چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 0

توشقان بۆرىنى قانداق يۈتىۋەتتى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
توشقان بۆرىنى قانداق يۈتىۋەتتى؟

سىرلىق سودا مەخپىيىتى
سىرلىق سودا مەخپىيىتى: توشقان قانداق قىلىپ بۆرىنى يۇتىۋەتتى؟ جاۋاپنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكى بەش ھىكايەتتە.
بىرىنجى ھىكايەت:
خادىملارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى، مۇھىمى سىزنىڭ كىمگە ئەگەشكەنلىكىڭىزدە.
توشقان بىر تاغ ئوڭكۈرى ئالدىدا ماقالە يېزىپ ئولتۇرسا، بىر بۆرە كېلىلپ سوارپتۇ: «سەن نىمە يېزىۋاتىسەن؟» توشقان جاۋابەن: «توشقاننىڭ قانداق قىلىپ بۆرىنى يۈتىۋەتكەنلىگى توغرىسىدا تەھلىل» دىگەن ماقالىنى يېزىۋاتىمەن.
بۆرە بۇنىڭغا ئىشەنمەي قاقاقلاپ كۈلۈپ توشقاننى مەسخىرە قىپتۇ. توشقان بۆرىنى ئۆڭكۈرگە باشلاپ كىرىپتۇ. بىردەمدىن كىيىن، توشقان ئوڭكۈردىن يالغۇز يېنىپ چىقىپ داۋاملىق ماقالىسىنى يېزىۋېرىپتۇ.
بىر مەزگىلدىن كىيىن ياۋا توڭگۇز بۇنى كۆرۈپ سوراپتۇ: «سەن نىمە يېزىۋاتىسەن؟». توشقان جاۋابەن: «توشقان قانداق قىلغاندا ياۋا توڭگۇزنى يۇتىۋېتەلەيدۇ؟». ياۋا توڭگۇزمۇ ئوخشاشلا ئىشەنمەي توشقان بىلەن ئوڭگۈرگە كىرىپتۇ.
ئۆڭكۈر ئىچىدە شىر بىر دۆۋە بۆرە سۆڭىكىنى دۆۋىلەپ قويۇپ،ياۋا توڭگۈز گوشىدىن ھوزۇرلانغاچ، رازىمەنلىك بىلەن توشقان تاپشۇرغان ماقالىنى ئوقىۋاتاتتى __ «خادىملارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى، سىزنىڭ كىمگە ئەگەشكەنلىكىڭىزگە باغالىق».
تەھلىل:
بىر ئادەمنىڭ غەلبىسى سىزنىڭ نىمە قىلغانلىقىڭىزدا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ كىمگە ئەگەشكەنلىكىڭىزدە. سىزنىڭ قانچىلىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىڭىزدە ئەمەس، سىزنىڭ تۇرىۋاتقان سۇپىڭىزنىڭ چوڭ كىچىكلىگىدە.
ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە تاللاش. تاللاش خاتا بولسا، ھەرقانچە چوڭ تىرىشچانلىقمۇ نۆلگە تەڭ. سىز توغرا تالاش ئېلىپ بارماقچى بولسىڭىز، سىز تۇرىۋاتقان سۇپا ۋە خوجايىنىڭىزنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى ياخشى چۈشىنىشىڭىز لازىم.
ئىككىنجى ھىكايەت:
سېتىپ چىقىرىش خادىملىرى قانداق قىلىپ ئابونت تەرەققى قىلدۇرۇپ، خوجايىن ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
توشقان ئىھتىياتسىزلىقتىن مەخپىيەتلىكنى ئۆزىنىڭ دوستىغا دەپ سالدى، بۇ مەخپىيەتلىك پۈتكۈل ئورمانغا تاراپ كەتتى. شىر ناھايىتى غەزەپلىنىپ: «ئەگەر بۇ ھەپتىدە ماڭا يىگۈدەك نەرسە ئېلىپ كېلەلمىسەڭ، مەن سېنى يەيمەن» دىدى.
توشقان يەنە داۋاملىق ئۆڭكۈر ئالدىدا ماقال يېزىۋەردى. بۇنى كۆرگەن بۇغا چېقىشىپ سورىدى: « سەن نىمە يېزىۋاتىسەن؟» توشقان جاۋابەن: « توشقان بۆرىنى قانداق يۇتىۋەتتى؟». بۇغا زاڭلىق قىلىپ «بۇ قىلتاقنى ئورمانلىقتىكى ھەممە ئادەم بىلىپ كەتتى، سەن يەنىلا بۇ ئويۇننى ئويناۋاتامسەن؟»
توشقان: «بۇنى ئورماندىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىپ كەتكەچكە، مەن شىرنى باقالمىدىم، شۇڭا بالدۇر پىنسىيەگە چىقماقچى، شىر ماڭا بىر ياخشىراق خادىم تېپىپ ئورنۇمغا تەيىنلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. سەن بۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشنى خالامسەن؟» بۇغىنىڭ بۇنداق ياخشى پۈرسەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمىدى، توشقانغا ئەگىشىپ ئوڭكۈرگە كىردى.
توشقان يەنە داۋاملىق ماقالىسىنى يېزىۋەردى. ئوڭكۈردە شىر چىشىنى كوچىلىغاچ، توشقاننىڭ يېڭى تاپشۇرغان ماقالىسىنى ئوقىۋاتاتتى « سېتىپ چىقىرىش خادىملىرى قانداق قىلىپ ئابونت تەرەققى قىلدۇرۇپ، خوجايىن ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ».
تەھلىل:
مەخپىيەتلىكىڭىزنى ئالدىراپ باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويماڭ، ئاشكارىلاندىمۇ، دەرھال ماس ھالدىكى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش چارىسى بولىشى كېرەك. خادىملار چوقۇم توختىماي خوجايىنغا قىممەت يارىتىپ بېرشى لازىم، سىزنىڭ ياراتقان قىممىتىڭىز، سىزنىڭ خوجايىندىن ئېرىشكەن قىممىتىڭىزدىن ئاز بولۇپ قالغان ۋاقىت، سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىزنى بوشىتىدىغان مەزگىلىڭىزدۇر.
ئۈچۈنجى ھىكايەت:
قانداق قىلىپ بىكىنمە تىجارەتنى ئاكتىپ تىجارەتكە ئۆزگەرگىلى بولىدۇ
شىر بارخانسىرى يوغىناپتۇ، نەپسىمۇ بارخانسېرى زورىيىپتۇ. توشقاننىڭ تەمىنلىگەن ئوزۇقلىغى شىرنى تويدۇرالماپتۇ. شىر توشقاننى چاقىرىپ: « مېنىڭ ئىشتىھارىم ھەسسىلەندى، بۇرۇن 5 كۈندە بىر بۇغا ئوزۇقلۇق قىلاتتىم، ھازىر ھە ئىككى كۈندە بىرنى ئۇزۇقلۇق قىلىمەن، بىر ھەپتە ئىچىدە بۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ھەل قىلمىساڭ،مەن سېنى يەۋىتىمەن» دىدى.
توشقان ئامالسىز ئوڭكۈردىن ئايرىلىپ ئورمانغا كىردى، ئۇ بىر تاغ ئۆچكىسىنى كۆرۈپ: «بىر توشقاننىڭ بىر بۆرىنى يۈتىۋېتەلەيدىغانلىغىغا ئىشىنەمسەن؟» تاغ ئۆشكىسى ئىشەنمىدى، توشقان ئۇنى ئوڭكۈرگە باشلاپ كەلدى. ئەسلىدە ئورماننىڭ ئىچكىرىسىدە يەنە نۇرغۇن ھايۋانلار توشقان بىلەن شىرنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى.
شىر ئوڭكۈردە رازىمەنلىك بىلەن چىشىنى كوچىلاپ توشقاننىڭ يېڭى ماقالىسىنى داۋاملىق ئوقۇۋەردى. « قانداق قىلىپ بىكىنمە تىجارەتنى ئاكتىپ تىجارەتكە ئۆزگەرگىلى بولىدۇ».
تەھلىل:
ئۈزلىكسىز ھالدا يېڭى بازار ئېچىپ، توختىماي يېڭى سودا ئەندىزىلىرىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى سودا تاكتىكىلىرىنى تۇزۈپ چىقىش لازىم. سىز پەقەتلا باشقا ئامال تاپالمىغاندا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، بېكىنىۋالغان ئورنىڭىزدىن كەڭرى ئورمانغا سەپەر قىلىڭ.
تۆتىنجى ھىكايەت:
ئىستىرادىگىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ ___ توشقان قانداق قىلىپ شىرنىڭ كۈچىدىن پايدىلانغان؟
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن، شىر ئۇزۇن مۇددەت ھەركەت قىلماي يېتىپ بارغانسىرى سەمىرىشكە باشلاپتۇ، بىر كۈنى ئۇ سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بوپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ شۇنى بايقاپتىكى ئوڭكۈرنىڭ ئاغزى كىچىك، ئۇ ئۆڭكۈردىن چىقالماپتۇ.
توشقان ئۆڭكۈر ئاغزىدا تۇرۇپ شىرغا:«بۈندىن كىيىن ئالىلىرى، ئۆزلىرىنى مالال قىلمىسىلا، ھەممە ئىشلىرىنى مەن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەي، سىلى ئاۋارە بولمىسىلا، ھەممە ئىشنى ماڭا قويۇپ بەرسىلە. بولمىسا سىلى ئاچ قالىلا» دەپتۇ. شىر ئامالسىز:« بولىدۇ، سەن بۇندىن كىيىن، ماڭا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بەرسەڭلا، مەن سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاي» دەپتۇ.
بۇ ۋاقىتا شىر توشقاننىڭ يېڭى ماقالىسىنىڭ تېمىسىنىڭ « ئىستىرادىگىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ ___ توشقان قانداق قىلىپ شىرنىڭ كۈچىدىن پايدىلاندى؟» ئىكەنلىگىنى بايقاپتۇ.
تەھلىل:
شىر ئۈچۈن خاتىرجەم يەپ ياتىدىغان موھىتنى بەرپا قىلىش، شىرنىڭ ھەيۋىسى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئورماندىكى تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش، باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۈچلەندۇرۇش، ئاخىرىدا كونتوروللاش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش. بارلىق قۇربانلىقلار بۇ نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بۇ ئەرزىيدىغان قۇربانلىق ۋە نەتىجە.
بەشىنچى ھىكايەت:
تاغ ئارقىسىدا تاغ بار، كۈچلۈكلەر ئىچىدە كۈچلۈكلەر مەۋجۈت.
توشقاننىڭ ئورماندا نامى چىقىپتۇ، تەسىر دائىرىسى زورىيىپتۇ. ئورماندىكى ھەممىسى ئۇنىڭ ئارقا تىرىكىنىڭ كۈچلۈكلىگىنى، ھەم ئۇنىڭ خوجايىنىنىڭ ئۇنىڭ گېپىنى يىرمايدىغانلىغىنى بىلىپ يېتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن توشقان زوراۋانلىق قىلىشقا باشلاپتۇ، چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەي، كىچىكلەرنى ئانى تېپىپ كۆرەڭلەپتۇ، بىر كۈنى ئوۋچى قاپقان قۇرۇپ توشقاننى تىرىك تۇتىۋاپتۇ.
تەھلىل:
تەكەبۇرلۇقتا ئۆزىنى يۇقۇتۇپ، ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم.
ئالتىنجى ھىكايەت:
خوجايىن بولۇش ئۈچۈن ئاۋال، خادىملارنى قانداق قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشنى بىلىش لازىم.
ئورمان بۇرۇنقى تىنىچلىققا قايتىپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن توشقاننىڭ بۆرىنى يەۋەتكەنلىك ھىكايىسىنى ھەممە ئۇنتۇپ قاپتۇ.
بىر مەزگىلدىن كېيىن، بىر يولۋاس بۇ ھىكايىدىن ئىلھام ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر تاغ تېكىسىنى تۇتىۋىلىپ دەپتۇ: «ئەگەر سەن ئەينى ۋاقىتتىكى توشقاندەك ماڭا ئوزۇقلۇق تېپىپ بېرەلىسەك، سېنى يىمەيمەن.»
تاغ تېكىسى يولۋاسنى ئوڭكۈرگە باشلاپ كەپتۇ. يولۋاس ئوڭكۈردە ئۈچ كۈن ساقلىسىمۇ تاغ تېكىسى ئوزۇقلۇق ئەكىرمەمتۇ.
تەخرىسى توشقان يولۋاس غەزەپ بىلەن ئوڭكۈردىن چىقىپتۇ. چىقىپ قارىسا تاغ تېكىسى ئاللا بۇرۇن كېتىپ قالغان، پەقەت بىر پاچە ماقالە قالدۇرۇپ قويغان ئىدى. « خوجايىن بولۇش ئۈچۈن ئاۋال، خادىملارنى قانداق قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشنى بىلىش لازىم»
تەھلىل:
ئوخشاش سودا ئەندىزىسىنىڭ ھەممە ئادەمگە ماس كېلىشى ناتايىن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن پۈرسەت ۋە تەنەرقىدە بارغانسىرى ئۆزگىرىش بولىدۇ، قارغولارچە تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى، مەغلۇبىيەتتىن خالى بولمايدۇ.

CCTV پايچەك ئۇچۇرلىرىدىن ئېلىندى
غۇلجا شەھەر مىللىي كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى تاشپولات بىلال ئەلقۇت تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈردى
مەنبە: باغداش مۇنبىرى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:12 , Processed in 0.164089 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش