سالام قىلدىم نەۋرۈزلۇق
ئامىنە ئابدۇۋايىت
سالام قىلدىم نەۋرۈزلۇق،
يىل بېشىدا سىلەرگە.
تۇلۇن ئايدەك چىرايلىق ،
بىلىمى مول لېۋەنلە.
سالام قىلدىم نەۋرۈزلۇق ،
بولغاچ تاغدەك ھۆرمېتىم.
نەزمە يازدىم باھاردا،
بىلگەچ سىرداش ئۈلپېتىم.
قوشاق كەتتى بىر شىڭگىل ،
مېڭىپ ئەجدات ئىزىدىن .
دوستلار ئۈچۈن قەلبى باغ ،
گۈزەل تاجىك قىزىدىن .
تۈردىڭىزمۇ سالامەت،
شائىر سىڭلىم چىمەنگۈل.
رىشتىمىزنى چاتتى چىڭ ،
‹‹بارسا كەلمەس ئۈزاق يول››.
ئەجرىڭىزدىن تەۋەللۈت،
بىلىم كانى كىتاپلار.
قولىڭىزغا گۈل ئۇنسۇن،
ئاللاھ بولۇپ مەدەتكار.
سالام قىلدىم نەۋرۈزلۇق ،
قېرىندېشىم ئايسىمە.
ئۆمرۆڭىزگە قۇت تىلەپ ،
ئاقتۇدىكى ئامىنە.
سالام قىلدىم نەۋرۈزلۇق ،
ئايقۇت بىلەن زۇلپىيە.
سىلەر يازغان يازمىلار،
بولدى ئەلگە تەربىيە.
جېنىم دوستۇم ساجىدە ،
سالام قىلدىم ئېگىلىپ .
ئاقتۇرۇمغا كېلەرسىز ،
گۈل سەۋسەندەك ئېچىلىپ .
سالام سىڭلىم مېھرىنۈر ،
چېھرى ئايدەك دىل قىزى .
چاقناپ تۈرۇڭ نەزمېدە ،
بولۇپ قەشقەر يۈلتۇزى .
سالام سىڭلىم تۈنىساگۈل ،
ئاۋازىڭىز يېقىملىق .
كۆپكە ماھىر شائىر سىز ،
يېزىپ تۇرۇڭ تېتىملىق .
يىراق ئەمەس ئارىمىز ،
جېنىم سىڭلىم ئادالەت .
يوقلىيالماي ۋاختىدا ،
بولدۇم بەكلا خىجالەت .
سالام قىلدىم نەۋرۈزلۇق ،
ئاقىل سىڭلىم گۈلبوستان .
قەشقەرنىڭ ئوز ، لەيلىسى ،
باغرى دەريا ، گۈلۇستان .
دىل تارىمنى چېكېدۇ
سىلەر پۇتكەن نەزمېلەر.
دەستۈر بولسۇن قىزلارغا،
بىز قۇرىغان بەزمېلەر.
2016-يىل 3-ئاينىڭ 19- ئاقتۇ