بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-25 18:48
ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات
تۈڭلۈكۈڭگە قوندى يۇلتۇزلار
(مۇۋەششەھ)
بىر گۈزەلگە مۇپتىلا بولدۇڭ، دېدىڭ: يارىڭ بولاي،
ئارزۇ باغىڭدا بەرق ئۇرغان چىمەن زارىڭ بولاي.
ئەيلىبان سىرتماق ئوتىنى ئالدى چىرماققا سېنى،
ئېيتتى:گۈلخان تەپتىدە تاۋلان،تەلەپكارىڭ بولاي.
گال پىچاقتەك قېينىدى جانىڭنى ئاسماققا ئىلىپ،
قىلدى پەرمان:ئەيلە قۇللۇق خوجا-قۇلدارىڭ بولاي.
تولغۇنۇپ تۈن قوينىدا يۇلتۇزغا يەتتى ئاھلىرىڭ،
تۈڭلۈكۈڭگە قوندى يۇلتۇز:مەنلا ھەمكارىڭ بولاي.
ئۈنلىدىڭ دەمدەر كەبى روھىڭنى تاڭلاردا بىلەپ،
جىسمىنى ئوت ئەيلىدى كۈن:مەنمۇ بىدارىڭ بولاي.
رەستە-رەستە بولدى گۈلزار،تۇردى سازىڭمۇ كۈلۈپ:
چالغىنا،تاپقىن ۋىسال بىر مەررە،دىلدارىڭ بولاي.
كەلدى بىغەمدىن سادا:كۆرگىن جامالىمنى ئاچاي،
يەت ۋىسالىمغا قېنىپ،قۇرلاردا ئەشئارىڭ بولاي!
|