چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 634|ئىنكاس: 1

سىنارىيە توغرىسىدا ئىككى ئېغىز پاراڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-29 21:55:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
pasan
سىنارىيە توغرىسىدا ئىككى ئېغىز پاراڭ
گۈلجەننەت مۇھەممەد

سىنارىيە كىنو سىنارىيىسى، تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. سىنارىيە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سۈرەت ئەدەبىياتى، جانلىق سۈرەت ئەدەبىياتى، پروتىت شەكىل، مەنزىرە تەسۋىر دېگەنلەرنى كۆز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ ھوزۇرلىنىدىغان بىر خىل ئەدەبىيات شەكلى.
بۇ ھېكايە، پوۋېسىت، رومانلارغا ئوخشاش تۈرلۈك ئەدەبىي ژانىرلار ئىچىدە تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئېنىق، تارقىلىشى ئەڭ تېز، ئاممىبابلىقى ئەڭ يۇقىرى بىر خىل ئەدەبىيات شەكلى بولۇپ قالدى.
كىنو سىنارىيىسى چەتئەللەردە، بىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، باشقا ئەدەبىي ژانىرلاردىن خېلى كېيىن دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بىراق ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، يۈكسىلىشى، ئېلېكترون دۇنياسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش، كىنو-تېلېۋىزىيە سىنارىيىسىنى ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇردى.
بىر كىنو ياكى تېلېۋىزىيە سىنارىيىسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنى بىلىملىك، بىلىمسىز، قېرى، ياش دەپ ئولتۇرماي ھەممىسى ھوزۇرلىنالايدۇ، چۈشىنەلەيدۇ. ياخشى يېزىلغان بىر سىنارىيىنى بىر مىللەت كۆرۈپلا قالماسىتىن بەلكى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، مىللەتكە، دۆلەتكە، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا ناھايىتى تېزلا تارقاپ كېتىدۇ. شۇڭا سىنارىيە مەلۇم مىللەتنى مەلۇم بىر مىللەتكە تۇنۇشتۇرۇپلا قالماي، پۈتۈن دۆلەت، پۈتۈن دۇنياغىمۇ تۇنىتىدۇ.
بىر مىللەتنىڭ ئۆرپە-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، تائام مەدەنىيىتى، كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتى، تىل مەدەنىيىتى، دىن ئىتقادى، سىياسىي ئورنى، ئىقتىسادىي سەۋىيىسى قاتارلىقلارنى ھەممىگە ناھايىتى تېزلا تۇنىتىدۇ.
مىسال: (مىسالغا ئېلىنغانلار پەقەت بىرقانچە كىچىك يەرلەر، بەكمۇ تەپسىلىي توختالمىدىم)
بىز كورىيە فىلىمى «يەنە بىر كۆرسەم»نى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ناھايىتى مەدەنىيەتلىكلىكى، ئەدەپلىكلىكى، يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ خىللىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، يەنە كۆپ قىسىم يەرلىرىنىڭ بىزنىڭ مىللىتىمىزگە ئەخلاقىي جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا، بىز ئۇلاردىن كۆپ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالالايمىز.1.كېجۇڭنىڭ مومىسىنىڭ مۇنچىدىن كامانە يەڭ كۆينەك بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغان چىققانلىقى؛
2.يۈنجۇنىڭ توي قىلماي تۇرۇپلا، چوڭلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلغانلىقى؛
3.كېجۇڭنىڭ دادىسىنىڭ ئايالىنى ھاپاش قىلغانلىقى؛
بۇ ئۇيغۇر ئەخلاقىدا تۇرمۇش ئەخلاقىغا خىلاپ، ھايا قىلماسلىقتەك قىلىقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.
كورىيىدە تاماق تۈرلىرى كۆپ بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس. كورىيىنىڭ كىيىملىرى ھەرقانچە رەڭدار بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك چىرايلىق ئەمەس. بىزنىڭ مۇشۇنداق كۆپ ئارتۇقچىلىقلىرىمىز تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى كۆپلەپ سىنارىيە يېزىپ، كىنو-تېلېۋىزىيىلەرگە چىقىرىپ، مىللەتكە، دۆلەتكە، دۇنياغا تونۇتمايمىز؟
ئۇيغۇر سىنارىيىسىدىكى «بوستانلىقتىكى تەنتەنە»، «يېشىل مايسا»دىن ھېسابلىساقمۇ، سىنارىيچىلىك تارىخىمىز 50 يىلغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى كۆز قاراشنى توغرا قىلىپ يۈكسەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، 60-يىللاردا مەيدانغا كەلگەن «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «ئانارخان»دىكى ناخشىلارنى تا ھازىرغىچە ئېيتىپ كېلىۋاتىمىز. دېمەك 60-يىللاردىكى سەۋىيىمىزدىلا توختاپ قالدۇق.
تۆت كىشىلىك گۇرۇھ ئاغدۇرۇلغىلى 30 يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا سالغان چۈشەكمۇ بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر سىنارىيىمىزدە يەنىلا كۆپ نۇقسانلار ساقلىنىپ كەلمەكتە.
بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقىمىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىمىز، كوممونىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ، مىللىتىمىزنىڭ گۈللەنگەن تۇرمۇش  سەۋىيىسى، پارتىيىنىڭ ئەركىن دىن سىياسىتى، ئادىل مىللىي تېررىتورىيە قانۇنى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدىكى يېتەرسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن...
بىز گۈزەل يۇرت قىياپىتى، چوڭ شەھەرلەرنىڭ گۈزەللىكى، مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاقلىق، چىرايلىقلىقى قاتارلىقلارنى يازمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىر قىسىم ئونسۇرلار بىزنى قۇرسىقى تويمايدۇ، كىيمى يىرتىق، ئۆيلىرى قىڭغىر، ئەركىنلىكى يوق دەپ كەمسىتىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللەتكە، دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرمەكتە. بىز ھازىرقى تۇرمۇش سەۋيىرىمىزنى ئەينەن سىنارىيىلەردە ئىپادىلىسەكلا، ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرەلەيمىز.
ئۇنداقتا تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى دېگەن نېمە؟
تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى شەكىل جەھەتتىن بىر قىسىملىق، كۆپ قىسىملىق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. تۈر جەھەتتىن ھېكايە فىلىم، فانتازىيىلىك فىلىم، ھەجىۋىي فىلىم، ئىلمىي فناتازىيىلىك فىلىم دەپ بىر قانچە  تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.
كىچىك سىنارىيىلەردە بىرەر ھېكايىنى، تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ ئىپادىلىسە، كۆپ قىسىملىق سىنارىيىلەردە، بىر قانچە پوۋېست، بىرەر رومان... بىرەر تېرولوگىيىلەرنى ئىپادىلەپ يازغىلى بولىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلار ھازىر سىنارىيە يازمىدى ئەمەس يېزىۋاتىدۇ. بىراق ھەۋەسكارلار كۆپىرەك، ھەقىقىي ئەدەبىياتچىلار ساناقلىقلا.
مەسىلەن:
«بەڭگىلەر ماجراسى» بۇ ئەسەر كىشىگە ئازىراقمۇ ئىستىتىك زوق بېرەلمىگەن. ئاپتور قۇرۇقتىن قۇرۇق نەشىكەش مۇشۇنداق بولىدۇ، دېگەن. نەشىكەشنىڭ بۇ ئىللىتىنى تەنقىدلىگەنمۇ، ماختىغانمۇ ئېنىق ئىپادىلەپ بەرمىگەن.
«ئۆگەي» بۇ ئەسەردە بىر ئۆگەي دادىنى يازغان. ئاپتور ئۆگەيگە ئائىت مەزمۇن تاپالمىغانمۇ، تېما دائىرىسىدىن چەتنەپ كەتكىلى تاسلا قالغان.
«باغ»، «سىرلىق تۇمان» ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يازغان بولسىمۇ، بۆسۈش خارەكتېرى بولمىغان.
يەنە بىر قىسىم ئەسەرلەردە، مۇسىبەت ئىشلىرى بولمىسىمۇ، بىرىنچى كۆرۈنۈشكىلا قەۋرىستانلىقلارنى ئالغان. بىر قىسىم ئەسەرلەردە مۇشۇنداق مۇسىبەت، قەۋرىستانلىقلار ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ئەسەر كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن.
يەنە كۆپ ئەسەرلىرىمىزدە ئۇيغۇر خەلقى بولسىلا ئىشەك ھارۋىسى ھەيدەيدۇ ياكى بولمىسا ئېتىزدا ساپان قوشىدۇ، تارتىدۇ دەپ ئېيتىلىدۇ، ئەجەبا بىز ئۇچالمامدۇق؟ نېمە ئۈچۈن باشقىلاردەك ئاسمانلاردا ئۇچمايمىز؟ ئېسىل-ئېسىل داچىلاردا تۇرمايمىز؟ ھە دېسىلا ئۆرۈلۈپ كېتەي دېگەن ئۆيلەر، ناھايىتى كونا يوللار كىنو فىلىملاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ناۋادا بىز مۇشۇنداق تەرەپلەرنى مىللەتكە، دۆلەتكە، دۇنياغا كۆرسىتەمدۇق؟ بىزنىڭ ھەر ئېسىل ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمىز، نەققاشچىلىقىمىز، ئويمىچىلىقلىرىمىزلاردا سېلىنغان ئىمارەتلىرىمىزمۇ بارغۇ؟
بىز ئۇيغۇر مىللىتى ناھايىتىمۇ ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، چىرايلىق، گۈزەل بىر مىللەتمىز. بىز ئۆزىمىزدىكى ھەر بىر ئارتۇقچىلىقمىزنى مۇشۇ كىنو فىلىم، سىنارىيىلەردە چىقىرىپ، پۈتۈن مىللەت، پۈتۈن دۆلەت، پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇشتۇرىشىمىز كېرەك.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-10-31 22:57:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاققا تۇققا دەڭقان پۇتى يازمىكەن. قىزىق تۇيۇلدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-13 06:57 , Processed in 0.310263 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش