دادامنىڭ يۇرتى
دادام
بۇ بىزنىڭ يۇرتىمىز دىگەن،
ئاسمانغا تىكىلىپ ياتقان تۇپراقنى.
بىر ئۆستەڭ يىشىللىقىنى يىتىلەپ،
تەكلىماكانغا ئېقىۋاتقان پىراقنى.
خان يولىغا جايلاشقان دەڭگە،
كىلىپ كىتپ تۇرغان نۇرغۇن ھىكايە.
كىچىككىنە قاقاس بوستانلىق،
خىرە شىرە يورۇقىدا كۆڭۈلنىڭ
كەچمىشلەرگە تاشلىغان سايە.
تارىخنىڭ بىر يۈزىدە ئاپپاق جىمجىتلىق،
سىۋىن ھىدىن،سىتەيىن چوقچىلاپ كەتكەن.
سالۋا تەلپەكلىك ئېتىز-ئىرىقلار،
شىر چورۇقلۇق چىغىر يوللاردا
ساددا ئىستەكلەر ھۆر ياشاپ ئۆتكەن.
يىراقتا قالغان ئەشۇ دەملەرنىڭ،
قازىنىدا ئۇمىچى،ئوچىقىدا كۆمىچى بولغان.
جىن چىرىقى يورۇق تۈنلەرنىڭ،
يانچۇقلىرى جىگدىگە تولغان.
ئارا، كەتمەنلىرى ھۇررا توۋلىشىپ،
ئۈمىدلىرى بورانلاردا تالاي كىشنىگەن.
چۈشلىرىدە شاۋقۇنلىغان بىر دەريا سۇنى،
گاھ، تارىم دولقۇنى ئۈزۈپ چىشلىگەن.
دۇتار، تەمبۇرلىرىنى مۇقام چۆرگىلەپ،
بىر ئېرىق كەيىپكە ئاققان شىلدىرلاپ.
بىر چۆگۈن خىيالنى قايناتقان گۈلخان،
شۇررىدە ئۈركىگەن نازلىق پىچىرلاپ.
زامان كولدۇرمىلىرى كارۋان تارتىشىپ،
ئەتلەس، گىلەملەردە قۇرغان بەدەشقان.
شەرق غەرپكە ،غەرپ شەرقكە مېڭىپ،
جەنۇپ، شىمالدا ئۆزىگە پۇتلاشقان.
يانپاشلاپ قىڭغايغان خىيال دەشتىگە،
«مۇ ئمپېرىيىسى»دىن ئۇچۇپ چۈشتى تاش.
قىسمەت چېچىنى قايتا تاراۋاتقاندا،
مىڭ يىللار ئالدىغا غۇلاچلىدى ياش.
دادامنىڭ يۇرتى
تارىم چۆللىرىنىڭ ئىستەكلىرىگە ياتار چرمىشىپ.
ئىسلام ئاخۇن بوۋام
ئىبادەتخان مومامنىڭ قىسسىسەلىرىدە.