چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 420|ئىنكاس: 2

‹‹گۈلەم مومام›› نەشىر قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
‹‹گۈلەم موماي›› نەشىر قىلىندى

gulem momay.jpg

mihray muhemmet.jpg

ئاپتورنىڭ سۈرىتى

يېقىندا، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن ياش ئايال يازغۇچى مېھراي مۇھەممەتنىڭ «گۈلەم مومام» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى نەشر قىلىندى.
يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان تالانتى ۋە ئاۋانگارت روھى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېزلىكتە كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال يازغۇچى مېھراي مۇھەممەت 1975-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. 1983- يىلىدىن باشلاپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ، 1994- يىلى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن.
مېھراي مۇھەممەت 2009- يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان «تۇنجى مۇھەببەت ئەسلىمىسى» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا تېخى كىتابخانلارغا تولىمۇ ناتونۇش بىر ئاپتور بولسىمۇ، لېكىن ئەسىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىكى يېڭىلىق ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھى ناھايىتى تېزلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شۇندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىزچىل تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
مېھراي مۇھەممەتنىڭ ئەسەرلىرى ئەنئەنىۋىي مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، بىر تۈركۈم ھېكايىلىرى «يېڭى قاشتېشى»، «كروران»، «شىنجاڭ ئاياللىرى» قاتارلىق ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پىكىر قىلىشتىكى ئاۋانگارتلىقى ۋە ئىجادىيەتتە ياراتقان خاسلىقى بىلەن يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەركىن دۇنياسىنى توردا قۇرۇپ كەلدى. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئاساسىي ئېقىم تەرىپىدىن چەتتە قالدۇرۇلغان يازغۇچىلار كۆمۈلۈپ قالىدۇ دەيدىغان ئەپسانىلارغا خاتىمە بەردى. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئەڭ ياخشى ئەسەرلەرنىڭ ئالدى بىلەن توردا جامائەت بىلەن يۈز كۆرىشىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرۇپتىمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاۋانگارتلىق روھىمىزغا يۈزلەنگىنىمىزدە، بۇزۇشنى بىر سالاپەت دەپ بىلگىنىمىزدە بەزىدە ئەنئەنىۋىي مەتبۇئات تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشنى بىر شۆھرەت ۋە ئابروي دەپ بىلسەكمۇ بولىدۇ.
مېھراي مۇھەممەت خانىمنىڭ تۇنجى كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئۇنىڭ تېخىمۇ يېڭى ۋە خاسلىققا ئىگە ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشىغا تىلەكداشمىز.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 00:23:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھراي خانىمغا مۇبارەك بولسۇن!يېڭى-يېڭى نەتىجىلەر سىزگە يار بولغاي!
ۋاقتى: 2016-3-18 13:48:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-6 19:43 , Processed in 0.188552 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش