شائىر قۇربان باراتنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. قۇربان بارات مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ.
     قۇربان بارات، 1946-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1962-يىلى سابىق شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.
     قۇربان باراتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1958-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇ سابىق شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى فاكولتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئرلىرى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ  ھەپتىلىك  ئەدەبىيات بېتىدە ، «شىنجاڭ ياشلىرى» گېزىتىدە ، «شىنجاڭ پېئونېرلىرى» گېزىتىدە ۋە «تارىم ژۇرنىلى» دا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1960- يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا «توي» ۋە «قىزىلگۈل» ناملىق ئىككى چوڭ داستانى ئېلان قىلىنىپ جەمىئىيەتتە كەڭ تەسىر قوزغىغان. قۇربان باراتنىڭ ھازىرغىچە «يېشىل ھايات»، «ئاق روماللىق پەرىزات»، «قار چىچەكلىرى»، «قۇربان بارات ئەسەرلىرى» (بەش توم) ۋە «پۇشكىن ئەسەرلىرى»، «لېرمېنتوپ داستانلىردىن تاللانما»، «ئەي چىڭ شىئېرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق  25  كىتابى نەشىر قىلىنغان. «ئاق روماللىق پەرىزات»، «قىزىل ئەتتىرگۈل»، «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»، «نۇر قەسىدىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
     مەرھۇم قۇربان باراتنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات، ئەدەبىياتشۇناسلىق، شىئېرىيەت نەزەرىيەسى قاتارلىق ساھەلەدە نەشرگە تەييارلىغان ۋە يازغان «دىۋان سەكئاكى»، «دىۋان لۇتپى»، «دىۋان ئاتايى»، «دىۋان نوبىتى»، «دىۋان زوھۇرى»، ئەلشىر نەۋائىنىڭ خەمسەسى تەركىبىدىكى داستانى «سەددى ئىسكەندەر»، «ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» قاتارلىق كىتاپلىرى ۋە «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى قەلئەسىنىڭ ئۇل تاشلىرى — قەدىمقى شېئىرلىرى»، «ئۇلۇغ شائىر — مېخائىل يورىيۋىچ لېرمونتوۋ»، «تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش» ، «شائىر ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى خاس ئۇسلۇبى توغرىسىدا تەتقىقات»، «تۈگىمەس ناخشا، —شېئىر ئەمەسمۇ؟»، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»—رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مىتودىنىڭ مەھسۇلى»، «مەن ۋە شېئىرىيەت»، «ئەدەبىيات تارىخىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەھىپلىرى»، «شائىر ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى شېرىيەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تارىخىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر توغرىسىدا»، «ژورنالىست ئابلىمىت سادىق ۋە يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «شائىر مۇھەممەتچان راشىدىننىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسىدىكى خەلقچىلىق غايىسى ۋە شېئىرلىرىنىڭ خەلق قوشاقلىرى ۋە بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا»، «ئۇستاز شائىر مۇھەممەت رەھىم ئاكىنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى ئىلمىي ئىنتىزامچانلىقى»، «مول مېۋىلىك ئۆتكەن ئەللىك يىل»، (ئاتاقلىق ئالىم ئىمىن تۇرسۇن توغرىسىدا)، «ئۇيغۇرلاردا ئەدەبىي تەرجىمە ۋە ئاتاقلىق تەرجىمان توختى باقى» ، «شېئىر دېگەن نېمە؟» «ئەلشىر نەۋائى غەزەللىرىدىكى شېئىرىي غۇۋالىق» قاتارلىق ئىلمىي ماقالە ۋە دېسىرتاتسىيەلىرى ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئىنتايىن مول ۋە قىممەتلىك مەنىۋى مىراسلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
      مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئىدى.
    مەرھۇم قۇربان باراتنىڭ شېئىرلىرى، تېما دائىرىسىنىڭ كەڭرىلىكى، ئاكتىۋاللىقى، ھېسىياتىنىڭ قايناق، شېئىرى پىكىرلىرىنىڭ چۇڭقۇرلۇقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلانغان، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە ئىجادىيەتتىن توختىمىغان ھايات بولۇپ مەرھۇم بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى ئەمگەكلىرى، ئىزدىنىشچان ئىجادىيەت روھى بىلەن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ.

   


شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرياتى

2016-يىلى 3-ئاينىڭ6-كۈنى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-16 09:21:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆچتى يۇلتۇز كۆكنىڭ قەھرىگە

(ئاتاقلىق لىرىك شائىر قۇربان باراتقا مەرسىيە)

زۇلپىيە ئىمام مۇھەممەد تامچە


كۈۋەجىدى دىللاردا ھەسرەت،
ئاڭلانغاندا قايغۇلۇق خەۋەر.
يىغلار ئاسمان، يىغلار تەبىئەت،
قۇياشمۇ يۈز ئاچمىدى سەھەر.

سولدى بۈگۈن گۈلباغلارمۇ ھەم،
يۈرىكىنى ئۆرتەپ جۇدالىق.
تۇتتى ماتەم چوققۇلارمۇ تەڭ،
دەريا ئاقار مۇڭلۇق پىغانلىق.

ماڭغان تېخى ئەمدى تەمتىلەپ،
كەچكۈز پوسما كىيگەن بۇۋاقلار.
لىرىكىڭىز بىزنى يىتەكلەپ،
ئاچقان ئىدى يېڭى بۇلاقلار.

قۇشۇلدىڭىز يۇلتۇزغا كۆكتە،
كەتتى چىللاپ سىزنى پەرىزات.
شولا چېچىپ يوللارغا تۈندە،
قەلبىمىزدە سىز مەڭگۈ ھايات.



2016- يىلى 6- مارت  ئۇچتۇرپان.
ۋاقتى: 2016-3-16 17:40:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆردى
( مەشھۇر شائىر قۇربان باراتقا نەزىرە)

ئابلاجان بوۋاقى

جاھان ئەييامىدا قۇربان بارات كەبىي دەۋراننى كىم كۆردى؟
ئىشق بارىگاھىدا كۆيگەن يېڭىلمەس خاننى كىم كۆردى؟
ئەزەلدىن ۋارىسى ئەجداد ياشار شۇنداق كىرىپ قەدنى،
ئىرادەت ئارمىنى بىرلە يېشىل خاماننى كىم كۆردى؟
ئۇنىڭ باغرىدا كۆكلەيدۇ تۈمەن يىل چاڭقىغان يانتاق،
قىزىلگۈل بەرگىگە تامغان نامايان قاننى كىم كۆردى؟
ئېسىل كۆڭلى ئىدى يۇمشاق، يىراقتا شۇمبۇيا-قامغاق،
ۋەتەنگە جان پىدا قىلغان پەخىرلىك جاننى كىم كۆردى؟
ئىشەنمەي شۇم خەۋەرلەرگە قۇلاقىم يوپۇرۇپ يۈرگەن
ئىدىم، ئەمدى قىلاي قانداق، گۆھەر لىق كاننى كىم كۆردى؟
ياقامنى تۇتقىنىم تۇتقان، ئاغام دىلنى ئەجەپ ئۇتقان،
ۋەتەن دەل دەرد-پىغان يۇتقان، ئۇ ياڭلىغ شاننى كىم كۆردى؟
بوۋاقى ئاھى يەتكەندۇ پەلەكككە، بەلكى ئاشقاندۇر،
تېنچ يات قەبرىگاھىڭدا، بۈيۈك ئىنساننى كىم كۆردى؟!...
2016-يىل، قەشقەر
ۋاقتى: 2016-3-18 12:06:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قار گۈلى توزۇپ كەتتى ۋاپاتىڭدىن
(شائىر قۇربان باراتقا مەرسىيە)

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

1
توغراقلار كېسىلگەندە سەن يىغلىغان،
توغراقلار كۆيۈپ كەتتى ۋاپاتىڭدىن.
«قار گۈلى»توڭلىغاندا سەن مۇزلىغان،
قار گۈلى توزۇپ كەتتى ماماتىڭدىن.

«كەپتەرۋاز»كەپتەرلەرنى دانسىز قويدى،
كەپتەرلەر بەلكى داننى رەت قىلىشتى.
شېئىرنىڭ خىياللىرى جاندىن تويدى،
سەن كېتىپ ھايات ئېغىر تىن ئېلىشتى.

ھاياتنىڭ گۈلىستانى خازانغا يار،
نەدە ئۇ ئۆزۈڭ يازغان«يېشىل ھايات»؟
ئاق باغلاپ«ئاق روماللىق پەرىزات»لار
يىغلايدۇ قېنى سەن دەپ قۇربان بارات...؟

ئاسىيا ئاسمىنىدىن ئۆچتى يۇلتۇز،
تاۋۇتۇڭ مېڭىلغاندا گۈلساي تامان.
پۇشكىننىڭ قەلبى كۆيۈپ بولدى قۇندۇز،
مۇسىبەت رەڭگىمىزنى ئەتتى سامان.
2
بىر كېچە ھەمسۆھبەتتە بولغان ئىدىم،
ئىلىنىڭ مەئىشەتلىك باغلىرىدا.
مەي بولغان ھېكمەتىڭدە تولغان ئىدىم،
يۇيۇنۇپ شېئىرنىڭ گۈل- ياغلىرىدا.

چاپچالدا سەككاكىنى يوقلىغاندا،
ھەزرەتنىڭ مەقبەرەسى سالام بەرگەن.
بىز ئىلھام يالىرىنى ئوقلىغاندا،
مىسرالار كۆڭۈللەرگە گۈللەر تەرگەن.

شامالدەك ئۆتۈپ كەتتى يىگىرمە يىل،
كۆرۈشۈش نىسىپ بولماي يەنە بىر رەت.
پەزلىڭنى تۇمار ئەيلەپ يادلىدى تىل،
دەرىخا! ئۆرۈلمىدى ئىككىنچى بەت.

ئۈن-تىنسىز كېتىپ قالدىڭ پادىشاھدەك،
نەۋكەرسىز ئەمەس ئىدىڭ شېئىرىيەتتە.
بىز قالدۇق«تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش»تەك،
غېرىپلىق قورشاپ دىلنى مۇسىبەتتە.

بىر تىلەك:مەنزىلگاھىڭ بولغاي نۇرلۇق،
ئەجرىڭنىڭ مۇكاپاتى ئېچىپ كۆرەك.
ئۆز ئەمەس ئەلگە تۆھپە قوشقان ئۇلۇق،
تۆھپەڭگە گۇۋاھ ئەبەد بىزنىڭ يۈرەك!...
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى(يەكشەنبە)،گۇما-قىزىل بىنا.

ئىزاھات:
قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىرى شائىرنىڭ مەشھۇر شېئىرلىرىنىڭ نامى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 00:12:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       
ئۆزىگە چۆكتى، ئۆزىدىن چىقتى
-شائىر قۇربان باراتقا مەرسىيە -

ئابلەت ئەخمەت

ئەرگە خاس ئەركەكلىكنى جەۋلان قىلدۇرۇپ،
ياراتتى بىر پارچە يىشىل دۇنيانى.
ھاڭ-تاڭ قالدۇردى،ھەسرەتكە قويدى،
كەچتى سانسىز قاراڭغۇ دەريانى.

شۇنچە يىللار داۋراڭسىز ياشاپ،
بىر چوققىدا يۇمدى كۆزىنى.
ئۆزىنى تاغ دەپ يۈكسەك بىلگەنلەر،
قايتا كۆرسۇن ئۇنىڭ ئىزىنى.

ئۇنىڭ گۈلخانلىرىدا كۆيسەڭ ئەرزىيدۇ،
ئۇنىڭ دولقۇنلىرىدا ئۈزسەڭ ئەرزىيدۇ،
ئۈمىت،جاسارەت،ھۆرلۈك،گۈزەللىك...
يالقۇنلىرىدا ئۆلسەڭ ئەرزىيدۇ.

سەن خىيال قىلغۇچە ئۇ يېتىپ بولغان،
سەن قەلەم ئالغۇچە ئۇ يېزىپ بولغان،
سەن ئاياق كىيگۈچە تىخى ئۆيۈڭدە،
ئۇ تالاي چۆللەرنى كېزىپ بولغان.

ئۇنىڭ مىسرالىرىنى ۋاراقلا بىر-بىر،
قىزغىنىش ئىلكىدە قىلىسەن ھەۋەس.
«ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»-
«يوقالماس پەلەستىن»...
بۇ چوققىلارغا يىتىشمەس نەپەس.

ئۇنىڭ دۇنياسىغا شۇڭغۇپ بولغۇچە،
بۇ دۇنيادىن بولدى ئۇ غايىپ.
ئۆزىگە چۆكتى، ئۆزىدىن چىقتى
يىنىمىزدىلا ياشاپ ئاجايىپ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-5-12 14:56 , Processed in 0.500323 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش