قار گۈلى توزۇپ كەتتى ۋاپاتىڭدىن
(
شائىر قۇربان باراتقا مەرسىيە)
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
1
توغراقلار كېسىلگەندە سەن يىغلىغان،
توغراقلار كۆيۈپ كەتتى ۋاپاتىڭدىن.
«قار گۈلى»توڭلىغاندا سەن مۇزلىغان،
قار گۈلى توزۇپ كەتتى ماماتىڭدىن.
«كەپتەرۋاز»كەپتەرلەرنى دانسىز قويدى،
كەپتەرلەر بەلكى داننى رەت قىلىشتى.
شېئىرنىڭ خىياللىرى جاندىن تويدى،
سەن كېتىپ ھايات ئېغىر تىن ئېلىشتى.
ھاياتنىڭ گۈلىستانى خازانغا يار،
نەدە ئۇ ئۆزۈڭ يازغان«يېشىل ھايات»؟
ئاق باغلاپ«ئاق روماللىق پەرىزات»لار
يىغلايدۇ قېنى سەن دەپ قۇربان بارات...؟
ئاسىيا ئاسمىنىدىن ئۆچتى يۇلتۇز،
تاۋۇتۇڭ مېڭىلغاندا گۈلساي تامان.
پۇشكىننىڭ قەلبى كۆيۈپ بولدى قۇندۇز،
مۇسىبەت رەڭگىمىزنى ئەتتى سامان.
2
بىر كېچە ھەمسۆھبەتتە بولغان ئىدىم،
ئىلىنىڭ مەئىشەتلىك باغلىرىدا.
مەي بولغان ھېكمەتىڭدە تولغان ئىدىم،
يۇيۇنۇپ شېئىرنىڭ گۈل- ياغلىرىدا.
چاپچالدا سەككاكىنى يوقلىغاندا،
ھەزرەتنىڭ مەقبەرەسى سالام بەرگەن.
بىز
ئىلھام يالىرىنى ئوقلىغاندا،
مىسرالار كۆڭۈللەرگە گۈللەر تەرگەن.
شامالدەك ئۆتۈپ كەتتى يىگىرمە يىل،
كۆرۈشۈش نىسىپ بولماي يەنە بىر رەت.
پەزلىڭنى تۇمار ئەيلەپ يادلىدى تىل،
دەرىخا! ئۆرۈلمىدى ئىككىنچى بەت.
ئۈن-تىنسىز كېتىپ قالدىڭ پادىشاھدەك،
نەۋكەرسىز ئەمەس ئىدىڭ شېئىرىيەتتە.
بىز قالدۇق«تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش»تەك،
غېرىپلىق قورشاپ دىلنى مۇسىبەتتە.
بىر تىلەك:مەنزىلگاھىڭ بولغاي نۇرلۇق،
ئەجرىڭنىڭ مۇكاپاتى ئېچىپ كۆرەك.
ئۆز ئەمەس ئەلگە تۆھپە قوشقان ئۇلۇق،
تۆھپەڭگە گۇۋاھ ئەبەد بىزنىڭ يۈرەك!...
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى(يەكشەنبە)،
گۇما-قىزىل بىنا.
ئىزاھات:
قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىرى شائىرنىڭ مەشھۇر شېئىرلىرىنىڭ نامى