چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 177|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى

    ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى بولۇپ، شۇ دەۋىر كىشىلىرىنىڭ مۇھەببەت-نەپرەتلىرىنى ،گۈزەل تىل شەكلى بىلەن بايان قىلىپ كىشىلەردە قىزغىن ھېس-ھاياجان قوزغايدىغان بىر خىل شىېئرى شەكىل بولۇپ،يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە بۇ شەكىل بىر ئاز سۇسلاپ قالدى.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇرتىمىزدىكى بىر نەچچە كىشىنىڭ ئەل ئارىسىدا  ساقلىنىپ قالغان،ئۆزلىرى ئېغىز تىلىدا ساقلاپ قالغان مۇھەببەت ھەققىدىكى قوشاقلىرىنى خاتىرلەپ،رەتلەپ چىقتىم.يولداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى،سەمىمىي تەكلىپلىرىنى بىرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1
تۆمۈرنىمۇ تېشەركەن،
مېسكەچىنىڭ قايچىسى.
يارىمغا خەت ئەۋەتسەم،
ئوقىۋاپتۇ ئاچىسى.
2
مەن بازارغا بارمايمەن،
ھەرگىزمۇ سەھەر ۋاقتا.
يارىم كېلىدۇ چوقۇم،
كۆزلىرى مۇشۇ ياقتا.
3
ئوڭ يۈزىدە يارىمنىڭ،
مېڭى باركەن ئەمەسمۇ.
كەتكىلى تاس قاپتىمەن،
گېپى باركەن ئەمەسمۇ.
4
ھاۋا تۇتۇلۇپ تۇيۇقسىز،
يامغۇر ياغدى شارقىراپ.
مەن يار بىلەن ئولتۇرسام،
ئانىسى كەپتۇ ۋارقىراپ.
5
ئۇيان ئۆتتۇم نەچچە رەت،
بۇيان ئۆتتۇم نەچچە رەت.
ساڭا كۆيۈپ قاپتىمەن،
بولساڭمۇ يار شۇنچە سەت.
6
يارىم كىلىڭ يېنىمغا،
مەن سىرىمنى دەپ بېرەي.
بىرنى سۆيۈپ قويسىڭىز،
چاقماق ياغلىق ئېپ بېرەي.
7
دەريا بويىدا ھارۋا،
پاتقاققا پېتىپ قاپتۇ.
مېنىڭ يايرىم كېچىچە،
چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ.
8
كۆلچەك بويىدا تۇرۇپ،
تاش ئاتسام چۆكۈپ كەتتى.
سۇغا چىققان قىزچاققا،
قاش ئاتسام قېچىپ كەتتى.
9
مەھەللەمدىكى دەرەختە،
سايراشماقتا شوخ قۇشقاچ.
ناخشا ئېيتىمەن كۈندە،
مەنمۇ يارنى سېغىنغاچ.
10
ئالا قويمۇ بىزنىڭكى،
قارا قويمۇ بىزنىڭكى.
خۇدا قوشقان قۇپتىمەن،
قىزىل يۈزلۈك قىزنىڭكى.
11
چالاي دىسەم دۇتتارنى،
ئۇزۇلۇپتۇ تارى يوق.
ئوتىدا كۆيۈپ يۈرسەم،
توۋا يارنىڭ كارى يوق.
12
چېنە كۆتۇرۇپ چىقتىممەن،
بازار ئارىلاپ لەڭپۇڭغا.
جۇپ كۆزۈم چۈشۈپ قالدى،
بىر قىزچاققا سەيپۇڭغا.
13
بازاردىكى تۇخۇمنىڭ،
غېچ ھەممىسى بوياقلىق.
چۈشۈپ قاپتۇ تۈنۈگۈن،
يايرىم بەرگەن قول ياغلىق.
14
يېڭى خەۋەر ئاڭلىدىم،
رادىئودىن،زوۋۇكتىن.
نىمە ئىشكىن بىلمىدىم،
ئاي مارايدۇ تۇڭلۈكتىن.
15
يېزىلارنى ئارىلاپ،
بۈگۈن ھاكىم كەپتۇمىش.
يارىم سۆيگەنلىگىمنى،
ئانىسىغا دەپتۇمىش.
16
يايرىم كەشتىگە ئۇستا،
دائىم ياغلىق توقۇيدۇ.
ئەگەر مېنى سېغىنسا،
دائىم ناخشا ئوقۇيدۇ.
17
مەن يارنى كۆرۈپ قالدىم،
ئارتىۋاپتۇ ئاق شارپا.
ئارقىسىغا چۈشكەنتىم،
قايرىلدى ئۇ بەك ئاستا.
18
قۇربان ھېيىت كۈنىدە،
پاقلان گۆشى يىدۇق بىز.
توي قىلىشنىڭ ئىشىنى،
ھەممىسىگە دىدۇق بىز.
19
خوشنىمىزنىڭ چوڭ قىزى،
بېرىلىپتۇ ئەڭلىككە.
ئاخشام بارسام يايرىم يوق،
يېنىپ كەلدىم تەڭلىكتە.
20
قويلارنى ئېلىپ ماڭدىم،
جاڭگالدا باقاي مەن دەپ.
قىزىل گۈل ئېلىپ كەلدىم،
يار ساڭا تۇتاي مەن دەپ.
21        
چوڭ يولغا قاراپ باقسام،
توپلەي كەشنىڭ ئىزى بار.
يۈرۈگۈمدەك سۆيگۈدەك،
ھاشىم تازنىڭ قىزى بار.
             22
يامغۇرلار تولا يېغىپ،
بۇ يوللار پېتىق بولدى.
مەن يار بىلەن سۆزلىشىپ،
گەپ-سۆزلەر ئوچۇق بولدى.
23
باققا كىردىم مېۋە دەپ،
يېنىپ چىقتىم غورا يەپ.
مەن سېنى ماراپ يۇرسەم،
تاراپ كەتتى تولا گەپ.
24
ئالما ساتقىلى چىقسام،
قىزىلىنى خىللايدۇ.
يارغا قاش ئېتىپ قويسام،
يەرگە قاراپ تىللايدۇ.
25
باغچىلايۇ باغچىلار،
بىز ئوينىغان باغچىلار.
تويىمىزنى قىلايلى،
كۈن بەرمىدى غالچىلار.
26
مەن ئۆيۈڭنىڭ كەينىدىن،
كۈندە نەچچە ئۆتتۇممەن.
سىرتلارغا چىقمامسەن،
سېغىنىشتا كۈتتۈممەن.
27
يار يۈزىگە ئارتىپتۇ،
ئەتلەس ياغلىق پەرەنجە.
كۆرسەتمەيدۇ يۈزىنى،
باردىمۇ يا ھەرەمگە.
28
تۈن كېچىدە خەت يازدىم،
سەن يارىمنى سېغىنىپ.
ئەتە ئاخشام چىقمامسەن،
سۆيىۋالاي بىر قېنىپ.
29
ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە،
تۇلكە بەكمۇ ھېلىگەر.
ئېيتىۋالسام سۆزۇمنى،
يايرىم قاچان كېپ كېتەر.
30
كاۋىلاريۇ كاۋىلار،
زەپ ئوخشىغان كاۋىلار.
بىزگە ئارام بەرمىدى،
بىكار تەلەت لالمىلار.
31
ئېشەك قوشتۇم ھارۋىغا،
ئىشلەش ئۈچۈن ئېتىزغا.
مەن راستلا ككيۈپ قالدىم،
ئەمەت تازنىڭ  قىزىغا.
32
بىر قىز كەپتۇ شەھەردىن،
ئەتە-ئۆگۈن كېتەرمىش.
سوراپ باقسا باشقىلار،
چېچى بارغا تېگەرمىش.
33
بۇغداي ئۇنى قالماپتۇ،
ئوماچ ئەتتۇق قازاندا.
بۈگۈن يايرىم چىقماپتۇ،
قايتىپ كەلدىم ئارماندا.
34
قىش-ياز ئوزۇق يىغىدۇ،
توختىماستىن چۆمۈلە.
مېنى ئۆزىگە رام قىلغان،
چېچى قارا،بۇدۇرە.
35
بوۋاي كەسلەر ئوتۇننى،
موماي ئېتەر تاماقنى.
ئىزدەپ كېتەر يالغۇز قىز،
سۆيگەن يارى ئاۋاقنى.
36
ئۈرۈمچىدىن كەلگۈچە،
ئاقسۇدا قونۇپ قالدۇق.
ئويناپ يۈرەر ئايشەمگۈل،
بىز ئۇنى تونۇپ قالدۇق.
37
بىر باققا تېرىپ قويدۇم،
زاغۇن بىلەن قىچىنى.
تاللاپ سۆيگەن شۇ يارىم،
كەستۈرۈپتۇ چېچىنى.
38
سېتىۋالدۇق تىراكتۇر،
ئالدى چاقى پەس ئىكەن.
تاك-تاكچىنىڭ دەستىدىن،
كۈن ئالماقمۇ تەس ئېكەن.
39
سۇ تۇتقىلى چىقتىممەن،
ئوت ئالغىلى چىقمامسەن.
بەلگە بىرىپ ناخشاڭنى،
زىل ئاۋازدا ئېيتمامسەن؟
40
ئالتىنجى ئايدا تۇگەتتۇق،
ئوتاق بىلەن ئومىنى.
لەززەتلىنىپ يىدىممەن،
يايرىم بەرگەن مومىنى.
41
كېۋەز  تىرىسەن كۈندە،
بېلەكلىرىڭ تالمامدۇ؟
ئالما ئاتىسەن دائىم،
خەقلەر كۆرۈپ قالمامدۇ؟
42
ناخشا ئوقۇپ ئوتىسەن،
مەھەللەمدىن ھەر كۈنى.
سېغىندى دەپ بىلدىممەن،
خەقلەر بىلمىسۇن بۇنى.
43
ئاۋۇ دۆڭنىڭ ئۇيزىدا،
پىشقان قوغۇن بىزنىڭكى.
ئوتى بەكمۇ يامانكەن،
قىيا باققان قىزنىڭكى.
44
كۈندە سەھەر يىغىدۇ،
ھەممىمىزنى ئەترەتكە.
سۆيەي دېسەم يارىمنىڭ،
يۈزلىرى گاڭ تەمرەتكە.
45
مەن ئېتىمنى قوشتۇممەن،
قىزىل گۈللۈك مەپىگە.
يايرىم بەلەە بىرىپتۇ،
كۆرۈشۈشكە ئەتىگە.
46
ساقلاۋەرسەم چىقمىدىڭ،
بىر كۈن تۇرسام مەلەڭدە.
ئامالىم يوق قايتتىم،
ئۆيۈمگە مىڭ ئەلەمدە.
47
سېنى دائىم سېغىنىپ،
يۈرۈگۈم يارا بولدى.
ھەر كۈنى ئۆيدىن قېچىپ،
يۈزۈممۇ قارا بولدى.
48
كۆكتىن تۈگۈپ چۆچۈرە ،
يار تۇتۇپتۇ يېڭىلىق.
ئىشتىھادا يىدىممەن،
يارنىڭ سۆيگىنى ئېنىق.
49
بۈگۈن تېرەك باشىدا،
قاغا ھەجەپ سايرايدۇ.
يار كېلەمدىكىن ياكى،
يۈرەكمۇ جىم ياتمايدۇ.
50
يىگىتلەرگە دورىكەن،
ئەركەك قوينىڭ جىگىرى.
يارىم مىنگەن تۈلۈننىڭ،
يېشىل ئېكەن ئىگىرى.


توپلاپ رەتلىگۈچى-ئالىمجان ياسىن.پەيزاۋات ناھىيە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىن.تېلىفۈن:13579071133
ئېيتىپ بەرگۈچى-ئوسمان ئابلەز.پەيزاۋات ناھىيە قىزىلسۇ يېزا بەشتام كەنىت 3.مەھەللىدىن. 67ياش.
                  قۇۋانخان نۇر.پەيزاۋات ناھىيە قىزىلسۇ يېزا بەشتام كەنتىدىن،  54ياش.
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلىرى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-26 16:44:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن يېڭى قوشاقلار ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 07:18 , Processed in 0.208712 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش