چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 799|ئىنكاس: 7

بۇ ئايلىق ئەسەرلەر مۇھاكىمىسى ئۆتكۈزۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-20 12:32:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
pasan
گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيتى ئەزالىرىنىڭ  ئەسەرلەر مۇھاكىمىسى ئۆتكۈزۈلدى

[ئۆز خەۋىرىمىز] گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيتى ئەزالىرىنىڭ بۇ ئايلىق ئەسەرلەر مۇھاكىمىسى 19-دىكابىر ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،شائىر ئابلەت ئەخمەتنىڭ ئائىلىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇھاكىمىگە جەمئىيەت ئەزالىرىدىن 13 كىشى قاتناشتى. بۇ ئايلىق مۇھاكىمە يىغىنىغا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،قوشتاغ يېزا 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى،يازغۇچى ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىن رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمىدە بىر پارچە ئەدەبىي خاتىرە،ئۈچ پارچە نەسىر،ئۈچ پارچە غەزەل،7پارچە شېئىر،بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسى،بىر پارچە تەرجىمىھال  مۇھاكىمىگە قويۇلدى.ئەزالار ئەسەرلەر ھەققىدە ئەستايىدىل پىكىر بايان قىلىپ، مۇھاكىمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە قىسمەن تۈزىتىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
مۇھاكىمە ئاخىرىدا كېلەر نۆۋەتلىك ئەسەرلەر مۇھاكىمە يىغىنى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى(شەنبە) يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ئابلىمىت مىجىت ۋاپادارنىڭ زاڭگۇي يېزىسىدىكى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قارار قىلىندى.

مۇھاكىمىگە قاتناشقانلار ئىسىملىكى:  (قوشۇمچە)
ئابدۇقادىر سادىر
غوجامۇھەممەد قابىز
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىن
ئابدۇلئەھەد داۋۇت تۈركزات
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك
ئەركىن مۇساق شاپ
ئابلەت ئەخمەت
نۇرمۇھەممەد خېلىل ۋولقانى
مەمەتئابدۇللا ئەركىن شاپ
مۇتەللىپ ئابلىز
ئابلەت ئابلىكىم
نۇرمەمەت ئەبەي
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-20 13:05:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ئۇستازلارنىڭ تىنى سالامەت بولسۇن،مومكىن بولسا بىرەر پارچە ئارىيە كۆرگەن بولساق ،گەرچە بىز قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالمىغان بولساقمۇ ئازراق بولسىمۇ مۇھاكىمە جەريانىدىن خەۋەردار بولساق،بىزنىڭمۇ بۇندىن كىيىنكى يىزىقچىلىقىمىز پايدىسى بولوپ قالار ئىدى.
ۋاقتى: 2015-12-22 00:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
ۋاقتى: 2015-12-22 21:25:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھاكىمە قىلىنغان ئەسەرلەر دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولمىسا، بىرەر پارچە كۆرۈپ باقساقمۇ بوپتىكەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-23 00:26:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھلا يوللىغان ۋاقتى  2015-12-22 21:25
مۇھاكىمە قىلىنغان ئەسەرلەر دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولمىس ...

بەگىلى ئۇنىمىدى. مەتبۇئاتتىن قوقاپ
ۋاقتى: 2015-12-23 21:22:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
huxhuy يوللىغان ۋاقتى  2015-12-23 00:26
بەگىلى ئۇنىمىدى. مەتبۇئاتتىن قوقاپ

ھە!!!ئەسلى قەلەم ھەققىدىن قۇرۇق قالىمىز دەپ ئەنسىرەپسىلەردە.
ۋاقتى: 2015-12-23 22:41:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرتتىكى ئۇستازلارنىڭ ئەنجۈمەنى مەڭگۈ ئۆركەشلىگەي! بولسا ئەسەرلەرنىڭ ئىسمى، ئاپتۇرىنى بولسىمۇ ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز خۇشخۇي ئاكا!
ۋاقتى: 2016-1-2 00:26:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرنداشلا  ئەتە زاڭخۇي يىزىسىدا ئۇتكۇزىلىدىغان مۇھاكىمە يىغىلىشىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئۇنۇملۇك بۇلىشىغا  چىن قەلبىمدىن  تىلەكداش مەن،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 01:59 , Processed in 0.560605 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش