چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 4

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر:تۇققان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇققان

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

بىر قورادا بىربۆشۇكتە چوڭ بولدۇق
چوڭ بولغىچە كۆپ ئىشلارنى تەڭ كۆردۇق
ئىشەك مىنىپ جەڭ ئويندۇق بىر چاغلار
دادام ئىشەك بولۇپ بەرسە بىز مىندۇق

كونا ئىدى ئولتۇرغان ئۆي بەك سوغاق
بىر يوتقاندا تەڭ ياتقانتۇق يوتقان يوق
ئوماچقىمۇ زار بولغانتۇق بىر چاغلار
باشاقنمۇ تېرگەنتۇق ئاش نان يوق

ئىسىڭگە ئال شۇ كۇنلەرنى بىر تۇققان
يەتكەن ئىددى شۇ كۇنلەردە بىر يوتقان
تىزىپ قويدۇم مەن ئۆيۈمگە ئون يوتقان
قۇنالمايدۇ نىچۇن كىلىپ بىر تۇققان

پۇل كورگەندە سۇسلاشتمۇ مۇھەببەت
ئانامتىغۇ قىرىنداشنى جەم قىلغان
سەن يوق دەيسەن مەن توقلىقتائوينايمەن
پۇل سورساڭ يوق دەپتمەن بىر تۇققان

مەن يىقلسام سەن تاڭسەن ئىڭەكنى
سەندىن ئاياپ نىمە قىلاي ئېشىمنى
سەن ئۆيۈڭدە زاغرا يىسەڭ پۇل يوق دەپ
مەن ئۆيۈمدە قانداق يەيمەن پولۇنى

بەخىت كەلسە ساڭا كەلسۇن قىرىنداش
ماڭا بەرسۇن ساڭا بەرگەن جاپانى
نىمە كورسەك تەڭ كۆرەيلى تەڭ يەيلى
قالما ئۇنتۇپ بىر تۇققۇنۇم ئۆيۇمنى

مەن ئاغرسام سەن يوقلايسەن بىر تۇققان
مەن ئۆلگەندە سەن كۆمسەن بىر تۇققان
قېرىنداشلىق مېھرى ئۇلۇغ چۇشەندىم
جان بەرسەممۇ ئەرزەر ساڭا بىر تۇققان



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-13 09:45:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقتىكى تۇققانلار چوڭغاندىكى تۇققانلارغا ئوخشىمايدىكەن.بەلكىم ھايات قايناملىرى شۇنداق قىلىۋەتسە كېرەك.


ۋاقتى: 2016-2-13 13:46:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
udun يوللىغان ۋاقتى  2016-2-13 09:45
بالىلىقتىكى تۇققانلار چوڭغاندىكى تۇققانلارغا ئوخشىما ...

شۇنداق،ئادەمنىڭ بالىلىق،ياشلىق،قىرانلىق،قېرىلىق  باسقۇچلىرىدىكى تۇغقانلارغا بولغان پوزۇتسىيىسى ئوخشاش بومايدىكەن.


ۋاقتى: 2016-3-8 11:16:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسلى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرى ئەمەسكەن. بۆرىتالالىق جۈرئەت نىزامنىڭ شېئىرى ئىكەنغۇ.


ۋاقتى: 2016-3-9 01:46:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەمەسكەن ، بۇ ھەقتە ئۈندىداردا بەس-مۇنازىرە قىززىپ كەتتى . مۇمكىن بولسا ئەسلى ئاپتۇر نامىدا يوللىساق ، ياكى بولمىسا بۇ تېمىنى ئۆچۈرۋەتسەك.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:05 , Processed in 1.317228 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش