چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 276|ئىنكاس: 0

«سۇزاق» نامى توغرىسىدا ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«سۇزاق» نامى توغرىسىدا ئىزدىنىش

ئابلاجان بوۋاقى


«سۇزاق» دېگەن بۇ يۇرت-قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى، تارىخى ئۇزاق، نوپۇسى كۆپ بۇ يۇرت غەربتىن جەنۇبقا سوزۇلغان بىر نەچچە توقاي ۋە بوستانلىقتىن تەركىب تاپقانلىقى، سۈيىنىڭ مول، تۇپرىقىنىڭ مۇنبەتلىكى بىلەن ھەممىگە تونۇش. بۇ يۇرت يەنە ئەل ئىچىدە «كەڭرى غوجام» دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن، ئېھتىمال بۇ نام بۇ يۇرتنىڭ كەڭ بىر پارچە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قاراپ ئېيتىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى بۇ يۇرتنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىدا ئىككى يار، غەربى بىلەن جەنۇبىدا ئۈچ دەريا «قىزىل، تۈمەن ۋە چاقماق» بار.
      «سۇزاق» نامى توغرىسىدا
      بۇ نام توغرىسىدا ماتېرىياللاردا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلار بار، بۇلارنى مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
     1. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسى، 1986-يىلى تۈزگەن «قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تەزكىرىسى» دە «<سۇزاق> دېگەن نام توغرىسىدا» دېگەن سەرلەۋھىلەر ئاستىدا:« كەنت كومىتېتى مۇشۇ جايغا ئورۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان» دەپ چۈشەنچە بەرگەن. ئېنىقكى، بۇ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق قاراش. بۇ يۇرتتىكى ئاياغ سۇزاق، توقاي توغرىسىدىمۇ قايىل قىلارلىق بىرەر چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، پەقەت تىلسۇزاق توغرىسىدا :« بۇ يۇرتنىڭ يەر شەكلى سوزۇنچاق بولغانلىقى ئۈچۈن <سۇزاق>  دەپ ئاتالغان» دەپلا قويغان. بۇ سەل ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن چۈشەنچە بولىشى مۇمكىن، چۈنكى تىلسۇزاقنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئەمەلىيەتتىمۇ ئادەم تىلىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ؛
     2. « قەشقەر ۋىلايىتى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە « سۇزاق » دېگەن سۆز بىلەن «سۇغا ئۇزاق» دېگەن سۆزلەر ئارىسىدىكى فونېتىكىلىق يېقىنلىق تەكىتلىنىپ،« سۇزاق سۇغا ئۇزاق دېگەنلىكتۇر» دېيىلگەن. گەرچە بۇ قاراش سەل-پەل ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك پاكىت ئاساسىغا ئىگە ئەمەس، چۈنكى بۇ يۇرتتا ئەزەلدىن دائىم سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان « بەش ئېرىق» دەپ ئاتىلىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭ بار، ھازىرمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان «كىچىك ئېرىق» دېگەندەك مەھەللىلەر بار؛ يەنە بىرى، چاقماق دەرياسى ئەزەلدىن بەشكېرەم، ئاۋات ۋە قوغان قاتارلىق بىر قانچە يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ يۇرتنىڭ يەرلىرىنى سۇغىرىش بىلەن شۇ يېزىلارنىڭ يەرلىرىنى ئۈنۈملەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. دېمەك، بۇ يۇرت ھەرگىزمۇ بۇ «تەزكىرە» دە ئېيتىلغاندەك «سۇغا ئۇزاق» يۇرت بولماستىن، بەلكى سۈيى خېلىلا ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت ۋە كەڭ، خەلقى ئىناق-ئىتتىپاق، ئەل تۇرمۇشى قوۋناق بىر يۇرت؛
3. 2010-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى «قەشقەر مەجمۇئەسى» نى تۈزۈش ھەيئىتى تۈزگەن «قەشقەر مەجمۇئەسى» نىڭ ئادىل مۇھەممەد قەلىمىدىكى «قەشقەر يەر-ناملىرى» ناملىق كىتابتا مۇنداق بايان بار:« سۇزاق- قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بىر يۇرتنىڭ نامى، بۇ يۇرت <تۆۋەنكى سۇزاق، يۇقىرىقى سۇزاق> دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ» دەپ ئېلىنىپ، مۇشۇ مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك «تىل سۇزاق» دېگەن چوڭ بىر بۆلەك نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. بۇ كىتابتا يەنە مۇنداق يېزىلغان:«<سۇزاق> سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا <يېزا-كەنت>،<كوچا-كوي>،<مەھەللە> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام قەدىمكى تۇرپان تېكىستلىرىدىمۇ ئۇچرايدىغان ئىبارە بولۇپ،<قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى لۇغىتى>دە<يېزا-كەنت> دەپ ئىزاھلانغان». بىراق ماتېرياللاردا ئاتالمىش فونېتىكىلىق «يىقىن»لاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق «سۇزاق» بىلەن «سۇغا ئۇزاق» دېگەن سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىلىرى قويۇلۇپ،«سۇغا ئۇزاق دېمەكتۇر» دەپ تەبىر بېرىلگەن. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ نام ئەسلىدە«ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرىدا تەڭ تەقسىماتچىلىق يىمىرىلگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئاھالىلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي بىرلىكى ئىدى. كېيىنچە بۇ بەگلىك ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي بىرلىككە ئىگە ئاھالىلەر ياشايدىغان ئورۇننىڭ نامى بولۇپ قالغان». «سۇزاق» سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يېزا-كەنت»، «كوچا-كوي»، «مەھەللە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى بىر تەرەپتىن، يۇقىرىدىكى شەرھى-بايانلارنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى بەشكېرەم بوستانلىقىدا ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرى ۋە قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ باشلىرىدا«يېزا-كەنت» لەرنىڭ شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ يۇرتتىكى خەلقلەرنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردە دەۋر تەرەققىياتى بىلەن ماسلىشىپ ئالدىدا ماڭغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
«سۇزاق» نىڭ دائىرىسى
«سۇزاق» دېگەن يۇرتنىڭ شىمالىي تەرىپى ھازىرقى بەشكېرەم يولىغا، جەنۇب تەرىپى قىزىل دەرياغا تۇتىشىدۇ. شەرقى ۋە غەربى تەرىپىدە ئىككى يار بولۇپ، شەرقى تەرىپى ئاۋات يېزىسىنىڭ قۇمپۇتۇق، يالا-يىڭچىكە كەنتلىرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ تەۋەدە باش سۇزاق (ھازىر قوغان يېزىسىغا قارايدۇ)، تىل سۇزاق كەنتى، لەنگەر كەنتى، تۆۋەنكى ھويلا كەنتى، توقاي كەنتى (بۇ كەنتلەر ھازىر دۆلەتباغ يېزىسىغا قارايدۇ)، تىل سۇزاق كەنتى، لەنگەر كەنتى، تۆۋەنكى ھويلا كەنتى، توقاي كەنتى (بۇ كەنتلەر ھازىر دۆلەتباغ يېزىسىغا قارايدۇ) قاتارلىق بەش كەنت بار، نوپۇسى 20 مىڭغا يېقىن. كېينچە بۇ چوڭ يۇرتنىڭ غەرب ۋە شەرق تەرىپىدىكى يارلاڭلار شۇ ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغىرىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سۇ ئامبىرىغا ئۆزگەرتىلگەن (ھازىر ئاۋات يېزىسى تەرىپىدىكىسى«دا يالاڭ»، ۋاپ كەنتى تەرىپىدىكىسى «شىياۋ يالاڭ» دەپ خاتا ئاتىلىۋاتىدۇ).
قارايدىغان بولساق،«سۇزاق» دېگەن يۇرتنىڭ شىمالى تار، جەنۇبى تەدرىجىي كېڭىيىپ بارىدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئەينى چاغدىكى كەلكۈن ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن ئاياغ تەرىپىنى سۇ كۆپرەك ئېلىپ قېچىپ شۇنداق بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يۇرتنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغىچە تەخمىنەن 10 كىلومتىر، شەرقتىن غەربكە بولغان ئارىلىقى كەڭ يېرىنىڭ بەش كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سۇزاق دېگەن بۇ يۇرتنىڭ ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇنچاق كەلگەن يۇرت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالىمىز، لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا «سۇزاق» دېگەن بۇ نامنى ئىزاھلاش كۇپايىلەنمەسلىكىمۇ مۇمكىن.
بىز يۇقىرىدا «سۇزاق» دېگەن بۇ يۇرتنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدە ئىككى يار بارلىقىنى تىلغا ئالغان. شەرق تەرىپىدىكى يارلىق «سۇزاق» دېگەن يۇرتنى ئاۋات يېزىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان تەبىئىي پاسىلغا ئايلانغان، سۇزاق مانا مۇشۇ ئىككى يارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سوزۇلۇپ جايلاشقان. سۇزاق خەلقى ئەلمىساقتىن چاقماق دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك قىلىپ، شۇنداقلا قەشقەر شەھىرىگە يېقىن بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن تىجارەت ھەم ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاپ كەلگەن.
ئازادلىقتىن بۇرۇن سۇزاق بەشكېرەم بەگلىكىگە تەۋە بولغان بىر يۇرت ئىدى، 1950-يىلى بەشكېرەم رايون بولۇپ قۇرۇلغاندا 6-يېزىسىنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان؛ 1954 -يىلى قاز ئېرىق رايونى 6-يېزىسىنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن؛ 1958-يىلى قوغان يېزىسىغا تەۋە 6-چوڭ ئەترەت بولغان. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا كونىشەھەر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاۋات يېزىسىنىڭ سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزىلارنىڭ ئەمگەك كۈچىنى قوزغاپ سۇزاقنىڭ شەرقىدىكى يارلىقنىڭ ئاۋاتقا تەۋە يىڭچىكە كەنتى بىلەن تۇتاش يېرىدىن چوڭ توسما توسۇپ سۇ ئامبىرى ياسىغان، بۇ سۇ ئامبىرى ھازىرمۇ ئاۋات يېزىسىنى سۇ بىلەن قامداپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ باش تەرىپى ئاۋات يېزىسى تەرەپتىن ئاۋات يېزىسىنىڭ يىڭچىكە كەنتى بىلەن، قوغان يېزىسى تەرىپى قوغان يېزىسىنىڭ كېچىك ئېرىق كەنتى بىلەن، توسمىنىڭ شەرقى ئاۋات يېزىسىنىڭ يىڭچىكە كەنتى بىلەن، غەربى تىلسۇزاق كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ. ھازىر بۇ سۇ ئامبىرى «ئاۋات» ياكى «يالاڭ» دەپ ئاتىلىدۇ. سۇزاقنىڭ غەربى تەرىپىدىكى يارلىقتا 1970-يىلللاردا ۋاپ كەنتى بىلەن ئاياغ سۇزاق كەنتى تەۋەسىدىكى ئاۋات يولىنى ئاساس قىلىپ چوڭ توسما توسۇپ سۇ ئامبىرى ياسالغان، بۇ سۇ ئامبىرى «سۇزاق» ياكى «ۋاپ» سۇ ئامبىرى، دەپ ئاتىلىدۇ.
گەپنى يىغقاندا، ھازىر «سۇزاق» تا زامانىۋى يوللار ئېلىنىپ، ئېگىز بىنالار سېلىنىپ، ئاجايىپ ھەيۋەت كۆۋرۈكلەر ياسالدى، بۇ يېڭىلىقلار نەچچە مىڭ يىل مۇقەددەم بىنا بولغان بۇ قەدىمىي يۇرتنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. گەرچە «سۇزاق» تىكى ھەر بىر مەھەللە، كوچا ۋە ئېتىز-ئېرىقلار نامىنىڭ پەيدا بولغىنىغا 1000 نەچچە يۈز يىل بولغان، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن مۇبارەك ئورۇن ئالغان ۋە مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان تۇردۇشئاخۇن غېرىبىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «كىتابى غېرىپ» تا قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى ئەۋلادلار بۇ قەدىمىي ناملارنى ئۇنتۇشقا يۈزلەندى، ئەمەلىيەتتە بۇ تولىمۇ خاتا يۈزلىنىش. شۇ نۇقتا ئېنىقكى، پارتىيە ۋە ھۆكىمەت، شۇنداقلا خەلق بۇ تارىخى ئۇزاق قەدىمىي يۇرت ئەسلى ناملىرىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلق يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەرقانداق يول ۋە قۇرۇلۇشقا مۇشۇ يەردە ئەسلىدىن بار جۇغراپىيەلىك ناملارنى قويۇشنى خالايدۇ!


ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىلىندى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:29 , Processed in 0.191054 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش