سونېتلار
بۈزۆھرە تۇرۇپ سەھەر
1
دەرتلىرىڭنى يازالىسام ھەركۈن كۆزۈمگە،
لەۋلىرىمدە پورەكلەيدۇ ئۈمىدنىڭ قىنى.
چاچلىرىڭنى ئۆرىۋالسام يۆگەپ ئۆزۈمگە،
شىلدىرلىغان ياپراقلاردىن سورىغىن مېنى.
كېچىلەرگە يازالىسام قوشۇپ ئۆزۈمنى،
يۇلتۇزلارغا بېزەك قىلىپ ئاساتتىم سېنى.
لاۋۇلدىغان شەپەقلەردىن كۆرسەڭ يۈزۈمنى،
پىلتىڭلايدۇ قۇم ئۈستىدە بىلىقنىڭ جېنى.
يازالمىسام، يېزىلمىسام ھىجران ئۈزۈلمەس،
ھەم كۆمۈلمەي قىزىلىدۇ سۆيگۈنىڭ كىنى.
ئاي بەرگىگە يېشىم تامماي ساباھ سۈزۈلمەس،
قىيامەتكە يالىلدايدۇ مۇھەببەت رېڭى.
كۆيۈۋاتسا يامغۇر كەبى شارقىراپ پىراق،
چىدىمىقىم مۈشكۈلاتقا ئايلاندى بىراق.
2016.2.27
2
قورام تاشقا پۈتۈك قىلىپ ئويدۇم ئۆزۈمنى،
كۆڭلۈمدىكى كۇرمىڭلىغان سىر ھەم تۈگۈننى.
كىملەرگىدۇر تۆككۈم كىلەر كۆڭۈل سۆزۈمنى،
بىلگۈم كىلەر ساقلاپ تۇرغان ئەتە – ئۆگۈننى.
ئۆلسەممۇ گەر مىڭ بىر قېتىم، مىڭ بىر كېچىدە،
پەريات چېكىپ ئاھ ئۇرساممۇ بەردىمغۇ بەرداش.
نېمە باردۇر پىنھانلىقنىڭ زادى ئىچىدە،
ئىيتقىنە ئەي پارلاپ تۇرغان نۇر كانى قۇياش؟
مىڭ بۇلاقلىق چىمەن بولۇپ ياشاي دېسەم مەن.
قىيان – كەلكۈن باش كۆزۈمگە بەرمىدى ئارام.
زىمىستاندا يالغۇز، ياياق قويۇپ مېنى سەن،
قىلدىڭ ئاخىر گەپ ئاڭلىماس ساراڭ بىر قارام.
قاراڭغۇلۇق باسسىمۇ گەر گۆھەر كۆزۈمنى،
قەمەر كېلىپ يۇيار بىر كۈن مېنىڭ يۈزۈمنى.
2016.3.1
3
شىلدىرلىغان سۈزۈكلۈككە قوشۇلۇپ نەزمە،
ئاشىقلىقنىڭ پەرۋازىنى ئاسماندا كۆردۈم.
قارلىغاچلار تۈزۈشكەندە چىچىمدا بەزمە،
ئىرىپ قاردەك ، توزۇپ كۈلدەك ھوزۇرلار سۈردۈم.
رومالىنى قىيا قايرىپ باققاندا قەمەر،
قالار مەندە تەم سەزگۈسىز مۇردىدەك بىر تەن.
ھەسەن – ھۈسەن باغلىسىمۇ بىلىمگە كەمەر،
سەۋدالىقنىڭ سىر تەكتىگە يىتەلمىدىم مەن.
سەبىر ئاتلىق گۈل تاقىدىم باغرىمغا قات - قات،
مەنزىلىمنىڭ ئاخىرىغا يىتەلمىگەندە.
مەيىن شامال لەۋلىرىمدە بىردەمغىنە يات،
ھايات مەندىن ، مەن ئىشىقتىن كېچەلمىگەندە.
بىزار بولسا مەندىن ئەگەر جەندە – كۇلاھىم،
قويغىن مەندە ئاشىقلىقنى ئۇلۇق ئاللاھىم.
2016.3.2
4
پىلدىرلىشىپ ئاق تېرەكتە تەڭگە يوپۇرماق،
ئەسلىتىدۇ تۇچ ھالقاڭنى ھەر كۈنى ماڭا.
بۇ دۇنيادا ۋىسال-ھىجران ئىكەنغۇ قوشماق.
ئەي تاتلىقىم مەن يۈرەكنى بەرگەنتىم ساڭا.
ئاي شولىسى ئىقىپ چۈشسە بېخلايدۇ پىراق،
چىقىلىمەن مەن شۇئاندا بولۇپ پارە – پار.
نازۇكقىنە قىزىل ياپراق لېۋىڭگە سىياق،
سەنسىزلىكتە تىمتاسلىقنى تاللىۋالدىم يار.
مەن سېنىڭسىز، سەن مېنىڭسىز تەلمۈرۈپ ئۇزاق،
قىلسىمۇ گەر ۋاقىت بىزنى موماي، دۈمچەك چال.
ئۈمىد ئىچرە بۈلدۇقلايدۇ خىسلەتلىك بۇلاق،
ئاشىق – مەشۇق پۈتۈكۈڭنى بۇ بۇلاققا سال.
بولسا ئەگەر ھەر ئىنساندا ئەھدۇ، ۋاپا، ئار،
كۆڭۈللەردىن كۆكلەپ تۇرار سۆيگۈ بىغۇبار.
2016.3.6
5
چىمەنلەرگە شەبنەم قىلدىم تامغان يېشىمنى،
ھەسرەتلىرىم ئۈن تىۋىشسىز ياپراقتا قالدى.
كۆمۈپ قويسام گۈل تۈۋىگە كەچۈرمىشىمنى،
كەلسە باھار كۆكلەپ يەنە ھەسرەتكە سالدى.
ئۆز قەلبىمنى ئۆزۈم چالدىم كاككۇك
كۈيىگە،
ماي ئىيىدا ھەر خىل گۈللەر قىلغاندا جىلۋە.
ئۆستۈرگەنتىم بىرتال گۈلنى پەقەت بىرىگە،
ۋادەرىخا، قۇرۇپ كەتتىم گۈل بىلەن بىللە.
مەيىن شامال چاچلىرىمنى سۆيۈپ ئەركىلەپ،
ئەگىز يەڭلىغ باشلاپ كەلدى يەنە ھىجراننى.
باش باھارنىڭ تىنىقلىرى سىلاپ، پەپىلەپ،
مەستخۇش قىلىپ ئالار مەندىن ، ئالار بۇ جاننى.
كۈز ئاخشىمى ئاي بولغاندا تولۇپ رەسىدە،
مەن يازىمەن سۆيگۈ ئۈچۈن ئۆڭمەس قەسىدە.
2016. 3. 14
6
ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئىسىلى سەمىمىيەتتۇر،
باردۇر يەنە سۈكۈتلەردە تۈمەنمىڭ مەنا.
ھەقنىڭ ئۈستۈن بولمىقىمۇ قانۇنىيەتتۇر،
ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ دانا.
ئەي تولۇن ئاي لەۋلىرىڭنى ئۇزارتما ھەرئان،
بەزىلەرگە يىتەرلىكتۇر ئاسماننىڭ چىچى.
گەر سورىساڭ ئىسسىق جاننى بېرىدۇ شۇئان،
غۇرۇر بىلەن ياشاش، ئۆلۈش ئىنساننىڭ ئىشى.
ساداقەتنىڭ پەرۋانىسى ئوتقا ئىنتىزار،
نازۇك تەننىڭ كۆيىشىدىن يىمەيدۇ ۋايىم.
مېھىر ئىچرە قان يىغلايدۇ قەھر زارۇزار،
جاھالەتنى يېرىپ ئۈنەر سائادەت دائىم.
سولۇپ گۈلۈڭ، توختاپ ۋاقىت، سۇنغاندا قانات،
ئىزلىرىڭدىن ئۈنسە تىكەن ھاياتىڭ بەربات.
2016.3.17
7
ئەسلەش ئىچرە باشلىنىدۇ گۈزەل
ھېكايە،
تۈگەللىنەر خاتىمىسى ئۆڭمەس قىسسىدە.
ياپراقلىرى جۈل – جۈل كۈنلەر چالار ساپايە،
كۆيۈپ قىلىپ كېچەلمىگەن پىنھان بىرسىگە.
چاڭقاشلارنى باسالمىسا دەريا كەبى سۇ،
بوشلۇقلاردا لەيلەيدىكەن قورام تاشلارمۇ.
پايانى يوق دېڭىز كەبى كۈتۈش ئىكەن بۇ،
كۈلكىلەردە ئۆكسۈپ ئاقار مارجان ياشلارمۇ.
زارىقىشتا ئاقارسا چاچ، كېسىلسە دەرمان،
سۇدەك قۇرۇپ كەتكەن كۈنلەر ئەمەستۇر سەرسان،
ئىچىلىدۇ چېچەكلەردەك ساناقسىز ئارمان،
مەۋسۇملارنى چىرمىسىمۇ تۈگۈمەس پىغان.
مۇھەببەتكە، ساداقەتكە تولغاندا ھايات،
پۈتۈنلىنىپ ساما ئىچرە پەرۋازدا قانات.
2016.3.22
مەنبە:
شىنجاڭ يازغۇچىلىرى