چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 105|ئىنكاس: 0

خۇشخۇي:تەنھالىق كۈيى-تەشنالىق كۈيى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەنھالىق كۈيى-تەشنالىق كۈيى
-رەھىمە ئابدۇراخماننىڭ«مۈشۈك بوۋاي»ھېكايىسىنى ئوقۇشتىن ھاسىلات

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي


ئادەم مېھرى-ۋاپا بىلەن كۆكلەپ،مېھرى-ۋاپا بىلەن ياشىرىپ،مېھرى-ۋاپا بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.ياشنايدۇ،باراقسان بولىدۇ. ئەكسىچە،مېھرى-ۋاپاغا نائىل بولالمىغان ئادەم ھەرقانچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن تەقدىردىمۇ ھېچقانچە ياشىمىغاندەك، ھاياتنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ، تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى بايقىيالمايدۇ،ۋاقىتسىز سۇلىدۇ، نابۇت بولىدۇ.نام-نىشانسىز ئۇنتۇلىدۇ...
نۆۋەتتە،ھەممىمىز ئۇچۇر دەۋرىنىڭ شىددەتلىك ئېقىنلىرىدا توختاۋسىز لەڭ ئۇرۇپ ئېقىۋاتقانلىقىمىز سەۋەبىدىن ھايات رېتىمى مۆلچەرلىگۈسىز سۈرئەتتە تېزلىشىپ، ئالدىراش خىزمەت،ئالدىراش تۇرمۇش،ئالدىراش تىجارەت،ئالدىراش ھۆنەر،ئالدىراش تاپاۋەت...تۈپەيلىدىن بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان باردى-كەلدىمىز بارغانچە خوراپ، بىر-بىرىمىزنى يوقلاش،ئۆز ئارا سىردىشىش،ھال-مۇڭ بولۇش ئادەتلىرى ئۈن-تىنسىز ئازىيىپ بىرىۋاتىدۇ.خىزمەتداش،دوست،بۇرادەرلەر ئەمەس،ھەتتا ئاتا-ئانالار بىلەن بالىلار،ئۇرۇغ تۇغقانلار بىلەن ئۇرۇغ تۇغقانلار، قوشنىلار بىلەن قوشنىلار ئوتتۇرسىدىكى بىر- بىرىمىزگە بولغان كۆيۈنۈش،بىر-بىرىمىزگە بولغان مېھرى-ۋاپا شالاڭلاپ كەتتى. تۇرمۇشىمىز يۈكسەك دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ، مېھرى- ۋاپاغا بولغان تەلپۈنۈش، ئېچىرقاش ۋە تەشنالىق قەلبىمىزنى قۇرۇت كەبى تىنىمسىز غاجىلىماقتا.
شۇ سەۋەپتىن كۈنىمىزدىكى بىر قىسىم ئادەملەر،ئادەملەرنىڭ قەلبىدىن،روھىدىن، مۇئامىلىسىدىن تاپالمايۋاتقان مېھرى-ۋاپانى،دوستلۇقنى،سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلار، ئەرمەك ھايۋانلار ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ «قەلبى»دىن ئىزدەپ، ئۇلار بىلەن يىقىنلىشىپ،ئىچقويۇن،تاشقويۇن بولۇپ مېھرى- مۇھەببەتنىڭ قەدرى،قىممىتىنى ئاشۇ تىلسىزلار ئارقىلىق ۋايىغا يەتكۈزىۋاتىدۇ. مەسىلەن: بۇ سۆزىمىزنى«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى «ئەدەبىيات گۈلزارى» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان رەھىمە ئابدۇراخماننىڭ «مۈشۈك بوۋاي» ناملىق ھېكايىسى تولۇق دەلىللەپ بېرەلەيدۇ.
ھېكايىدە،مۈشۈك بوۋايدىن ئىبارەت پىرسۇناژنىڭ بىرەر يۈزدەك مۈشۈك بىلەن تەنھا ياشاپ،مۈشۈك بىلەن ئۆي تۇتۇپ،مۈشۈك بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، پۈتۈن ھاياتىنى مۈشۈك بېقىپ، مۈشۈكلەر بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتكۈزگەنلىكى،ئاخىرىدا بوۋاي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن،بوۋاي ھايات ۋاقتىدا مېھرىنى بەرگەن،كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلىگەن، ئاش-نان بېرىپ باققان ئاشۇ مۈشۈكلەر بوۋاينىڭ جەسىتى ئەتراپىدا ھازا ئېچىپ، بوۋاينىڭ تاۋۇتىغا ئەگىشىپ، جەسىتى قەبرىگە قويۇلغاندىن كېيىنمۇ، باشقا ياقلارغا تاراپ كەتمەي،بوۋاينىڭ قەبرىسىنى يالغۇزلىماي، قەبرىستانلىقتا«ئۆي»تۇتۇپ،ئۇ ھايات چېغىدىكى ئاددى كەپىدە بوۋاي بىلەن قانداق ياشىغان بولسا،ھازىرمۇ  زاراتگاھلىقنى شۇنداق ئاۋاتلاشتۇرۇپ، بوۋايغا بولغان چىن  مېھرى-ۋاپا،ئەقىدىسىنى ئۈزۈلمەس كۈي شەكلىدە ياڭراتقانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان.
ھېكايىنى دەسلەپتە ئوقۇغان ئادەم،ھېكايىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرگەن مەنا چوڭقۇرلىقىغا چۆكەلمەي،«كىشىلەرنىڭ مۈشۈك بېقىشى چاشقان يوقىتىش ئۈچۈن» دەپ ئاددىلا چۈشۈنىپ، مۈشۈك بوۋاينىڭ مۈشۈك بېقىشىدىكى ھەقىقى مەقسەت-مۇددىئاسىنى تونۇپ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ھېكايىنى قېتىرقىنىپ،قايتا-قايتا ئوقۇپ ھېكايىنىڭ مەنا قاتلاملىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرىش ئۈچۈن بوۋايغا ئۇن،ياغ،گۈرۈچ ئېلىپ بارغان «مەن» نىڭ دادىسىنىڭ سۆزلىرىگە زەن قويۇپ قۇلاق سالسىلا،بوۋاينىڭ ئاشۇ مۈشۈكلەرنى ئەنئەنىۋى ئادەت تۈپەيلىدىن، ئاددى ھالدا چاشقان يوقىتىش ئۈچۈن باقمىغانلىقىنى، بەلكى ئۆزىنىڭ تىكەندەك يالغۇز،يەككە-يىگانە، مۈشۈكتىن باشقا مۇڭدىشى يوق، سىردىشى يوق،تەنھا تۇرمۇشىنى قايناق،جۇشقۇن ئىنسانىي مەناغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۈشۈك بېقىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتمەي قالمايدۇ.
سۆزىمىزنىڭ مىسالى،-جۇماڭكا،مۈشۈكلىرىڭنى يوقات ياكى ئايرىم باق، مۈشۈك بىلەن بىرگە ياتما،يوتقان-كۆرپىلىرىڭنى ئاپتاپقا سال،قوشنىلار بەرگەن تاماقنى ئاۋال ئۆزەڭ يە، ئاشسا مۈشۈكلىرىڭگە بەر،مۈشۈك دېگەن چاشقان تۇتۇپ يەيدۇ. تەشكىل ماۋۇ ئۇن-گۈرۈچنى ئەۋەتتى، بۇنىڭدا تاماق ئەتسەڭ ئۆزەڭ يە،مۈشۈكلىرىڭگە بۆلۈپ بەرمە يەنە!... دېگەندەك پەندى-نەسىھەتلىرىدىن،بوۋاينىڭ مۈشۈكلەرنى ھەرگىزمۇ چاشقان تۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا باقمىغانلىقىنى تونۇپ يەتسەك،ئۇنىڭ:«-يەڭلا بالىلىرىم، يەڭلا، ‹ئاپئاق قىز› بولغان بولسا سىلەرگە پولۇ،لەڭمەن ئېتىپ بېرەتتى.ھەي‹قاسىم›تويماس ئاۋۇ سىڭىللىرىڭغا يول قوي.‹پاتەم›سەن ئالدىغا ئۆتۈپ يە.قېنى‹تۇرغان› كۆرۈنمەيدىغۇ، يەنە نەگە‹قىز›ئىزدەپ كەتكەندۇ.‹شىپەشخان›سەن كەچتە ئۆيدە ئولتۇرماس بولۇۋالدىڭ، نەلەردە يۈرىسەن؟ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەسسەن- ھە؟...» دېگەنگە ئوخشاش ۋەزنى ئېغىر چاقىرىق،سەمىيمى پەندى-نەسىھەت تۈسىنى ئالغان دېئالوگلىرىدن، مۈشۈكلەرنى ئۆزىنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى،ھەمراھلىرى... قاتارىدا كۆرىۋاتقانلىقىدەك،بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىمىز، مۈشۈكلەرگە ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى قويۇپ، ئادەم نامى بىلەن چاقىرىشلىرىدىن بوۋاينىڭ،كۆڭۈلدىكىدەك بىر سىرداشقا، ئەستايىدىل مۇڭداشقا، مېھرى-ۋاپالىق بىر ھەمراھقا نەقەدەر تەشنا ئىكەنلىكىنى سەزگىنىمىزدە، بەدەنلىرىمىزنىڭ توك سوقىۋەتكەن ئادەمنىڭ بەدىنىدەك جۇغۇلداۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي قالمايمىز.بىلسەك، ھايات ئادەمگە نىسبەتەن يالغۇزلۇقتىن ئارتۇق مۇسىبەت بولمىسا كېرەك.
مەن بۇ ھېكايىنى قايتا-قايتا ئوقۇش ئارقىلىق«مۈشۈك بوۋاي»نىڭ يالغۇز،تەنھا، مۇڭ باسقان ھاياتىنى،ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ:

يالغۇز تۇرنا غېرىپ-مۇساپىر،
يىغلاپ يۈرەر تاغدا يالغۇز شىر.
يالغۇزلاردا بولسۇن نە كىبىر،
يارى يوقنى بىچارە دەڭلا!

دېگەن يالقۇنلۇق مىسرالىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە،يالغۇزلۇققا ئادەملا ئەمەس،ھەتتا باغ-ئورمانلاردا،تاغ-ئۆڭكۈرلەردە ياشايدىغان ئۇچارقانات،ۋەھشى ھايۋانلارمۇ رازى ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىمىز.
سۆزىمىزنىڭ تۈگەللىمىسى:بۇ ھېكايىنىڭ ھەجىمنىڭ قىسقىلى،تىلىنىڭ يىنىكلىكى، ئەكىس ئەتتۈرگەن مەزمۇننىڭ تىرەنلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالىشىدا،ئاپتورنىڭ ئاددى ۋەقەنى،ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر كۈچى ئارقىلىق يورۇتۇپ، ئىنسانلار قەلبىدىن ئۆچۈپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، «مېھرى-ۋاپا كۈيى» نى يېڭىلاپ، ئۇنى سەزگۈر كۆڭۈللەردە قايتىدىن نامايەن قېلىش ئۈچۈن بارلىق زېھنى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرگەنلىكىدەك ماھارىتىگە ئاپىرىن ئېيىتماي تۇرالمايمىز.

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى،گۇما-كۆكئوتاغ.
———————————————
ئىزاھات: ئاپتور ۋە مۇنبەر ئىشخانىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ بۇ ئەسەرنى باشقا مۇنبەر سالۇنلاردا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا پاش قىلنىدۇ.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:15 , Processed in 0.257670 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش