نۇردەك تارايسەن
ئابلىكىم تالىپ
( سونېتلار)
(1)
قامىتىڭنى تەسۋىرلەشكە تاپالمىدىم سۆز،
ناۋائىينىڭ دېۋانىنى نەچچە ئاختۇرۇپ.
سۈرىتىڭنى سىزالمىدىم جېنىم قاراكۆز،
ئەگەر سىزسام قالمىسۇن دەپ ياتلار ياقتۇرۇپ.
خىسلىتىڭنى ماختاپ تۇرۇپ يازمىدىم غەزەل،
تولۇن ئايدەك گۈزەللىكىڭ كۆڭلۈمگە ئايان.
سەن قەلبىمنىڭ ئاسمىنىدا پارلىغان زۈھەل،
تەرىپىڭنى ھىچ كىشىگە قىلماسمەن بايان.
يۈرىكىمنىڭ قات-قېتىدىن سۆيىمەن سېنى،
ئەقىدەمنى كۆرىۋالغىن نۇرلۇق كۆزۈمدىن.
ئەللەر دائىم كەمسۆز دېسە مەيلىغۇ مېنى،
مىڭلاپ
داستان تۆكىلىدۇ ھەربىر سۆزۈمدىن.
لاتاپىتىڭ چاقناپ تۇرغان تۈن بولماس ناھار.
مىھرىڭ ئىللىق نۇر تاراتقان مەڭگۈلۈك باھار.
(2)
خىيالىمدىن چىقماس ئەسلا ئاشۇ چىغىر يول،
سەن كېلەتتىڭ چىمەنلەردە گۈلدەك پورەكلەپ،
ماڭارمىزمۇ شۇ يوللاردا تۇتۇشقانچە قول،
بىر شاختىكى غۇنچىلاردەك كۈلۈپ، چېچەكلەپ.
جىرالاردا قوشۇلغاندەك سۈزۈك ئېقىنلار،
قاچانلاردا بىز ئاقارمىز باغلارغا قاراپ.
بېشىمىزدا چېقىلسىمۇ قارا چېقىنلار
يۈرەكتىكى سۆيگۈ ئوتى كەتمەيدۇ تاراپ.
ئۇچرىشارمىز ھامان بىر كۈن گۈلنىڭ تۈۋىدە ،
تاڭ ئاتقۇچە پىچىرلىشىپ، ئارمانغا يېتىپ.
شەپەق كۆيەر لاۋىلدىغان ئوپۇق لېۋىدە،
خىجىللىقتا ئايمۇ كېتەر مەغرىپكە پېتىپ.
ھىجران مېنى قىينىمىسۇن، قىلىپ ئىنتىزار،
كۆك كەپتەردەك ئۇچۇپ كەلگىن يېنىمغا دىلدار.
(3)
ئىزدەپ كەلسەم كەلگىنىمگە قىلماستىن پەرۋا،
كەتكىنىمدە كۆزلىرىڭنى ئۈزمەي قارايسەن.
قىلىۋالدىڭ يۈرىكىمنى ئۆزۈڭگە شەيدا،
ھەر بىر باقساڭ ۋۇجۇدۇمغا نۇردەك تارايسەن.
راست گېپىڭنى ئىيتساڭ ئەگەر بالدۇرراق ماڭا،
ھاياجاندا كۈلۈپ تۇرۇپ قۇچاق ئاچاتتىم.
سادا قەتنىڭ غۇنچىسىنى تۇتۇپ مەن ساڭا،
يوللىرىڭغا دەستە-دەستە گۈللەر چاچاتتىم.
ئاشۇ كۈنلەر قاچان بىزگە بولاركىن نىسىپ،
ئۆتمەكتىمەن زارىقىشتا خىيالغا چۆكۈپ.
ئاناڭ بەرگەن تۇمارىڭنى بوينۇڭغا ئېسىپ،
مەندىن قېچىپ پىنھانلارغا يۈرەمسەن مۆكۈپ.
ئاشىق بولساڭ ماڭا بىررەت كۈلۈپ باققىنە.
قاغجىرىغان بۇ تېنىمگە ئوتنى ياققىنە.
(4)
ناخشا ئىيتساڭ سەھەرلەر دە كاككۇكتەك سايراپ،
ئۇچۇپ كېلەر يىراقلاردىن گۈزەل ئاۋازىڭ.
ئۈنىڭ يەتسە قۇلىقىمغا كېتىمەن يايراپ،
سۆيۈندۈرەر لاچىنلاردەك قىلغان پەرۋازىڭ،
كۈيلىرىڭدىن بىھۇش بولۇپ كېتىمەن جېنىم،
تەشنالىقتا مۇڭغا پېتىپ سولغان ياپراقتەك.
ھەر ئاڭلىسام تومۇرىمدا ئۆركەشلەر قېنىم،
ئېقىنلارغا قۇچاق ئېچىپ ياتقان تۇپراقتەك.
ياڭراپ تۇرسۇن شۇ ئاۋازىڭ قالماستىن ئۆچۈپ،
قاندۇرغايسەن ساڭا تەشنا مىسكىن دىلىمنى.
زىمىستاندا باغلىرىمدىن كەتمىگىن كۆچۈپ،
ئەگەر كەتسەڭ مەن قالارمەن چايناپ تىلىمنى
ھەر سەھەردە ياڭراپ تۇرسۇن گۈزەل ئاۋازىڭ.
قانات قاققىن، كۆككە يەتسۇن سېنىڭ پەر ۋازىڭ.
(5)
ئېلىپ كەلسە خەتلىرىڭنى قۇشلار تاڭ سەھەر،
خۇشاللىققا چۆمۈلگەنچە سۇندۇم قولۇمنى.
كۈن پاتقىچە يارىم سەندىن كەلمىسە خەۋەر،
ئاتتەك چېپىپ ئۇپۇق تامان ئالدىم يولۇمنى.
تورىسىمۇ ھەر قەدەمدە خەتەرلىك تاغلار،
سېنى كۆرۈش ئىستىكىدىن ئەسلا يانمىدىم.
ماڭا ئانار بەرگەن بىلەن لالىزار باغلار،
ئەي دىلبىرىم، ئۇسسۇزلۇققا ئەسلا قانمىدىم.
ھايات شامىم ئېرىگىچە ئىزدەيمەن سېنى،
تاشلانساممۇ دەريالارغا تاھىردەك ئېقىپ.
جۇدالىقنىڭ قاينىمىدىن قۇتقازغىن مېنى
قان تامچىغان يۈرىكىمگە باغرىڭنى يېقىپ.
پىراقىڭدا مېنى داغلاپ قىينىساڭ مەيلى.
ھامان بىر كۈن گۈل بېغىڭدا قىلىمەن سەيلى.
«تارىم» ژورنىلى 2012-يىلى 9-سان