ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن
شىكەرىستان
ئانار
چېھرىگە قونغان شەپەق جانانغا ئوخشايدۇ ئانار،
باغى ئۇزلۇق تەختىدە خاقانغا ئوخشايدۇ ئانار.
لالىرەڭ شەربەت تامار باغرى يېرىلسا پارچىلاپ،
تامچىغان زەخمى يۈرەكتىن قانغا ئوخشايدۇ ئانار.
جان ياشارغاي لەززىتىدىن تارقىلىپ تەنگە ھوزۇر،
ئەڭ شىپالىق شەربىتى دەرمانغا ئوخشايدۇ ئانار.
شاخىدا شەبنەم ئىمىپ پىشقانسىرى بۇرنى يېرىق،
باغرى چۆلدەك چاكۇچاك بىر جانغا ئوخشايدۇ ئانار.
ئارزۇلاپ يانچۇققا سالسام قايسى چاغ شاختىن ئۈزۈپ،
ئۈنچە-مارجانغا توشاق ھەميانغا ئوخشايدۇ ئانار
دانچىلارنى بىر قەۋەت پوستى بىلەن تۇرغاچ ئوراپ،
تۇرقىدىن قەلبىم سىرى پىنھانغا ئوخشايدۇ ئانار.
جان چىقار ھالەتتىمۇ كەچكى شەپەقتەك چاقنىغان،
كۆلتېگىن كۆڭلىدىكى ئارمانغا ئوخشايدۇ ئانار.
ياڭاق
تۇرمۇشىدا ئەھلى يۇرتنىڭ رىزقى ھىممەتتۇر ياڭاق،
ھەر نەزەردە ئەتىۋارلىق نەرقى قىممەتتۇر ياڭاق.
تۇرسا كىمنىڭ ھويلىسىدا سايە تاشلاپ بىر تۈپى،
شۇ جەمەتنىڭ ئىپتىخارى-تەختى شەۋكەتتۇر ياڭاق.
زەر مېغىزنى ساقلىغاچ يۈرگەچ شاكال پىنھانىغا،
كەمتەرىنلىك خىسلىتىدە ئەلگە ئىبرەتتۇر ياڭاق.
نەچچە تۈپ بولسا ئۇنىڭدىن يەپ،سېتىپ كۈن ئۆتكۈزەر،
بولسا جىق باغۋەنگە پايدا پۇلغا بەرىكەتتۇر ياڭاق.
ئەيلىگەن ئەجرى ئەزىم ئەجداد ياڭاق ئۆستۇرگىلى،
تۇرسا چايناپ ماغدۇرى كەتكەنگە قۇدرەتتۇر ياڭاق.
بولغىنى راست ئەلمىساقتىن ئەمچىلەرگە دورىلىق،
جان شىپاسىدا زۆرۈرى بىناھايەتتۇر ياڭاق.
شۇ سەۋەپتىن بىباھا-ئۈستۈن بىلەرمەن قەدرىنى،
ناشتىلىققا كۆلتېگىنگە رىزقى نېئىمەتتۇر ياڭاق.
ئەنجۈر
دەيدۇ ئەل«شاخ مانتىسى»ئەنجۇرنى دىلدىن ئارزۇلاپ،
شەربىتى جاننى ياشارتار قان بولۇپ تەنگە تاراپ.
ئەلمىساقتىن ئەھلى يۇرت قەدرىنى بىلگەچ ئەتىۋار،
ئەنجۈر ئالماققا كېلەر نە-نەلىدىن ئىزدەپ-سوراپ.
باقسا ھەر كىم زەن سېلىپ ئاچقاي كۆڭۈلنىڭ بەھرىنى،
نۇر-شەپەق سۆيگەن يۈزى ئالتۇنغا ئوخشاش يالتىراپ.
خىسلىتىنى تەرپ ئەتمەككە سۈپەت ئاجىز كېلەر،
قايسى جان قەدرىگە يەتمەس كۆڭلىگە تۇرسا ياراپ.
باققا كىرسەم ھەممىدىن ئەنجۈر ئاۋال تارتقاي نەزەر،
كۆزلىرىمگە سىڭدۈرەرمەن ھۆسنىگە تويماي قاراپ.
خاسلىقىدۇر باغ ھاۋاسىنى مۇئەتتەر ئەتكىنى،
خۇشبۇي يارغاي دىماقنى ھىدلىسام گۈلدەك پۇراپ.
كۆلتېگىننىڭ قەلبىدە ئەنجۈرگە سۆيگۈ قوزغىلار،
قىز كەبى مەشئۈم يوپۇرماق ئاستىدىن تۇرسا ماراپ.
گىلاس
قىپقىزىل پىشقان گىلاس يارنىڭ لېۋىنى ئەسلىتەر،
شەربىتى كۆيگەن يۈرەكنىڭ چاڭقىقىنى پەسلىتەر.
ياز قۇياشى نۇرىدا چاقناپ قىزىل ياقۇت كەبى،
ئىككى-ئۈچ تۈپ ئۆستۈرۈلسە ھويلىنى ئاۋات ئېتەر.
كەلتۈرۈلسە داستىخانغا زىننىتى بەرىكەت قوشۇپ،
تۇتسا بىر چاڭگال ئۇنىڭدىن ئەھلى سورۇنغا يېتەر.
قىپقىزىل رەڭگى مىسالدۇر خۇددى ياشلىق پەسلىگە،
ئاشىقىنى قېز گىلاسنىڭ ئاستىدا ساقلاپ -كۈتەر.
يوق ئۆمۈردە ئەۋزىلى سۆيمەك-سۆيۈلمەك بەختىدىن،
يارى يوق جان ھەردىمى رەڭگى گىلاستەك قان يۈتەر.
مەۋجى
ئىلھامىنى قوزغاتقاچ چىرايلىق ھۆسنىدە،
كۈيچى-
شائىرلار گىلاس تەرىپىگە ئەشئار پۈتەر.
دانە-دانە تۇرسا قىز بوينىدىكى مۇنچاق كەبى،
كۆلتېگىننى ھېسسىياتنىڭ بۆشۈكىدە تەۋرىتەر.
بېھى
ھۆسنىدە ئالتۇن جۇلاسى بەك چىرايلىقتۇر بېھى،
ئارزۇلايدۇ ئەل نەزەردە ئەتىۋارلىقتۇر بېھى.
پەسلى كەچكۈزدە ئۈزۈپ قويسا ئۇيۇقلارغا تىزىپ،
ئۆي ئىچى بولغاي مۇئەتتەر-خۇشپۇراقلىقتۇر بېھى.
مېۋىلىك باغلار تولا يۇرتۇمدا جەننەت باغىدەك،
ۋە لېكىن باغلار ئارا كەمچىل-ساناقلىقتۇر بېھى.
لىق مېۋە سۈكەن-سېۋەتتە،كەچكىچە ئاۋات بازار،
ئالدىدىن كەتمەس خېرىدار ئەڭ بازارلىقتۇر بېھى.
باققا كىرسەم يالتىراپ تۇرغان يوپۇرماقلار ئارا،
بىر ئۇياتچان قىزغا ئوخشاش مارىلاقلىقتۇر بىھى.
ئۇ تاماق شاھى پولۇنىڭ ئەڭ ئېسىل بىر خۇرچىدۇر،
خىسلىتى بولغاچقا كۆپ ئۈستۈن باھالىقتۇر بېھى.
ئەي قەدىناسىم،ماڭا كەلتۈر لەزىز شەربەت ياساپ،
كۆلتېگىننىڭ دەردىگە مەلھەم-شىپالىقتۇر بىھى.
ئۈزۈم
ئۈنچىدەك چاقنار بىدىشقا ئارتىلىپ باغدا ئۈزۈم،
سايۋا، كىشمىش ھەم مۇناقى-چىلگىيۇ جاغدا ئۈزۈم.
تەمىنىڭ تاتلىقلىقىدىن شىرنىسى تىلنى يارار،
مۇلكى تۇرپان، بەشكېرەم،ئىلچى بېھىشباغدا ئۈزۈم.
ھۆسنى-كۆركىدىن ئانا يۇرت باغرىنى ئاۋات ئېتىپ،
بار يەنە باغدىن بۆلەك يول، قاپتىلى تاغدا ئۈزۈم.
ئەھلى يۇرتنىڭ تۇرمۇشىغا سۆيگۈدەك كەتكەن سېڭىپ،
چىقسا گەر دېھقان ئېتىزغا بىللە بەلباغدا ئۈزۈم.
كەھرىۋادەك تۈس ئېلىپ يۇيسا سەھەرنىڭ شەبنىمى،
يالتىرايدۇ مايلىنىپ قالغان كەبى ياغدا ئۈزۈم.
ساقلىنار ئۈزگەندە چۈنچە،تام-تورۇسقا ئېسىلىپ،
قەدرىنى بىلگەن كىشىنىڭ رىزقى ھەر چاغدا ئۈزۈم.
كۆلتېگىننىڭ جېنى ياشنار شەربىتىڭ قانغا سېڭىپ،
لەززىتىڭدىن بەھرسىز جان قالغۇسى داغدا ئۈزۈم.
ئالما
ئوخشىتارمەن مەشۇقەم مەڭزىگە كۆرسەم ئالمىنى،
ئاجرىماس ھەمرا ئېتەرمەن نەدە يۈرسەم ئالمىنى.
ئالمىغا ئامراقلىقىمنى ئەستە ساقلاپ دائېما،
دىلبىرىم سۇنغاي ماڭا باغدا كۆرۈنسەم ئالمىنى.
ياش تۆكۈپ مەختۇمسۇلانىڭ دەردىدە بولسام سەبىر،
ئوڭلىنارمەن چىنتۆمۈردەك كۆزگە سۈرسەم ئالمىنى.
كۆيمىكىم دەشتى جۇنۇندا ئەسلىدىن قىسمەت ماڭا،
يەپ قانارمەن تويغىچە چاڭقاشتا كۆيسەم ئالمىنى.
يار خىيالەن ئالمىغا، گاھ ئالما يارغا ئايلىنار،
يارنى سۆيگەندەك بولارمەن قانچە سۆيسەم ئالمىنى.
تۇرغىنىمدەك مەشۇقۇمنىڭ لەۋلىرىدىن بال شوراپ،
جان ھوزۇرى دەپ شورايمەن بۇ لەزىز تەم ئالمىنى.
كۆلتېگىننى مەڭزى يارنىڭ ئالمىغا قىلدى خۇمار،
ئارزۇلايمەن شۇڭا يارنىڭ خىسلىتى جەم ئالمىنى.
ئۆرۈك
باغدىكى نېئىمەت ئىچىدە بولسا كەم بولماس ئۆرۈك،
داستىخانغا قويمىسا يازدا كۆڭۈل تولماس ئۆرۈك.
مەي بولۇپ پىشسا ئەگەر بالدىن قېلىشماس لەززىتى،
نەپسىنى كۆرگەن كىشىنىڭ مەيلىگە قويماس ئۆرۈك.
ئاق ئۆرۈك، جانان ئۆرۈك، مايسەن،خۇۋەينى، قىزىلاڭ...
دەر«ئۆرۈكلۈك باغ»ئۇنى بولسا مۇشۇنداق خاس ئۆرۈك.
شاخلىرى يەرگە باقار ئالغاچ زېمىندىن كۈچ-ئوزۇق،
ئوخشىسا يادەك ئېگىپ شاختىن چىقارغاي قاس ئۆرۈك.
ئورما ۋاقتىدا يېسە كۆيگەن يۈرەكنى سەگىتەر،
ئالدىدا باققال بوۋاينىڭ ھەممىدىن باس-باس ئۆرۈك.
بۇ سېخى يۇرتتا ئۆرۈكسىز قالمىغاي ھېچبىر كىشى،
خوشنىمىز يوقلايدۇ پات-پات كىرگۈزۈپ بىر داس ئۆرۈك.
ئەڭ ئېسىل قوش نېئىمىتىم سەن ئەت-گۈلە، تاتلىق مېغىز،
شۇ سەۋەپتىن كۆلتېگىن قىلغاي ساڭا ئىخلاس ئۆرۈك.
ئۈجمە
پىشتىمۇ دەپ بىسەۋىرلىكتە سورايمەن ئۈجمىنى،
نۇرىغا سۆيگۈ-سېغىنچىمنىڭ ئورايمەن ئۈجمىنى.
مەي بولۇپ پىشقان چېغى كۆكلەم كۈنىنىڭ تەپتىدە،
تولدۇرۇپ ئاغزىمغا لىق بالدەك شورايمەن ئۈجمىنى.
شاختا قىز بوينىدىكى مارجانسىياق تۇرسا قاتار،
ۋاقتىدا تەرمەككە شۇنچە ئالدىرايمەن ئۈجمىنى.
خاسىيەتلىك تۇنجى ئاشنىڭ كەيپ-ھوزۇرىنى سۈرۈپ،
لەئلى شەربەت لەززىتىگە تەڭ سانايمەن ئۈجمىنى.
ئەھلى يۇرت دەردنىڭ داۋاسى دەپ ئۇنى تەرپ ئېتەر،
شۇڭا ھۆرمەت تەختىدە ئۈستۈن قويايمەن ئۈجمىنى.
جەم بولۇپ ئەھلى قەلەم، شائىر زامانداشلار بىلەن،
داستىخانغا تولدۇرۇپ بەزمە قۇرايمەن ئۈجمىنى.
يول بويىغا ئۈجمە تىككەن ياخشىلار تاپقاي ساۋاپ،
ئېتىباردىن چەتتە نېچۈن قالدۇرايمەن ئۈجمىنى.
شەربىتى ئابى ھاياتتەك قان بولۇپ تەنگە سىڭەر،
يەپ يۈرەك تەشنالىقىمنى قاندۇرايمەن ئۈجمىنى.
يەتكۈزەلمەس نەپ سېرىقتال كۈندە ئەلگە پور سۆگەت،
كۆلتېگىن دەر ئۆز ھاياتىمدا دوراي مەن ئۈجمىنى.
جىگدە
تۈرۈڭ كۆپ، قاغا جىگدە ھەم قاپاق جىگدە-يۇ نان جىگدە...
مېۋەڭ جانغا ئوزۇق، قىش پەسلىدە قۇشلارغا دان جىگدە.
«غولى مىستىن، يوپۇرماقى كۈمۈش، مېۋىسى ئالتۇندىن»-
ئېتىشكەن ئەل تېپىشماقتا سىفاتىڭنى بايان جىگدە.
ئېلىپ بارغان سېنى يۆتكەپ يىراق مەشرىققە مەغرىپتىن،
ئىپارخان قىسسەسىدىن قىممىتى ئەسلىڭ ئايان جىگدە.
ساڭا باغدىن ئورۈن تەگمەس ۋەيا پەرۋەرىش ئەتمەس،
تىكىلسەڭ نەگە يا ئۈنسەڭ شۇ يەردە ئاينىغان جىگدە.
قەدىم يۇرت ئەھلىدەك ئاپەت-خەتەرلەرگە چىداملىقسەن،
ياراملىق يىلتىزىڭ تۇپراقنى مەھكەم قارمىغان جىگدە.
زىمىستاندا غولۇڭ تاۋلىق ئوتۇن، كەتمەنگە ساپ شۇلتاڭ،
قاشالانغاي تىكەنلىك شاخلىرىڭدا باغ-ۋاران جىگدە.
بولۇپسەن كۆلتېگىنگە تا گۆدەكلىكتىن بېرى ھەمراھ،
ئۆمۈر پەسلىڭنى ئاپەت ئەتمىسۇن قاقشال-خازان جىگدە.