چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 0

شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

شېئىرلار (پوئىزىيە)
شېئىر- ئەدەبىي ژانىرلار ئىچىدە ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلگەن ژانىر بولۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ تۈپكى شەكلى. شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى كۈچلۈك ھېسسسىيات، مول تەسەۋۋۇر ياردىمى بىلەن ئەڭ ئىخچام، ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ مەزكەزلىك ھەلدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، چوڭقۇر شېئىرىي پىكىر، ئوبرازلىق تىل، يېقىملىق ئاھاڭ ۋە مۇئەييەن رىتىمغا ئىگە ئەدەبىي شەكىلنى كۆرسىتىدۇ.
شېئىرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
1)   شېئىر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ ئىخچام شەكلى بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى باشقا ژانىرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
2)   شېئىر كۈچلۈك ھېسسىياتقا ۋە باي تەسەۋۇرغا ئىگە. ھېسسىيات شېئىرنىڭ جىنى، تەسەۋۇر شېئىرنىڭ قانىتى.
3)   شېئىر تىل جەھەتتە ئىخچام، ئوبرازلىق، ئاھاڭدار بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئوبرازلىق بولۇش- بىۋاستە مۇنازىرە پاكىت سۆزلىرى كۆپ بولماسلىق دېگەنلىك.
تىلنىڭ ئاھاڭدار بولۇش ماس رېتىم، زۆرۆر بولغان قاپىيە بولۇش مەسىلىسىگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ شېئىرنى ئوقۇشقا ئەپلىك، ئاڭلاشقا يېقىملىق، تەسىرلىك قىلىپ بېرىدۇ.
شېئىرنىڭ تۈرلىرى
شېئىر مەزمۇن ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئاساسەن لىرىك شېئىر ۋە ئىپىك شېئىر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە: قۇرۇلمىسى ۋە شەكلىگە قاراپ ۋەزىنلىك شېئىر، ئەركىن شېئىر ۋە نەسىرىي شېئىر دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
لىرىك شېئىرلار- شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتىنىڭ شېرىئىي شەكىلدە بىۋاستە ئىپادىلىنىشىدۇر. ئوبيېكتىپ دۇنيادىن ئالغان سۇبيېكتىپ تەسىرات- چۈشەنچىسىنى تەسۋىرلەش ۋە ئۇنى ئەدەبىي تۈرلەرگە قارىغاندا بىۋاستە، ئىنىق ئىپادىلەش لىرىك شېئىرنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىدۇر.
ئۇ، شائىرنىڭ شېئىردا ئىپادىلىگەن ھېسسىياتى، ئوتتۇرغا قويغان پىكىرنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرىگە قاراپ سىياسىي لىرىكا، ئىنتىم لىرىكا، تەبىئىت لىرىكىسى، مۇھەببەت لىرىكىسى، قەسىدە، مەرسىيە، قوشاق ۋە ھەجۋىي شېئىر قاتارلىق بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
سىياسىي لىرىكا- شائىرلار جەمئىيەتنىڭ جىددىي تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ چوڭ سىياسىي- ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېما قىلغان، ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان سىنىپ ياكى گۇرۇھنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى، ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ۋە بايراقدارلىققا ئىگە. مەسىلەن: ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئايرىلمىغىل» دېگەن شېئىرى.
تەبىئەت لىرىكىسى- شائىرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىن ئالغان ھاياجانلىق ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئەت مەنزىرىسى توغرىسىدىكى شېئىرلارنى مەزمۇن جەھەتتىن ئومۇمەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئېسىتېتىك (گۈزەللىك) تېمىسىدىكى شېئىرلار دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: ئابدۇكېرىم خۇجىنىڭ «شارلار تېغى» دېگەن شېئىرى.
مۇھەببەت لىرىكىسى- مۇھەببەت ئاساسىي تېما قىلىنىپ كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت توغرىسىدىكى قارىشى، ھېس – تۇيغۇلىرى ئەكس ئەتتۈرىلىدىغان لىرىك شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مۇھەممەت راشىدىننىڭ «كەلسەڭ ئەگەر...»، «سەن يازغان خەتلەر» ناملىق شېئىرلىرى.
ئىنتىم لىرىكا- شائىرنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە باغلىق بولغان تۈرلۈك ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ گەرچە شائىرنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشىدەك كۆپۈنسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇنىڭ ئەكس ئەتتۈرگەنلىرى ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتقا، يانى ئۆز ۋەتىنى، ئۆز خەلقى، ئۆز سىنىپى ۋە پارتىيە، گۇروھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن: تاھىر تالىپنىڭ «چۈنكى مەن – ئادەم» دېگەن شېئىرى.
قەسىدە- مۇھىم ۋەقە ھادىسىلەرنى، شەخىسلەرنى مەدھىيلەش (ماختاش) خاراكتېرىدە يېزىلغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: تېۋىپجان ئېليوفنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل»، نىمشېھىتنىڭ «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى.
مەرسىيە- كۈچلۈك قايغۇ – ھەسرەت ۋە چوڭقۇر ماتەم – مۇسىبەتنى ئىپادىلەيدىغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. مەرسىيە جەمئىيەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئېغىر يۇقىتىش ھېسابلانغان ئاتاقلىق شەخىسلەر ۋە مەشھۇر ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان «ھازىدار بۇغدا بۈگۈن» ناملىق شېئىر.
ھەجۋىي شېئىرـ رېئال تۇرمۇشتىكى خەلق مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان ناچار ئادەم، يامان ئىللەت، قالاق ئىدىيە ۋە ھەر خىل بولمىغۇر قىلىقلارنى پاش قىلىش، مەسخىرە قىلىش خاراكتېرىدە يېزىلغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ھەجۋىي شېئىرلار ئادەتتە «ساتىرا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇمەن ھەجۋىي شېئىرلاىنڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى پاش قىلىش، ھەجۋىي قىلىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: ئەخمەدشاھ قاراقاشنىڭ «نەزەر مۇفتىغا خەت» دېگەن شېئىرى.
ئېپىك شېئىر- ھەر خىل كونكرېت ۋەقە ياكى پېرسۇناژلار تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىنىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىر قەدەر كەڭ، ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئېپىك شېئىرلار قەھرىمانلىق ھەققىدىكى قوشاقلار، سۇژىتلىق شېئىرلار، قىسسە (ئېپوسلار)، داستان (پوئېما)، باللادا، شېئىرىي دراما، شېئىرىي ئېيتىشىش، شېئىرىي مەسەل قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
سۇژىتلىق شېئىر- ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە بىرەر كىچىك ۋەقەلىك بايان قىلىنىپ يېزىلغان شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ «قۇچاقلا ئۇ- سېنىڭ داداڭ» دېگەن شېئىرى.
باللادا- تارىخىي ياكى فانتازىيىلىك سۇژىت ئۈستىگە قۇرۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ ئارزو ۋە كۈرەشلىرى بىلەن بىرلەشكەن، ھەجىم جەھەتتىن ئانچە چوڭ بولمىغان شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئابدۇكېرىم خۇجىنىڭ «ئايخان»، بۇغدا ئابدۇللانىڭ «چوغلۇق باللادىسى» قاتارلىقلار.
داستان- ئوبيېكتىپ ۋەقە ۋە پېرسۇناژلارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان چوڭراق ھەجىمدىكى شېئىرىي ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ. داستاندا مۇكەممەل ھېكايە ۋە پېرسۇناژ بولىدۇ. ئەنە شۇ ھېكايە ۋەقەلىكىنى تەسۋىرلەش ۋە پېرسۇناژ خاراكتېرىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق ئاپتورنى ئىدىيىۋى ھېسسىياتى بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن: لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىقلار.
شېئىرىي دراما- دىئالوگلارنىڭ ھەممىسى شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان درامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا شېئىرىي خۇسۇسىيەت بىلەن درەماتىك ئالاھىدىلىكلەر ئورگانىك ھالدا بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ ۋە تۈگۈن، راۋاج، كۇلمىناتسىيە، يېشىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
شېئىرىي مەسەل- مەسەللەرنىڭ شېرىئىي شەكلى بىلەن يېزىلغان تۈرى.
شېئىرىي مەسەللەر نەسرىي شەكىل بىلەن يېزىلغانلىرىغا قارىغاندا ئاھاڭدار بولۇشى بىلەن قەدىرلىكتۇر ۋە شۇ سەۋەبتىن ئوقۇرمىنى كۆپ، ئېغىزغا چۈشىشى راۋان، ئەپلىك بولغانلىقتىن تارقىلىشى كەڭ، ئۆزلىشىشى تېز بولىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شېئىرىي مەسەلنىڭ سالمىقى ىېلى زور. زۇردۇن قادىرى شېئىرىي مەسەل يېزىشنىڭ ئوبدان ئۈلگىسى بولۇپ، «قوشچى بىلەن چاشقان» ۋەكىللىك خارالتېرگە ئىگە.
شېئىرىي چۆچەك- چۆچەك ۋەقەلىكىنى تېما قىلغان داستان تۈرىدىكى ئېپىك شېئىر.
شېئىرىي چۆچەكلەردە بىر قەدەر مۇكەممەل ۋەقەلىك سۇژىتى بولىدۇ، تىلى ئاددى، ئاممىباب، پۇختا ئىشلەنگەن، تەسىرلىك بولىدۇ. مەزمۇنى قىزىقارلىق، جەلپ قىلارلىق بولىدۇ. ۋەزنى يەڭگىل، راۋان، خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا يېزىلىدۇ.
شېئىرىي چۆچەكلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى سالمىقى خېلى زور بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېخىمۇ يۈكسىلىشلەرگە ئىگە بولماقتا. مەسىلەن: نۇر مۇھەممەت زاماننىڭ «دانىشمەن بالا»، پۇشكىننىڭ « بېلىقچى بىلەن ئالتۇن بېلىق ھەققىدە چۆچەك» قاتارلىقلار.
شېئىرىي رومان- ئېپىك شېئىرلارنىڭ بىر خىلى بولۇپ، شېئىرىيەت شەكىللىرى ئارقىلىق ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا رومانلارغا ئوخشاش پېرسۇناژلار خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئىنچىكلىك بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ، مۇكەممەل. مەسىلەن: مۇھەممەتجان سادىقنىڭ «ئىلى پەرزەنتلىرى» ناملىق ئەسىرى.
ۋەزىن
ۋەزىن- شېئىردىكى سۆزلەرنى مۇنتىزىم ئاھاڭغا سالىدىغان ئۆلچەم ياكى قىلىپ دېمەكتۇر.
ۋەزىنلىك شېئىرلار- مەلۇم تەرتىپ ۋە قائىدىگە ئاساسەن يېزىلغان شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدا بوغۇم، مىسرا كوپلېتلارنىڭ مەلۇم ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى، مىسرالاردىكى سۆز، تۇراقلارنىڭ رەتلىك، ئېنىق بولۇشى، قاپىيىلەرنىڭ ياخشى بولۇشى، رېتىملىرىنىڭ ئاھاڭدار، كۈچلۈك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.ۋەزىنلىك شېئىرلار ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار ۋە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار- شېئىر مىسرالىرىدىكى سۆز ۋە بوغۇملارنىڭ مۇئەييەن تەرتىپتە گۇرۇپپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بوغۇم سانى ئاساسەن باراۋەر بولىدۇ. بۇنىڭدا بىر خىل مىقداردىكى بوغۇملارنىڭ بىر قاتار تەكرارلىنىشى نەتىجىسىدە رېتىم ھاسىل قىلىنىدۇ. مىسرالىرىدىكى بوغۇملار بارماق بىلەن سانىلىدۇ.
ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار- شېئىر مىسرالىرىدىكى سوزۇق (ئۈزۈك) ۋە ئۈزۈك (قىسقا) تاۋۇشلارنىڭ مەلۇم تەرتىپ بىلەن ئالمىشىپ كېلىپ، شېئىردىكى رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. ئارۇز ۋەزنىنىڭ پائىلاتۇن، پائىلۇن، مەپائىيلۇن، مۇستەپئىلۇن قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق تۈرى بار.
ئۇزۇن بوغۇم- ئۇيغۇر تىلىدىكى يېپىق بوغۇملار، ئۇرغۇ چۈشكەن ئۇچۇق بوغۇملار (ئۇرغۇلۇق ئۇچۇق بوغۇملار) ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلاردا ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەر قايسى بەھرىلىرىنىڭ ۋەزىن تەلىپى بويىچە بەزى قىسقا بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇمغا ئۆزگىرىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان مىسرالارنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن ئوچۇق بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇم بولىدۇ. ئۇزۇن بوغۇملار تۈز سىزىق «-» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
قىسقا بوغۇم- ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇق بوغۇملارنىڭ كۆپ قىسمى ئارۇز ۋەزنىدە قىسقا بوغۇم بولىدۇ. قىسقا بوغۇملار ئاچا سىزىق «V» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
بەھر- ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەر بىر تۈرى بەھر دەپ ئاتىلىدۇ. بەھر ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «دەريا، غول» دېگەن مەنىدە. ئارۇز ۋەزنىنىڭ بەھرلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رەمەل بەھرى، ھەزەج بەھرى ۋە رەجەز بەھرلىرى كۆپرەك قوللىنىلماقتا.
رەمەل بەھرى- «پائىلاتۇن» (-V--) ۋەزىنىنىڭ ھەر ىىل تەكرارلىنىشى ياكى مەپائىيلۇن ۋەزنىنى ئاساس قىلىپ، باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزىلىدۇ. مەسىلەن: «ئايرىلمىغىل» دېگەن شېئىر رەمەل بەھرىدە يېزىلغان.
ھەزەج بەھرى- «مەپائىيلۇن» (V---) ۋەزىنىنىڭ ھەر خىل تەكرارلىنىشى ياكى مەپائىيلۇن ۋەزنىنى ئاساس قىلىپ، باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قۇشۇلۇشىدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن: «بىلىم ئىشقىدا» دېگەن شېئىر ھەزەج بەھرىدە يېزىلغان.
رەجەز بەھرى- «مۇستەپئىلۇن» (--V-) ۋەزىنىنىڭ ھەر خىل تەكرارلىنىشى ياكى مۇستەپئىلۇن ۋەزنىنى ئاساس قىلىپ، باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قۇشۇلۇشىدىن تۈزۈلىدۇ.
چاچما (ئەركىن) شېئىر- شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، مىسرا تۈزۈلۈشى، كوپلىتلارغا بۆلۈنۈشى، بوغۇم سانى ۋە باشقا جەھەتلەردىن نىسپەتەن ئەركىنرەك بولغان شېئىرىي سېستېمىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: «ئانا»، «نان»، «نېگىرلارنىڭ نەزىرىدىكى دەريا» قاتارلىق شېئىرلار.
نەسرىي شېئىر- نەسىر بىلەن شېئىرنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرىدىغان، نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان بىر خىل بەدىئىي شەكىل. ئۇنىڭدا، لىرىك مەزمۇن نەسىرىي شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ، ۋەزىنلىك شېئىرلارغا قۇيۇلىدىغان ھەر قانداق ئۆلچەم بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئېنىق تۇراق، مىسرالار بولمايدۇ. ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. شېئىرىي كەيپىيات، شېئىرىي ھېسسىيات،. شېئىرىي مەزمۇن، شېئىرىي مۇھىت بولىدۇ. مەسىلەن: «شېئىر ۋە شائىر»، «قاشتېشىغا مەدھىيە»، «بورانقۇش ناخشىسى» قاتارلىق ئەسەرلەر نەسرىي شېئىرغا تەۋە.
مەنبە:تەۋپىق مۇنبىرى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-5-12 08:04 , Processed in 0.168617 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش