ئۇ، قاچتى خوتەندىن
(غوجامۇھەممەدنىڭ«شېئىردىكى قىز»توپلامىغا ئىلاۋە)
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
مەيلىڭنى ئۇتتىمۇ«شېئىردىكى قىز»،
كۆڭلۈڭنى چەيلەمدۇ ئۇ دەسسىگەن ئىز.
چۈشۈڭدە ۋارقىراپ تاشلامسەن گاھى:
«ئاھ جېنىم،ۋاھ جېنىم خوتەندىمۇ سىز...»؟
خوتەننىڭ ئەتلىسى ئۆتكەندە يولدىن،
ھاياجان دەۋرەيدۇ ئوڭدىن ۋە سولدىن.
«مىراجىخان»ئەينەكنى قىلىپ سەك پارە،
رەڭلەيدۇ چېھرىنى گۈل ئۈزگەن قولدىن.
شائىرغا كۇچامۇ خوتەندەك شېئىر،
قەلەمنىڭ كۆڭلىدىن تۆككەندە مېھىر.
ئۇ قاچتى ۋەتەندىن-بىرلا خوتەندىن،
سەيياھلىق خۇمارى ئىشلىتىپ سېھىر.
خوتەندە چوڭ بېكەت شېئىرسىز قالدى،
شوپۇرلار«تەمكىن»نى سوراققا ئالدى...
غوجاخۇن مىڭ ئۆينى كەزسىمۇ مىڭ رەت،
سېغىنىش قوشتاغنى داپ ئېتىپ چالدى...
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى(پەيشەنبە)،
گۇما-كۆكئوتاغ.