چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 585|ئىنكاس: 1

يازغۇچى مويدىن سايىت ۋاپات بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
يازغۇچى مويدىن سايىت ۋاپات بولدى

bostan.jpg

    پىشقەدەم يازغۇچى، ژۇرنالىست، فولكلورشۇناس مويدىن سايىت ئەپەندىنىڭ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچە سائەت 12 لەر ئەتىراپىدا كورلا شەھىرىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 81 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن، ئۇرۇق -تۇققانلىرىدىن سەمىمى ھال سورايمىز. مەرھۇم مويدىن سايىت ئەپەندىنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى، بايىنغولىن شۇنداقلا ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ئەدەبىياتسەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەرھۇم بىزگە تەقدىم قىلغان قىممەتلىك مەنىۋىي ئەمگەكلىرى بىلەن قەلبىمىزدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ.
    مويدىن سايىت 1935-يىلى 5-ئايدا كورلا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1952-يىلى قاراشەھەر پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ كورلىدا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «بوستان» (ھازىرقى «كروران») ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ، 1995-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
    مەرھۇم مويدىن سايىت، 1959-يىلى «شىنجاڭ ياشلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «سەيلە قىلىلى ئايغا» ناملىق شىئېرى بىلەن ئۆز ئىجادىيىتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ قىرىق نەچچە يىللىق ئەدەبىي پائالىيىتىنى ئىجادىيەت، ژۇرنالچىلىق، فولكلورشۇناسلىق، لوپنۇرشۇناسلىق قاتارلىق جەھەتلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
مەرھۇم مويدىن سايىت ئىجادىيەت ھاياتىدا شىئېرىيەت، پروزا، دىرامما قاتارلىق ژانىرلاردا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان ئىدى. ئۇ ژۇرنالچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئون بەش يىل جەريانىدا، بايىنغولىندىن ئىبارەت بۇ نەشپۈتزارلىقتا، ياپ-يېشىل بىر ئەدەبىيات بوستانلىقىنى بەرپا قىلىش، ياش ۋە ئۈمىدلىك يازغۇچىلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ھالدا كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، زور نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، «بوستان» (ھازىرقى «كروران») ژۇرنىلىنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا ئاساس سالغان ئىدى.
    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئەدەبىي پائالىيىتى، ئۇنىڭ لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، نەشرگە تەييارلاش، تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىدە كۆرىلىدۇ.1984-يىلى ئۇ توپلاپ نەشرگە تەييارلىغان «لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى» («ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى»نىڭ 5-كىتابى)، 1991-يىلى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»نىڭ 15-كىتابى (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن) نەشر قىلىنغان ئىدى. مەرھۇم 1990-يىلى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئۈچ توپلام ئىشلەش تەھرىر ھەيئەتلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئۈچ توپلام ئىشلەشكە رەھبەرلىك قىلىش ھەيئىتىدە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ، 1993-يىلى مۇشۇ ساھەدە «مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان ئىدى.
    مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا بىزگە «ھايات باھارى» (باشقىلار بىلەن بىرگە)، «باشئەگىم نەزمىلىرى» (باشقىلار بىلەن بىرگە)،«لوپنۇر ئەسلىمىلىرى»، «مىنكۇن باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى»،«كروراندىكى ئىزچىلار» قاتارلىق كىتاپلارنى تەقدىم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ «بۇلبۇل» ناملىق باللادىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، ئۆزىمۇ 5-قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش پائالىيىتىدە «مۇنەۋۋەر مۇھەررىر»لىك شرىپىگە نائىل بولغان ئىدى.
    مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا يەنە جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت – تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ھاياتى،بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلانغان ھايات بولۇپ، مەرھۇم ۋاقىتسىز بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ قالدۇرغان ئەسەرلىرى، چىن ئادىمىيلىك خىسلەتلىرى بىلەن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ.

                                            ئېھتىرام بىلەن!


شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى


چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-24 00:07:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆھتەرەم ئۇ ئەلنىڭ قەلبىدە
مەرھۇم ئۇستاز مويدىن سايىتقا بىغشلايمەن

ۋارسجان ئ‍اتاخان

قۇربان بارات تۈگەپ كۆپ ئۆتمەي
ئارىمىزدىن كەتتىڭ ئاشۇنداق
كىرۇراندىكى ئاشۇ ئېزچىلار
ھازا ئىچىپ يىغلايدۇ شۇنداق

تونۇلغانتى لوپنۇر سەن بىلەن
جاھانغىچۇ بولۇپ مۇقەددەس
كۆز يەتكۈسز كۆپكۈك قۇملۇقلار
چۈمدى بۆگۈن سۈكۈتكە پەۋەس

ئىلى،ئالتاي،پامىر تېغىمۇ
قىسمىتڭگە ئىچندى ئەجەپ
كەتتى ئۇستاز دەيدۇ يەر-زېىمىن
ئۆز قوينىغا ئالغانچە ئەجەپ

ئۇستاز يازغان ھەر توم،ھەركىتاب
چاقناپ تۇرغان گۇھەردۇر بىزگە
ۋاقىتسزلا كەتكىنى بىلەن
مۆھتىرەم ئۇ ئەلنىڭ  قەلبىدە

23-مارت قوغوشلۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-6 23:56 , Processed in 0.223115 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش