قاراقۇرۇم شەھرى
قەۋەت-قەۋەت رەڭلىك توپىلارنىڭ ئارىسىدا چۆرگىلەپ،
قايتىپ كەلدۇق ئۆز كەچمىشلەرگە.
قاراقۇرۇم شەھرىنىڭ ئالا يىشىل خىياللىرىدا
چىلان رەڭلىك، ئانار رەڭلىك تەلپۈنۈش
سۈركىلدۇ كىرپىكلىرىڭگە.
ھەر بىر تال قۇم بىردىن خارابە،
سىپىللىرى قان ياشتىن پۈتكەن.
ھۆرلۈك، زۇلمەت، سۆيگۈ، مۇشەققەت،
ئات چاپتۇرۇپ بۇيەردىن ئۆتكەن.
بۇ يەردىكى قۇمغا دەسسەپ تۇرۇپ ئىچكىرلىسەڭ ئۆزۈڭگە،
يورۇۋاتقان قاراڭغۇلىقىڭدا،
شاھ
مەشرەپنىڭ كۆيۈۋاتقان غەزىلى،
موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئويچان كۆزلىرى،
ئابدۇراخمان خان پاشانىڭ ئاخىرقى تىنىقتىكى ھەسرىتى،
بەدۆلەتنىڭ ساختا قۇرئان ھىلىسى،
سابىت داموللىنىڭ لەپىلدەۋاتقان غايىسى،
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ بىر خۇرجۇن بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى،
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شىرىن چۈشلىرى...
تالاي غەزەپ-نەپرەت،نادامەت
ئۆتۈپ كىتىدۇ ساڭا تىكىلىپ.
ھەبىبۇللاخاننىڭ ساددىلىقىغا ئۆكۈنمەيمەن.
نىياز ھىكىمبەگنىڭ خائىنلىقىغا ئىچىنمايمەن.
شاھ مەنسۇرنىڭ باتۇرلىقىغا كېرىلمەيمەن.
تاقىلار سويۇلۇپ چۈشتى پىراققا.
تىزەكلەر سۇۋۇلۇپ كەتتى تۇپراققا.
قاراقۇرۇم شەھرى
بىخلانماقتا قۇمنىڭ ئۈستىدە.