ھەي...
تۇيۇقسىز،
ھېچبىر كۈنگە ئوخشىمايدىغان شۇ كۈنى،
قوياش ئوخشاشلا چىقىۋاتقان.
شائىرلار شۇ كۈنكى شاماللارنى،
بورانلارنى،
يامغۇرلارنى،
ۋە ياكى قارنى.
ھەي بولدىلا...
يەنە شۇ يامغۇر بولسۇنمۇ؟
شۇ يامغۇرلارنى سۈزۈك قەترىگە،
ئاسماننىڭ كۆز يېشىغا.
تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا،
زىمىننىڭ مۇھەببىتىگە،
ئىش قىلىپ پارقىراق ھادىسىلەرنى ھەممىسىگە ئوخشۇتۇپ
كۈيلەۋاتقان شۇ كۈنى.
ھېچ بىر شائىرنىڭ ئىسلىستىكىلىك ۋاستىلىرىغا ئوخشاتقۇڭىز كەلمەي،
يېڭىچە ھەم ئۆزگىچە گارمۇنىك تۇيغۇلارنى ھاسىل قىلدىغان ئوخشىتىش ئويلاۋاتقان شۇ كۈنى.
بارلىق مۇھىم ئىشلىرىڭىز تاماملىنىپ بولغاندا،
ئاندىن ئېرىنچەكلىك بىلەن مېنى ئەسلىگەچ ئەرزىمەس مەجبۇرىيەت ئۈچۈن،
شۇنچىكى بىر ئىزدەپ قويغاندا.
تۇتۇنلەپ بولغان ھاياتىمنىڭ ئۆچكەنلىكىنى كۆرەرسىز.
مەن پەقەت شۇ كۈننى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن تىۋىنىپ تىلەۋاتىمەن خالاس.
بارلىق ئەقىدىلىرىمنىڭ قىساسى ئۈچۈن.
جادۇگەر 2016.3