چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 139|ئىنكاس: 2

ICP دېگەن نېمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  ICP دېگەن نېمە؟

  ICP دېگىنىمىز (Internet Content Provider) تور مەزمۇنى مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، دۆلىتىمىزدە تور بېكەت ئىگىسى ۋە تور بېكەت ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى كۆرسىتىدۇ.
  دۆلىتىمىزدە ICP خىزمىتى قاچاندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى؟
  تور بېكەتلەرنىڭ ۋە تور خەلقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ قانۇن بويىچە ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 12-نۆۋەتلىك ھەيئەتلەر يىغىنىدا «تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان ئىنتېرنېت ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىنىپ، 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
  ICP نەچچە خىل بولىدۇ؟
  ICP نى ئومۇملاشتۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن:
  بىرىنچى. تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان تور بېكەتلەر ICP ئىجازەتنامىسى (非经营性ICP许可证)
  مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى مۇشۇ خىل ICP ئىجازەتنامىسىنى بېجىرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، سىز كۆرۈۋاتقان مۇشۇ بەت ئاستىدىكى 新ICP备10004358号 دېگىنى دەل تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان تور بېكەتلەر ICP ئىجازەتنامە نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىجازەتنامىنى http://www.miibeian.gov.cn تور بېكىتى ئارقىلىق ھەقسىز بېجىرىشكە بولىدۇ.
  بۇ ھەرقانداق تور بېكەت چوقۇم بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىجازەتنامە بولۇپ، يېقىندىن بېرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئاۋۋال ICP بېجىرىش ئاندىن تور بېكەت ئېچىش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ.
  بۇ ئىجازەتنامىنى بېجىرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تەمىنلەش كېرەك:
  1. شىركەت نامى (شەخسى بولسا ئىسىم-فامىلىسى)
  2. خاراكتېرى (شەخسى ياكى شىركەت)
  3. شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى نومۇرى (شەخسىي بولسا كىملىك نومۇرى)
  4. مەبلەغ سالغۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ئورۇن نامى (شەخسى بولسا ئىسىم-فامىلىسى)
  5. تور بېكەتنىڭ نامى
  6. تور بېكەت مەسئۇلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى
  7. تەپسىلىي ئالاقىلىشىش ئادرېسى (كىملىك بويىچە)
  8. مۇقىم تېلېفون نومۇرى، يانفون نومۇرى ، ئېلخەت قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى
  9. تور بېكەت بوشلۇقىنىڭ خاراكتېرى (مۇستەقىل مۇلازىمېتىرمۇ ياكى ئادەتتىكى تور بوشلۇقىمۇ؟)
  10. مۇلازىمېتىر ئادرېسى (تور بوشلۇقىنى تەمىنلىگەن مۇلازىمېتىر قايسى شەھەردە؟)
  11. تور بېكەت ئادرېسى (مەسىلەن: www.xjcfan.com)
  12. تور ناملىرى (مەسىلەن: xjcfan.com ، xjcfan.net)
  13. بوشلۇقنىڭ IP ئادرېسى
  14. بوشلۇق تەمىنلىگەن شىركەتنىڭ نامى
  15. كىملىك ئالدى-كەينىنىڭ سېكانېر نۇسخىسى (يېڭىدىن قوشۇلدى)
  16. بېكەت مەسئۇلىنىڭ بوشلۇق تەمىنلىگەن ئورۇن بېكىتكەن نۇقتىغا بېرىپ چۈشكەن 600*800 ئۆلچىمىدىكى رەسىمى

  ئىككىنچى. تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تور بېكەتلەر ICP ئىجازەتنامىسى (经营性ICP许可证)
  بۇ ئاساسەن تور تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرگە قارىتىلغان. مەسىلەن، بەزى تور تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان شىركەت تور بېكەتلىرى ئاستىدىكى 增值电信业务经营许可证 新B2-2005XXXX号 دېگىنى دەل تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تور بېكەتلەر ICP ئىجازەتنامە نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىجازەتنامىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئارقىلىق ھەقسىز بېجىرىشكە بولىدۇ. كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، ھەر يىلى يىللىق تەكشۈرتۈش كېرەك.
  بۇ ئىجازەتنامىنى بېجىرىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
  1. قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قۇرۇلغان شىركەت بولۇشى كېرەك.
  2. تىزىملاتقان مەبلىغى بىر مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
  3. شىركەتنىڭ ئايلانما مەبلىغى ۋە كەسپىي خادىملىرى بولۇشى كېرەك.
  4. خېرىدارلىرىنى ئۇزۇن مەزگىلىگىچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچى بولۇشى كېرەك.
  5. مۇقىم ئورنى ۋە ئەسلىھەلىرى بولۇشى كېرەك.
  6. يېقىنقى ئۈچ يىل مابەينىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان بولۇشى كېرەك.
  ئۈچىنچى. ئېلېكترونلۇق ئېلان تاختىسى ئىجازەتنامىسى (电子公告许可证)
  مۇنبەر (BBS) ، چايخانا قاتارلىق ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان تۈرلەرنى تەسىس قىلغان بېكەتلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئىجازەتنامىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئارقىلىق ھەقسىز بېجىرىشكە بولىدۇ.
  نېمىشقا ICP بېجىرىش كېرەك؟
  ICP تور بېكەت ۋە تور بېكەت مەسئۇلىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى ئەنگە ئېلىش ئارقىلىق تور بېكەتلەرنىڭ ۋە تور خەلقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ قانۇن بويىچە ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان قانۇنىي تەرتىپلەرنىڭ بىرى. شۇڭا دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدە تور بېكەت قۇرغان ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس چوقۇم ICP بېجىرىشى كېرەك.
  ICP بېجىرمەي تۇرۇپ تور بېكەت ئاچقانلار قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ؟
  1. تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ.
  2. جەرىمانە قويۇلىدۇ.
  3. تور بېكەت تاقىلىدۇ.
مەنبە:تور تېخنىكا سۇپىسى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 09:34:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
گەپنىڭ پوسكاللىسغا كەلسەك، يەنە شۇ icp توغرىسىدا  . بۈگۈنكى يازمىدا ICPنى يۆتكەش توغرىسىدا غەيرى رەسمىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي. تېما تۆۋەندىكى تۆت سوئالنى چۆرىدەپ بايان قىلىنىدۇ، ICPنى يۆتكەشكە بۇلامدۇ؟ قانداق ئەھۋالدا يۆتكەيمز؟ نېمىشقا يۆتكەيمىز؟ قانداق يۆتكەيمىز؟
ICPنى يۆتكەشكە بولىدۇ. icpنى بوشلۇق، مۇلازىمىتېر، vps كۆچكەندە يۆتكەيمىز.
چۈنكى icp ئۇچۇى سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىز ۋە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىنىڭ ئۇچۇرىدىن تەركىب تاپىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى ئۆزگەرگەندە سىزمۇ ماس ھالدا icp ئچىدىكى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىنىڭ ئۇچۇرنى نۆۋەتتىكى ئۇچۇرغا ئۆزگەرتىشىڭىز لازىمدۇر. تېما مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئالدىنقى ئۈچ سوئالنىڭ جاۋابى چىقىپ بولدى، ھەم بىر سوئال تۇغۇلدى، ئۇ بولسىمۇ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىنىڭ ئۇچۇرنى قانداق ئۆزگەرتىمىز؟ ئەمەلىيەتتە بۇ سوئال دەل شۇ قانداق يۆتكەيمىز دېگەن سۇئالدۇر.
يۆتكەشنىڭ تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ،
1. يېڭى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىنى بېكىتىمىز، (بېكىتىش دېگەنلىك تور بەت شۇلارنىڭ مۇلازىمتىنى قوبۇل قىلىش ئالدىدا ياك قوبۇل قىلىپ بولدى دېگەنلىك)
2. يېڭى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىدىن icp ئۇچۇرنى يۆتكەپ كېلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايسىز، يەنى، قانداق ماتېرىياللارنى تەمىنلەش، قانداق تەمىنلەش توغرىسىدا.
3. يېڭى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە ماتېرىياللارنى تەمىنلەيسىز (ئەڭ مۇھىمى icpنىڭ مەخپىي نومۇرى، icpنىڭ مەخپىي نومۇرى دەل مۇشۇنداق ئىشقا ئىشلەيدۇ).
4. ماتېرىيال يېڭى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى تەرىپىدىن يەرلىكتىكى خەۋەرلىشى ئىدارىسگە، توردىن، فاكىستىن ۋە ياكى پوچتىدىن ئەۋەتىلدۇ، ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە پەقەت icp مەخپىي نومۇرى ۋە تورنامىنىلا تەمىنلىىسڭىز ئۇلار ئۇچۇرنى icp سىستېمىسى ئارقىلىق يەرلىكتىكى خەۋەرلىشىكە يوللىسا خەۋەرلىشتىن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولسا ئۆزگەرتىش ئىلتىماسىنى(icp يۆتكەش ئىلتىماسى) تەستىقلىۋەتسىلا ئىش پۈتىدىكەن، ئەمما ھەر قايسى خەۋەرلىشى ئىدارىسى ۋە ھەر قايسىى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان تەلىۋىمۇ پەرقلىق بولىدىكەن. شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش تۇتۇڭ.
5. بەشىنجىسى يوق، تەرتىپ يۇقارقىدە.
تېمىنىڭ مۇشۇ يېرگە كەلگەندە ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدا يەنە مۇنداق سوئال تۇغلىشى مۇمكىن، بوشلۇق، مۇلازىمىتېر، vps كۆچتۈم، icpنى  ، ئەگەر يۆتكىمىسەم قانداق بولىدۇ؟
يۆتكىمىسڭىز icp رىڭىزنىڭ بىكارقىلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ، بەزى ئەھۋالدا ھەتتا سىز يۆتكەشكە ئۈلگىرەلمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن، خۇددى ئۆتكەندە مەلۇم بىر تېمىدا  مەلۇم بىر تورداش بوشلۇق ۋاقتىنىڭ توشۇشقا ئاز قالغانلىقىنى ئۆزىنىڭ كۆچۈش خىيالىنىڭ بارلىقىنى ئەمما ساتقۇچى تەرەپ  ئۇنىڭغا ئالدىدىن پۇل تۆلىمىسە icp بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندەك، مانا بۇ تور تەمىنلىگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىگە ئىشەنچىسنڭ يوقلىقىنى، پۇلغىلا تاۋاپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. icpدىكى تور تەمىنلىگۈچىنىڭ ئۇچۇرى نۆۋەتتىكى ئۇچۇربىلەن ماس كەلمىگەندە icpنى كىملەر بىكار قىلىۋېتىدۇ؟ icp ئىچىدىكى تور تەمىنلىگۈچى يەنى icp  نى بېجىرىپ بەرگۈچى، يەرلىكتىكى خەۋەرلىشىىش ئىدارىسى بىكار قىلىۋېتەلەيدۇ.


ئاپتورى: مۇخلىس

مەنبە ئەسكەرتىشى : بۇ تېما تورچىلار كۇلۇبىدىكى مۇخلىس ئەپەندى نامىدىكى يازما ئىكەن، مەزكۇر تېمىدا icpنى يۆتكەش توغرىسىدىكى يېڭىچە بىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن، پايدىلىق تېما ئىكەن دەپ قاراپ، بۇ يەرە يوللاپ قويدۇم.
ۋاقتى: 2016-2-23 02:47:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنىڭ نىۋاق بىكا بوپ كەتكىلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:35 , Processed in 0.207221 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش